دۇشەنبە 28 رامىزان 1442 - 10 ماي 2021
Uygur

ئىمام ۋېتىر نامىزى ئوقۇمىسا، جامائەتمۇ ئىمام بىلەن بىرگە چىقىپ كەتسە، ئۇلارغا كېچىلىك نامازنىڭ ساۋابى بولامدۇ؟

سۇئال

   بۇ يىل بىز كورۇنا كېسىلى سەۋەبىدىن مەسچىتتە ناماز ئوقۇشتىن چەكلەندۇق، مەن بىرقانچە دوستلىرىم بىلەن بىرگە تەراۋىھ نامىزى ئوقۇش ئۈچۈن توپلاندۇق، بىز تەراۋىھ نامىزىنى جامائەت بولۇپ بىرگە ئوقۇيدىغان، ۋىتىر نامىزىنى ئۆيىمىزگە قايتىپ ئائىلىمىزدىكىلەر بىلەن بىرگە ئوقۇيدىغانغا كېلىشتۇق، بىر ئۇستاز كېلىپ بىزگە: بىز چوقۇم ۋىتىر نامىزىنىمۇ بىرگە ئوقۇشىمىز كېرەك، بىز كېچىدە قىيامدا تۇرغاننىڭ ئەجىر-ساۋابىغا ئېرىشىشىمىز ئۈچۈن سۈننەت بويىچە ناماز ئوقۇشىمىز كېرەك دەپ بىزگە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئىمام بىلەن بىرگە ناماز ئوقۇپ قايتقان كىشىگە كېچىدە قىيامدا تۇرغاننىڭ ئەجىر-ساۋابى يېزىلىدۇ» دېگەن ھەدىسنى بايان قىلدى، بىز ئەسلىدە ھەر بىرىمىز ئىمام بولۇپ ئىككى  رەكەتتىن ناماز ئوقۇپ قايتماقچى ئىدۇق، ئۇستاز بىزگە: ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رامىزاندا كىشىلەرنى توپلاپ كېچىلىك ناماز قىلغاندا، ئون بىر رەكەتتىن ناماز ئوقۇغان، بىزمۇ شۇنداق قىلىشىمىز كېرەك دېدى، بىز ئۇنىڭغا: قالغان نامازنى ئۆيگە قايتىپ تولۇقلايمىز دېدۇق، ئۇ بىزگە: ۋىتىر نامىزى ئوقۇڭلار، ناماز ئاخىرلاشقاندا، ۋىتىرنى بۇزۇپ جۈپ قىلىۋېتىڭلار، ئاندىن ئۆيگە ئائىلەڭدىكىلەر بىلەن ناماز ئوقۇڭلار، كېچىنىڭ ئاخىرىدا ۋىتىر ئوقۇڭلار دېدى، بىز شۇنداق قىلدۇق، ئوقۇغان ۋىتىرنى بۇزۇپ، ئۇنى كېچىنىڭ ئاخىرىدا ئوقۇشقا ئىتتىپاققا كەلدۇق، بۇنداق قىلىش سۈننەتكە خىلاپمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: ئىمام تەراۋىھ نامىزىنى جامائەت بىلەن ئوقۇپ، ۋىتىر ئوقۇماي، ۋىتىرنى ھەر كىشى ئۆيىدە كېچىنىڭ ئاخىرىدا ئوقۇسا بولىدۇ، ئۇلارنىڭ تۆۋەندە بايان قىلىنىدىغان ھەدىستە سۆزلەنگەن ئەجىر-ساۋاپقا ئېرىشىشى ئۈمىت قىلىنىدۇ.

    ئەبى زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن رامىزان ئېيىدا روزا تۇتتۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رامزان ئېيى چىقىپ كېتىشكە ئاز قالغانغا قەدەر بىز بىلەن بىرگە كېچىلىك ناماز ئوقۇمىدى، رامىزان چىقىپ كېتىشكە يەتتە كۈن قالغاندا كېچىدە چىقتى،  كېچىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى ئاخىرلاشقىچە بىز بىلەن ناماز ئوقۇدى، ئالتە كۈن قالغان كېچىسى چىقمىدى، بەش كۈن قالغان كېچىسى چىقىپ، كېچىنىڭ يېرىمى ئاخىرلاشقىچە بىز بىلەن بىرگە ناماز ئوقۇدى، بىز: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مۇشۇ كېچىنىڭ ھەممىسىدە بىزگە نەپلە ناماز ئوقۇپ بەرگەن بولسىلا دېدۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئىمامغا ئەگىشىپ ناماز ئوقۇغان كىشى نامازدىن ئىمام بىلەن بىرگە يانسا، ئۇ كىشىگە كېچىدە قىيامدا تۇرغاننىڭ ئەجىر-ساۋابى يېزىلىدۇ» دېدى. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانىي رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ، "تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا" كەلتۈرگەن.

    ھەر قانداق كىشى نامازنى ئىمامغا ئەگىشىپ باشلاپ ئىمام بىلەن بىرگە يانسا، ۋىتىر نامىزى بولسۇن ياكى تەراۋىھ نامىزى بولسۇن ياكى خۇپتەن نامىزى بولسۇن ئوخشاش، ھەدىستە بايان قىلىنغان ئەجىر-ساۋاپقا ئېرىشىدۇ.

    شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھدىن: بىر كىشى ئىمام بىلەن بىرگە تەراۋىھ نامىزى ئوقۇپ، كېچىلىك تەھەججۈت نامىزىنى بىرگە ئوقۇمىغان بولسا، ئۇ كىشىگە تولۇق بىر كېچە قىيامدا تۇرغاننىڭ ئەجىر-ساۋابى يېزىلامدۇ؟دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "ئىمام بىلەن بىرگە ناماز ئوقۇپ قايتقان كىشىگە ئاللاھ تائالا كېچىدە قىيامدا تۇرغاننىڭ ئەجىر-ساۋابىنى يازىدۇ، ئىمام كېچىنىڭ ئەۋۋىلىدە جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇپ، ۋىتىرنىمۇ بىرگە ئوقۇغان بولسا، ئۇ كىشىگە كېچىدە قىيامدا تۇرغاننىڭ ئەجىر-ساۋابى بولىدۇ، يەنە كېچىنىڭ ئاخىرىدا ناماز ئوقۇيدىغانلار بىلەنمۇ بىرگە ناماز ئوقۇغان بولسا بولىدۇ، لېكىن بىر كېچىدە ئىككى قېتىم ۋىتىر ئوقۇمايدۇ، كېچىنىڭ ئەۋۋىلىدە ۋىتىر ئوقۇغان بولسا، كېچىنىڭ ئاخىرىدا ناماز ئوقۇغاندا ۋىتىر ئوقۇمايدۇ، تاڭ يورۇغىچە قانچىلىك ناماز ئوقۇسا بولىدۇ، ئەگەر كېچىنىڭ ئاخىرىدا جامائەت بولۇپ ئوقۇغانلار بىلەن ۋىتىر ئوقۇپ قالسا، ئۇنىڭغا بىر رەكەت قېتىپ ئوقۇپ جۈپ قىلىۋېتىدۇ. چۈنكى بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىر كېچىدە ئىككى قېتىم ۋىتىر ئوقۇلمايدۇ»، ئەگەر ھەرەمدە ياكى باشقا مەسچىتلەردە تەراۋىھ نامىزى ئوقۇپ ۋىتىر ئوقۇمىغان بولسا ياخشى، ئەگەر ۋىتىر ئوقۇغان بولسا، كېيىن كېچىدە ناماز ئوقۇغاندا ۋىتىر ئوقۇمايدۇ، ئەگەر ۋىتىر ئوقۇپ قالسا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «بىر كېچىدە ئىككى قېتىم ۋىتىر ئوقۇلمايدۇ» دېگەن ھەدىس بويىچە، ئۇنىڭغا بىر رەكەت قېتىپ ئوقۇپ جۈپ قىلىۋېتىدۇ". ["نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋالىرى" 9-توم 460-بەت].

   ھەدىستە ۋىتىر نامىزىنى ئىمام بىلەن بىرگە ئوقۇسا ئارتۇق ساۋاپ بولىدۇ دەپ بايان قىلىنمىغان. بەزى ساھابىلارنىڭ قىلغان ئىشلىرى بولسا ئۇلاردىن سادىر بولغان ئەمەل ۋاقىئە  بولۇپ، ئۇ مۇتلەق كەلگەن ھەدىسكە قەيد بولمايدۇ.

شۇنىڭدەك، ئەڭ ياخشىسى ئىمام ۋىتىر نامىزىنى ئوقۇشى كېرەك، پەقەت كېچىنىڭ ئاخىرىدا يەنە جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇماقچى بولسا، ئۇ ۋاقىتتا ۋىتىرنى كېيىن ئوقۇسا بولىدۇ.

ئەۋزەللىك تەرىپىگە كەلسەك، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلار بىلەن ناماز ئوقۇغاندا شۇنداق قىلغان، ئۇنىڭدىن كېيىن كېچىلىك ناماز ئوقۇغاندا شۇنداق قىلغان.

    مۇھەممەد بىن نەسرۇل مىرۋەزىي"كېچىدە قىيامدا تۇرۇش" ناملىق ئەسىرى 217-بەتتە مۇنداق بايان قىلغان: "جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رامىزاندىن بىر كېچىسى سەككىز رەكەت ناماز ئوقۇدى ۋە ۋىتىر ئوقۇدى، بىز كېيىنكى كېچىدە مەسچىتكە توپلىشىپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ چىقىپ ناماز ئوقۇپ بېرىشىنى ئارزۇ قىلىپ تۇردۇق، تاڭ يورۇغىچە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام چىقمىدى، بامداتنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن بىزگە «مېنىڭ كېچىدىن چىقماسلىقىم، ۋىتىر نامىزىنىڭ سىلەرگە پەرىز بولۇپ قىلىشىدىن ئەنسىرگەنلىكتىن،» دېدى.

    سائىب ئىبنى يەزىيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: "ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۈبەي ئىبنى كەئەب ۋە تەمىم ئەددارىي ئىككەيلەننى جامائەتكە ئىمام بولۇپ ئون بىر رەكەت ناماز ئوقۇپ بېرىشكە بۇيرىدى، ئىمام ئىككى يۈز ئايەتلىك ئۇزۇن سۈرىلەرنى ئوقۇيتتى، ھەتتا بىز قىيامدا ئۇزۇن تۇرغانلىقتىن ھاسىمىزغا تايىنىۋالاتتۇق، بىز تاڭ يورۇشقا ئاز قالغاندا نامازدىن ياناتتۇق". ئىمام مالىك "ئەل مۇئەتتا"دا رىۋايەت قىلغان 4-ھەدىس.

    ياخشىسى ئىمام ۋىتىر ئوقۇيدۇ، جامائەتلەردىن خالىغانلىرى ئۇنىڭغا بىر رەكەت قېتىپ جۇپ قىلىپ ئوقۇسۇن، ئىمام كېچىنىڭ ئاخىرىدا يەنە ناماز ئوقۇماقچى بولسا، ۋىتىر ئوقۇماي ناماز ئوقۇسۇن.

    "كەشاپۇل قىنائ" ناملىق ئەسەر 1-توم 427-بەتتە مۇنداق دېگەن: "كېچىدە تەھەججۇت ئوقۇيدىغان كىشى  ۋىتىر نامىزىدا ئىمامغا ئەگىشىشنى ياخشى كۆرسە، ئىمام بىلەن بىرگە ۋىتىر ئوقۇپ، ئىمام سالام بەرگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ ۋىتىرغا بىر رەكەت قېتىپ ئىككى رەكئەت قىلسۇن، ئاندىن كېچىدە تەھەججۈت نامىزى ئوقۇغاندا، ۋىتىرنى ئوقۇسۇن، شۇنىڭ بىلەن ئىمام بىلەن بىرگە ناماز ئوقۇغاننىڭ پەزىلىتى ۋە كېچىنىڭ ئاخىرىدا ۋىتىر ئوقۇغاننىڭ ئەجىر-ساۋابىغا ئېرىشىدۇ".

بىر كىشى جامائەت بىلەن ياكى ئۆزى يالغۇز ۋىتىر ئوقۇپ، كېيىن كېچىنىڭ ئاخىرىدا ناماز ئوقۇماقچى بولسا، بۇرۇن ئوقۇغان ۋىتىرىنى بۇزىۋەتمىسۇن، چۈنكى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان بىر ھەدىستە، ۋىتىر نامىزىنى بۇزىۋەتكەن كىشى توغرىسىدا سورالغاندا: «ئاشۇ، ۋىتىر نامىزى بىلەن ئوينىغان كىشى» دېگەن. [سەئىد ئىبنى مەنسۇر ۋە باشقىلار رىۋايەت قىلغان].

    تاڭ يورۇغىچە قانچىلىك جۈپ ناماز يەنى ئىككى رەكەت-ئىككى رەكەتتىن ناماز ئوقۇسا بولىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ ۋىتىر نامىزىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ئىككى رەكەتتىن ناماز ئوقۇغان، ئاۋۋال ئوقۇغان ۋىتىر بىلەن كۇپايە قىلغان تەھەججۈتتىن كېيىن ۋىتىر ئوقۇمىغان. يەنە بىر ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «بىر كېچىدە ئىككى قېتىم ۋىتىر ئوقۇلمايدۇ» دېگەن. [بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇد قەيىس ئىبنى تەلىقتىن ئۇ دادىسىدىن رىۋايەت قىلغان. قەيىس ھەدىس رىۋايەت قىلىشتا كۈچلۈك ئەمەس".

    سوئالدا بايان قىلىنغاندەك، جامائەت چەكلىك بولسا، ئۇلارنىڭ ھەممىسى قايتقاندىن كېيىن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ناماز ئوقۇيدىغان بولسا، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ۋىتىرنى كېچىكتۈرۈپ كېچىنىڭ ئاخىرىدا ئوقۇسا بولىدۇ، بەلكى بۇنداق قىلىش ياخشىدۇر. چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كېچىدە ئوقۇيدىغان نامىزىڭلارنىڭ ئەڭ ئاخىرى ۋىتىر بولسۇن». [بۇخارىي رىۋايىتى 998-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 751-ھەدىس].

    بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇمات ئۈچۈن 37729-216236- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

   يۇقىرىدا بايان قىلىنغان دەلىللەرگە ئاساسەن: كېچىنىڭ ئاخىرىدا تۇرۇشقا ئىشەنچىسى بولغان كىشىنىڭ ۋىتىرنى كېچىكتۈرۈپ، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جامائەت بولۇپ بىرگە ئوقۇشتىن، ئۇ كىشىنىڭ ئەۋۋالقى جامائەت بىلەن بىرگە ناماز ئوقۇپ  ۋىتىر ئوقۇپ قايتىشى ياخشىدۇر، چۈنكى ئۇ كىشى بۇنداق قىلىش بىلەن سۈننەتتە بايان قىلىنغان يول بويىچە ئەمەل قىلغان بولىدۇ. ئىمام بىلەن بىرگە ناماز ئوقۇش ئارقىلىق كېچىدە قىيامدا تۇرغاننىڭ ئەجىرنىمۇ يوقىتىپ قويمايدۇ.

   ئىككىنچى: تەراۋىھ نامىزىدا ئىماملارنىڭ بىر قانچە بولىشىنىڭ ھېچ زىيىنى يوق، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر ئىمامنىڭ ھۆكمىدىدۇر، ئۇلار بىلەن بىرگە ناماز قىلىپ قايتقانلار ئەجىر-ساۋاپقا ئېرىشىدۇ.

   شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: بىر كىشى ئەۋۋالقى ئىمام بىلەن ناماز ئوقۇپ قايتىپ، ھەدىسنىڭ روھى بويىچە ماڭا كېچىلىك نامازنىڭ ئەجىر-ساۋابى بولدى، مەن ئىمام بىلەن ناماز ئوقۇپ قايتتىم دېسە توغرا بولامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ: «كىمكى ئىمام بىلەن ناماز قىلىپ قايتقان بولسا ئۇ كىشىگە كېچىدە قىيامدا تۇرغاننىڭ ئەجىر-ساۋابى يېزىلىدۇ» دېگەن ھەدىس سەھىھ، لېكىن بىر مەسچىتتە ئىككى ئىمام بولسا، ئۇلارنىڭ ھەر بىرى مۇستەقىل ئىمام ھېسابلىنامدۇ ياكى بىرى يەنە بىرىنىڭ نائىبى بولامدۇ؟، دېگەن مەسىلىدە، ھەر بىر ئىمام يەنە بىرىنىڭ نائىبى بولۇپ بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بىر مەسچىتتە ناماز ئوقۇپ بېرىدىغان ئىككى ئىمام بولسا، بۇ ئىككىسى بىر ئىمامنىڭ ئورنىدا بولىدۇ، ئىككىنچى ئىمام بىرىنچى ئىمامنىڭ نامىزىنى تولۇقلايدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن نامازدىن ئىككىنچى ئىمام بىلەن بىرگە قايتىشى كېرەك بولىدۇ" دېگەن.

    مۇشۇ دەلىللەرگە ئاساسەن مەن ھەرەمدە ناماز ئوقۇغان قېرىنداشلىرىمغا، ئىمامغا ئەگىشىپ ئاخىرىقى ئىمام بىلەن نامازدىن قايتىشقا تەۋسىيە قىلىمەن". ["ئىبنى ئۇسەيمىن رىسالىلىرى ۋە پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 13-توم 436-بەت].

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى