جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

«كىمكى مۇسۇلمان ھالىتىدە ياشانغانلىق دەۋرىگە ئۆتسە يەنى چېچىغا ئاق كىرسە، بۇ، ئۇ كىشى ئۈچۈن قىيامەت كۈنىدە نۇر بولىدۇ» دېگەن ھەدىس توغرىسىدا

334867

تارقاتقان ۋاقىت : 22-08-2021

كۆرگۈچىلەر : 1557

سۇئال

    مەن يىگىرمە ئۈچ ياشلىق توي قىلمىغان قىز، مەن ئاخىرقى ۋاقىتلاردا قېيىن شارائىتلارنى بېشىمدىن كەچۈردۈم، ئىككى تال چېچىم ئاقىرىپ قالدى، مەن مۇنداق بىر ھەدىسنى ئوقۇغان «كىمكى مۇسۇلمان ھالىتىدە ياشانغانلىق دەۋرىگە ئۆتسە يەنى چېچىغا ئاق كىرسە، بۇ، ئۇ كىشى ئۈچۈن قىيامەت كۈنىدە نۇر بولىدۇ» دېگەن بۇ ھەدىسكە كۆرە مەن ياشانغانلىق سۈپەت بىلەن ئەجىرگە ئېرىشتىممۇ؟، چاچنىڭ ئاقىرىشى بەزى ياخشى ئەمەللەر سەۋەبىدىن ئەجىر دەپ ئېتىبارغا ئېلىنامدۇ ياكى پەقەت بېسىم سەۋەبىدىن دەپ قارىلامدۇ؟، يۇقىرىدىكى ھەدىستە ئىسلامدا دەپ بايان قىلىنغاندەك، چېچى ئاقىرىپ ياشانغانلىق نېمىتىگە ئېرىشىش پەقەت مۇسۇلمانلارغا خاس بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: ئۆمەر ئىبنى ئەبەسە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى مۇسۇلمان ھالىتىدە ياشانغانلىق دەۋرىگە ئۆتسە يەنى چېچىغا ئاق كىرسە، بۇ، ئۇ كىشى ئۈچۈن قىيامەت كۈنىدە نۇر بولىدۇ.» [تىرمىزى رىۋايىتى 1635-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى تىرمىزى: ھەسەن، سەھىھ، غەرىيب دېگەن].

    شۇرەھبىيل ئىبنى سەمتتىن قىلىنغان رىۋايەتتە، ئۇ كىشى: ئې كەئەب ئىبنى مۇررە! بىزگە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ھەدىس سۆزلىگەندە دىققەت قىلغىن، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «كىمكى مۇسۇلمان ھالىتىدە ياشانغانلىق دەۋرىگە ئۆتسە يەنى چېچىغا ئاق كىرسە، بۇ، ئۇ كىشى ئۈچۈن قىيامەت كۈنىدە نۇر بولىدۇ» دەيدۇ. [تىرمىزى رىۋايىتى 1634-ھەدىس. نىسائىي رىۋايىتى 3144-ھەدىس. نەسائى "سۈنەنۇل كۇبرا"4-توم 288-بەتتە كەلتۈرگەن. ئىمام ئەھمەد "ئەلمۇسنەد" 29-توم 606-بەتتە: «ئاللاھ يولىدا چېچىغا ئاق كىرسە» دېگەن لەپزى بىلەن كەلتۈرگەن. ئاللاھ يولىدا دېگەن رىۋايەتكە كۆرە، بۇنىڭ مەنىسى: تائەت-ئىبادەت يولىدا تىرىشچانلىق قىلىپ، جاپا تارتىش سەۋەبىدىن چېچىغا ئاق كىرسە دېگەن بولىدۇ. لېكىن ئىسلامدا چېچىغا ئاق كىرسە دېگەن رىۋايەت بۇنىڭغا شاھىد بولىدۇ.

    ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇئەنھۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «كىمكى مۇسۇلمان ھالىتىدە ياشانغانلىق دەۋرىگە ئۆتسە يەنى چېچىغا ئاق كىرسە، بۇ ئۇ كىشى ئۈچۈن قىيامەت كۈنىدە نۇر بولىدۇ» دېگەنلىكى ئاڭلىدىم دەيدۇ. [ئىبنى ھىببان رىۋايىتى 2983-ھەدىس. شەيخ شۇئەيىب ئەرناۋۇت "ئىھساننىڭ" تەتقىقاتىدا، بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادىنى كۈچلۈك دېگەن، شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنى سەھىھ دەپ "تەلىقاتىل ئىھسان"5-توم 21-بەتتە كەلتۈرگەن.

    تىيبىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ يولىدا چېچىغا ئاق كىرسە» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى: ئاللاھ يولىدا جىھاد بىلەن بولۇپ چاچلىرىغا ئاق كىرسە، ئۇ كىشىگە سۈپەتلەپ بېرەلىگۈدەك ئەجىر-ساۋاپ بولىدۇ، نۇر دېگەن سۆزنى ئېنىقسىز كەلتۈرۈش بۇنى ئىپادىلەيدۇ، (ئىسلامدا) دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا (ئاللاھ يولىدا) دېگەن سۆزنى كەلتۈرۈش بولسا، ئومۇمى سۆزدىن خاس بىر سۆزنى مەقسەت قىلىشتۇر ياكى ئىسلامنى جىھاد دەپ ئاتاشتۇر، چۈنكى جىھاد دېگەن ئىسلامنىڭ ئاساسى ۋە ئەڭ يۇقىرى پەللىسىدۇر". ["مۇشكاتنىڭ شەرھىسى"8-توم 2669-بەت].

     شۇنداقتىمۇ، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغۇچىغا قىلغان خىزمىتىنىڭ كۆپلىكىدىن كاتتا نۇرنىڭ بولىشى، باشقا تائەت-ئىبادەتلەر بىلەن چاچلىرىغا ئاق كىرگەن مۇسۇلمانلارغىمۇ قىلغان ئەمەللىرى ۋە ئىمانى ھېسابى بويىچە نۇر بولىدىغانلىقىغا زىت كەلمەيدۇ، مۇشۇ مەنا بويىچە ئىسلامدا چاچلىرىغا ئاق كىرگەن بارلىق مۇسۇلمانلارنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، مۇسۇلمانلاردىن پەقەت ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغانلارغىلا خاس بولمايدۇ، بۇنى مۇنۇ ھەدىس ئىسپاتلايدۇ. ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەقىقەتەن چاچ-ساقالدىن ئاقنى يۇلىۋېتىشتىن چەكلەپ: بۇ مۇسۇلماننىڭ نۇرى دېگەن». [ئىمام ئەھمەد"ئەلمۇسنەد"11-توم550-بەت. تىرمىزى رىۋايىتى 2821-ھەدىس. ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 4202-ھەدىس. تىرمىزى بۇ ھەدىسنى ھەسەن دېگەن].

    ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «چاچ-ساقالدىن ئاقنى يۇلىۋەتمەڭلار، ئۇ قىيامەت كۈنى نۇر بولىدۇ، ئىسلامدا يەنى تائەت-ئىبادەت بىلەن چېچىغا –ساقىلىغا ئاق كىرگەن كىشى ئۈچۈن ھەر بىر ئاقنىڭ بەدىلىگە بىر ياخشىلىق يېزىلىدۇ، بىر خاتالىق ئۆچۈرۈلىدۇ، بىر دەرىجە كۆتۈرۈلىدۇ». [ئىبنى ھىببان رىۋايىتى 2985-ھەدىس. "ئىھساننى" تەتقىق قىلغۇچى شەيىخ شۇئەيىب ئەرنەۋۇت بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادىنى ھەسەن دېگەن. شۇنىڭدەك شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھنىڭ "ئىھسان توغرىسىدا ئېزاھات" ناملىق ئەسىرى 5-توم 22-23-بەتتە ھەسەن دېگەن].

    مۇبارەكپۇرى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: (ئاقنى يۇلۇشتىن چەكلىدى) دېگەن سۆزدىن، چاچ-ساقالدىن ئاقنى يۇلۇشتىن ئىبارەتتۇر، (بۇ مۇسۇلماننىڭ نۇرى) دەپ مۇسۇلمانغا خاس قىلىشتىن، بۇ نۇر ئىنساننى مەغرۇرلۇق، نەپسى شەھۋەت ۋە ئىرادىسىزلىكتىن چەكلەيدىغان تەمكىنلىكتىن ئىبارەتتۇر، بۇ ياخشى ئەمەللەرنىڭ نۇرىغا ئىلىپ بارىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشىنىڭ قەبرىسى نۇرلۇق بولىدۇ، قىيامەتنىڭ قاراڭغۇلۇقىدا ئالدىدا ماڭىدىغان يورۇقلۇق بولىدۇ". ["تۆھپەتۇل ئەھۋەزى" 8-توم 88-بەت].

    ئىككىنچى: مۇسۇلمان كىشىنىڭ ياشانغانلىق ۋە ئاجىزلاشقانلىق سەۋەبىدىن ئۆزىگە يەتكەن غەم-قايغۇلارغا دىققەت قىلىشى كېرەك بولىدۇ، بۇنىڭدا مۇسۇلماننىڭ خاتالىقلىرىغا كاپارەت بولىدىغان ياخشىلىقلار بولىدۇ.

    ئەتا ئىبنى يەسار ئەبۇ سەئىيد خۇدەرىي ۋە ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمانلارغا ئېغىرچىلىق، كېسەل، غەم-قايغۇ ياكى ئەزىيەت ياكى ھەسرەت ھەتتا سانجىلغان تىكەنگە قەدەر ئەزىيەت يېتىپلا قالسا، ئۇنىڭ سەۋەبى بىلەن ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى ئۆچۈرىدۇ.» [بۇخارى رىۋايىتى 5641-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2573-ھەدىس].

     مۇسۇلمان مۇشۇنداق ئىشلارغا دۇچ كەلگەن ۋە ياشىنىپ قالغاندا سەۋىرچان بولىشى كېرەك، مۇشۇنداق قىلسا، ئۇنىڭغا كاتتا ئەجىر-ساۋاپ ۋەدە قېلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿الصَّابِرُونَ أَجْرَهُمْ بِغَيْرِ حِسَابٍ﴾‏ تەرجىمىسى: «پەقەت سەۋر قىلغۇچىلارغا ئۇلارنىڭ ئەجرى ھېسابسىز بېرىلىدۇ.» [سۈرە زۇمەر 10-ئايەت].

    شەيخ ئابدۇرەھمان سەئدىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ئاللاھنىڭ ئازابلىق تەقدىرى بولسىمۇ ئۇنى يامان كۆرمەسلىك، گۇناھ سادىر قىلىشتىن ساقلىنىش، تائەت-ئىبادەتنى ئۆز يولىدا ئادا قىلىشقا تىرىشچانلىق قېلىش قاتارلىق ھەممە ئىشلاردا سەۋىر قىلىشنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ. ئاللاھ تائالا بەندىلىرىدىن سەۋىر قىلغۇچىلارغا ھېسابسىز يەنى ساناقسىز ئەجىر-ساۋاپ بېرىشكە ۋەدە قىلدى، بۇ پەقەت سەۋىرنىڭ ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىكى ئورنى ۋە پەزىلىتىنى بىلدۈرىدۇ، سەۋىرچانلىق ھەممە ئىشقا ياردەم بولىدۇ". ["تەپسىر سەئدىي" 721-بەت].   

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى