جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

ئاللاھ تائالا شېرىك كەلتۈرگەن كىشىنى كەچۈرەمدۇ؟ئۇ كىشىنىڭ ئىمانى قانداق كۈچلىنىدۇ؟

سۇئال

بىر ئادەم شېرىك كەلتۈرگەن بولسا ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى كەچۈرۈم قىلامدۇ؟ شۇنى بىلىشنى مەقسەت قىلىمەن، ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ شېرىك كەلتۈرگەنلىكىنى بىلدۇ ۋە ئۇ قىلمىشىدىن تەۋبە قىلىپ ھاياتىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىشنى مەقسەت قىلىدۇ؟ مۇشۇ كىشى ئۈچۈن كەچۈرۈم قانداق بولىدۇ؟ ئۆزىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنغانلىقىنى قانداق بېلىدۇ؟ ھالال ئىشلارنى قېلىش ۋە چەكلەنگەن ئىشلارنى تەرك قىلىش بىلەن ئىمانىنى قانداق كۈچلاندۇرىدۇ؟ مېنىڭ كوپ تەرەپتىن پىسخىكا قېيىنچىلىقىم بار، ئۇ مېنى تەشۋىشكە سالىدۇ ۋە ئازغۇنلۇققا يېتەكلەيدۇ، مەن نەسىھەتكە ۋە ئاللاھنىڭ ھىدايەت قېلىشىغا مۇھتاج. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئاللاھ تائالا تەۋبە قىلغان ۋە ئۆزىنىڭ تەرىپىگە قايتقان كىشىنىڭ بارلىق گۇناھىنى كەچۈرىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بېرىپ مۇمداق دەيدۇ: قُلْ يَا عِبَادِيَ الَّذِينَ أَسْرَفُوا عَلَى أَنْفُسِهِمْ لا تَقْنَطُوا مِنْ رَحْمَةِ اللَّهِ إِنَّ اللَّهَ يَغْفِرُ الذُّنُوبَ جَمِيعاً إِنَّهُ هُوَ الْغَفُورُ الرَّحِيمُ تەرجىمىسى: «(ئى مۇھەممەد! مېنىڭ تىلىمدىن) ئېيتقىنكى، (گۇناھلارنى قىلىۋېرىپ) ئۆزلىرىگە جىنايەت قىلغان بەندىلىرىم! ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭلار.ئاللاھ ھەقىقەتەن (خالىغان ئادەمنىڭ) جىمى گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر. [سۈرە زۇمەر 53-ئايەت].

   بۇ ھەممە گۇناھلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئاللاھ تائالا تەۋبە قىلغان كىشىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ.

    شېرىكتىىن تەۋبە قىلىش ۋە ئۇ كىشىنىڭ تەۋبىسىنىڭ قوبۇل بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَالَّذِينَ لا يَدْعُونَ مَعَ اللَّهِ إِلَهاً آخَرَ وَلا يَقْتُلُونَ النَّفْسَ الَّتِي حَرَّمَ اللَّهُ إِلا بِالْحَقِّ وَلا يَزْنُونَ وَمَنْ يَفْعَلْ ذَلِكَ يَلْقَ أَثَاماً يُضَاعَفْ لَهُ الْعَذَابُ يَوْمَ الْقِيَامَةِ وَيَخْلُدْ فِيهِ مُهَاناً إِلا مَنْ تَابَ وَآمَنَ وَعَمِلَ عَمَلاً صَالِحاً فَأُولَئِكَ يُبَدِّلُ اللَّهُ سَيِّئَاتِهِمْ حَسَنَاتٍ وَكَانَ اللَّهُ غَفُوراً رَحِيماً تەرجىمىسى: ئۇلار ئاللاھقا ئىككىنچى بىر مەبۇدنى شېرىك قىلمايدۇ، ئاللاھ ھارام قىلغان ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش ئىشىنى قىلمايدۇ، زىنا قىلمايدۇ، كىمكى بۇ (گۇناھلار) نى قىلىدىكەن، (ئاخىرەتتە) جازاغا ئۇچرايدۇ، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا ھەسسىلەپ ئازاب قىلىنىدۇ، ئۇ مەڭگۈ ئازاب ئىچىدە خارلانغان ھالدا قالىدۇ، پەقەت (ئۇلارنىڭ ئىچىدىن) (بۇ دۇنيادىكى چېغىدا) تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارلا بۇ ھالدا قالمايدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى ياخشىلىققا ئالماشتۇرىدۇ، ئاللاھ تولىمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر. [سۈرە پۇرقان 68-70-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا خىرىستىئانلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەنلىكى ۋە كاپىر بولغانلىقىنى ئاندىن ئۇلارنى تەۋبە قىلىشقا چاقىرغانلىقىنى زىكىر قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: لَقَدْ كَفَرَ الَّذِينَ قَالُوا إِنَّ اللَّهَ ثَالِثُ ثَلاثَةٍ وَمَا مِنْ إِلَهٍ إِلا إِلَهٌ وَاحِدٌ وَإِنْ لَمْ يَنْتَهُوا عَمَّا يَقُولُونَ لَيَمَسَّنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ أَفَلا يَتُوبُونَ إِلَى اللَّهِ وَيَسْتَغْفِرُونَهُ وَاللَّهُ غَفُورٌ رَحِيمٌ تەرجىمىسى: ئاللاھ ئۈچ ئىلاھنىڭ بىرىدۇر، دېگۈچىلەر شەكسىز كاپىر بولدى. بىر ئىلاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئەگەر ئۇلار ئېيتىۋاتقان سۆزلىرىدىن قايتمىسا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كاپىر بولغانلار (دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازابقا قالىدۇ، ئۇلار ئاللاھقا تەۋبە قىلمامدۇ؟ ئاللاھتىن مەغپىرەت تەلەپ قىلمامدۇ؟ ئاللاھ (تەۋبە قىلغۇچىلارغا) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر. [سۈرە مائىدە 73-74-ئايەت].

    گۇناھ ھەرقانچە كۆپ بولسىمۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئەپۇ قىلىشى، پەزلى ۋە ئېھسانى ئۇنىڭدىن كاتتىدۇر.

    سىز پەقەت ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىڭ، ئىلگىرىكى قىلمىشلىرىڭىزغا پۇشايمان قىلىڭ، ئۇ ئىشلارغا قەتئى قايتماسلىق ئىرادىسىگە كىلىڭ، ئاندىن ئاللاھ تائالانىڭ پەزلى، رەھمىتى ۋە ياخشىلىققا مەۋەپپىق قىلىشى بىلەن خۇرسەن بولۇڭ، چۈنكى ئىسلام مۇسۇلمان بولۇشتىن بۇرۇنقى بارلىق گۇناھلارنى يوق قىلىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەمىر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: ئى ئەمىر!ئىسلامنىڭ ئىلگىركى گۇناھلارنى يوق قىلىدىغانلىقىنى بىلمىدىڭمۇ؟ دېگەن. [مۇسلىم رىۋايىتى 121-ھەدىس. ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 17861-ھەدىس].

   پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: گۇناھدىن تەۋبە قىلغان كىشى گۇناھى بولمىغان كىشىگە ئوخشاشتۇر، دېگەن. [تىرمىزى رىۋايىتى. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى سەھىھ دېگەن].

    ئىنسان ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدۇ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَهُوَ الَّذِي يَقْبَلُ التَّوْبَةَ عَنْ عِبَادِهِ وَيَعْفُو عَنِ السَّيِّئَاتِ وَيَعْلَمُ مَا تَفْعَلُونَ تەرجىمىسى: ئاللاھ بەندىلىرىدىن تەۋبىنى قوبۇل قىلىدۇ، يامان ئىشلارنى ئەپۇ قىلىدۇ، قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ. [سۈرە شورا 25-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَإِنِّي لَغَفَّارٌ لِمَنْ تَابَ وَآمَنَ وَعَمِلَ صَالِحاً ثُمَّ اهْتَدَى تەرجىمىسى :تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، ئاندىن توغرا يولدا ماڭغان ئادەمنى مەن ئەلۋەتتە ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىمەن.» [سۈرە تاھا 82-ئايەت].

    ئىنساننىڭ ئاللاھ تائالاغا بولغان قارىشى گۈزەل بولىشى، ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىشىنى ئويلىشى كېرەك. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: مەن بەندەمنىڭ چۈشەنچىسى بويىچە بولىمەن. [ھەدىس قۇددۇسى بۇخارى رىۋايىتى 7066-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى2675-ھەدىس].

    ئىمام ئەھمەدنىڭ رىۋايەت قىلغان 16059-نومۇرلۇق ھەدىستە: مەن بەندەمنىڭ چۈشەنچىسى بويىچە بولىمەن، مېنى قانداق چۈشەنسە مەيلى دېيىلگەن.

     ئىماننى كۈچلاندۇرۇش بولسا تۆۋەندىكى بىر قانچە ئىشلار بىلەن بولىدۇ:

1-ئاللاھ تائالانى كۆپ زىكىر قىلىش، قۇرئان كەرىمنى كۆپ تىلاۋەت قىلىش ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالامنى كۆپ ئېيتىش.

2-پەرىز ئەمەللەرنى تولۇق ئادا قىلىش بىلەن بىرگە نەپلە ئەمەللەرنى كۆپ قىلىش، شۇ ئارقىلىق بەندە ئاللاھ تائالانىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشىش بىلەن ئۇتۇق قازىنىدۇ، توغرا ئىشقا مۇۋەپپەق بولىدۇ. ھەدىس قۇددۇسىدا مۇنداق بايان قىلىنغان: ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: كىمكى مېنىڭ دوستۇمغا دۈشمەنلىك قىلىدىكەن، مەن ئۇنىڭغا جەڭ ئېلان قىلىمەن، بەندەمنىڭ ماڭا مەن پەرىز قىلغان ئەمەل ئارقىلىق يېقىنلىق ئىزدىگىنى، مەن ئۈچۈن باشقا ھەرقانداق ئەمەللەر ئارقىلىق يېقىنلىق ئىزدىگەندىنمۇ سۆيۈملۈكتۇر، بەندەم بۇيرۇلغان پەرز ئەمەللەردىن سىرت ماڭا قوشۈمچە نەپلە ئەمەللەر بىلەن يېقىنلىشىدۇ، ھەتتا مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن، قاچانكى، مەن ئۇنى ياخشى كۆرسەم ئۇنىڭ ئاڭلايدىغان قۇلىقى ۋە كۆرىدىغان كۆزى، تۇتىدىغان قولى، ماڭىدىغان پۇتى بولۇپ بېرىمەن، دېمەك ھەر بىر ئەزالىرىنى ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا مۇيەسسەر قىلىپ بېرىمەن، ئەگەر مەندىن نېمىنى سورىسا شۇنى بېرىمەن، ئەگەر مەندىن پاناھلىق سورىسا پاناھىمغا ئالىمەن. [بۇخارى رىۋايىتى6137-ھەدىس].

3-ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىشقا، گۇناھ-مەسىيەتتىن يېراق بولۇشقا ياردەم بېرىدىغان ياخشى كىشىلەرگە ھەمراھ بولۇش.

4-ئۆلىمالارنىڭ، دۇنياغا بېرىلمىگەن زاھىدلارنىڭ، كۆپ ئىبادەت قىلغۇچى ۋە ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلغۇچى ياخشى كىشىلەرنىڭ سىيرەتلىرىنى ئوقۇش كېرەك.

5-گۇناھ-مەسىيەتنى ئەسلىتىدىغان ۋە ئۇنىڭغا چاقىرىدىغان بارلىق ئىشلاردىن يېراق بولۇش كېرەك.

   ئومۇمەن ئىلىپ ئېيتقاندا، ئىمان؛ تائەت-ئىبادەتلەرنى تولۇق قىلىش ۋە چەكلەنگەن-ھارام ئىشلارنى تەرك قىلىش بىلەن كۈچلىنىدۇ.

   ئاللاھ تائالا سىزگە تەۋبە ئاتا قىلسۇن، توغرا يولغا ھىدايەت قىلسۇن ۋە ياخشى ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلسۇن.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى