يەكشەنبە 21 شەۋۋال 1443 - 22 ماي 2022
Uygur

بىر ياش ئانىسى ۋە ھەمشىرىسى بىلەن بىرگە ياشايدۇ، ئۇلار ئولتۇرغان ئۆي دادىسى ۋاپات بولغان ئۆي بولغانلىقى ئۈچۈن باشقا قېرىنداشلىرىمنىڭ بۇ ئۆيگە خالىغان ۋاقىتتا كىرىشى توغرا بولامدۇ؟

350624

تارقاتقان ۋاقىت : 02-11-2021

كۆرگۈچىلەر : 389

سۇئال

    مەن، ئانام ۋە ھەمشىرەم ئىجارە ئۆيدە ياشايمىز، دادام ۋاپات بولغان، مېنىڭ توي قىلغان باشقا قېرىنداشلىرىم بار، ئۇلارمۇ باشقا ئىجارە ئۆيدە ئولتۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىشلەيدۇ، توي قىلىپ كەتكەن تۆت ھەمشىرەم بار، ئايلىق كېرىمىمىز سەككىز مىڭ رىيال ئەتراپىدا بولۇپ، بۇنىڭدىن ئۆي ئىجارىسى بېرىمىز، دادامنىڭ قەرزىنى تۆلەيمىز، قەرىز تۈگىسۇن دەپ مىراسنى تەقسىم قىلمىدۇق، مېنىڭ سوئالىم: توي قىلىپ چېقىپ كەتكەن قېرىنداشلىرىمنىڭ مەن، ئانام ۋە ھەمشىرەم ئولتۇرۇۋاتقان ئۆيدە ھەققى بولامدۇ؟ ئۇلارنىڭ ئېيتىشچە بۇ ئۆي دادىسىنىڭ ئۆيى بولۇپ، ئۇلارنىڭمۇ ھەققى بار ئىكەن، ئۇلار بۇ ئۆيگە خالىغان ۋاقىتتا كېلىپ، مەن بىلەن ھەمشىرەمنىڭ خاس نەرسىلىرىگىمۇ رېئايە قىلماستىن خالىغانچە ئەركىن تەسەررۇپ قىلىدۇ، مېنىڭ، ھەمشىرەمنىڭ ۋە ئانامنىڭ ھېچ نەرسىدە ئايرىم ھەققى يوق ئىكەن، مېنىڭ دادام رەھمەتلىك ھايات ۋاقتىدا ئۇلارغا ماشىنا ۋە ئائىلە سايمانلىرى ئېلىپ بەرگەن، مەن، ھەمشىرەم ۋە ئانام ئۆزىمىزنىڭ ھاجەتلىرىمىزنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ماشىنىغىمۇ ئىگە بولالمايمىز، بىز سىرىتقا چىقماقچى بولساق، ئۇلارنىڭ بوش ۋاقىتلىرىغا توغرىلاپ، ئۇلاردىن رۇخسەت ئىلىپ چىقىشىمىز كېرەككەن، ئۇلار ئۆز ئۆيلىرىدە ئۆزىنىڭ خاس نەرسىلىرىدىن بەھرىمان بولىدىكەن، ئەمما بىزنىڭ ئائىلىمىزدە ئۆزىمىزنىڭ خاس نەرسىلىرىمىزدىن بەھرىمان بولۇش ھەققىمىز يوق ئىكەن، بۇ ئىشنى چۈشەندۈرۈپ بېرىشىڭلارنى سورايمىز؟. 

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە توغرا يولدا ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت- سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: ئىنسان ۋاپات بولسا، ئۇ ئىگىدارچىلىق قىلغان نەرسىلەر ۋارىسلىرىغا يۆتكىلىدۇ، ۋارىسلارنىڭ ھەممىسى مىراسنى ۋاقتىنچە تەقسىم قىلماسلىققا ئىتتىپاق كەلسە بولىدۇ، مىراسنى تەقسىم قىلىپ بولغىچە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئورتاق ھەققى بولىدۇ.

    ئىككىنچى: ئەگەر سىلەر ئىجارە ئۆيدە تۇرىۋاتقان بولساڭلار، قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ بۇ ئۆيدە ھەققى بولمايدۇ، ئەمما ئۆيدىكى نەرسىلەر داداڭلاردىن قالغان نەرسە بولسا، بۇنىڭدا ئۇلارنىڭمۇ ھەققى بولىدۇ، ئەمما ئۇلار قالغان نەرسىلەرنى سىلەرگە بېرىۋەتسە ياكى ئۇنى تەقسىم قىلىپ بولغان بولسا ياكى ئۇنى باھالاپ، ھەر بىرى ئۆزىگە كېلىدىغان ھەقنى بىلسە ۋە ئالغان بولسا، سىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ ھەققىنى تولۇقلاپ بەرگەن بولساڭلار، ياكى ئۇ نەرسىلەر ئورتاق بولۇپ قالغان بولسا، بۇ ئورتاقلىق سىلەر ئېيتقاندەك، بۇ دادىمىزنىڭ ئۆيى دېگەن باھانە بىلەن قالغانلارنىڭ خاس نەرسىلىرىنى قەدىرلىمەسلىككە ئىلىپ بارسا، بىز بۇ ئورتاقلىقىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئۇ نەرسىلەرنى تەقسىم قىلىۋېتىشنى ياكى سىلەرگە ھەدىيە قىلىپ بېرىۋەتمىگەن بولسا، ئۇنىڭ قىممىتىنى بېرىۋېتىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

    ئۈچىنچى: ئۆيدىكى نەرسىلەردە ئورتاقلىق داۋاملاشقان تەقدىردىمۇ، بىر قېرىنداش شۇ ئۆيدە تۇرسىمۇ، ئۇ يىگىت ئانىسى ۋە ھەمشىرىسىنىڭ يېنىغا ئۇلاردىن ئىزنى ئىلىپ كېرىدۇ.

    ئىمام مالىك "ئەل مۇئەتتا" ناملىق ئەسىرىدىكى رۇخسەت سوراش توغرىسىدىكى باپتا، ئەتا ئىبنى يەسار رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلغان ھەدىستە، بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئانامنىڭ يېنىغىمۇ ئىزنى سوراپ ئاندىن كېرىمەنمۇ؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ھەئە ئىزنى سوراپ كىرىسەن» دېگەن، ئۇ كىشى: مەن ئۇ ئۆيدە ئانام بىلەن بىرگە تۇرىمەنغۇ؟ دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاناڭدىن رۇخسەت سوراپ كىرگىن دېدى»، ئۇ كىشى: مەن ئانامنىڭ خىزمەتچىسىغۇ؟ دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاناڭدىن رۇخسەت سوراپ كىرگىن، سەن ئاناڭنى كىيىمسىز ھالەتتە كۆرۈشنى ياقتۇرامسەن؟دېدى»، ئۇ كىشى: ياق دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇنىڭدىن رۇخسەت ئىلىپ كىرگىن، رۇخسەت سورىساڭ، ياكى رۇخسەت بېرىدۇ ياكى سەل تۇرۇپ كىرگىن دەپ رۇخسەت بەرمەيدۇ» دېدى.

    "پىقھى توپلاملىرى"3-توم 146-بەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان:" ھەنەپىي ۋە مالىكى مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ قارىشىدا: بىر كىشى ئۆيدە ئانىسى ۋە ھەمشىرىسى دېگەندەك ئۆزىنىڭ مەھرەملىرى بىلەن ۋە ئەر ياكى ئاياللاردىن كىيىمسىز ھالەتتە كۆرۈش توغرا بولمايدىغان  يېقىنلىرى بىلەن بىرگە ياشايدىغان بولسا، ئۇلارنىڭ يېنىغا رۇخسەتسىز كىرىش قەتئىي توغرا بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ قارىشىدا، بۇنداق ھالەتتە رۇخسەت سوراش زۆرۈر بولۇپ بۇنى تەرك قىلىش توغرا بولمايدۇ، بەلكى مالىكى مەزھەپ ئالىملىرى: رۇخسەت سوراشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغان كاپىر بولىدۇ، چۈنكى رۇخسەت سوراش بولسا دىندا بىلىنگەن زۆرۈر ئىشلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

    قۇرئان، ھەدىس، ساھابىلاردىن بايان قىلىنغان ئەسەرلەر ۋە ئىسلام پرىنسىپى رۇخسەت سوراشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. قۇرئان كىرىمدە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَإِذَا بَلَغَ الْأَطْفَالُ مِنكُمُ الْحُلُمَ فَلْيَسْتَأْذِنُوا تەرجىمىسى: «پەرزەنتلىرىڭلار بالاغەتكە يەتكەندە سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا رۇخسەت سوراپ كىرىشى كېرەك» [سۈرە نۇر 59-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

    ھەدىستىن بولغان دەلىل يۇقىرىدا ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھ ئەتا ئىبنى يەسار رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلغان ھەدىستۇر. بۇ توغرىدا ساھابىلاردىن بايان قىلىنغان ئەسەرلەر كۆپ بولۇپ، بۇنىڭدىن: تەبرانى رىۋايەت قىلغان ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنۇ سۆزى: "ئانىلىرىڭلار ۋە ھەمشىرىلىرىڭلارنىڭ يېنىغا رۇخسەت سوراپ كېرىڭلار". 

    جەسساس ئەتادىن كەلتۈرگەن ئەسەردە، ئۇ كىشى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن:" ھەمشىرەمنىڭ يېنىغىمۇ رۇخسەت سوراپ كېرىمەنمۇ؟ دەپ سورىغاندا، ئۇ كىشى: شۇنداق رۇخسەت سوراپ كىرىسەن دېگەن. ئەتا: مەن ئۇنىڭ بىلەن بىر ئۆيدە، ئۇنىڭغا خىراجەتنى مەن قىلىپ بېرىمەنغۇ؟ دېگەن ئىدى، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئۇنىڭدىن رۇخسەت سوراپ كىرىسەن"دېدى.

    كاسانى ھۈزەيپە ئىبنى يەمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلغان ئەسەردە، بىر كىشى ئۇ زاتتىن:" ھەمشىرەمنىڭ يېنىغىمۇ رۇخسەت سوراپ كېرىمەنمۇ؟ دەپ سورىغاندا، ئەگەر رۇخسەت سوراپ كىرمىسەڭ، سەن بىئارام بولىدىغان نەرسىلەرنى كۆرۈپ قالىسەن دېگەن.

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَدْخُلُوا بُيُوتًا غَيْرَ بُيُوتِكُمْ حَتَّى تَسْتَأْنِسُوا  تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! باشقىلارنىڭ ئۆيىگە رۇخسەتسىز كىرمەڭلار.» [سۈرە نۇر 27-ئايەت].

    باشقىلارنىڭ ئۆيىگە كىرمەكچى بولغان كىشى رۇخسەت سوراپ كىرىشى كېرەك، ئالىملارنىڭ بىردەك قارىشىدا رۇخسەت سوراشتىن ئىلگىرى  كىرمەكچى بولغان ئۆينىڭ ئېشىكى ئوچۇق بولسۇن ياكى تاقاقلىق بولسۇن، ئۇ ئۆيدە ئادەم بولسۇن ياكى بولمىسۇن، كىرىشى توغرا بولمايدۇ.

    چۈنكى ئۆينىڭمۇ ھۆرمەت چەكلىمىسى بولىدۇ، بۇنى ئاياغ-ئاستى قىلىش توغرا بولمايدۇ، رۇخسەت سوراش شۇ ئۆيدە تۇرغانلارغىلا خاس ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئۆزى ۋە ماللىرىنىمۇ ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، چۈنكى ئىنسان ئۆيدە ئۆزى ئۈچۈن پەردە-توساق قىلغاندەك مال-مۈلكى ئۈچۈنمۇ پەردە-توساق قىلىدۇ، ئۆزىگە باشقىلارنىڭ رۇخسەتسىز قارىشىنى ياقتۇرمىغاندەك، ماللىرىغىمۇ رۇخسەتسىز قارىشىنى ياقتۇرمايدۇ".

     سۆزىمىزنىڭ خۇلاسىسى: سىلەرنىڭ توي قىلغان قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ سىلەر تۇرىۋاتقان ئۆيگە كېلىپ، ئۇلارنىڭ ھەققى بولسۇن ياكى بولمىسۇن خاس نەرسىلىرىڭلارنى ئاياغ-ئاستى قىلىش ھەققى يوق، بەلكى ئۇلارغا مۇھىم بولغىنى سىلەرنىڭ خاس نەرسىلىرىڭلارغا، ئارام ئالىدىغان ۋاقتىڭلارغا ۋە ئۆيدە تۇرىدىغان مەھرەملەرنىڭ ۋاقتىغا ئېھتىرام قىلىش، ئۇلارنىڭ ھېچ نەرسىسىنى ئاياغ-ئاستى قىلماسلىق، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ تۇرىدىغان باشقا ئۆيلىرى تۇرۇپ، سىلەرنىڭ ئۆيگە كېلىپ سىلەرگە قىيىنچىلىق پەيدا قىلماسلىقى، سىلەرگە خاس بولغان نەرسىلەرنى بۇزۇپ-چاچماسلىقى كېرەك بولىدۇ.

    دادىڭىزدىن قالغان مىراس تەقسىم قىلىنمىغان بولسا ياكى ئۆي سايمانلىرى قالغان بولۇپ ئۇلار شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق قىلغان بولسا، سىلەرگە ئەزىيەت يېتىشكە سەۋەپ بولغان ئاراڭلاردا قالغان بۇ نەرسىلەرنىمۇ تەقسىم قىلىشقا تەۋسىيە قىلىمىز.

    بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 307722 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.  

    ھەممىدىن توغىرنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى