جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

كېيىش توغرا بولمايدىغان نەرسىنى سېتىش توغرىسىدا

سۇئال

   بەزى كىشىلەرنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: قىسقا توي كۆينىكىنى سېتىش ۋە تىكىش دۇرۇس بولىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا قىزىل يىپەك كىيىمنى ھەدىيە قىلدى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇنى كىيگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى كۆرۈپ: «مەن بۇنى ساڭا كىيسۇن دەپ بەرمىدىم، ئائىلىدىكىلىرىگە ھەدىيە قىلسۇن دەپ بەردىم» دېگەن، شۇنىڭ بىلەن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇنى ئۆزىنىڭ جاھىلىيەتتىكى دوستلىرىغا ھەدىيە قىلدى. بۇ سۆز توغرىمۇ؟. ئەگەر توغرا بولسا، بۇنىڭغا تاماكا، پان، ناسىۋال، ئاياللارنىڭ نۈزەيكۇ ئىشتان، كالتا كۇسەر، ئاياللارنىڭ گاڭسار قاتارلىق نەرسىلەرنى سېتىشنى قىياس قىلساق توغرا بولامدۇ؟ ئاللاھ تائالا: وَتَعَاوَنُوا عَلَى الْبِرِّ وَالتَّقْوَىٰ ۖ وَلَا تَعَاوَنُوا عَلَى الْإِثْمِ وَالْعُدْوَانِ ‏ تەرجىمىسى: «ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار » [سۈرە مائىدە 2 ئايەت] دېگەن تۇرسا؟ بۇ توغرىدا چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن، سىلەرنى ئاللاھ مۇھاپىزەت قىلسۇن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    بۇ ھەدىسنى ھەدىس ئالىملىرى نۇرغۇن ئورۇنلاردا ۋە نۇرغۇن يوللار بىلەن كەلتۈرگەن، ئىمام بۇخارى" ئەر-ئاياللارنىڭ ياخشى كۆرەلمەيدىغان نەرسىلەردە تىجارەت قىلىشنىڭ بابى" دەپ بۇ ھەدىسنى كەلتۈرگەن ، سالىم بىن ئابدۇللاھ بىن ئۆمەر دادىسىدىن بايان قىلغان ھەدىستە مۇنداق دەيدۇ:  «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا بىر يۇرۇش قىزىل يىپەك كىيىم ئەۋەتتى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇ ئۇ كىيىمنى كىيىپ چىققاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:  مەن ساڭا بۇ كىيىمنى كىيسۇن دەپ ئەۋەتمىدىم، بۇنداق كىيىملەرنى قىيامەتتە ياخشىلىق نېسىۋىسى بولمىغان كىشىلەر كىيىدۇ، مەن ئۇنى ساڭا سېتىپ پايدىلىنامدىكى دەپ ئەۋەتتىم» دېدى . [بۇخارى رىۋايىتى2104  -ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2068  -ھەدىس].

   بۇ ھەدىس بىر تەرەپتىن ئىشلەتكىلى بولمىسا يەنە بىر تەرەپتىن ئىشلەتكىلى بولىدىغان كىيىم-كېچەك قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ تىجارىتىنى قىلسا، ئۇنى باشقىلارغا ھەدىيە قىلسا، ئىئانە قىلسا توغرا بولىدىغانلىقى، ئۇنى سېتىۋالغان ياكى ھەدىيەگە ئالغان كىشىنىڭمۇ بۇ نەرسىلەرنى چەكلەنگەن شەكىلدە ئەمەس بەلكى توغرا بولغان شەكىلدە ئىشلەتسە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، بۇنىڭ مىسالى: ئالتۇن بولغان زىبۇ زىننەتلەر، قورال-ياراقلار، پىچاق، ئۈزۈم قاتارلىق نەرسىلەرنى دۇرۇس يولغا ئىشلىتىشمۇ ۋە چەكلەنگەن ھارام يولغا ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق نەرسىلەرنىڭ تىجارىتىنى قىلىش، ھەدىيە سوغات قىلىش ۋە ئىئانە قىلىش توغرا بولىدۇ.

    بۇ نەرسىلەرنى سېتىۋالغان ياكى ھەدىيەگە ئالغان كىشىمۇ ئۇنى سېتىش ياكى ھەدىيە قىلىش دېگەندەك توغرا شەكىلدە پايدىلىنىشى، چەكلەنگەن شەكىلدە پايدىلانماسلىقى كېرەك.

    ئەمما ئەسلىدىن ھارام بولغان چوشقا، يولۋاس، بۆرە قاتارلىق نەرسىلەر بولسا، ئۇنى ھەرقانداق ھالەتتە ئىشلىتىش، تىجارەت قىلىش، ھەدىيە قىلىش ۋە ئىئانە قىلىش توغرا بولمايدۇ. ھەدىستە يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان نەرسىلەرنى سېتىشنىڭ دۇرۇسلىقىنى بىلدۈرىدىغان دەلىل يوق، بۇنى تاماكا، ناس، نەشە، قىسقا كۇسەر، ئاياللارنىڭ يېڭى يوق گاڭسار قاتارلىق نەرسىلەردە تىجارەت قىلىشقا، بىر تەرەپتىن دۇرۇس بولىدىغان يەنە بىر تەرەپتىن دۇرۇس بولمايدىغان نەرسىلەرگە قىياس قىلىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى تاماكا، ناس، نەشە قاتارلىق نەرسىلەرنى ھەرقانداق ھالەتتە ئىشلىتىش(ئىلىم-سېتىم قىلىش) ھارام-چەكلىنىدۇ.

    ئاللاھ مۇۋەپپەق قىلسۇن.

مەنبە: "سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقات پەتىۋا كومىتېتى پەتىۋاسى" 16-توم 179-بەت.