سەيشەنبە 7 شەۋۋال 1445 - 16 ئاپرىل 2024
Uygur

دائىملىق سۈننەت نامازلارنىڭ خىسلىتى ۋە ۋاقتى

33779

تارقاتقان ۋاقىت : 15-02-2007

كۆرگۈچىلەر : 10605

سۇئال

ئالدى سۈننەتلەرنى ناماز ۋاقتى كىرىشتىن بۇرۇن ئوقۇيمىزمۇ ياكى نامازغا ئىقامەت قويۇشتىن بۇرۇن ؟ ئەگەر ۋاقتى كىرىشتىن بۇرۇن بولسا ، ئۇنداقتا قانچە سائەت بۇرۇن ئوقۇسام بولىدۇ ؟ مەسىلەن ، ئەسىرنىڭ 4 رەكەت ئالدى سۈننىتىنى 3 سائەت بۇرۇن ئوقۇسام بولامدۇ ؟ ياكى ئەسىر ۋاقتى كىرگىچە ساقلاپ ، ئاندىن سۈننەتنى ئاندىن پەرىزنى ئوقۇيمەنمۇ ؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن.
دائىملىق سۈننەت ( سۈننەتى راتىبە) ئىككىگە بۆلىنىدۇ :
ئالدى سۈننەتلەر : يەنى ، بامداتنىڭ ئالدىدىكى ئىككى رەكەت ، ۋە پېشىنىڭ ئالدىدىكى تۆت رەكەت .
ۋە كەينى سۈننەتلەر : يەنى ، پېشىننىڭ كەينىدىكى ئىككى رەكەت ، شامنىڭ كەينىدىكى ئىككى رەكەت ۋە خۇپتەننىڭ كەينىدىكى ئىككى ركەت .
ئۇنىڭ خىسلىتى ھەققىدە پەيغەمبەرنىڭ ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) مۇنۇ سۆزى بار : كىمكى بىر كېچە-كۈندۈزدە 12 رەكەت ناماز ئوقۇسا ، ئۇنىڭغا جەننەتتە ئۆي سىلىنىدۇ ، پېشىننىڭ ئالدىدا تۆت ، كەينىدە ئىككى رەكەت ، شامنىڭ كەينىدە ئىككى رەكەت ، پېشىننىڭ كەينىدە ئىككى رەكەت ۋە بامداتنىڭ ئالدىدا ئىككى رەكەت .
[ ئۇنى تىرمىزىي نەقىل قىلغان ، 380 . ئەلبانىي ئۇنى سەھىيھ جامىئېدا سەھىيھ دەپ تۈرگە ئايرىغان ، 6362 ]
ئىبنۇ قۇددامە( ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم-شەپقەت قىلسۇن) مۇنداق دىگەن : " بارلىق نامازنىڭ ئالدىدىكى سۈننەتنىڭ ۋاقتى بولسا ئۇ نامازنىڭ ۋاقتى كىرگەندىن تارتىپ ، ئۇ ناماز ئوقۇلغۇچە . بارلىق ئۇنىڭ كەينىدىكى سۈننەتنىڭ ۋاقتى بولسا ئۇ ناماز ئوقۇلغاندىن باشلاپ ، ئۇنىڭ ۋاقتى چىقىپ كەتكۈچە ."
[المغني (2/544) ]
بۇنىڭغا بىنائەن ،ئالدى سۈننەتنى ناماز ۋاقتى كىرىشتىن بۇرۇن ئوقۇش توغرا ئەمەس ، بەلكى ۋاقىت كىرگىچە ساقلاپ ئاندىن ئوقۇلىدۇ .
يەنە 1048- ، 4057- سۇئاللارغا قاراڭ .
ھەمدە ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ .

- سۇئال : ھاياتتىن بىزار بولۇش
س : مەن بولسام بىر ياش . بۇ پانىي دۇنيادىكى ھاياتتىن بىزار بولدۇم . مەن ئاللىقاچان ئۇنىڭدىن زېرىكىش ۋە بىزار بولۇشقا باشلىغانىدىم . ياردەم قىلالايدىغان بىرسى بارمۇ ؟ ئاللاھتىن بۆلەك ياردەم قىلالايدىغان ھىچكىم يوق . !
ج :
مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن .
بۇ دۇنيادىن يىرگىنىشكە نۇرغۇن سەۋەپلەر بار . بەزى كىشىلەر ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىكى مۇكاپاتقا قىزىقىپ ، ھەمدە ئاللاھ بىلەن ئۇچرىشىشقا ئىشتىياق باغلاپ بۇ پانىي دۇنيانى ئۆچ كۆرىدۇ. شۇڭا بىر قىسىم پېشقەدەملەر : " مۇئىمىننىڭ سوۋغىسى – ئۆلۈم ." دىگەن . چۈنكى ئۇ بۇدۇنيانى ياقتۇرمايدۇ ھەمدە ئۇنىڭ قەلبى ئاخىرەتكە باغلانغان . ھەمدە ئۇ بۇدۇنيانى ياقتۇرمىسىمۇ ، ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ھەققىنى ۋە ئۇنىڭ بەندىلىرىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىدۇ . ھەمدە ئۇ ئاللاھنىڭ مۇنۇ سۆزىگە ئاساسەن، كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياخشىلىققا تېرىشىدۇ : ﺳﻪﻥ ﺋﯚﺯﻩﯕﮕﻪ ﺋﯚﻟﯜﻡ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﮕﻪ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﻪﺟﯩﻠﯩﯔ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﮕﻪ) ﻗﻪﺩﻩﺭ ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﯖﻐﺎ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﯩﻦ [ ھىجىر : 99 ]
ۋ بەزى كىشىلەر بار ، ئۇلار بۇدۇنيانى ياقتۇرمايدۇ ، لىكىن ئاخىرەت ئۈچۈن ئەمەس ،بەلكى ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇنىڭدىكى نىسىۋىسىنىڭ ئازلىقىنى ، ھەمدە باشقىلارنىڭ ئۇنىڭدىن ياخشىلىقىنى كۆرگەنلىكتىن . شەكسىزكى ، بۇ بولسا ئاللاھنىڭ خاھىشى ۋە تەقدىرىدىن رازى بولماسلىق ، چۈنكى ئاللاھ بولسا نىېمەتلەرنى بەرگۈچى ۋە رىزىقلارنى تەقسىملىگۈچى ، خۇددى ئۇ دىگەندەك :
ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺍﻟﻠﻪ ﺑﻪﻧﺪﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺭﯨﺰﻗﯩﻨﻰ ﻛﻪﯓ ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﺋﯘﻻﺭ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺯﯦﻤﯩﻨﺪﺍ ﭘﯩﺘﻨﻪ- ﭘﺎﺳﺎﺕ ﺗﯧﺮﯨﻴﺘﺘﻰ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺍﻟﻠﻪ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﺋﯚﻟﭽﻪﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯜﺷﯜﺭﯨﺪﯗ، ﺍﻟﻠﻪ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺑﻪﻧﺪﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ (ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﯩﺪﯨﻦ) ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺧﻪﯞﻩﺭﺩﺍﺭﺩﯗﺭ، (ﺋﯘﻧﻰ) ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﺪﯗﺭ .
[ شۇرا( كىڭېشىش) : 27 ]
بەزى كىشىلەر بولسا ئۇنىڭدانۇرغۇن سىناقلارغا ، بالايى-ئاپەتلەرگە،ۋە جاپا-مۇشەققەتلەرگە دۇچ كەلگەنلىكتىن بۇ دۇنيانى ياقتۇرمايدۇ . شەكسىزكى ، بۇ كىشىلەر بۇ دۇنيانىڭ ھەقىيقىتىنى تونۇمىغانلار . بۇ دۇنيا بولسا ئىشلەش ۋە سىناش دۇنياسى ، جاپا ۋە ھارغىنلىق دۇنياسى ، بولۇپمۇ توغرا يولۇق مۇئىمىنگە نىسبەتەن . چۈنكى ئۇ ئۇ سەۋەپلىك ئاللاھ ئۇنىڭ خاتالىقلىرىنى ئۆچۈرۋىتىدىغان ، ئۇنىڭ ئورنىنى كۆتۈرىدىغان تۈرلۈك سىناقلارغا دۇچ كىلىدۇ . ئاللاھ مۇنداق دىگەن :
ﺑﯩﺰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﻰ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺟﺎﭘﺎ- ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﺭﺍﺗﺘﯘﻕ
[ بەلەد( شەھەر) : 4 ]
« ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﺘﯘﻕ ﺩﻩﭖ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﺳﯩﻨﺎﻟﻤﺎﻱ ﺗﻪﺭﻙ ﺋﯧﺘﯩﻠﯩﻤﯩﺰ، ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻼﻣﺪﯗ؟ (2). ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﺰ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺳﯩﻨﯩﺪﯗﻕ، ﺍﻟﻠﻪ (ﺋﯩﻤﺎﻧﯩﺪﺍ) ﺭﺍﺳﺘﭽﯩﻠﻼﺭﻧﻰ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ، (ﺋﯩﻤﺎﻧﯩﺪﺍ) ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﭽﯩﻼﺭﻧﯩﻤﯘ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ .»
[ ئەنكەبۇت( ئۆمۈچۈك) : 2-3 ]
ﺍﻟﻠﻪ ﻳﺎﻣﺎﻧﻨﻰ (ﻳﻪﻧﻰ ﻣﯘﻧﺎﭘﯩﻘﻨﻰ) ﻳﺎﺧﺸﯩﺪﯨﻦ (ﻳﻪﻧﻰ ﻣﯚﻣﯩﻨﺪﯨﻦ) ﺋﺎﻳﺮﯨﻤﯩﻐﯩﭽﻪ ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭﻧﻰ (ﻳﻪﻧﻰ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ) ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﭘﯩﺘﯩﯖﻼﺭﭼﻪ ﻗﻮﻳﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺍﻟﻠﻪ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻏﻪﻳﺒﺪﯨﻨﻤﯘ ﺧﻪﯞﻩﺭﺩﺍﺭ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ ﯞﻩ ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺍﻟﻠﻪ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺧﺎﻟﯩﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﺗﺎﻟﻼﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ (ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻐﺎ ﻣﯘﻧﺎﭘﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﺎﻟﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﮔﻪﻧﺪﻩﻙ) ﻏﻪﻳﺒﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﺪﯗ؛ ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﯩﯖﻼﺭ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﺴﺎﯕﻼﺭ ﯞﻩ (ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﯖﻼﺭﺩﯨﻦ) ﻗﻮﺭﻗﺴﺎﯕﻼﺭ، ﭼﻮﯓ ﺳﺎﯞﺍﺑﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺴﯩﻠﻪﺭ . [ ئال ئىمران( ئىمران ئائىلىسى ) : 179 ]
« ﺑﯩﺰ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮﺋﺎﺯ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭻ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﺑﯩﺮﺋﺎﺯ ﻗﻪﮬﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯞﻩ ﻣﺎﻟﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻏﺎ، ﺟﺎﻧﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻏﺎ، ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻏﺎ، ﺯﯨﺮﺍﺋﻪﺗﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻏﺎ ﻳﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺳﯩﻨﺎﻳﻤﯩﺰ. (ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻣﯘﺳﯩﺒﻪﺕ، ﺯﯨﻴﺎﻥ-ﺯﻩﺧﻤﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ) ﺳﻪﯞﯨﺮ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻏﺎ (ﺟﻪﻧﻨﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ) ﺧﯘﺵ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺑﻪﺭﮔﯩﻦ (155). ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻣﯘﺳﯩﺒﻪﺕ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ، ﺋﯘﻻﺭ: ﺑﯩﺰ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺋﯩﮕﯩﺪﺍﺭﭼﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻤﯩﺰ (ﻳﻪﻧﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺑﻪﻧﺪﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ )، ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺩﻩﺭﮔﺎﮬﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﻤﯩﺰ ﺩﻩﻳﺪﯗ. » [ بەقەرە( ئىنەك) : 154-156 ]
ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم. . .سىز يۇقۇرقى تۈردىكىلەرنىڭ قايسىسى ؟ ؟!!!
سۆيۈملۈك قېرىندىشىم پەيغەمبەرنىڭ ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) قانچىلىك سىنالغانلىقىنى ئەسكە ئىلىڭ ، خەلقى ئۇنىڭغا دۈشمەنلىك پوزىتسىيسىدە بولدى ، ھەمدە ئۇنىڭغا ئەڭ يېقىن كىشىلەر ئۇنىڭغا قارشى تۇردى . بەزى كىشىلەر ئۇنى تىللىدى ، ۋە بەزىلىرى ئۇنىڭغا ئازار يەتكۈزدى . ئۇ ئۆيىدىن قوغلاندى ھەمدە قاتتىق يىتىم قالدۇرۇلدى . كاپىرلار ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە توپلاندى ، ھەمدە ئۇنىڭ ئايالى خەدىيجە ( ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) ئەڭ قېيىن كۈنلەردە ۋاپات بولدى . ھەمدە ئۇ بىر ياكى ئىككى ئاينى سۇ ۋە خورمىدىن باشقا ھىچنىمە يىمەي ئۆتكۈزەتتى . مانا مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى گەرچە ئۇ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ، ھەمدە ئۇنىڭ ئەلچىسى ، ئاللاھ ۋەھىيسىنى ئامانەت قىلىپ ئالغۇچى بولسىمۇ يۈز بەردى !! مانا مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى گەرچە ئۇ مەدھىيلىك ئورۇننىڭ ھەمدە ئۇنىڭ ئۈممىتى توپلىشىدىغان كۆلنىڭ ساھىبى بولسىمۇ يۈز بەردى!! مانا مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى گەرچە ئۇنىڭ ئىلگىركى ۋە كەلگۈزىدىكى گۇناھلىرى كەچۈرۋىتىلگەن بولسىمۇ يۈز بەردى .
بىزدەك گۇناھكار ، ئاسىي ۋە چولتا قىلغۇچىلارغا قانداق بولماقچى ؟ ؟؟
ئى ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم ، سىزگە تۆۋەندىكىلەرنى نەسىھەت قىلىمەن :
1- ئاللاھقا كۆپ دۇئا قىلىڭ ۋە ئۇنىڭغا ناماز ، زاكات ، روزا ۋە باشقا تۈرلۈك ئىبادەتلەر بىلەن يېقىنلىشىڭ ، ھەمدە ئاللاھتىن قەلبىڭىزدىكى نىمىنى يوقىتىۋىتىشىنى ھەمدە سىزگە خاتىرجەملىك بىرىشنى تىلەڭ . ئاللاھ مۇنداق دىگەن : ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﻼﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻠﻠﯩﺮﻯ ﺍﻟﻠﻪﻧﻰ ﻳﺎﺩ ﺋﯧﺘﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺭﺍﻡ ﺗﺎﭘﯩﺪﯗ، ﺑﯩﻠﯩﯖﻼﺭﻛﻰ، ﺩﯨﻠﻼﺭ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﻰ ﻳﺎﺩ ﺋﯧﺘﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺭﺍﻡ ﺗﺎﭘﯩﺪﯗ . [ رەئېد : 28 ] ، ﺗﻪﻗﯟﺍﺩﺍﺭ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﯞﻩﺳﯟﻩﺳﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﺴﺎ، ﺍﻟﻠﻪ ﻧﻰ ﺋﻪﺳﻠﻪﻳﺪﯗ- ﺩﻩ، ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﯞﯦﻠﯩﭗ، (ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﯞﻩﺳﯟﻩﺳﯩﺴﯩﺪﯨﻦ) ﺧﺎﻻﺱ ﺗﺎﭘﯩﺪﯗ . [ ئەئېراف( ئىگىزلىك ) : 201 ]
2- بىلىڭكى ، ئاللاھنىڭ مۇئىمىن بەندىسىگە ئورۇنلاشتۇرغانلىرىنىڭ ھەممىسى ياخشى . مەيلى سىزنىڭ ھاياتىڭىز قانچىلىك قېيىن بولۇپ بولۇپ كەتسۇن ، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە ئاللاھقا مەنسۇپ . شۇڭا ئاللاھ بىلەن ئۆزىڭىز ئوتتۇرسىدىكى نىمىلەرنى ئىسلاھ قىلىڭ ، ھەمدە ئاللاھ سىزنى كىشىلەرگە ھەر قانداق ھاجەتتە بولۇشتىن بىھاجەت قىلىدۇ .
3- سىزنىڭ جاپا-مۇشەققىتىڭىز ۋە ھېرىپ-چارچاشلىرىڭىز سىز ئۆتكۈزۈپ قويغان ھەمدە ئۇنىڭغا ئېرىشەلمىگەن مەلۇم نەرسە سەۋەبىدىن بولىدۇ . ئۇ چاغدا سىز كىشىنىڭ مەلۇم نەرسىنى ئۆزىنىڭ ھالاكىتىنىڭ ئۇنىڭدا ئىكەنلىكىنى بىلمەي قانچىلىك قوغلىشىدىغانلىقىنى بىلىشىڭىز ، ھەمدە كىشىنىڭ ئۇ ئېرىشمەكچى بولغان مەلۇم نەرسىنىڭ ئۆتۈپ كەتكىنىگە قانچىلىك قايغۇرىدىغانلىقىنى ، ھەمدە ئۇنىڭ ناۋادا ئۇنىڭغا ئېرىشىپ قالسا دىنىنى ۋە دۇنيالىقىنى يوقۇتۇپ قويىدىغانلىقىنى بىلىشىڭىز كىرەك . شۇڭا ئاللاھنىڭ خاھىشى ۋە تەقدىرىگە رازى بولۇڭ ، ئاللاھتىن ياردەم سوراڭ ھەمدە بىچارىلىك ھىس قىلماڭ .
4- قەلبىڭىز ۋە كاللىڭىزنى تەكشۈرۈڭ ، ھەمدە ئاللاھ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىزنى تەكشۈرۈڭ ، چۈنكى كىشى قىلغان گۇناھلىرى سەۋەپلىك رىزىقتىن مەھرۇم قىلىنىدۇ .
5- سىزدە مەلۇم شەخسىي ياكى ئائىلە مەسىلىلىرى بار ؛ بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ يولى بولسا مۇھىملىرىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش ، ئاللاھنىڭ ياردىمىنى ئىزدەش ئاندىن بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا تەجىربىلىك كىشىلەرنىڭ ياردىمىنى سوراش ھەمدە بۇ ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش .
6- بىلىڭكى ، بارلىق كىشىلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ قاتتىق سىنالغۇچىلار بولسا پەيغەمبەرلەر ، ئاندىن قالسا كىيىنكى ياخشىلىرى ۋە كىيىنكى ياخشىلىرى . مۇسنەدتە ئىسپاتلاندىكى ، مۇسئەب بىن سەئېد دادىسىدىن نەقىل قىلدىكى ، ئۇ مۇنداق دىگەن : " مەن : ئى ئاللاھ ئەلچىسى ، كىشىلەرنىڭ ئىچىدە قايسىلار ئەڭ قاتتىق سىنىلىدۇ ؟ دىدىم . ئۇ : پەيغەمبەرلەر ، ئاندىن قالسا توغرا يوللۇق كىشىلەر ، ئاندىن قالسا كىيىنكى ياخشىلىرى ، ئاندىن قالسا كىشىلەرنىڭ كىيىنكى ياخشىلىرى . بىر كىشى ئۆزىنىڭ دىنىي سەۋىيسىگە قاراپ سىناققا ئۇچرايدۇ . ئەگەر ئۇنىڭ دىنىدا قاتتىقلىق بولسا ، ئۇنى سىناش كۈچەيتىلىدۇ ، ھەمدە ئەگەر ئۇنىڭ دىنىدا ئاجىزلىق بولسا ، ئۇنىڭدىن يەڭگىللىتىلىدۇ . ھەمدە بەندىنى سىناش تاكى ئۇ زېمىن يۈزىدە ماڭىدىكەن ئۇنىڭدا گۇناھ بولمىسىمۇ داۋاملاشتۇرلىدۇ . [ مۇسنەد ئىمام ئەھمەد ، 1481 . پېشىۋا شۇئەيىب ئەرنائۇت : ئۇنىڭ ئىسنادى ياخشى ، دىگەن . ھەمدە ئەلبانىي سەھىيھ جامىئېدا سەھىيھ دەپ تۈرگە ئايرىغان ، 992 ]
7- كەچۈرۈم سوراش ۋە ئىبادەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ ، چۈنكى بۇ سىز ئۈچۈن دۇنيانىڭ بارلىق نىسىۋىلىرىدىن ياخشى ، مەيلى ئۇلار قانچىلىك چوڭ ۋە كۆپ بولىشىدىن قەتئىي نەزەر . ھەمدە بۇ سىزنىڭ غەم-ئەندىشىلىرىڭىزنى يەڭگىللىتىدۇ . بىر قىسىم نەقىللەردە كەلدىكى ، كىمكى كەچۈرۈم سوراشنى داۋاملاشتۇرىدىكەن ، ئاللاھ ئۇنىڭغا ھەر قانداق غەم-قايغۇدىن ۋە قېيىنچىلىقتىن چىقىش يولى بىرىدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا ئۇ ئويلاپ باقمىغان مەنبەلەردىن رىزىق بىرىدۇ .
شۇڭا ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ ، ھەمدە ئاللاھنىڭ سۆزلىرى بويىچە ئىش قىلىڭ :
ﺳﻪﻥ ﺋﯚﺯﻩﯕﮕﻪ ﺋﯚﻟﯜﻡ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﮕﻪ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﻪﺟﯩﻠﯩﯔ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﮕﻪ) ﻗﻪﺩﻩﺭ ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﯖﻐﺎ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﯩﻦ [ ھىجىر : 99 ]
ﺑﯩﺰ (ﻛﯘﻓﻔﺎﺭﻻﺭﺩﯨﻦ) ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﻧﻰ ﺑﻪﻫﺮﯨﻤﻪﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺯﯨﺒﯘ- ﺯﯨﻨﻨﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻛﯚﺯ ﺳﺎﻟﻤﯩﻐﯩﻦ،ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺳﯩﻨﺎﻳﻤﯩﺰ، ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﯖﻨﯩﯔ ﺭﯨﺰﻗﻰ (ﻳﻪﻧﻰ ﺳﺎﯞﺍﺑﻰ ﺑﯘ ﭘﺎﻧﯩﻲ ﻧﯧﻤﻪﺗﺘﯩﻦ) ﻳﺎﺧﺸﯩﺪﯗﺭ ﯞﻩ ﺋﻪﯓ ﺑﺎﻗﯩﺪﯗﺭ
[ تاھا : 131 ]
ھەمدە ئاللاھ بىزنى ۋە سىزنى سۆز ۋە ئىشنىڭ توغرىسىغا مۇۋەپپەق قىلسۇن . ھەمدە ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ .
بۇ تور پونكىتىنىڭ كىتابلار بۆلۈمىدىكى غەم-ئەندىشىلەرنى داۋالاش قا قاراڭ .

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى