جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

ھامىلدار ۋە بالا ئېمىتكۈچى ئاياللار ئۈچۈن روزىنىڭ قازاسىنى تۇتۇشنىڭ ئورنىغا باشقا بىر يول بارمۇ؟

سۇئال

   بىر قانچە يىل ئىچىدە رامىزان ئېيىنىڭ روزىسىدىن نۇرغۇن كۈنلەرنى تۇتالمىغان ئايال ئۇنىڭ قازاسىنى قىلامدۇ؟ ياكى روزا تۇتقاننىڭ ئورنىغا كەمبەغەللەرگە يېمەك بەرسىمۇ بولامدۇ؟، ئايال ئۆزىنىڭ قازا روزىسىنى تۇتۇشتىن ئىلگىرى شەۋۋالنىڭ ئالتە كۈنلۈك روزىسىغا ئوخشاش نەپلە روزىلارنى تۇتسا توغرا بولامدۇ؟، ئەگەر قازا روزىسىنى تۇتماي تۇرۇپ يەنە بىر رامىزان كىرسە، روزىنىڭ ساۋابى كەملەپ كېتەمدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئايال كىشى رامزاندا بالا تۇغۇش ياكى بالا ئېمىتىش سەۋەبىدىن روزا تۇتالمىغان بولسا، كېسەللىككە ئوخشاش ئۈزۈرلەر يوق بولسىلا روزىنىڭ قازاسىنى قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: فَمَنْ كَانَ مِنْكُمْ مَرِيضًا أَوْ عَلَى سَفَرٍ فَعِدَّةٌ مِنْ أَيَّامٍ أُخَرَ تەرجىمىسى: «سىلەردىن كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ (روزا تۇتمىغان بولسا)، تۇتمىغان كۈنلەرنى (يەنى قازاسىنى) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن» [سۈرە بەقەرە 184-ئايەت].

    قازا روزا تۇتىدىغان ئايال روزىنى ئايرىم-ئايرىم كۈنلەردە تۇتسا ئۆزىگە ئاسان بولىدۇ. روزا توغرىسىدىكى يەتمىش مەسىلە ناملىق كىتابقا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

    مۇمكىن بولسا كېلەر يىلى رامىزان كېلىشتىن ئىلگىرى قازاسىنى قىلىش كېرەك، ئەگەر ئۈزۈرسى داۋاملاشسا، قازا قىلىش ئىمكانىيىتى بولغانغا قەدەر كېچىكتۈرىدۇ، روزا تۇتۇشتىن پۈتۈنلەي ئاجىز كەلگەندە ئاندىن كەپارىتى ئۈچۈن يېمەك بەرسە بولىدۇ.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد