جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

تاكسى شوپۇرىنىڭ يولۇچىلارنى شەرىئەتتە چەكلەنگەن ناشايان ئىش-ھەرىكەتلەر سادىر بولىدىغان ئورۇنلارغا يەتكۈزۈپ قويۇشى توغرىمۇ؟

3609

تارقاتقان ۋاقىت : 25-08-2010

كۆرگۈچىلەر : 4940

سۇئال

بىزنىڭ بىر قېرىندىشىمىز تاكسى شوپۇرى بولۇپ، ئۇ ئۆزى دۈچكەلگەن بەزى قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىپ بېرىشىمىزنى تەلەپ قىلدى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: بەزى يولۇچىلار يىرىم يولغا كەلگەندە ھاراق ساتىدىغان دۇكاننىڭ يېنىدا توختۇتۇشۇمنى تەلەپ قىلىپ، چۈشۈپ ھاراق ئېچىپ چىقىدۇ. بەزىلىرى كېچىلىك كۆڭۈل ئىچىش سورۇنلىرىغا ئاپىرىشىمنى تەلەپ قىلىدۇ، مىنىڭ بۇ شەكىلدە تاكسىچىلىق قىلىشىم توغرىمۇ؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى


بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.
بۇ سۇئال پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئۇسەيمىيندىن سورالغىنىدا، شەيخ مۇنداق دەپ جاۋاپ بەرگەن: تاكسىغا چىققان يولۇچىلارنى ھاراق ئېچىدىغان ۋە كېچىلىك كۆڭۈل ئاچىدىغان ئورۇنلارغا يەتكۈزۈپ قويۇش قەتئى توغرا ئەمەس، بەلكى دىنىمىزدا بۇنداق ئىشلارغا ھەمكارلىشىش چەكلىنىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار.
ھەممىدىن توغرىسىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر.
(دېمەك؛ بۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلارغا سۈكۈت قىلىش ۋە ھەمكارلىشىش، جەمئىيەتتە بۇزۇقچىلىقنىڭ راۋاجلىنىشىغا ھەسسە قوشۇش بولۇپ، مىللەتنىڭ نورمال ئىسلاھات ئىلىپ بېرىشىغا توسقۇنلۇق قىلغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەقلى جايىدا، ۋىجدانلىق بىر ئىنسان، پۇل-مالنى دەپ، دىنى، مىللىتى،ۋەتىنىگە ئاسىيلىق قىلىپ، مىللىتىنىڭ ئەخلاقى بۇزۇلۇشىغا ھەرگىزمۇ يول قويالمايدۇ.-م- )

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلئۈسەيمىن رەھىمەھۇللاھ.