سەيشەنبە 7 شەۋۋال 1445 - 16 ئاپرىل 2024
Uygur

ئىمامنىڭ نامىزى بۇزۇلغاندا قانداق قىلىشى كېرەك؟

سۇئال

   ئىمامغا تۇيۇقسىز بىر ئىش بولسا، ناماز ئادا قىلىۋاتقان جامائەتتىن بىرى ئىمامنىڭ ئورنىدا كىشىلەرگە ئىمام بولسا توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ناماز ئارىسىدا ئىمامغا بىر ئىش بولۇپ نامازدىن بۇرۇلۇپ چېقىپ ناماز ئادا قىلىۋاتقانلارنىڭ بەزىسىگە: ئەي پالانى! ئالدىغا ئۆتۈپ جامائەتكە نامازنى تامام قىلىپ بېرىڭ دېيىشى كېرەك، ئەگەر ئىمام ئۇنداق قىلمىسا، ناماز ئادا قىلىۋاتقانلاردىن بىرى ئالدىغا ئۆتۈپ نامازنى تاماملاش كېرەك ياكى جامائەتنىڭ ھەر بىرى ئۆز ئالدىغا يالغۇز نامازنى تاماملاش كېرەك. 

مەنبە: پەزىلەتلىك شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ " ئوچۇق سۆھبەت" پىرۇگراممىسى 54/93