جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

قىز-خانىملارغا خاس ھەج ئەھكاملىرى

سۇئال

مەن بۇ يىل ئاللاھ خالىسا ھەج قىلىشنى مەقسەت قىلدىم، ھەجدە مەن ئۈچۈن پايدىلىق ۋە زۆرۈر بولغان نەسىھەتلەرنى بېرىشىڭلارنى سورايمەن، ئاياللارنىڭ ھەج پائالىيىتىدە ئەرلەردىن ئالاھىدە پەرقلىنىدىغان خۇسۇسىيەتلەر بارمۇ؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.
ھۆرمەتلىك سىڭلىم! سىزنىڭ پەرز ھەجنى ئادا قىلىش ئۈچۈن مەككە-مۇكەررەمىگە بېرىشنى مەقسەت قىلغانلىقىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن. بۇ ئىبادەتنىڭ پەرزلىكىنى نۇرغۇن ئاياللار بىلمەيدۇ، بەزىلەر بىلسىمۇ، بۇ بۈيۈك ئىبادەتنى قىلىشقا مۇيەسسەر بولالمايدۇ، بەزىلەر ھەجگە ئالاقىدار ئەھكاملاردىن خەۋەرسىز ھالدا، ئېھرامغا كىرگەندىن كېيىن دىققەت قىلىنىدىغان ئىشلارنى بىلمەستىن ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالەتتە گۇناھلارنى ئىشلەش بىلەن ھەج قىلىشتىكى ھەقىقى مۇددىئانى رېئاللىققا ئايلاندۇرالمايدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ياردەمچىسى بولسۇن.
ئاللاھ بەندىلەرگە ھەج قىلىشنى پەرز قىلدى، ئۇ ئىسلامدىكى بەش ئاساسنىڭ بىرى، ئاياللارنىڭ جىھادى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا: ئاياللارنىڭ جىھادى ھەج قىلىشتۇر دېگەن.
ھۆرمەتلىك سىڭلىم! ھەج قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئاياللارغا خاس بولغان بەزەن ھۆكۈم ۋە نەسىھەت، يوليۇرۇقلارنى تۆۋەندە بايان قىلىمىز، ئاللاھ خالىسا بۇ ئۇلارنىڭ ئاللاھ قوبۇل قىلىدىغان ياخشى شەكىلدە ھەج قىلىشىغا ياردەمچى بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ھەدىسلەردە: ئاللاھ قوبۇل قىلىدىغان ياخشى ھەجنىڭ مۇكاپىتى جەننەتتۇر دەپ ئېيتقان، بۇ نەسىھەتلەر تۆۋەندىكىدىن ئىبارەت:
1- ھەجنى ۋە باشقا ئەمەللەرنى ئىخلاس بىلەن خالىس ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن قىلىش، چۈنكى ئىخلاس دېگەن ئەمەللەرنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنىڭ شەرتىدۇر. ئەمەللەرنى بىكار قىلىپ جازاغا سەۋەپ بولىدىغان رىيا ۋە پەخىرلىنىشتىن ساقلىنىشىڭىز كېرەك.
2- ئەمەللەرنىڭ قوبۇل بولىشىنىڭ ئىككىنچى شەرتى؛ ئەمەل پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىگە مۇۋاپىق بولىشى كېرەك، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىسىدە: كىمكى بىزنىڭ ئىشىمىزدا يوق نەرسىلەرنى پەيدا قىلسا، ئۇ ئىش رەت قىلىنىدۇ دېگەن.
ھەجنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىگە مۇۋاپىق قىلىش ئۈچۈن قۇرئان-ھەدىستىن پايدىلىنىپ يېزىلغان ھەج ئەھكاملىرى توغرىسىدىكى كىتابلارنى ئوقۇش كېرەك.
3- چوڭ-كىچىك شېرىك ۋە بارلىق گۇناھ-مەسىيەتلەردىن ساقلىنىش كېرەك. چوڭ شېرىك ئەقىدىسى مۇسۇلماننى ئىسلامدىن چىقىرىدۇ. قىلغان ئەمەللەرنى بىكار قىلىدۇ، بۇ سەۋەبلىك ئىنسان ئاللاھنىڭ ئازابىغا ئۇچرايدۇ، كىچىك شېرىك ئەقىدىسى بولسا، ئەمەلنىڭ ھەجمىدە ياخشىلىقنى بىكار قىلىدۇ ۋە ئاللاھنىڭ ئازابىغا ئۇچراشقا سەۋەب بولىدۇ.
4- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: ئايال كىشى مەھرەمسىز سەپەر قىلمىسۇن دېگەن ھەدىسىگە ئاساسەن ئايالنىڭ ھەجگە ۋە باشقا سەپەرلەرگە مەھرەمسىز چىقىشى توغرا ئەمەس.
ئايالغا يولدىشى ياكى نەسەبتىن ۋە ئېمىلداشلىق جەھەتتىن شۇ ئايال بىلەن توي قىلىشى چەكلەنگەن كىشىلەر مەھرەم بولالايدۇ، ئايالنىڭ مەھرىمى بولىشى ھەجنىڭ ۋاجىپ بولىشىدىكى بىر شەرتتۇر، ئەگەر ئايالنىڭ مەھرىمى بولمىسا ئۇ ئايالغا ھەج قىلىش پەرز بولمايدۇ.
5- ئاياللار ئۆزىنىڭ خالىغان پاكىزە كىيىملىرى بىلەن ئېھرامغا كىرىدۇ، لېكىن تار، بەدەنلىرىنى ئوچۇق ئىپادىلەپ بېرىدىغان، نىپىز، قىسقا ياكى ئالاھىدە رەڭلىك نەقىشلەنگەن ۋە كىشىلەرنىڭ شەھۋىتىنى قوزغايدىغان كىيىملەرنى كىيىشتىن ساقلىنىشى كېرەك، شۇنىڭدەك ئەرلەرگە ياكى كاپىر ئاياللارغا ئوخشاپ قالىدىغان كىيىملەرنىمۇ كىيمەسلىك لازىم. بەزەن بىلىمسىز كىشىلەر ئاياللارنىڭ ئېھرامدا كىيىشى ئۈچۈن ئاق ياكى قارا رەڭلىك كىيىمنى خاسلاشتۇرىدۇ، بۇ توغرىدا ئۇلارنىڭ ھېچقانداق دەلىلى يوق، بەلكى بۇنداق خاسلاشتۇرىۋىلىش بىدئەت ھېسابلىنىدۇ.
6- ئېھرامغا كېرىپ بولغاندىن كىيىن بەدەنگە ياكى كىيىم-كېچەككە بولسۇن خۇش-بۇي نەرسىلەرنى ئىشلىتىش مۇتلەق چەكلىنىدۇ.
7- ئېھرامغا كېرىپ بولغاندىن كىيىن بېشىدىن ياكى بەدىنىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن چاچ ياكى مويلارنى يۇلۇش ۋە تىرناق ئېلىش چەكلىنىدۇ.
8- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: ئاياللار ئېھرامدا يۈزىگە نىقاپ، قولىغا پەلەي كىيمەيدۇ، دېگەن ھەدىسىگە ئاساسەن، ئېھرامغا كىرگەندىن كىيىن يۈزىگە نىقاپ (يەنى كۆزىنىلا ئۆچۈق قويۇپ يۈزىنى يۆگەش)، قولىغا پەلەي كېيىش چەكلىنىدۇ.
9-ئاياللارنىڭ ئېھرامدا يات ئەرلەر بار جايلاردا يۈزىنى ئېچىۋېتىشى چەكلىنىدۇ ، پەقەت ئۇلارنىڭ ئېھرامدا يۈزىگە نىقاپ ۋە قولىغا پەلەي كىيىشى چەكلەنگەن، لېكىن شارپا ياكى ياغلىقتەك نەرسىلەر بىلەن يۈزىنى ياپىدۇ. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: بىز ھەجدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە كېتىۋاتقاندا ئەرلەر ئەرلەر كېلىپ قالسا، شارپىلىرىمىز بىلەن يۈزىمىزنى يىپىۋالاتتۇق، ئۆتۈپ كەتكەندە ئېچىۋىتەتتۇق. بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان.
10- بەزەن ئاياللار ئېھرامدا ياغلىق ياكى شارپىلارنىڭ يۈزىگە تىگىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن بىشىغا بىر نەرسىلەرنى قويىۋالىدۇ، بۇنداق قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، يۈزىگە بىرەر نەرسىە تېگىپ قالسا ھېچ ئىش بولمايدۇ.
11- ئاياللار ئۈچۈن ئېھرامدا كۆينەك-ئىشتان، پۇتىغا پايپاق كىيىش، ھەر تۈرلۈك زىبۇ-زىننەتلەرنى سىلىش دۇرۇس بولىدۇ، لېكىن زىبۇ-زىننەتلەرنى ھەجدە ياكى ھەجنىڭ غەيرىدە بولسۇن يات ئەرلەرنىڭ كۆرۈپ قىلىشىدىن ساقلانغان ئاساستا ئىشلەتسە بولىدۇ.
12- ئاياللارنىڭ بەزىسى ھەج-ئۆمرىنى مەقسەت قىلىپ ئېھرامغا كىرىدىغان مىيقاتقا كەلگەندە ئادەت كۆرۈپ قالسا، -بىلمەستىن ئېھرامغا كىرىش ئۈچۈن ھەيزدىن پاكىزلىنىش شەرت دەپ ئويلاپ- مىيقاتتىن ئېھرامسىز ئۆتۈپ كېتىدۇ، بۇ بىر خاتالىق، چۈنكى ھەيز ئېھرامغا كىرىشتىن چەكلەپ قويمايدۇ، ھەيزدار ئايال ئېھرامغا كىرىپ بەيتۇللاھنى تاۋاپ قىلماستىن ھاجىلار قىلغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىدۇ، تاۋاپنى ھەيزدىن پاك بولغاندا قىلىدۇ، ئەگەر مىيقاتتىن ئېھرامسىز ئۆتكەن بولسا، مىيقاتقا قايتىپ ئېھرامغا كىرىپ كېلىدۇ، مۇمكىن بولمىسا ئۇ ئايالغا پىدىيە كېلىدۇ.
13- ئايال كىشى مەلۇم سەۋەبلەردىن ھەجنى تولۇق ئادا قىلىشتىن قورقسا:" مەن قەيەردە توسۇلۇپ قالسام شۇ يەر مىنىڭ ئېھرامدىن چىقىدىغان ئورنۇم» دېگەن شەرت بىلەن ئېھرامغا كىرىدۇ، ئەگەر بىرەر ئىش بولۇپ ئېھرامدىن چىقىپ كەتسە بۇ ئايالغا ھېچ قانداق پىدىيە كەلمەيدۇ.
14- ھەج پائالىيەت كۈنلىرىدە قىلىنىدىغان ئىشلار تۆۋەندىكىچە:
بىرىنچى: تەرۋىيە كۈنى بولغاندا (زۇلھەججە ئېيىنىڭ 8-كۈنى) يۇيۇنۇپ ئېھرامغا كىرىپ: لەببەيكە ئاللاھۇممە لەببەيكە........ تەلبىيە ئېيتىش.
ئىككىنچى: مىناغا چىقىپ پېشىن، ئەسىر، شام، خۇپتەن ۋە بامداتنى ئۆز ۋاقتىدا ئادا قىلىش. بۇ نامازلارنىڭ تۆت رەكئەتلىكلىرىنى قەسىر ئوقۇش.
ئۈچىنچى: زۇلھەججە ئېيىنىڭ 9-كۈنى كۈن چىققاندىن كىيىن ئەرەپاتقا قاراپ مېڭىش، ئۇ يەردە پېشىن، ئەسىرنى بىر ۋاقىتتا قەسىر قىلىپ ئوقۇش، كۈن پاتقىچە ئەرەپاتتا ئاللاھغا زىكىر ئېيتىپ، دۇئا قىلىپ، تەۋبە قىلىپ تۇرۇش.
تۆتىنچى: زۇلھەججە ئېيىنىڭ 9-كۈنى كۈن پاتقاندا ئەرەپاتتىن مۇزدەلىپىگە كېلىپ شام-خۇپتەننى بىرگە ئوقۇپ، بۇ يەردە بامدات نامىزىنى ئوقۇپ دۇئا قىلىپ كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى مىناغا مېڭىش.
بەشىنچى: ھېيت كۈنى كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى مىناغا كەلگەندىن كىيىن قىلىنىدىغان ئىشلار:
ئا- چوڭ شەيتانغا يەتتە دانە تاشنى تەكبىر ئېيتىپ ئېتىش.
ب- كۈن چىققاندىن كىيىن قۇربانلىق قىلىش.
ج-بارماق ئۈچى مىقدارىدا باشنىڭ چېچىنى قىسقارتىش(2 سم مىقداردا).
د- مەككىگە كىرىپ پەرز تاۋاپنى قىلىپ، يالغۇز ھەج ياكى قىران ھەج قىلغان بولۇپ ئەۋۋەلدە ساپا-مەرۋە ئارىسىدا ماڭمىغان بولسا ياكى ھەج تەمەتتۇئ قىلغان بولسا ساپا-مەرۋە ئارىسىنى يەتتە قېتىم مېڭىش.
ئالتىنچى: زۇلھەججە ئېيىنىڭ11-12-13- كۈنلىرى (ئۈچ كۈن تۇرۇشنى مەقسەت قىلغاندا) ياكى 11-12- كۈنلىرى ( ئىككى كۈن تۇرغاندا) مىنادا قونۇش.
يەتتىنچى: ئۆز ۋەتىنىگە قايتىشنى مەقسەت قىلغان خوشلىشىش تاۋاپىنى قىلىپ قايتىش كېرەك، بۇنىڭ بىلەن ھەج پائالىيىتى تامام بولىدۇ.
15- ئاياللار ئۈنلۈك ئاۋازدا تەلبىيە ئېيتمايدۇ، بەلكى ئۆزى ئاڭلىغۇدەك ئېيتىدۇ، چۈنكى يات ئەرلەرنىڭ ئاياللارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاش بىلەن پىتنە بولۇشتىن ساقلىنىشى كېرەك. تەلبىيە ئېيتىلىدىغان ۋاقىت ھەجگە ئېھرام كىيگەندە باشلىنىپ ھېيت كۈنى (زۇلھەججە ئېيىنىڭ 10-كۈنى) چوڭ شەيتانغا تاش ئاتقىچە داۋاملىشىدۇ.
16- ئاياللار تاۋاپتىن كىيىن ساپا-مەرۋە ئارىسىدا مېڭىشتىن ئىلگىرى ئادەت كۆرۈپ قالسا، ھەيىزدار ھالەتتىمۇ ھەج پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىۋىرىدۇ، چۈنكى ساپا-مەرۋە ئارىسىدا مېڭىش ئۈچۈن تاھارەت بولۇش شەرت ئەمەس.
17- ئاياللارنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر بولمىغان ھالەتتە ھەج پائالىيەتلىرىنى تولۇق ئادا قىلىش ئۈچۈن ھەيزنى كىچىكتۇرۇش دورىسى ئىشلەتسە بولىدۇ.
18- ھەج پائالىيەتلىرى جەريانىدا بولۇپمۇ تاۋاپ ئارىسىدا، ھەجەر ئەسۋەد ۋە رۇكنۇل يەمانى ئارىسىدا، شەيتانلارغا تاش ئېتىش جەريانىدا ئەرلەر بىلەن قىستىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. مۇمكىن بولسا قىستاڭچىلىق بولمايدىغان ۋاقىتلارنى تاللاپ قىلىش كېرەك. مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا تاۋاپ قىلغاندا ئەرلەردىن يىراق تەرەپتىن ماڭاتتى، قىستاڭچىلىق بولسا ھەجەر ئەسۋەد ۋە رۇكنۇل يەمانى سىلىمايتتى.
19- ئاياللار تاۋاپتا ۋە ساپا-مەرۋە ئارىسىدا ئىتتىك ماڭمايدۇ بەلكى ئادەتتىكىدەك ماڭىدۇ، ئەمما ئىتتىك مېڭىش ئەرلەر ئۈچۈن سۈننەت بولىدۇ.
20- ھەر بىر تاۋاپ ۋە سەئيى قىلغان ئايرىم ئوقۇيدىغان دۇئالار يېزىلغان كىتابلارنى ئوقۇشتىن ساقلىنىش لازىم چۈنكى بۇنداق قىلىشنىڭ كىتاب-سۈننەتتىن ھېچقانداق ئاساسى يوق. ھەر كىشى دۇنيا-ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقلىرىدىن خالىغاننى تەلەپ قىلىش ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان دۇئالارنى ئوقۇش كېرەك.
21- ھەيىزدار ئاياللارمۇ ھەج پائالىيىتى جەريانىدا قۇرئاننى تۇتماستىن ئايەت-ھەدىستە بايان قىلىنغان دۇئالارنى ئوقۇسا بولىدۇ.
22- ئاممىۋى ھاجەتخانىلاردا تاھارەت ئالغاندا ۋە ئەرلەر كۆرۈپ قالىدىغان ئورۇنلاردا بەدىنىنىڭ ئېچىلىپ قىلىشىدىن قەتئى ساقلىنىشى لازىم.
23- ئاياللار ئۈچۈن مۇزدەلىپىدىن بامداتتىن بۇرۇن قايتىشقا رۇخسەت قىلىنغان، بولۇپمۇ ياشانغان-ئاجىز ئاياللار مىنادا قىستاڭچىلىق بولۇشتىن بۇرۇن شەيتانغا تاش ئېتىشى ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇنىڭغا رۇخسەت قىلغان. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: سەۋدە رەزىيەللاھۇ ئەنھا كېچىدە مۇزدەلىپىدىن قايتىش ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رۇخسەت سورىغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا رۇخسەت بەرگەن.
24- كۈندۈزلىرى قىستاڭچىلىق بولۇپ قالسا ياكى ئاياللار ئۈچۈن قېيىن بولۇپ قالسا، شەيتانغا تاش ئېتىشنى كېچىكتۈرۈپ كېچىدە ئاتسىمۇ بولىدۇ، شۇنىڭدەك مىنادا ئۈچ كۈن تۇرۇش جەريانىدىمۇ تاشنى قىستاڭچىلىق ۋاقىتتىن كېچىكتۈرۈپ ئاتسىمۇ بولىدۇ.
25- ئاياللار تولۇق ئېھرامدىن چىقىشتىن ئىلگىرى ئەرلەر بىلەن بىرگە بولۇش ياكى شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى قىلىپ سېلىشتىن بەك ھەزەر قىلىشى كېرەك. ئېھرامدىن تولۇق چىقىش ئۈچۈن:
1- ھېيت كۈنى چوڭ شەيتانغا يەتتە دانە تاش ئېتىش.
2- بارماق مىقدارىدا باشنىڭ چېچىنى قىسقارتىش(2 سم مىقداردا).
3-پەرز تاۋاپنى ئادا قىلشتىن ئىبارەت.( تەۋاپۇل ئىپادە)
ئاياللار بۇ ئۈچ تۈرلۈك ئىشنى تولۇق ئادا قىلسا ئېھرامدىن چىقىدۇ ۋە ئېرى بىلەن بىرگە بولسا بولىدۇ، ئەمما تولۇق ئادا قىلماي، بۇنىڭدىن ئىككى تۈرلۈكنى ئادا قىلغان بولسا ئېھرامدىن چىقىدۇ لېكىن ئېرى بىلەن بىرگە بولۇش چەكلىنىدۇ.
26- ئاياللارنىڭ يات ئەرلەر بار ئورۇنلاردا بىشىنى ئېچىپ چېچىنى قىسقارتىشى توغرا ئەمەس، چۈنكى ئاياللارنىڭ چېچىمۇ ئەۋرەت ھېسابلىنىدۇ.
27- ئاياللار ئەرلەرنىڭ ئارىسىدا ئۇخلاپ قىلىشتىن ھەزەر قىلىش كېرەك، بىز كۆپچىلىك ئاياللارنىڭ بىرەر چېدىرغا چۈشمەستىن ياكى خالى ئورۇنلاردا تۇرماستىن كۆۋرۈكنىڭ ئاستى، يولنىڭ ئىككى تەرىپى ياكى مىنادىكى خەيپ مەسچىتىنىڭ ئەتراپىدا ئەرلەر بىلەن ئارىلىشىپ ياكى ئۇلارغا يېقىن جايدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز، بۇ چەكلەش ۋە تۈگىتىش زۆرۈر بولغان چوڭ ئىشلارنىڭ بىرىدۇر.
28- ھەيز-نىپاسدار ئاياللارغا خوشلىشىش تاۋاپىنى قىلىش زۆرۈر ئەمەس(ئۇلاردىن ئەپۇ قىلىنغان)، بۇ شەرىئەتنىڭ ئاياللارغا ئاسانلىق يارىتىپ ئەمەللەرنى يەڭگىللەشتۈرۈپ بېرىشىدۇر، ھەيىزدار ئاياللار خوشلىشىش تاۋاپىنى قىلماستىن ئۆز ھەمراھلىرى بىلەن ۋەتىنىگە قايتىدۇ، ئى مۇسۇلمان سىڭلىم! شەرىئەتنىڭ بۇ ئاسانلىقى ۋە ئاللاھنىڭ چەكسىز نېمەتلىرىگە تەشەككۈر ئېيتىڭ. ئاللاھ قىز-خانىملىرىمىزنى ئۆز ھىدايىتىگە مۇيەسسەر قىلسۇن.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى