جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

ئايالىم ئىبادەتلەرگە سۇس قارىسا قانداق قىلىمەن؟

34151

تارقاتقان ۋاقىت : 30-08-2010

كۆرگۈچىلەر : 8210

سۇئال

سوئال : مەن ئوتتۇرا ياشلىق بىر يىگىت، توي قىلىشتىن ئىلگىرى دىنى ئىبادەتلەرنى تولۇق قىلىپ كېتەلمەيتتىم، ھازىر ئاللاھنىڭ پەزلى ئېھسانى بىلەن ئالىي مەكتەپنىڭ ئىسلام دىنى دەرسلىرى فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن بىر قىز بىلەن توي قىلدىم، مەن بۇ قىزنى مىنىڭ دىنى ئىبادەتلەرنى تولۇق ئادا قىلىشىمغا ياردەمچى بولىدۇ دەپ بەك خۇرسەن بولغانتىم، لېكىن تۇرمۇش قۇرغاندىن كىيىن ئۇ قىزنىڭ دىنى قىزغىنلىقىنىڭ تۆۋەن، ئادەتتىكى قىزلاردەك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، ئۇ قىزنىڭ يىتەرسىزلىكلىرىدىن: چوڭ-كىچىك ھىچ قانداق مۇنكەر ئىشلانى چەكلىمەيدۇ، بەلكى ئىشلارنى ئۆزى قىلىدۇ، ھەر تۈرلۈك تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنى كۆرىدۇ، غەيۋەت قىلىدۇ، ئىبادەتلەرنى تولۇق قىلمايدۇ، ئالاھىدىلىكلىرى: كۆڭلى ياخشى، سەۋىرچان، ئەر-ئايالچىلىق ۋە ئائىلە ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى تولۇق ئورۇنلايدۇ، مېنى بىئارام قىلىدىغىنى، مەن دىنى جەھەتتىن ماڭا ياردەم بېرىدىغان لايىق ئىزدىسەم ئەكسىچە دىنى بىلىم ئوقۇپ تۇرۇپ باشقىلارنىڭ ياردىمىگە ئېھتىياجلىق بولغان لايىققا ئۇچرىغىنىم، بۇ مىنىڭ قىيىنچىلىقىم، ماڭا ياردەم بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

جاۋاب :
بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.
سىزنىڭ بۇ قىيىنچىلىقىڭىز ھازىر نۇرغۇن ياشلارنىڭ دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقىغا ئوخشايدۇ، ئۇلار ئاياللارنى ئوقۇغان، ئىبادەتتە تىرىشىدۇ، ئېرىنىڭ ياخشى ئەمەللىرىگە ھەر ۋاقىت ياردەمدە بولىدۇ دەپ
ئويلايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئاياللار ھەممىدىن ئېرىگە بەك ئەگىشىدۇ، ئېرى بۇ ئىشلاردا ئۈلگە بولمىسا تولا ۋاقىتلار ئاياللار سۇسلىشىپ بوشاپ كېتىدۇ . ئېرىنى ياخشى يوللارغا يېتەكلەيدىغان يول باشچى ئاياللارمۇ بار. سىزنىڭ ئايالىڭىزنىڭ ئادەتتىكى بىر ئايالدەك بولغىنى سىزنىڭ تۇرمۇشتا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ پۇشايمان قىلىشىڭىزنى ئەمەس، بەلكى ئۇ ئايالنى يېتەكلەپ دەۋەت قىلىپ قوش ئەجىرگە ئېرىشىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ . سىز بايان قىلغاندەك ئۇ ئايالنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ئاللاھ خالىسا سىزگە ياردەمچى بولىدۇ . سىز دائىم ئايالىڭىزنى ياخشىلىققا چاقىرىپ، ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە ئازابىنى ئەسلىتىڭ ۋە چىرايلىق ئۇسلۇب بىلەن نەسىھەت قىلىڭ . ئايالىڭىزنىڭ بوش ۋاقتىنى پايدىلىق كىتاب، ژۇرنال ۋە لېنتىلارنى ئاڭلاشقا پۇرسەت يارىتىپ بېرىڭ. ئايالىڭىز تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنى كۆرسە ۋە غەيۋەت-شىكايەت قىلسا ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ئۇنى ئىنكار قىلماستىن بەلكى مۇلايىملىق، مېھرى مۇھەببەت بىلەن ئۆزگەرتىشكە تىرىشىڭ. ئايالىڭىزنى قۇرئان دەرسى ئالىدىغان ئورۇنلارغا، دىنى تەشۋىقات سورۇنلىرىغا بېرىش شارائىتلىرىنى ھازىرلاپ بېرىشكە تىرىشىڭ . ئايالىڭىز ياخشى قىز-خانىملار بىلەن ئۇچرىشىپ ئۆزگىرىش ھاسىل قىلسا بۇ سىزنىڭ ئايالىڭىزغا تەقۋالىقتا ياردەم بەرگەنلىكىڭىز بولىدۇ.
ئايالىم ئىبادەتلەرنى ئاز قىلىدۇ دېدىڭىز، بۇ سىزمۇ ئىبادەتكە ئەھمىيەت بەرمەسلىكىڭىز ياكى ئىبادەتنى ئايالىڭىز بىلەن بىرلىكتە قىلىشقا ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكىڭىزدىندۇر . ئايالىڭىزغا ياردەم بېرىشكە تىرىشىڭ، نەپلە ئىبادەتلەرنىڭ پەزىلەتلىرىنى چۈشەندۈرۈڭ، ئىمكانىيەت بولسا بۇ ئىبادەتلەرنى بىرلىكتە قىلىڭ.
ئائىلىڭىزگە ياخشى يېتەكچى بولۇپ ئۇلارنى ھارامدىن ساقلاپ، شەك-شۈبھە ۋە تەقۋادارلىققا توسالغۇ بولىدىغان ئىشلاردىن ئاگاھلاندۇرۇڭ . ئاللاھتىن : ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە ئاياللىرىمىز ۋە ئەۋلادلىرىمىز ئارقىلىق شادلىق بېغىشلىشىڭنى(يەنى بىزگە ساڭا ئىتائەتمەن پەرزەنت ئاتا قىلىشىڭنى)تىلەيمىز، بىزنى تەقۋادارلارنىڭ پېشىۋاسى (يەنى تەقۋادارلارنىڭ نەمۇنىسى، ياخشىلىققا دەۋەت قىلغۇچى) قىلغىن دەپ تىلەڭ، ئاللاھ تائالادىن سىزنىڭ ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىسلاھ قىلىشىنى سورايمىز.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى