جۈمە 2 زۇل ھەججە 1443 - 1 ئىيۇل 2022
Uygur

ياخشى ئىشلاردا ئۆزئارا بەسلىشىش بىلەن ياخشىلىقنى باشقىلارغا سۆيۈنۈش ئارىسىنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇش قانداق مۇمكىن بولىدۇ؟

341094

تارقاتقان ۋاقىت : 02-08-2021

كۆرگۈچىلەر : 593

سۇئال

   ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ ئايىتى بىلەن:  وَفِي ذَٰلِكَ فَلْيَتَنَافَسِ الْمُتَنَافِسُونَ  تەرجىمىسى: «قىزىققۇچىلار شۇنىڭغا قىزىقسۇن»، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆزى ئۈچۈن ياخشى كۆرگەن نەرسىنى ئۆزىنىڭ قېرىندىشى ئۈچۈن ياخشى كۆرمىگۈچە، ھەقىقى مۆمىن بولمايدۇ» دېگەن ھەدىسنىڭ ئارىسىنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇش قانداق مۇمكىن بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   بىرىنچى: مۇسۇلماننىڭ ئەدەپلىرىدىن: ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ روسۇلى بۇيرىغان مۆمىنلەرنىڭ ئارىسىدىكى قېرىنداشلىقنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلىشتۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  إِنَّمَا الْمُؤْمِنُونَ إِخْوَةٌ تەرجىمىسى: «مۆمىنلەر ھەقىقەتەن (دىندا) قېرىنداشلاردۇر.» [سۈرە ھۇجۇرات 10-ئايەت].

    ئىككىنچى: ئاللاھ تائالانىڭ: «قىزىققۇچىلار شۇنىڭغا قىزىقسۇن» دېگەن ئايىتى بىلەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆزى ئۈچۈن ياخشى كۆرگەن نەرسىنى ئۆزىنىڭ قېرىندىشى ياكى خوشنىسى ئۈچۈن ياخشى كۆرمىگۈچە، ھەقىقى مۆمىن بولمايدۇ» دېگەن مۇنۇ ھەدىسنىڭ ئارىسىدا ھېچ قانداق زىتلىق يوق. [بۇخارى رىۋايىتى 13-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 45-ھەدىس. ھەدىسنىڭ لەپزى مۇسلىمغا ئائىتتۇر].

     كىشىلەرنىڭ قارىشىدىكى مۇشۇ زىتلىقنى يوق قىلىش توغرىسىدا ئۆلىمالارنىڭ جاۋابى:

    بىرىنچى: ھەدىس دۇنيا ئىشلىرى توغرىسىدا، ئايەت بولسا ئاخىرەت ئىشلىرى توغرىسىدىدۇر. ["شەرھى سەھىھ مۇسلىم لىسەنۇسى"1-توم 244-بەت].

    ئىككىنچى: بۇنىڭدىن بولغان مەقسەت: ياخشىلىقنى سۆيۈنۈش، يەنى ياخشىلىقتىن ئىنسان ئۆزى ئۈچۈن تەلەپ قىلغان نەرسىلەرنىڭ تەپسىلاتى بايان قىلماستىن ئىجمالى ۋە ئومۇمى شەكىلدە ياخشىلىقنى سۆيۈنۈش دېمەكتۇر.

    ئىبنى جەۋزىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر ھەر ئىنسان ئۆزى تاللىغان نەرسىنى ئۆزى ئۈچۈن تەقدىم قىلسا، پەزىلەت ئەمەللەردە باشقىلاردىن ئېشىپ كېتىشنى ياقتۇرىدىغان تۇرسا، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەبابەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن ياخشى ئەمەللەردە بەسلەشكەن تۇرسا، بۇ قانداق تەسەۋۋۇر قېلىنىدۇ دېيىلسە؟ بۇنىڭ جاۋابى: بۇنىڭدىن بولغان مەقسەت: ئومۇمى جەھەتتە ياخشىلىقنى ھاسىل  ۋە يامانلىقنى دەپئى قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. ئىنساندىن ئۆزىگە ياقتۇرغان نەرسىنى قېرىندىشىغا ياقتۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ، ئەمما ئارتۇقچە پەزىلەت ۋە يۇقىرى مەرتىۋىگە ئېرىشىش ئۈچۈن باشقىلارغا سۆيۈنۈشتىن ئۆزىگە سۆيۈنۈشنى تاللىسا بۇنىڭدا گۇناھ بولمايدۇ". "بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ ھەدىسىدىكى مۇشكىللەرنى بايان قىلىش" ناملىق ئەسىرى 3-توم 222-بىتىگە، ئىبنىل ئەرەبىينىڭ" ئەل قەبس شەرھى مۇئەتتا" 929-بەت ۋە "ئەل مەسالىك شەرھى مۇئەتتا" 6-توم 409-417-بەتكە قارالسۇن.

    ئۈچىنچى: بۇ تائەت-ئىبادەتنى زىيادە قىلىدىغان، ياخشىلىقتا ئورتاق بەسلىشىشكە تۈرتكە بولىدىغان ئىش بولۇپ، ھەدىس دۇنيا-ئاخىرەت ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئومۇمدۇر، مۆمىن كىشى ئۆز قېرىندىشىنىڭ ياخشىلىقتا ئورتاق بولىشىنى ئۆچ كۆرمەيدۇ، بەلكى ياخشىلىقتا بەسلىشىشنى ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىگە ياخشى كۆرىدۇ ۋە كىشىلەرنى ئۇنىڭغا قىزىقتۇرىدۇ بۇ ئىمان ئەھلىگە سەمىمى نەسىھەتنى تولۇق ئادا قىلىش ھېسابلىنىدۇ.

   ئىبنى رەجەپ "جامىئۇل ئۇلۇم ۋەلھەكەم" ناملىق ئەسەر 1-توم 317-335-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "زۆرۈر ئىمان خىسلەتلىرىنىڭ جۈملىسىدىن بولغان مەقسەت: مۆمىننىڭ ئۆزى ياقتۇرغان نەرسىنى قېرىندىشى ئۈچۈنمۇ ياقتۇرۇشى، ئۆزى ياقتۇرمىغان نەرسىنى قېرىندىشى ئۈچۈنمۇ ياقتۇرماسلىقىدۇر، ئەگەر بۇ تۇيغۇ يوقالسا، بۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشىنىڭ ئىمانى مۇكەممەل بولمايدۇ.

   مۇشۇنىڭ ھەممىسى ئىنساننىڭ قەلبى ھەسەتخورلۇق، ئالدامچىلىق ۋە خىيانەتتىن ساپ بولغاندا بولىدۇ، چۈنكى ھەسەت دېگەن، ھەسەت قىلغۇچىنىڭ باشقىلارنىڭ ياخشىلىقتا ئۆزى بىلەن باراۋەر بولۇپ قىلىشى ياكى ئۈستۈن بولۇپ قىلىشىنى ياقتۇرماسلىقىنى خالايدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ پەزىلەتلىك ئەمەللەردە يالغۇز بولىشىنى ۋە باشقىلاردىن ئۈستۈن بولىشىنى ياقتۇرىدۇ، ھەقىقى ئىمان بۇنىڭ ئەكسىنى خالايدۇ، ھەقىقى ئىمان دېگەن ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان ياخشىلىقنىڭ ھەممىسىدە ھېچ نەرسىنى كەمەيتمەستىن مۆمىنلەرنىڭ ئورتاق بولىشىنى خالايدۇ.

    ئومۇمەن: مۆمىننىڭ ئۆزى ياقتۇرغان نەرسىنى مۆمىن قېرىندىشى ئۈچۈنمۇ ياقتۇرۇشى، ئۆزى ياقتۇرمىغان نەرسىنى مۆمىن قېرىندىشى ئۈچۈنمۇ ياقتۇرماسلىقى، مۇسۇلمان قېرىندىشىدا دىنى جەھەتتىن بىر كەمچىلىكنى بايقىسا، ئۇنى تۈزىتىشكە ھەرىكەت قىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

    مۇشۇنداق بولىشى بىلەن تۇرۇقلۇق: مۆمىندىن دىندىكى پەزىلەتلىك ئەمەللەرنى تولۇق ئادا قىلالمىغاندا قايغۇرۇش تەلەپ قېلىنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمان دىنى ئىشلاردا ئۆزىدىن ئۈستۈن بولغان كىشىلەرگە نەزەر سىلىپ، ئاشۇ پەزىلەتلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشچانلىق قىلىشقا بۇيرۇلغان. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «قىزىققۇچىلار شۇنىڭغا قىزىقسۇن» مۆمىن كىشى ئۆز قېرىندىشىنىڭ ياخشىلىقتا ئورتاق بولىشىنى ئۆچ كۆرمەيدۇ، بەلكى ياخشىلىقتا بەسلىشىشنى ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىگە ياخشى كۆرىدۇ ۋە كىشىلەرنى ئۇنىڭغا قىزىقتۇرىدۇ، بۇ ئىمان ئەھلىگە سەمىمى نەسىھەتنى تولۇق ئادا قىلىش ھېسابلىنىدۇ.

پۇزەيل ئىبنى ئىياز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:"سەن كىشىلەرنىڭ ساڭا ئوخشاش بولىشىنى ياقتۇرىدىغان تۇرۇقلۇق، قېرىندىشىڭغا سەمىمى نەسىھەت قىلمىساڭ، ئۇ ۋاقىتتا سەن ئۇلارنىڭ سەندىن تۆۋەن بولىشىنى ياخشى كۆرگەن بولمامسەن؟.

    ئۇلارغا سەمىمى نەسىھەت قىلىش دېگەندىن: ئۇلارنىڭ پەزىلەتتە ئۆزىدىن يۇقىرى بولىشىنى ياقتۇرۇش دېگەننى بىلدۈرىدۇ، بۇ ئالى ئورۇن ۋە نەسىھەتتىكى يۇقىرى مەرتىۋېدۇر، بۇ ۋاجىپ ئەمەس، ھەقىقەتەن شەرىئەتتە بۇيرۇلغان ئىش: ئۆزى بىلەن ئوخشاش بولۇشنى ياخشى كۆرۈشتۇر. شۇنداق بولۇپ تۇرۇغلۇق، ئەگەر بىرەر كىشى دىنى ئەمەللەردە ئۆزىدىن ئېشىپ كەتسە، ئۇنىڭغا يېتىشىۋېلىشكە تىرىشچانلىق قىلىش، ياخشىلىقتا ئىلگىرىلەپ كەتكەنلەردىن كېيىن قالغانلىقى ئۈچۈن كەمچىللىكىگە قايغۇرۇش،  بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارغا ئاتا قىلغان ياخشىلىققا ھەسەت قىلىش ئەمەس بەلكى ئۇنىڭغا قىزىقىش-بەسلىشىشتىن ئىبارەتتۇر. ياخشىلىقتا ئىلگىرىلەپ كەتكەنلەردىن كېيىن قالغانلىقتىن ئىبارەت كەمچىلىكىگە قايغۇرۇپ، بىئارام بولۇشتۇر.

    مۆمىن دائىم ئۆزىنىڭ ئالى دەرىجىلەرگە يېتەلمىگەنلىك كەمچىلىكىنى بىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ، بۇنى تۆۋەندىكى ئىككى ئىش بىلەن ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ: پەزىلەت تەلەپ قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلىش، ئۆزىگە كەمچىلىك نەزىرى بىلەن قاراش.

    بۇنىڭدىن: مۆمىنلەرنىڭ ئۆزىدىن ياخشى بولىشىنى ياقتۇرۇش پەيدا بولىدۇ، چۈنكى ھەقىقى مۆمىن دېگەن: مۆمىنلەرنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش بولۇپ قىلىشىغا رازى بولمايدۇ، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ھالىغىمۇ رازى بولمايدۇ، بەلكى ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلىدۇ. مۇھەممەد ئىبنى ۋاسىئ ئوغلىغا نەسىھەت قىلىپ: "سېنىڭ داداڭغا كەلسەك، ئاللاھ مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا ئۇنىڭغا ئوخشاش كىشىلەرنى كۆپ قىلمىسۇن دېگەن".

ئۆز ھالىدىن رازى بولمىغان كىشى، مۇسۇلمانلارغا سەمىمى بولۇپ تۇرۇقلۇق ئۇلارنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش بولۇپ قىلىشىنى قانداقمۇ ياخشى كۆرىدۇ؟بەلكى ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزىدىن ياخشى بولىشىنى ياقتۇرىدۇ ۋە ئارزۇ قىلىدۇ. ئۆز ھالىنىڭمۇ يەنىمۇ ياخشى بولىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. [ئىبنى رەجەبنىڭ "پەتھۇل بارى" 1-توم 45-بەت].

   305135- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى