جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

ئەرەب تىلىنى بىلمەيدىغان كىشى نامازدىكى زىكىرلەرنى قانداق قىلىدۇ؟

سۇئال

ئاللاھ تائالاغا شۈكۈرلەر بولسۇن! مەن مۇسۇلمان بولدۇم، لېكىن مەن ئەرەپچىنى بىلمەيمەن، نامازدا ئوقۇيدىغان قىرائەت، زىكىر-تەسبىھلەرنى قانداق قىلىمەن؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا: ئەجەملەر (ئەرەب بولمىغانلار) ئەرەپچىنى ياخشى بىلىدىغان ئەجەملەرنىڭ نامازدىكى زىكىر-تەسبىھلەرنى ئەرەب تىلىنىڭ غەيرىدە ئوقۇشى توغرا بولمايدۇ.

كۆپچىلىك پىقھى ئالىملارنىڭ قارىشىدا: ئەرەپچىنى ياخشى بىلمەيدىغان، ئەرەبچە سۆزلەشكە قادىر بولالمايدىغان كىشىلەر تەكبىرنى ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلىنغان ھالەتتە ئۆز تىلىدا دىسە توغرا بولىدۇ. شافىئى ۋە ھەنبەلى ئۆلىمالىرىنىڭ ئوچۇقلاشتۇرىشىدىمۇ: تەكبىرنى قايسى تىلدا ئېيتسا دۇرۇس بولىدۇ، چۈنكى تەكبىر دېگەن ئاللاھ تائالانى زىكىر قىلىشتۇر، ئاللاھ تائالانى زىكىر قىلىش ھەممە تىل بىلەن ھاسىل بولىدۇ، بۇنىڭدا ئەرەب تىلىنىڭ غەيرى ئەرەب تىلىنىڭ ئورنىدا تۇرىدۇ. ئەرەبچە بىلمەيدىغان كىشىلەرنىڭ نامازدىكى زىكىر-تەسبىھلەرنى بولسىمۇ بىلگۈدەك دەرىجىدە ئەرەبچە ئۈگۈنۈشى كېرەك بولىدۇ. مۇشۇنىڭغا ئاساسەن ئۆلىمالار ئارىسىدا نامازدىكى تەشەھھۈت، قۇنۇت، دۇئا، رۇكۇ-سەجدىدىكى تەسبىھ قاتارلىق زىكىرلەرنى ئەرەب تىلىنىڭ غەيرىدە ئوقۇسا دۇرۇس بولامدۇ؟، بولمامدۇ؟ دېگەن مەسىلىدە ئىختىلاپ بار.

قۇرئاننى قىرائەت قىلىش مەسىلىسىدە، كۆپچىلىك ئۆلىمالار قۇرئاننى ئەرەب تىلىنىڭ غەيرىدە قىرائەت قىلىش دۇرۇس ئەمەس دەپ قارايدۇ، بۇنىڭ دەلىلى: ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿إِنَّا أَنزَلْنَاهُ قُرْآنًا عَرَبِيًّا لَّعَلَّكُمْ تَعْقِلُونَ﴾تەرجىمىسى: شۈبھىسىزكى، سىلەرنى چۈشەنسۇن دەپ، ئۇنى ئەرەبچە قۇرئان قىلىپ نازىل قىلدۇق.[سۈرە يۇسۇپ 2- ئايەت].

قۇرئان كەرىمنىڭ لەپزى ۋە مەنىسى مۆجىزە بولۇپ، ئۇنى باشقا تىلغا ئۆزگەرتسە، ئۆز يۆنىلىشىدىن چىقىپ كېتىدۇ، ئۇ ۋاقىتتا قۇرئان بولماستىن بەلكى قۇرئاننىڭ تەپسىرى بولىدۇ. [پىقھى تولاملىرى 5-توم].

ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "نامازدا قىرائەتنى ئەرەب تىلىنىڭ غەيرىدە قىلىش توغرا بولمايدۇ، قۇرئاننىڭ لەپزىنى باشقا ئەرەبچە سۆزگە ئالماشتۇرۇشمۇ توغرا بولمايدۇ، ئۇ ئادەم ئەرەب تىلىنى بىلسۇن ياكى بىلمىسۇن ئۇنىڭ ھۆكمى ئوخشاش. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ إِنَّا أَنزَلْنَاهُ قُرْآنًا عَرَبِيًّا﴾تەرجىمىسى: ئۇنى ئەرەبچە قۇرئان قىلىپ نازىل قىلدۇق. [سۈرە يۇسۇپ 2- ئايەت].

يەنە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿بِلِسَانٍ عَرَبِيٍّ مُّبِينٍ﴾تەرجىمىسى:قۇرئان روشەن ئەرەب تىلىدا نازىل بولدى. [سۈرە شۇئرا 195-ئايەت].

قۇرئان كەرىمنىڭ لەپزى ۋە مەنىسى مۆجىزىدۇر، ئەگەر قۇرئاننى ئۆز يۆنىلىشىدىن چىقىرىۋەتسە، ئۇ ۋاقىتتا ئۇ قۇرئان ياكى قۇرئاننىڭ ئوخشىشى بولماستىن بەلكى قۇرئاننىڭ تەپسىرى بولىدۇ، ئەگەر قۇرئاننىڭ تەپسىرى قۇرئانغا ئوخشاش بولغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە مۇشرىكلاردىن قۇرئان كەرىمنىڭ ئوخشىشىنى كەلتۈرۈش تەلەپ قىلىنغاندا، ئۇلار ئۇنىڭ ئوخشىشىنى كەلتۈرۈشتىن ئاجىز كەلمىگەن بولاتتى. ئەگەر ئەرەپچىنى ياخشى ئوقۇيالمىسا، ئۈگۈنۈشى كېرەك، ئۈگۈنۈشكە قادىر بولۇپ تۇرۇپ ئۆگەنمىسە (يەنى قۇرئان ئايەتلىرىنى ئوقۇغىدەك سەۋىيە ھاسىلى قىلمىسا) ئۇ كىشىنىڭ ئوقۇغان نامىزى دۇرۇس بولمايدۇ. ئەمما ئۈگۈنۈشكە قادىر بولالمىسا ياكى نامازنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىشتىن ئەنسىرىسە، پاتىھە سۈرىسىدىن بىر ئايەتنى بىلسە، ئۇ ئايەتنى يەتتە قېتىم تەكرارلىسا بولىدۇ، ئەگەر بىر قانچە ئايەتنى بىلسە، بىلگەن ئايەتنىڭ مىقدارى بويىچە تەكرارلايدۇ، قالغان ئايەتلەرنى باشقا سۈرىدىن ئوقۇسا بولىدۇ. ئەمما پاتىھەنىڭ ئايەتلىرىدىن باشقا ئايەتلەرنى بىلسە، ئۇنى تەكرارلىماستىن باشقا ئايەتلەرنى ئوقۇسا بولىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سۈرە پاتىھەنى ياخشى ئوقۇيالمايدىغان ئادەمنى (ئەلھەمدۇلىللاھ دەپ) پاتىھەنىڭ غەيرىنى ئوقۇشقا بۇيرىغان، ئەلھەمدۇلىللاھ دېگەن سۆز پاتىھەنىڭ بەزى ئايىتى بولۇپ، ئۇنى تەكرار ئوقۇشقا بۇيرۇمىغان. ئەگەر پاتىھە سۈرىسىدىن بىرەر ئايەتنى ئوقۇيالمىسا، قۇرئان كەرىمدىن باشقا ئايەتلەرنى ياد ئالغان بولسا، ياد ئالغان مىقداردا ئوقۇيدۇ، باشقا زىكىر تەسبىھ ئوقۇسا دۇرۇس بولمايدۇ. ئەبۇ داۋۇت رىپائە ئىبنى راپىئ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «نامازغا تۇرغان ۋاختىڭدا، قۇرئان كەرىم ئايەتلەرنى بىلسەڭ ئۇنى ئوقۇغىن، ئەگەر بىلمىسەڭ ئاللاھ تائالاغا ھەمدە ئېيتقىن، تەھلىل ئېيتقىن ۋە تەكبىر ئېيتقىن.» چۈنكى ھەمدۇ-سانا، تەكبىرلەرمۇ قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىدىن باشقا نەرسە ئوقۇغاندىن ھەمدە، تەكبىر ئوقۇسا ياخشى بولىدۇ. ھەمدۇ-سانا، تەكبىرلەرنى پاتىھە سۈرىسىنىڭ ئايەتلىرىنىڭ مىقدارىدا ئوقۇش زۆرۈر بولىدۇ، ئەگەر قۇرئان كەرىمدىن ھېچ بىر ئايەتنى ئوقۇيالمىسا ۋە نامازنىڭ ۋاقتى چىقىپ كېتىشتىن بۇرۇن بىرەر ئايەتنى ئۈگۈنۈش ئىمكانىيىتى بولمىسا، ئۇ ۋاقىتتا، ئۇ كىشى: "سۇبھاناللا، ۋەلھەمدۇلىللاھ، ۋەلا ئىلاھە ئىلەللاھۇ ۋەللاھۇ ئەكبەر ۋەلاھەۋلە ۋەلاقۇۋۋەتە ئىللا بىللاھ دېسە بولىدۇ. بۇنىڭ دەلىلى: «بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: مەن قۇرئان كەرىمدىن بىرەر ئايەت بىلمەيمەن، ماڭا ئۇنىڭ ئورنىدا ئوقۇسام ناماز دۇرۇس بولىدىغان بىر نەرسە ئۈگۈتۈپ قويسىلا؟ دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: سۇبھاناللا، ۋەلھەمدۇ لىللاھ، ۋەلا ئىلاھە ئىلەللاھۇ ۋەللاھۇ ئەكبەر ۋەلاھەۋلە ۋەلاقۇۋۋەتە ئىللا بىللاھ دېگىن، دېگەن.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد