جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

ئىقتىسادى ئەھۋالى ياخشى تۇرۇپ سەدىقە پىتىر بەرمىگەن كىشىلەرنىڭ ھۆكمى

سۇئال

سوئال: ئىقتىسادى ئەھۋالى ياخشى تۇرۇپ سەدىقە پىتىر بەرمىگەن كىشىلەرنىڭ ئەھۋالى قانداق بولىدۇ؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئاللاھغا خاستۇر.
ئىقتىسادى ئەھۋالى ياخشى تۇرۇپ سەدىقە پىتىر بەرمىگەن كىشىلەر خاتا ئىش قىلىش بىلەن ئاللاھقا گۇناھكار بولدى، ئۇلار ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ، سەدىقە پىتىرنى بەرمىگەنلىكىگە كەچۈرۈم تەلەپ قىلىپ دەرھال كەمبەغەللەرگە يەتكۈزۇپ بېرىشى كېرەك. ئۇ يوقسۇللارنىڭ ھەققىدۇر. روزا ھېيت نامىزىدىن كىيىن بېرىلگىنى سەدىقىلەردىن بىر سەدىقە ھېسابلىنىدۇ.
ئاللاھ ياخشىلىققا مۇۋەپپەق قىلغۇچىدۇر.
 

مەنبە: ئاللاھ ياخشىلىققا مۇۋەپپەق قىلغۇچىدۇر