پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

تور مۇنبەرلىرىدە خىرىدار تەلەپ قىلغۇچى بىلەن خېرىدارلار ئارىسىدا ۋاستىچىلىك قىلىش توغرىسىدا

سۇئال

    تور دۇنياسى تەرەققى قىلغاندىن كېيىن كۆپلىگەن ياشلار freelancer تور مۇنبەرلىرىدە خىزمەت قىلىشقا باشلىدى، بۇ تور مۇنبەرلىرىدە خىرىدار بىلەن خىرىدار تەلەپ قىلغۇچى ئارىسىدا ۋاستىچىلىك قىلىشتۇر. بۇ يەردە قىلىدىغان ئاساسلىق ئىش: خىرىدار مەلۇم بىر نەرسىنى تەلەپ قىلىدۇ، تەلەپ قىلىنغان نەرسە بىرقانچە كىشىلەردىن تېپىلىدۇ، خىرىدار ئۆزىگە يارىغاننى تاللاپ، كېلىشكەن پۇلنى توربەتكە يوللايدۇ، خىرىدار تەلەپ قىلغان نەرسىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم دەپ تور بەتكە خەۋەر قىلغانغا قەدەر بۇ پۇل تور بەتتە قالىدۇ، تور بەت پۇلنى خىرىدار يوللاپ ئون كۈندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ھەققىنى ئېلىپ قېلىپ قالغىنىنى دېيىشكەن بويىچە خىرىدار تەلەپ قىلغۇچىغا يەتكۈزىدۇ، مۇشۇ شەكىلدىكى مۇئامىلە توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

قىسقىچە جاۋاپ

خىرىدار تەلەپ قىلغۇچى بىلەن خىرىدار ئارىسىدا ۋاستىچىلىك قىلىش دېگەن ئىككى تەرەپنى كېلىشتۈرۈش بولۇپ، ئەگەر ئىككى تەرەپ كېلىشكەن ئىش شەرىئەتتە دۇرۇس ئىش بولسا توغرا بولىدۇ، بۇنىڭ تەپسىلاتىنى تۆۋەندە بايان قىلىمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە توغرا يولدا ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت- سالاملىرى بولسۇن.

    خىرىدار تەلەپ قىلغۇچى بىلەن خىرىدار ئارىسىدا ۋاستىچىلىك قىلىش دېگەن ئىككى تەرەپنى كېلىشتۈرۈش بولۇپ، ئەگەر ئىككى تەرەپ كېلىشكەن ئىش شەرىئەتتە دۇرۇس ئىش بولسا توغرا بولىدۇ.

     ۋاستىچىلىك قىلغۇچى خىرىدارغا يارايدىغان نەرسىنى كۆرسىتىدۇ، بۇنى ئىجرا قىلىشقا كېپىللىك قىلىدۇ، ئۇنىڭ بەدىلىگە ھەق ئالىدۇ، بۇ ھەقنى كېلىشىپ خىرىداردىن ئالسىمۇ ياكى خىرىدار تەلەپ قىلغۇچىدىن ئالسىمۇ ياكى ھەر ئىككى تەرەپتىن ئالسىمۇ بولىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى ھەر ئىككى تەرەپكە پايدا يەتكۈزىدۇ.

    ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ ئۆزىنىڭ سەھىھ كىتابىدا: "كېلىشتۈرگۈچىنىڭ ھەققى توغرىسىدا" دەپ باپ كەلتۈرۈپ، ئىبنى سىيرىين، ئەتا ئىبنى رەباھ، ئىبراھىم نەخەئىي ۋە ھەسەن بەسەرىي قاتارلىق ئالىملار كېلىشتۈرۈپ قويغۇچىنىڭ ھەق ئېلىشىنى خاتا دەپ قارىمىغان دېگەن".

    ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: "بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمگە: بۇ كىيىمنى مۇنچە پۇلغا ساتقىن، ئەگەر ئارتۇق ساتساڭ، ئارتۇقى سىنىڭ دېسە توغرا بولىدۇ".

    ئىبنى سىيرىين مۇنداق دەيدۇ: "بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمگە: بۇ كىيىمنى مۇنچە پۇلغا ساتقىن، ئەگەر پايدىسىغا ساتساڭ پايدىسى سېنىڭ ياكى پايدىنى تەڭ ئالىلى دېگەن بولسا، توغرا بولىدۇ، بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمانلار قىلغان شەرتلىرىگە ۋاپا قىلىدۇ».

     دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى 13-توم 129-بەتتە مۇنداق كەلگەن: "كېلىشتۈرگۈچى، ساتقۇچى ۋە سېتىۋالغۇچى ئارىسىدا، مەلۇم ئىش قىلغانلىق سەۋەبىدىن، كېلىشتۈرۈش ھەققىنى سېتىۋالغۇچىدىن ياكى ساتقۇچىدىن ياكى ھەر ئىككىسىدىن ئېلىشقا بىرلىككە كەلگەن بولسا توغرا بولىدۇ، بۇ يەردە قىلىدىغان ئىشنىڭ بەلگىلىمىسى بولمايدۇ، بەلكى ئۇ كىشىنىڭ كېلىشتۈرۈپ قويغانلىقىغا رازى بولۇپ مەلۇم بىر نەرسە  بەرسە بولىدۇ".

     لېكىن بۇ ئىش ئادەتتە كىشىلەر ئارىسىدا داۋاملىشىۋاتقان بەلگىلىمە دائىرىسىدە كېلىشتۈرگۈچىگە پايدا يېتىدىغان بولىشى كېرەك، ئۇ كىشى بۇ ھەقنى ساتقۇچى بىلەن سېتىۋالغۇچىنىڭ سودىسىنى پۈتتۈرۈش ئۈچۈن قىلغان تېرىشچانلىقىنىڭ بەدىلىگە ئالىدۇ، مالنىڭ باھاسىنى چۈشۈرۈپ ساتقۇچىغا، نورمال باھادىن ئۆرلىتىپ سېتىۋالغۇچىغا زىيان يەتكۈزمەسلىكى كېرەك.

    ئەگەر ئىش ھاراق، زەھەرلىك چېكىملىك  نەرسىلەرنى يۆتكەش ياكى جازانە ۋە ئەيشى-ئىشرەت سورۇنلىرىنى تۈزەلتۈرۈش دېگەندەك شەرىئەتتە چەكلەنگەن ئىشلار بولىدىكەن، بۇ ۋاقىتتا ئوتتۇرىدا ۋاستىچىلىك قىلىش توغرا بولمايدۇ چۈنكى بۇنداق قىلىش خاتالىق-ئاسىيلىققا ياردەم بەرگەنلىك بولۇپ قالىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَتَعَاوَنُوا عَلَى الْبِرِّ وَالتَّقْوَى وَلا تَعَاوَنُوا عَلَى الْإثْمِ وَالْعُدْوَانِ وَاتَّقُوا اللَّهَ إِنَّ اللَّهَ شَدِيدُ الْعِقَابِ تەرجىمىسى: «ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار، ئاللاھ (نىڭ ئازابى) دىن قورقۇڭلار، ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن قاتتىق» [سۈرە مائىدە 2-ئايەت.        

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى