دۇشەنبە 28 رامىزان 1442 - 10 ماي 2021
Uygur

غەرب تەرەپكە سەپەر قىلغان كىشى ئۈچۈن ئۆز يۇرتىدىكى ۋاقىتتىن كۈن پېتىش ۋاقتى كېچىكىپ ناماز ۋاقتى بىلەن ئىپتار ۋاقتى كېچىكىپ كەتسە قانداق قىلىدۇ.

سۇئال

بىر كىشى نىجىريەدىن كورىيەگە سەپەر قىلغان بولۇپ، ئۇ كىشى نەجىرىيەدە روزا تۇتۇپ كورىيەدە ئىپتار قىلىمەن دەپ ئويلىغان، ئۇ كىشى پېشىن بىلەن ئەسىرنى ئايروپىلاندىكى باشقا مۇسۇلمانلار بىلەن ئايروپىلاننىڭ ئىچىدە جامائەت بولۇپ ئوقۇپ، شام نامىزىنى كورىيەدە ئوقۇيمەن ۋە ئۇ يەردە ئىپتار قىلىمەن دەپ ئويلىغانتى، لېكىن ئايروپىلاندىن چۈشكەندىن كېيىنكى ئىشلار ئۇنى ھەيران قالدۇردى، كورىيدە سائەت بىر يېرىم بولۇپ پېشىن نامىزىغا ئەزان ئوقۇۋاتاتتى، قۇياش نۇر چېچىپ پارلاپ تۇراتتى، ئۇ كىشى ھەيران بولۇپ نىجىرىيەگە تىلىپۇن قىلسا، ئايالى بىز ئىپتار قىلىپ، تەراۋىھ نامىزىنىمۇ ئوقۇپ ئۇخلاشقا ھازىرلاندۇق، بۇ يەردە ھازىر كەچ سائەت سەككىز بولدى دېدى، ئۇ كىشى كورىيەدىكى كىشىلەر بىلەن پېشىننى ئوقۇپ ئىپتار ۋاقتىغىچە ساقلامدۇ ياكى ئايالى خەۋەر قىلغاندەك شام نامىزىنى ئوقۇپ ئىپتار قىلىۋېرەمدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

قىسقىچە جاۋاپ

بىر كىشى ناماز ۋاقتى بولغاندا نامازنى ئادا قىلغان بولسا، ئاندىن سەپەر قىلغان جايغا يېتىپ بارغاندا ئادا قىلىپ بولغان نامازنىڭ ۋاقتى كىرسۇن ياكى كىرمىسۇن، ئۇ كىشى نامازنى توغرا شەكىلدە ئادا قىلغان بولسا، ئۇنى يەنە قايتىدىن ئوقۇشى كېرەك بولمايدۇ، چۈنكى بىر ناماز بىر كۈندە ئىككى قېتىم تەكرار ئوقۇلمايدۇ، ئەمما روزىغا كەلسەك، ئۇ كىشى روزا تۇتۇپ غەرب تەرەپكە سەپەر قىلغان بولسا، كۈن پاتمىغۇچە ئىپتار قىلمايدۇ، ئۇ كىشى يۇرتىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن كۈن پاتمىغان بولسا، كېيىن يۇرتىدا كۆننىڭ پاتقانلىقى ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

      بىرىنچى: غەرپكە يۈزلىنىپ سەپەر قىلغان كىشى، يۈزلەنگەن جايغا يېتىپ بارغاندا پېشىننىڭ ۋاقتى كىرگەن بولۇپ،  ئۇ كىشى پېشىن نامىزىنى يولدا ئوقۇپ بولغان بولسا، ئۇ كىشىنىڭ پېشىن نامىزىنى قايتىدىن ئوقۇشى كېرەك بولمايدۇ، چۈنكى بىر ناماز بىر كۈندە ئىككى قېتىم تەكرار ئوقۇلمايدۇ، ھەممىگە مەلۇمكى، غەرپكە يۈزلىنىپ سەپەر قىلغاندا، ناماز ۋاقتىنىڭ كېرىشى كېچىكىدۇ. شۇنىڭدەك، ئەسىر نامىزىنىمۇ يولدا ئوقۇپ بولغان بولسا، ئۇ يەرگە مەيلى ئەسىر ۋاقتىدا ياكى پېشىن ۋاقتىدا يېتىپ كەلگەن بولسۇن، ئەسىر نامىزىنىمۇ قايتىدىن ئوقۇمايدۇ.

     بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن22387- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    ئەمما مەسچىتتە بولغان كىشى، نامازغا تەكبىر ئېيتىلغاندا جامائەت بىرلىكتە ناماز ئوقۇيدۇ، جامائەت بىلەن ئوقۇغان ناماز ئۇ كىشى ئۈچۈن نەپلە بولىدۇ. بۇ توغرىدا يەزىيد ئىبنى ئەسۋەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەج قىلغاندا مەنمۇ بىرگە بولغان ئىدىم، بامدات نامىزىنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە مىنادىكى خەيپ مەسچىتىدە ئوقۇدۇم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام نامازنى ئوقۇپ بولغاندا، جامائەتنىڭ ئارقىسىدا ناماز ئوقۇماي تۇرغان ئىككى كىشىنى كۆرۈپ، ئۇ ئىككەيلەننى چاقىرىپ كېلىڭلار دېدى، ئۇلار كەلگەندە بىرئاز تىترەۋاتاتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: «سىلەرنى بىز بىلەن بىرگە ناماز ئوقۇشتىن نېمە چەكلەپ قويدى؟» دېگەن ئىدى، ئۇ ئىككەيلەن: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! بىز چۈشكەن چېدىرىمىزدا ناماز ئوقۇپ كەلگەن ئىدۇق دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۇنداق قىلماڭلار! چۈشكەن جايىڭلاردا نامازنى ئوقۇپ بولۇپ ئاندىن جامائەت ناماز قىلىدىغان مەسچىتكە كەلسەڭلار، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ناماز ئوقۇڭلار، جامائەت بىلەن ئوقۇغان ناماز سىلەر ئۈچۈن نەپلە بولىدۇ،» دېدى. [تىرمىزى219-ھەدىس. نىسائى رىۋايىتى 858-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ "تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا" كەلتۈرگەن].

    ئىككىنچى:  روزىغا كەلسەك، ھەر قانداق جايدا بولسا كۈن پاتمىغۇچە ئىپتار قىلىش توغرا بولمايدۇ، غەرب تەرەپكە يۈزلىنىپ سەپەر قىلغان كىشى مەنزىلىگە يېتىپ كەلگەندە كۈن پاتمىغان بولسا، ۋاقىت ھەر قانچە ئۇزۇن بولۇپ كەتسىمۇ كۈن پاتمىغۇچە ئىپتار قىلىشى توغرا بولمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  ثُمَّ أَتِمُّوا الصِّيَامَ إِلَى اللَّيْلِ  تەرجىمىسى: «ئاندىن كەچ كىرگىچە روزا تۇتۇڭلار. » [سۈرە بەقەرە 187-ئايەت].

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «شەرىق تەرەپتىن كېچە يۈزلەنسە، غەرب تەرەپتىن كۈندۈز ئاخىرلاشسا، قۇياش غايىپ بولسا، روزا تۇتقۇچى ئىپتار قىلىدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى 1954-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1100-ھەدىس].

   يۇقىرىدىكى دەلىللەرگە ئاساسەن: بۇ كىشى، كىشىلەر پېشىن نامىزى ئوقۇۋاتقاندا كورىيەگە يىتىپ كەلگەن بولسا، روزىنى تولۇق ئادا قىلىمەن دېسە، كۈن ئولتۇرۇشنى كۈتىدۇ، نىجىرىيەدە كۈننىڭ ئولتۇرغانلىقى ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ.

   ئەگەر بۇ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش بىلەن كۈندۈز كۈن بەك ئۇزۇراپ كېتىپ، بارغان يېرىدە روزىنى تولۇق ئادا قىلىش قېيىن بولۇپ قالسا، مۇساپىرنىڭ سەپەردە روزا تۇتماسلىقى توغرىسىدىكى رۇخسەتكە تايىنىپ  روزىنى بۇزۇۋېتىپ، رامىزاندىن كېيىن ئورنىغا بىر كۈن قازاسىنى تۇتۇۋالسىمۇ بولىدۇ.

   شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: ئامېرىكا شەھەرلىرىنىڭ بىرىدە ئوقۇيدىغان بىر ئوقۇغۇچى مۇنداق بىر ۋەقەنى بايان قىلىدۇ: ئۇ ئوقۇغۇچى رامىزاندىن بىر كېچىسى زوھۇرلۇقنى يەپ نىيەت قىلىپ  بامداتنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن تۇيۇقسىز باشقا بىر شەھەرگە سەپەر قىلىپ قالدى، ۋاقىت ھېسابى بويىچە بارىدىغان شەھەرگە كۈن ئولتۇرۇش بىلەن بېرىپ بولاتتى، لېكىن ئۇ سائەتكە قارىسا تاڭ يورىغىلى ئون سەككىز سائەت بولۇپتۇ لېكىن ئىپتار قىلىدىغان ۋاقىت بولماپتۇ، ئادەتتىكى كۈنلەردە ئون تۆت سائەت ئەتراپىدا روزا تۇتىدىكەن، ئەمدى بۇ ئوقۇغۇچى ئادەتتىكى ئىپتار ۋاقتىدىن تۆت سائەت ئېشىپ كەتسىمۇ روزىسىنى داۋاملاشتۇرامدۇ ياكى ياكى ئۆزى تۇرىدىغان شەھەردىكى ئىپتار ۋاقتى بولغانلىقى ئۈچۈن ئىپتار قىلىۋېرەمدۇ؟ ئۆزى تۇرىدىغان شەھەرگە قايتقاندا، ئىش تامامەن بۇنىڭ ئەكسى بىلەن بولىدۇ، كۈندۈز بۇ شەھىرىدىكىدىن  تۆت سائەت قىسقا بولىدۇ؟. دەپ سورالغاندا: شەيخ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: ئۇ كىشى كۈن ئولتۇرغۇچە روزىسىنى داۋاملاشتۇرىدۇ، چۈنكى بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «شەرىق تەرەپتىن كېچە يۈزلەنسە، غەرب تەرەپتىن كۈندۈز ئاخىرلاشسا، قۇياش غايىپ بولغاندا روزا تۇتقۇچى ئىپتار قىلىدۇ».

    گەرچە تۆت سائەت زىيادە بولسىمۇ ئۇ كىشى كۇن ئولتۇرغىچە روزا تۇتقان ھالەتتە تۇرۇشى كېرەك، بۇ سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئىككى شەھەرنىڭ مىسالىغا ئوخشايدۇ: بىر كىشى شەرقى رايوندا زوھۇرلۇقنى يەپ بولۇپ، غەربى رايونغا سەپەر قىلغان بولسا، ئىپتار ۋاقتىدا ئىككى رايوننىڭ ئارىسىدا پەرقلەر بولىدۇ، رايوننىڭ ئەھۋالى بويىچە پەرق زىيادە بولىدۇ. ["شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالار مەجمۇئەسى"19-توم 322-بەت].

    دوكتۇر ئابدۇللاھ سەكاكىر"نەۋازىل ئەسسىيام" ناملىق ئەسىرىدە، ئىككىنچى مەسىلە دەپ مۇنداق دېگەن: بىر كىشى ئۆز يۇرتىدىن كۈن ئولتۇرۇشتىن بۇرۇن غەرب تەرەپكە يۈزلىنىپ سەپەرگە چىققان بولسا، ئۇ كىشىگە نىسبەتەن كۈننىڭ ئولتۇرۇش ۋاقتى كېچىكىدۇ، ئۇ كىشىنىڭ يۇرتىدا كەچ سائەت ئالتىدە كۈن ئولتۇرىدىغان بولۇپ، ئۇ كىشى سائەت ئالتىگە ئون مىنۇت قالغاندا ئايرۇپىلانغا چىقىپ غەرپكە قاراپ ئۇچقان بولسا، غەرپكە ئۇچقانسېرى كۈندۈز كۈن ئۇزۇرايدۇ، كۈن كەچ سائەت سەككىزدە پاتىدۇ، ئىككى سائەتتىن ئارتۇق  كۈن پاتمايدۇ، ئۇ كىشى قانداق قىلىشى كېرەك؟.

    بىز ئۇ كىشىگە دەيمىزكى: گەرچە كۈن ئىككى سائەت ياكى تۆت سائەت ياكى بەش-ئالتە سائەت ئۇزىراپ كەتسىمۇ كۈن پاتمىغۇچە ئۇ كىشى ئىپتار قىلمايدۇ، لېكىن خالىسا، مۇساپىرنىڭ ھۆكمىنى تۇتۇپ ئىپتار قىلىدۇ، ياكى روزىسىنى تاماملاشنى مەقسەت قىلسا، كۈن پاتقۇچە كۈتىدۇ، چۈنكى قۇرئان كەرىمدە ئىپتار قىلىدىغان ۋاقىتنى بەلگىلەپ ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:  ثُمَّ أَتِمُّوا الصِّيَامَ إِلَى اللَّيْلِ   تەرجىمىسى: «ئاندىن كەچ كىرگىچە روزا تۇتۇڭلار.» [سۈرە بەقەرە 187-ئايەت].

    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «شەرىق تەرەپتىن كېچە يۈزلەنسە، غەرب تەرەپتىن كۈندۈز ئاخىرلاشسا، قۇياش غايىپ بولسا، روزا تۇتقۇچى ئىپتار قىلىدۇ».

    كۈن پاتمايدىكەن ئۇ كىشىگە نىسبەتەن كۈن ئاخىرلاشقان بولمايدۇ، ئۇ ۋاقىتتا ئۇ كىشىگە، كۈتۈپ تۇرۇپ كۈن پاتقۇچە روزىسىنى داۋاملاشتۇرۇش ياكى مۇساپىرنىڭ ھۆكمىنى تۇتۇپ سەپەر رۇخسىتى بىلەن ئىپتار قىلىپ، رامىزاندىن كېيىن ئۇ بىر كۈننىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولىدۇ.

    سۆزىمىزنىڭ خۇلاسىسى:

   1-بىر كىشى ناماز ۋاقتى بولغاندا نامازنى ئادا قىلغان بولسا، ئاندىن سەپەر قىلغان جايغا يېتىپ بارغاندا ئادا قىلىپ بولغان نامازنىڭ ۋاقتى كىرسۇن ياكى كىرمىسۇن، ئۇ كىشى نامازنى توغرا شەكىلدە ئادا قىلغان بولسا، ئۇنى يەنە قايتىدىن ئوقۇشى كېرەك بولمايدۇ، چۈنكى بىر ناماز بىر كۈندە ئىككى قېتىم تەكرار ئوقۇلمايدۇ.

    2- روزا تۇتۇپ غەرب تەرەپكە سەپەر قىلغان كىشى كۈن پاتمىغۇچە ئىپتار قىلمايدۇ، ئۇ كىشى يۇرتىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن كۈن پاتمىغان بولسا، كېيىن يۇرتىدا كۆننىڭ  پاتقانلىقى ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى