جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

جەننەت ئەھلى جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ

34913

تارقاتقان ۋاقىت : 18-09-2012

كۆرگۈچىلەر : 4153

سۇئال

كېرىشكە مۇشەررەپ بولغۇچى، جەننەتتە قاچانغىچە قالىدۇ؟ ئۇلار مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن جەننەتتىن چىقىپ كېتەمدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

جەننەت ئەھلى جەننەتكە كىرگەندىن كېيىن جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ، جەننەتتىن چىقىرىلمايدۇ. شۇنىڭدەك جەھەننەم ئەھلىمۇ دوزاخقا كىرگەندىن كېيىن ئۇ يەردە مەڭگۈ قالىدۇ، دوزاختىن چىقىرىلمايدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى ھەيئەت ئەزالىرىدىن بۇ ھەقتە سورالغىنىدا، ئۇلار تۆۋەندىكىدەك جاۋاب بەرگەن: "جەننەت دۇنيادا ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغانلارنىڭ، قىيامەت كۈنىدە مۇكاپاتلىنىدىغان ئورنىدۇر. جەننەتتە ئىنسانلارنىڭ كۆزى كۆرمىگەن، قۇلىقى ئاڭلىمىغان، دىللىرىدىن كەچمىگەن، كۆڭلى تارتىپ تۇرىدىغان، قاراپ قانمايدىغان تۈرلۈك نېمەتلەر بار. جەننەتكە كىرگەن كىشى بۇ نېمەتلەردىن ھېسسىي ۋە مەنىۋىي تەرەپتىن ھەقىقىي ھۇزۇرلىنىدۇ، شۇنداقلا جەننەتتە مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىدۇ، جەننەتتە يوق بولۇش ۋە ئۇ يەردىن چىقىپ كېتىش بولمايدۇ، جەننەتنىڭ نېمەتلىرى ئەبەدىي داۋاملىشىدۇ، ئۇ يەردە دەرت-ئەلەم، قايغۇ-ھەسرەت قىيىنچىلىق بولمايدۇ. مانا بۇ كىتاب-سۈننەتنىڭ كەسكىن دەلىللىرى، ئىمان ئەھلى ۋە ساغلام ئىلىم ئىگىلىرىنىڭ بىرلىككە كېلىشى بىلەن ئىسپاتلانغان ھەقىقەتتۇر.

بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:مَّثَلُ ٱلۡجَنَّةِ ٱلَّتِي وُعِدَ ٱلۡمُتَّقُونَۖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُۖ أُكُلُهَا دَآئِمٞ وَظِلُّهَاۚ تِلۡكَ عُقۡبَى ٱلَّذِينَ ٱتَّقَواْۚ وَّعُقۡبَى ٱلۡكَٰفِرِينَ ٱلنَّارُتەرجىمىسى:تەقۋادارلارغا ۋەدە قىلىنغان جەننەتنىڭ سۈپىتى شۇكى، ئۇنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ مېۋىلىرى تۈگىمەيدۇ، ھەمىشە سايە چۈشۈپ تۇرىدۇ، ئەنە شۇ تەقۋادارلارنىڭ ئاقىۋەت بارىدىغان جايىدۇر. كاپىرلارنىڭ ئاقىۋەت بارىدىغان جايى دوزاختۇر [سۈرە رەئد 35- ئايەت].

يەنە بىر ئايەتتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:إِنَّ ٱلۡمُتَّقِينَ فِي جَنَّٰتٖ وَعُيُونٍ ٤٥ ٱدۡخُلُوهَا بِسَلَٰمٍ ءَامِنِينَ ٤٦ وَنَزَعۡنَا مَا فِي صُدُورِهِم مِّنۡ غِلٍّ إِخۡوَٰنًا عَلَىٰ سُرُرٖ مُّتَقَٰبِلِينَ ٤٧ لَا يَمَسُّهُمۡ فِيهَا نَصَبٞ وَمَا هُم مِّنۡهَا بِمُخۡرَجِينَتەرجىمىسى:تەقۋادارلار ھەقىقەتەن (ئاخىرەتتە ياپيېشىل) باغ ـ بوستانلاردىن، سۇ، ھەسەل ۋە مەي ئېقىپ تۇرىدىغان) بۇلاقلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ. (ئۇلارغا) جەننەتكە ئامان ـ ئېسەن، تىنچ كىرىڭلار! دېيىلىدۇ. ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى دۈشمەنلىكنى چىقىرىپ تاشلايمىز، ئۇلار ئۆزئارا قېرىنداش بولغان ھالدا تەختلەر ئۈستىدە بىر ـ بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرىدۇ. جەننەتتە ئۇلارغا چارچاش بولمايدۇ، ئۇلار جەننەتتىن چىقىرىۋېتىلمەيدۇ [سۈرە ھىجىر 45-46-47-48- ئايەتلەر].

يەنە بىر ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ: هَٰذَا ذِكۡرٞۚ وَإِنَّ لِلۡمُتَّقِينَ لَحُسۡنَ مَ‍َٔابٖ ٤٩ جَنَّٰتِ عَدۡنٖ مُّفَتَّحَةٗ لَّهُمُ ٱلۡأَبۡوَٰبُ ٥٠ مُتَّكِ‍ِٔينَ فِيهَا يَدۡعُونَ فِيهَا بِفَٰكِهَةٖ كَثِيرَةٖ وَشَرَابٖ ٥١ ۞وَعِندَهُمۡ قَٰصِرَٰتُ ٱلطَّرۡفِ أَتۡرَابٌ ٥٢ هَٰذَا مَا تُوعَدُونَ لِيَوۡمِ ٱلۡحِسَابِ ٥٣ إِنَّ هَٰذَا لَرِزۡقُنَا مَا لَهُۥ مِن نَّفَادٍتەرجىمىسى: بۇ ۋەز ـ نەسىھەتتۇر، تەقۋادارلارغا ئەلۋەتتە ياخشى ئاقىۋەت بار. (ئۇ) تۇرالغۇ بولغان جەننەتلەردىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلارغا ئۇنىڭ دەرۋازىلىرى ئوچۇقتۇر. ئۇلار جەننەتلەردە تەختلەرگە يۆلىنىپ ئولتۇرىدۇ، ئۇلار جەننەتلەردە نۇرغۇن مېۋىلەرنى، نۇرغۇن شارابلارنى تەلەپ قىلىپ (ئەكەلدۈرۈپ) تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ يانلىرىدا ئەرلىرىدىن غەيرىيگە كۆز سالمايدىغان، ياش قۇرامى ئوخشاش جۈپتىلىرى بولىدۇ. بۇ سىلەرگە قىيامەت كۈندە ۋەدە قىلىنغان نېمەتتۇر. بۇ ھەقىقەتەن بىزنىڭ ئاتايىمىزدۇركى، ئۇ ھەرگىز تۈگىمەيدۇ [سۈرە ساد 49-54- ئايەتكىچە].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ٱلۡأَخِلَّآءُ يَوۡمَئِذِۢ بَعۡضُهُمۡ لِبَعۡضٍ عَدُوٌّ إِلَّا ٱلۡمُتَّقِينَ ٦٧ يَٰعِبَادِ لَا خَوۡفٌ عَلَيۡكُمُ ٱلۡيَوۡمَ وَلَآ أَنتُمۡ تَحۡزَنُونَ ٦٨ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ بِ‍َٔايَٰتِنَا وَكَانُواْ مُسۡلِمِينَ ٦٩ ٱدۡخُلُواْ ٱلۡجَنَّةَ أَنتُمۡ وَأَزۡوَٰجُكُمۡ تُحۡبَرُونَ ٧٠ يُطَافُ عَلَيۡهِم بِصِحَافٖ مِّن ذَهَبٖ وَأَكۡوَابٖۖ وَفِيهَا مَا تَشۡتَهِيهِ ٱلۡأَنفُسُ وَتَلَذُّ ٱلۡأَعۡيُنُۖ وَأَنتُمۡ فِيهَا خَٰلِدُونَ ٧١ وَتِلۡكَ ٱلۡجَنَّةُ ٱلَّتِيٓ أُورِثۡتُمُوهَا بِمَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ ٧٢ لَكُمۡ فِيهَا فَٰكِهَةٞ كَثِيرَةٞ مِّنۡهَا تَأۡكُلُونَتەرجىمىسى: بۇ كۈندە دوستلار بىر ـ بىرىگە دۈشمەن بولىدۇ، پەقەت (خۇدالىق ئۈچۈن دوستلاشقان) تەقۋادارلارلا (ئۇنداق ئەمەستۇر). (ئۇلارغا) بەندىلىرىم! بۈگۈن سىلەرگە قورقۇنچ يوق، غەم ـ قايغۇمۇ يوق، دېيىلىدۇ. ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىمان ئېيتقان ۋە مۇسۇلمان بولغانلار ئىدى. (ئۇلارغا) سىلەر ئاياللىرىڭلار بىلەن بىللە خۇشال ـ خۇرام ھالدا جەننەتكە كىرىڭلار، دېيىلىدۇ. ئۇلارغا ئالتۇن لېگەنلەردە تائام، ئالتۇن جاملاردا شاراب تۇتۇلىدۇ. جەننەتتە كۆڭۈللەر تارتىدىغان، كۆزلەر لەززەتلىنىدىغان نەرسىلەر بار، سىلەر جەننەتتە مەڭگۈ قالىسىلەر. سىلەر (دۇنيادا) قىلغان (ياخشى) ئەمەلىڭلار بىلەن ۋارىس بولغان جەننەت ئەنە شۇدۇر. جەننەتتە نۇرغۇن (تۈرلۈك) مېۋىلەر بار، ئۇنىڭدىن يەيسىلەر [سۈرە زۇمەر 67-73- ئايەتكىچە).

بۇ ھەقتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: جەننەت ئەھلىگە مۇنداق خىتاب قىلىنىدۇ؛ سىلەر جەننەتتە مەڭگۈ ساغلام تۇرىسىلەر، ھەرگىزمۇ كېسەل بولمايسىلەر، ئەبەدىي ياشايسىلەر، ھەرگىزمۇ ئۆلمەيسىلەر، ياشلىق ھالىتىدە تۇرىسىلەر، ھەرگىزمۇ قېرىمايسىلەر، ئەبەدىي نېمەتلىنىسىلەر، ھەرگىزمۇ ئۈمىتسىزلەنمەيسىلەر [مۇسلىم رىۋايىتى].

يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: قىيامەت كۈنى ئۆلۈم بىر سېمىز قوچقارنىڭ شەكلىدە كەلتۈرۈلىدۇ، ئۇ قوچقارنىبوغۇزلاشقا بۇيرۇق قىلىنىدۇ، ئاندىن: ئى جەننەت ئەھلى! سىلەر بۇ يەردە مەڭگۈقالىسىلەر، ئەمدى ئۆلۈم يوق، ئى دوزاخ ئەھلى! سىلەرمۇ بۇ يەردە مەڭگۈ قالىسىلەر، ئەمدى ئۆلۈم يوق، دېيىلىدۇ. [مۇسلىم رىۋايىتى].

ئاللاھ تائالا جەننەت بىلەن دوزاخنىڭ ئەبەدىيلىكىگە، مۆمىنلەرنىڭ جەننەتتە، كاپىرلارنىڭ دوزاختا ئەبەدىي قالىدىغانلىقىنى قۇرئان كەرىمدە كۆپلىگەن ئايەتلەردە زىكىر قىلدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىسلەردە بۇ مەسىلە ھېچ قانداق شەك-شۈبھى ۋە ئىزاھاتقا ئورۇن قالدۇرۇلماستىنتەپسىلى بايان قىلىندى. ئوچۇق دەلىل-ئىسپاتلار بايان قىلىنغاندىن كېيىن، كىمكى ئۆزىنىڭ نەپسى-خاھىشىغا ئەگىشىپ بۇ ئىشتىن شەكلەنسە ياكى شەرئى تېكىستلارنى ئۆزگەرتىپ، ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنى ياكى مەنىسىنى بۇرمىلىسا، ئۇنداق كىشىلەر ھەقىقەتتە كاپىرلارنىڭ جۈملىسىدىن ھېسابلىنىدۇ".

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى