چارشەنبە 15 شەۋۋال 1445 - 24 ئاپرىل 2024
Uygur

كورۇنا ۋىيرۇسىغا قارىتا مۇسۇلمان قانداق ئىشلارنى قىلىشى كېرەك؟

سۇئال

كوپىيد 19- ناملىق يۇقۇملۇق ۋىيرۇس تارقىلىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە مۇسۇلماننىڭ قانداق ئىشلارنى قىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ؟، ئاللاھ تائالا بىزدىن بۇ يۇقۇملۇق ۋابانى قانداق قىلساق كۆتۈرۈۋېتىدۇ؟. 

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    مۇسۇلمانلارغا ياكى ئومۇمى ئىنسانلارغا بالا-مۇسىبەت ۋە يۇقۇملۇق كېسەللەر تارقىغاندا، ئاللاھ تائالاغا كۆپ ئىستىغپار ئېيتىپ، يالۋۇرۇپ تەۋبە قىلىپ، تەسبىھ ئېيتىپ، پەيغەمبەرئەلەيىھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللاپ، زۇلۇمغا ئۇچرىغانلارنى رازى قىلىپ، ئاللاھ تائالادىن سالامەتلىكنى سوراش بىلەن بىرگە يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىدىن ساقلىنىشنىڭ بارلىق تەدبىرلىرىنى قوللىنىش، ۋاكسىنا ئۇردۇرۇش، ئۆيدىن سىرتقا چىقماسلىق، مۇمكىن بولسا ئۇنىڭ دورىسىنى تېپىپ قوللىنىش كېرەك بولىدۇ.

   1-ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىپ يالۋۇرۇش. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:  وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا إِلَى أُمَمٍ مِنْ قَبْلِكَ فَأَخَذْنَاهُمْ بِالْبَأْسَاءِ وَالضَّرَّاءِ لَعَلَّهُمْ يَتَضَرَّعُونَ . فَلَوْلَا إِذْ جَاءَهُمْ بَأْسُنَا تَضَرَّعُوا وَلَكِنْ قَسَتْ قُلُوبُهُمْ وَزَيَّنَ لَهُمُ الشَّيْطَانُ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ   تەرجىمىسى: شەك ـ شۈبھىسىزكى، سەندىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە (نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى) ئەۋەتتۇق (ئۇلار پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى). ئۇلارنى (ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ) يېلىنسۇن دەپ نامراتلىق ۋە ئاغرىق ـ سىلاق بىلەن جازالىدۇق، ئۇلارغا بىزنىڭ ئازابلىرىمىز چۈشكەن چاغدا نېمىشقا يېلىنمىدى؟، ئۇلارنىڭ دىللىرى قاساۋەتلەشتى، ئىمانغا يۇمشىمىدى، شەيتان ئۇلارغا قىلمىشلىنى چىرايلىق كۆرسەتتى. [سۈرە ئەنئام 42-43-ئايەت].

    ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ ئۆزىنىڭ مەشھۇر تەپسىرىدە بۇ ئايەتنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: ھەقىقەتەن بىز سەندىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە ئۇلارنىڭ ئاللاھدىن قورقۇپ، ئاللاھقا دۇئا قىلىپ، تۇرمۇشنىڭ قىيىنچىلىقى ۋە بېسىمى، دەرد-خاپىلىق ۋە تۈرلۈك كېسەللىكلىرىدىن ساقلىنىشنى تىلەپ ئاللاھ تائالاغا يالۋۇرۇشى ئۈچۈن ئۇلارنى جازالىدۇق. ئۇلارغا بىزنىڭ ئازابىمىز كەلگەندە، بىز ئۇلارنى تۈرلۈك شەكىلدىكى قىيىنچىلىق ۋە جاپا  مۇشەققەتلەر بىلەن سىنىغان ۋاقتىمىزدا ئۇلار نېمە ئۈچۈن بىزگە يېلىنمىدى؟، چۈنكى ئۇلارنىڭ دىللىرى يۇمشىماستىن تاشتەك قېتىپ كەتكەن، شەيتان ئۇلارنىڭ شېرىك ۋە ئاسىيلىقىدىن ئىبارەت ناچار ئەمەللىرىنى ئۇلارغا چىرايلىق كۆرسەتكەن. ["تەپسىرى ئىبنى كەسىر"3/256-بەت].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  أَوَلَا يَرَوْنَ أَنَّهُمْ يُفْتَنُونَ فِي كُلِّ عَامٍ مَرَّةً أَوْ مَرَّتَيْنِ ثُمَّ لَا يَتُوبُونَ وَلَا هُمْ يَذَّكَّرُونَ  تەرجىمىسى: ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھەر يىلى بىر قېتىم ياكى ئىككى قېتىم سىنىلىدىغانلىقىنى (يەنى ئۇلار توغرىسىدا ۋەھىي نازىل بولۇپ، سىرلىرىنىڭ پاش قىلىنىدىغانلىقىنى) بىلمەمدۇ؟ ئاندىن ئۇلار تەۋبە قىلمايدۇ (يەنى نىفاقتىن قايتمايدۇ)، ئىبرەتمۇ ئالمايدۇ. [سۈرە تەۋبە 126-ئايەت].

     ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يامغۇر تىلەش دۇئاسىدا بايان قىلغاندەك: بالا-مۇسىبەت گۇناھ-مەسىيەتنىڭ سەۋەبىدىن بولىدۇ، بۇ پەقەت ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىش، يالۋۇرۇش بىلەن يوق بولىدۇ.

    ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ "پەتھۇلبارى"2/497-بەتتە مۇنداق دەيدۇ:" زۇبەير ئىبنى بۇكار ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنى ۋەسىلە قىلىپ يامغۇر تىلەشكە ئېلىپ چىققاندا مۇنداق دۇئا قىلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ: "ئى ئاللاھ! بالا-مۇسىبەت گۇناھ-مەسىيەتنىڭ سەۋەبىدىن بولىدۇ، بۇ پەقەت ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىش، يالۋۇرۇش بىلەن يوق بولىدۇ....".

    2- ئىستىغپارنى كۆپ ئېيتىش:

     كۆپ ئىستىغپار ئېيتىش بولسا، سالامەتلىك، كۈچ-قۇۋۋەت ۋە گۈزەل ياشاشنىڭ سەۋەبدۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَأَنِ اسْتَغْفِرُوا رَبَّكُمْ ثُمَّ تُوبُوا إِلَيْهِ يُمَتِّعْكُمْ مَتَاعًا حَسَنًا إِلَى أَجَلٍ مُسَمًّى وَيُؤْتِ كُلَّ ذِي فَضْلٍ فَضْلَهُ   تەرجىمسى: سىلەر پەرۋەردىگارىڭلاردىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار. ئاللاھ سىلەرنى مۇئەييەن مۇددەتكىچە (يەنى ئۆمرۈڭلار ئاخىرلىشىپ، ئەجىلىڭلار يەتكۈچە ھاياتىي دۇنيادىن) ئوبدان بەھرىمەن قىلىدۇ. ياخشى ئىش قىلغۇچىغا قىلغان ياخشىلىقنىڭ ساۋابىنى بېرىدۇ، ئەگەر (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈسەڭلار، سىلەرنىڭ قىيامەت كۈنىنىڭ ئازابىغا قېلىشىڭلاردىن ئەنسىرەيمەن. [سۈرە ھۇد 3-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَيَاقَوْمِ اسْتَغْفِرُوا رَبَّكُمْ ثُمَّ تُوبُوا إِلَيْهِ يُرْسِلِ السَّمَاءَ عَلَيْكُمْ مِدْرَارًا وَيَزِدْكُمْ قُوَّةً إِلَى قُوَّتِكُمْ وَلَا تَتَوَلَّوْا مُجْرِمِينَ  تەرجىمىسى: ئى قەۋمىم! پەرۋەردىگارىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار، سىلەرگە ئۇ كۆپ يېغىن ياغدۇرۇپ بېرىدۇ، سىلەرگە تېخىمۇ كۈچ ـ قۇۋۋەت بېرىدۇ، سىلەر گۇناھقا چۆمگەن ھالدا (مېنىڭ دەۋىتىمدىن) يۈز ئۆرۈمەڭلار. [سۈرە ھۇد 52-ئايەت].

    3-تەسبىھ ئېيتىش:

    ئاللاھ تائالا يۈنۈس ئەلەيھىسسالامنىڭ تەسبىھ ئېيتىش ئارقىلىق نىجاتلىققا ئېرىشكەنلىكىدىن خەۋەر بېرىش ئارقىلىق، مۇسۇلمانلارنىڭمۇ تەسبىيھ ئېيتىش ئارقىلىق نىجاتلىققا ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَذَا النُّونِ إِذْ ذَهَبَ مُغَاضِبًا فَظَنَّ أَنْ لَنْ نَقْدِرَ عَلَيْهِ فَنَادَى فِي الظُّلُمَاتِ أَنْ لَا إِلَهَ إِلَّا أَنْتَ سُبْحَانَكَ إِنِّي كُنْتُ مِنَ الظَّالِمِينَ * فَاسْتَجَبْنَا لَهُ وَنَجَّيْنَاهُ مِنَ الْغَمِّ وَكَذَلِكَ نُنْجِي الْمُؤْمِنِينَ  تەرجىمىسى: «يۇنۇسنىڭ (قىسسەسىنى بايان قىلغىن) . ئۆز ۋاقتىدا ئۇ (قەۋمىنىڭ ئىمان ئېيتمىغانلىقىدىن) خاپا بولۇپ (شەھىرىدىن) چىقىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ بىزنى (بېلىقنىڭ قارنىدا) ئۆزىنى قىسمايدۇ دەپ ئويلىدى، ئۇ قاراڭغۇلۇقتا (يەنى بېلىقنىڭ  قارنىدا): (پەرۋەردىگارىم) سەندىن بۆلەك ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، سەن (جىمى كەمچىلىكلەردىن) پاكتۇرسەن، مەن ھەقىقەتەن (ئۆز نەپسىمگە) زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولدۇم دەپ نىدا قىلدى. ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدۇق، ئۇنى (بېلىق يۇتقان چاغدىكى) غەمدىن خالاس قىلدۇق، شۇنىڭدەك مۆمىنلەرنى (ئېغىرچىلىقلاردىن) خالاس تاپقۇزىمىز.» [سۈرە ئەنبىيا 87-88-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: فَلَوْلَا أَنَّهُ كَانَ مِنَ الْمُسَبِّحِينَ * لَلَبِثَ فِي بَطْنِهِ إِلَى يَوْمِ يُبْعَثُونَ تەرجىمىسى:ئەگەر ئۇ تەسبىھ ئېيتقۇچىلاردىن بولمىسا ئىدى، بېلىقنىڭ قارنىدا ئەلۋەتتە قىيامەتكىچە قالاتتى. [سۈرە ساپپات 143-بەت].

    سەئەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: يۇنۇس ئەلەيھىسسالامنىڭ بىلىقنىڭ قارنىدا: (پەرۋەردىگارىم) سەندىن بۆلەك ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، سەن (جىمى كەمچىلىكلەردىن) پاكتۇرسەن، مەن ھەقىقەتەن (ئۆز نەپسىمگە) زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولدۇم)دېگەن بۇ دۇئاسىنى قىيىنچىلىقتا قالغان ھەرقانداق بىر مۇسۇلمان ئوقۇيدىكەن ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىدۇ. [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 1462-ھەدىس. تىرمىزى رىۋايىتى 3505-ھەدىس.  بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دېگەن].

    ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: "ھەر قانداق بىر پەيغەمبەر قىينچىلىقتا قالغاندا تىسبىھ ئېيتىش ئارقىلىق ئاللاھدىن ياردەم تىلىگەن". ["جاۋابۇل كاپى"14-بەت].

   4-پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللاش:

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللاش بولسا، غەم-قايغۇ ۋە قېيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ ئەڭ كاتتا سەۋەپلىرىدىندۇر. 

    ئۇبەي ئىبنى كەئەب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمەرئەلەيھىسسالام كېچىنىڭ ئۇچتىن ئىككى قىسمى ئۆتۈپ بولغاندا ئورنىدىن تۇرۇپ مۇنداق دەيتتى: ئى ئىنسانلار! ئاللاھنى ياد ئېتىڭلار! ئاللاھنى ياد ئېتىڭلار! زېمىن ۋە ئۇنىڭدىكى شەيئىلەر ۋە ئۇنىڭ ئارقىسىدىنلا ئاسمان ۋە ئۇنىڭدىكى شەيئىلەر قوشۇلۇپ تەۋرەيدىغان كۈن كەلدى، ئۆلۈم ۋە ئۆلۈمگە ئالاقىدار ئالامەتلەر كەلدى. ئۇبەي ئىبنى كەئەب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مەن سىلىگە كۆپ دۇرۇت-سالام يوللىماقچى، ئوقۇغان دۇرۇت-سالاملىرىمدىن قانچىلىكنى سىلىگە قىلسام بولا؟ دەپ سورىسام، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: خالىغىنىڭنى قىلغىن دىدى، مەن: تۆتتىن بىر قىسمىنى قىلايمۇ؟دېسەم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: خالىغىنىڭنى قىلغىن، ئەگەر زىيادە قىلساڭ سەن ئۈچۈن ياخشى دىدى، مەن: يېرىمىنى قىلايمۇ؟ دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: خالىغىنىڭنى قىلغىن، ئەگەر زىيادە قىلساڭ سەن ئۈچۈن ياخشى دىدى، مەن: ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى قىلايمۇ؟ دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: خالىغىنىڭنى قىلغىن، ئەگەر زىيادە قىلساڭ سەن ئۈچۈن ياخشى دىدى، مەن: ئوقۇغان دۇرۇت-سالاملارنىڭ ھەممىسىنى سىلە ئۈچۈن قىلاي دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئۇنداق قىلساڭ بۇ سېنىڭ غەم-قايغۇلىرىڭنىڭ كېتىشى ۋە خاتالىقىڭنىڭ كەچۈرۈم بولىشىغا كۇپايە بولىدۇ، دېدى. [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 21242 -ھەدىس. تىرمىزى رىۋايىتى 2457-ھەدىس].

   ئىمام ئەھمەدتىن بايان قىلىنغان لەپزىدە: ئۇبەي ئىبنى كەئەب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دادىسىدىن بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ، بىر كىشى: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مەن ئوقۇغان دۇرۇت-سالالملارنىڭ ھەممىسىنى سىلى ئۈچۈن قىلسام قانداق قارايلا؟ دېگەن ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئۇ ۋاقىتتا سىنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتلىك قېيىنچىلىقلىرىڭغا ئاللاھ ئۆزى كۇپايە قىلىدۇ، دېدى. [بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ ھەسەن دېگەن].

    شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ سوئالنى، ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ" جەلائىل ئەپھام" ناملىق ئەسەرنىڭ 79 -بىتىدە بايان قىلغان بولۇپ، بۇ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھەدىسنىڭ چۈشەندۈرۈلىشىدىن ئىبارەت، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: ئۇبەي ئىبنى كەئەب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۆزىگە قىلىدىغان خاس دۇئاسى بولۇپ، ئۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مەن ئوقۇغان دۇرۇت-سالاملىرىمنىڭ تۆتتىن بىرىنى سىللى ئۈچۈن قىلايمۇ؟ دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: ئەگەر زىيادە قىلساڭ سەن ئۈچۈن ياخشى دىدى، ئۇ: يېرىمىنى قىلايمۇ؟ دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئەگەر زىيادە قىلساڭ سەن ئۈچۈن ياخشى دىدى، ئۇ كىشى يەنە: ئوقۇغان دۇرۇت-سالاملىرىمنىڭ ھەممىسىنى سىلى ئۈچۈن قىلاي؟ دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئۇنداق قىلساڭ بۇ سېنىڭ غەم-قايغۇلىرىڭغا ۋە خاتالىقىڭنىڭ كەچۈرۈم بولىشىغا كۇپايە بولىدۇ، دېگەن. چۈنكى ھەدىستە بايان قىلىنىشچە: مۇسۇلمان كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۈچۈن بىر قېتىم دۇرۇت-سالام يوللايدىكەن ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ بىر قېتىم يوللىغان دۇرۇت-سالامى ئون ياخشىلىق ئاتا قىلىدۇ، غەم-قايغۇلىرىغا كۇپايە قىلىدۇ، خاتالىقلىرىنى ئەپۇ قىلىدۇ".

   5- ئاللاھ تائالادىن سالامەتلىكنى تىلەش:

   ئاللاھ تائالادىن سالامەتلىكنى تىلەش ئەتتىگەن-كەچتە ئوقۇيدىغان دۇئالاردا يولغا قويۇلغان، بولۇپمۇ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر تارقالغان ۋاقىتلاردا ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ.

    ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەتتىگەندە-كەچتە بۇ دۇئالارنى تەرك قىلماي ئوقۇيتتى: ئى ئاللاھ! سېنىڭدىن دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە سالامەتلىك تىلەيمەن، ئى ئاللاھ! سېنىڭدىن مەغپىرەت ۋە دىنىمدا، دۇنيالىقىمدا، ئائىلەمدە، پۇل-مېلىمدا ئاپىيەت تىلەيمەن، ئى ئاللاھ! گۇناھلىرىمنى يۆگىگىن، قورقۇنچلىرىمنى خاتىرجەملىككە ئايلاندۇرۇپ بەرگىن. ئى ئاللاھ! مېنى ئالدىمدىن، كەينىمدىن، ئوڭ تەرىپىمدىن، سول تەرىپىمدىن ۋە ئۈستى تەرىپىمدىن قوغدىغىن، سېنىڭ ئۇلۇغلىقىڭغا سېغىنىپ ئاستى تەرىپىمدىن سۈيىقەستكە ئۇچراشتىن ياكى يەر تەۋرەش ھادىسىسىگە ئۇچراشتىن پاناھ تىلەيمەن. [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 4785-ھەدىس. ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 5074-ھەدىس. ئىبنى ماجە رىۋايىتى 3871-ھەدىس].

   ئابدۇرەھمان ئىبنى ئەبۇ بەكرەتە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنىدۇكى، ئۇ كىشى دادىسىغا: ئى دادا! مەن سىللىنىڭ ھەر كۈنى: ئى ئاللاھ! بەدىنىمنى ساق قىلغىن، ئى ئاللاھ! قۇلىقىمنى ساق قىلغىن، ئى ئاللاھ! كۆزۈمنى ساق قىلغىن، ھەقىقەتەن سەندىن باشقا ھەقىقى ئىلاھى مەئبۇد يوقتۇر دېگەن سۆزنى ئەتتىگەندە-كەچتە ئۈچ قېتىمدىن تەكرار دېگەنلىكلىرىنى ئاڭلىدىم؟ دېگەندە، دادىسى: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەر كۈنى ئەتتىگەندە-كەچتە بۇ دۇئالارنى ئوقۇغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىشنى ياخشى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن شۇنداق قىلىمەن دەيدۇ. [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 20430-ھەدىس. ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 5090-ھەدىس].

يەنە باشقا دۇئالار توغرىسىدا بايان قىلىنغان ھەدىسلەردىن: ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دائىم بۇ دۇئالارنى ئوقۇيتتى: ئى ئاللاھ! مېنى ئاڭلاش ۋە كۆرۈش ئەزالىرىم بىلەن مەنپەئەتلەندۈرگىن، ئاڭلاش ۋە كۆرۈش ئەزالىرىمنى مەن ۋاپات بولغانغا قەدەر ساغلام قىلغىن، ماڭا زۇلۇم قىلغان زالىمغا قارشى ماڭا ياردەم بەرگىن، زالىمدىن مېنىڭ ئىنتىقامىمنى ئېلىپ بەرگىن. [تىرمىزى رىۋايىتى].

    ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ھەدىس بايان قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ دۇئانى ئوقۇيتتى: ئى ئاللاھ! مەن سىلىگە سېغىنىپ بەرەس كېسىلىدىن، ئەقىلدىن ئادىشىپ قىلىشتىن، ماخاۋ-جۇزام كېسىلىدىن ۋە تۈرلۈك شەكىلدىكى ساقايماس كېسەللىكلەردىن پاناھ تىلەيمەن. [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 13004-ھەدىس. ئەبۇ داۋۇھ رىۋايىتى 1554-ھەدىس. نەسائىي رىۋايىتى 5493 –ھەدىس].

   ئوسمان ئىبنى ئەپپان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنىدۇكى، ئۇ كىشى مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: نامىنى ئاتىغان كىشىگە ئاسمان ۋە زېمىندە ھېچ نەرسە زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان ئاللاھنىڭ نامى بىلەن پاناھلىنىمەن، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ ۋە كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر دېگەن سۆزنى كەچتە ئۈچ قېتىم دېگەن كىشىگە ئەتتىگەنگىچە تۇيۇقسىز بىر مۇسىبەت يەتمەيدۇ، ئەتتىگەندە دېگەن كىشىگە كەچكىچە تۇيۇقسىز بىر مۇسىبەت يەتمەيدۇ». [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 528-ھەدىس. ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 5088-ھەدىس. تىرمىزى رىۋايىتى 3388-ھەدىس. ئىبنى ماجە رىۋايىتى 3869-ھەدىس].

   6-داۋالىنىش ۋە ساغلاملىق تەدبىرلىرىنى ئېلىش:

داۋالىنىش ۋە ساغلاملىق تەدبىرلىرىنى ئېلىش توغىرسىدىمۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كۆرسەتمە بەرگەن، كېسەللىكتىن ساقلىنىش، كېسەللەرنىڭ ساق كىشىلەرگە ئارىلاشماسلىقى ۋە يۇقۇملۇك، تارقىلىشچان ۋابا كېسەللىرى يۈز بەرگەن رايۇن-يۇرتلارغا بارماسلىق توغرىسىدا ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن. 

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: داۋالىنىڭلار! ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ھەر قانداق بىر كېسەللىكنى قىلىدىكەن ئۇنىڭ دورىسىنى بىرگە قىلدى، پەقەت قېرىلىقنىڭ دورىسى يوق. [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 17726-ھەدىس. ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 3855-ھەدىس. تىرمىزى رىۋايىتى 2038-ھەدىس. ئىبنى ماجە رىۋايىتى 3436-ھەدىس. شەيخ ئەلبانىي رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ، ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

   پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئەتتىگەندە يەتتە دانە ئەجۋە خورما بىلەن ناشتا قىلغان كىشىگە شۇ كۈندە زەھەر ۋە سېھىر تەسىر قىلمايدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى 5769-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى2057-ھەدىس].

    ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: كېسەل بولۇپ قالغان كىشى ساق كىشىنىڭ يېنىغا كەلمىسۇن. [بۇخارى رىۋايىتى 5771-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2221-ھەدىس]. 

   پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: بىر يۇرتتا ياكى بىر شەھەردە يۇقۇملۇق ۋابا كېسەللىرى تارقالغانلىقىنى ئاڭلىساڭلار، ئۇ يۇرتقا ياكى ئۇ شەھەرگە كىرمەڭلار، ئەگەر سىلەر تۇرىۋاتقان يۇرتتا يۇقۇملۇق ۋابا كېسەللىرى تارقالغان بولسا، سىلەر بۇ جايدىن سىرتقا چىقماڭلار. [بۇخارى رىۋايىتى 5728-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2218-ھەدىس].

   ئاللاھ تائالادىن تۈرلۈك شەكىلدىكى ۋابا ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ۋە بالا-مۇسىبەتلەرنى بىزدىن كۆتۈرۈۋېتىشنى سورايمىز. 

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى