يەكشەنبە 19 شەۋۋال 1445 - 28 ئاپرىل 2024
Uygur

قىيامەت كۈنى ئەمەللەر ئۆلچىنىپ، نام-ئەمەل سەھىپىلىرى تارقىتىپ بېرىلەمدۇ؟

سۇئال

   قىيامەت كۈنى نام-ئەمەل سەھىپىلىرى كىشىلەرگە قانداق تارقىتىلىدۇ؟ ئەمەللەر قانداق ئۆلچىنىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   نام-ئەمەل سەھىپىلىرىنىڭ تارقىتىلىشى:

   بەندىلەرنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە كۆرە  ھېساپلىرى تامام بولغاندىن كېيىن، ھەر بىر بەندىگە قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئېچىگە ئالغان ئەمەل سەھىپىسى تارقىتىلىدۇ، مۆمىنگە ئىززەت-ئىكرام قىلىنىپ ئوڭ قولىغا بېرىلىدۇ. ئۇ قىيامەت كۈنىدە خۇرسەنلىك بىلەن ئۇتۇق قازىنىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: فَأَمَّا مَنْ أُوتِيَ كِتَابَهُ بِيَمِينِهِ ، فَسَوْفَ يُحَاسَبُ حِسَابًا يَسِيرًا ، وَيَنقَلِبُ إِلَى أَهْلِهِ مَسْرُورًا تەرجمىسى: « نامە ـ ئەمالى ئوڭ تەرىپىدىن بېرىلگەن ئادەمدىن ئاسان ھېساب ئېلىنىدۇ، ئۇ جەننەتتىكى) ئائىلىسىگە خۇشال ـ خۇرام قايتىدۇ» [سۈرە ئىنشىقاق 7-8-9-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: فَأَمَّا مَنْ أُوتِيَ كِتَابَهُ بِيَمِينِهِ فَيَقُولُ هَاؤُمْ اقْرَءُوا كِتَابِيه ، إِنِّي ظَنَنتُ أَنِّي مُلَاقٍ حِسَابِيه ، فَهُوَ فِي عِيشَةٍ رَاضِيَةٍ ، فِي جَنَّةٍ عَالِيَةٍ ، قُطُوفُهَا دَانِيَةٌ ، كُلُوا وَاشْرَبُوا هَنِيئًا بِمَا أَسْلَفْتُمْ فِي الأَيَّامِ الْخَالِيَةِ تەرجىمىسى: «نامە ـ ئەمالى ئوڭ قولىغا بېرىلگەن ئادەم (خۇشاللىقتىن): «بۇ مېنىڭ نامە ـ ئەمالىمنى ئېلىپ ئوقۇپ بېقىڭلار، مەن ھېساباتىمغا مۇلاقات بولىدىغانلىقىمغا مۇقەررەر ئىشەنگەن ئىدىم» دەيدۇ، ئۇ كۆڭۈللۈك تۇرمۇشتا بولىدۇ، ئېسىل جەننەتتە بولىدۇ، ئۇنىڭ مېۋىلىرى (ئۆرە تۇرغاندىمۇ، ئولتۇرغاندىمۇ، ياتقاندىمۇ قولىنى سوزۇپلا ئالالايدىغان دەرىجىدە) يېقىن بولىدۇ، (ئۇلارغا) «ئۆتكەنكى كۈنلەردە (يەنى دۇنيادىكى چاغلاردا) ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن، خۇشال ـ خۇرام يەڭلار، ئىچىڭلار» دېيىلىدۇ.» [ھاققە سۈرىسى 19-ئايەتتىن 24-ئايەتكىچە]. 

    ئەمما كاپىر، مۇناپىق ۋە ئازغۇنلارغا ئۇلارنىڭ نام-ئەمەل سەھىپىسى كەينىدىن بېرىلىدۇ.  بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‏وَأَمَّا مَنْ أُوتِيَ كِتَابَهُ وَرَاءَ ظَهْرِهِ (10) فَسَوْفَ يَدْعُو ثُبُورًا (11) وَيَصْلَى سَعِيرًا تەرجىمىسى: «نامە ـ ئەمالى ئارقا تەرىپىدىن بېرىلگەن ئادەم، ۋاي، دەپ توۋلايدۇ (يەنى ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىدۇ)، دوزاخقا كىرىدۇ». [سۈرە ئىنشىقاق 10-12-ئايەتلەر].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَأَمَّا مَنْ أُوتِيَ كِتَابَهُ بِشِمَالِهِ فَيَقُولُ يَا لَيْتَنِي لَمْ أُوتَ كِتَابِيه (25) وَلَمْ أَدْرِ مَا حِسَابِيه (26) يَا لَيْتَهَا كَانَتْ الْقَاضِيَةَ (27) مَا أَغْنَى عَنِّي مَالِيه (28) هَلَكَ عَنِّي سُلْطَانِيه (29) خُذُوهُ فَغُلُّوهُ (30) ثُمَّ الْجَحِيمَ صَلُّوهُ (31) ثُمَّ فِي سِلْسِلَةٍ ذَرْعُهَا سَبْعُونَ ذِرَاعًا فَاسْلُكُوهُ  تەرجىمىسى: «نامە ـ ئەمالى سول قولىغا بېرىلگەن ئادەم ئېيتىدۇكى، «ماڭا نامە ـ ئەمالىم بېرىلمىگەن بولسىچۇ!، ھېسابىمنىڭ نېمە بولغانلىقىنى بىلمىسەم ئىدىم!، دۇنيادا ئۆلۈمىم ھاياتىمنى (ئاخىرەتتە قايتا تىرىلمەس قىلىپ) ئاخىرلاشتۇرسىچۇ!، مېنىڭ مال ـ مۈلكۈم ماڭا ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمىدى، مېنىڭ ھوقۇقۇم قولۇمدىن كەتتى، (ئاللاھ دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەرگە) ئېيتىدۇ: «ئۇنى تۇتۇڭلار، ئۇنىڭغا تاقاق سېلىڭلار، ئاندىن ئۇنى دوزاخقا تاشلاڭلار، ئاندىن ئۇنى ئۇزۇنلۇقى 70 گەز كېلىدىغان زەنجىر بىلەن باغلاڭلار» [ھاققە سۈرىسى 25-ئايەتتىن 32-ئايەتكىچە].

    بەندىلەرگە نام-ئەمەل سەھىپىلىرى بېرىلگەندە ئۇلارغا مۇنداق دېيىلىدۇ: هَذَا كِتَابُنَا يَنْطِقُ عَلَيْكُمْ بِالْحَقِّ إِنَّا كُنَّا نَسْتَنْسِخُ مَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ ‏ تەرجىمىسى: «بۇ بىزنىڭ كىتابىمىز(يەنى نامە ـ ئەمال)سىلەرگە ھەق بىلەن سۆزلەيدۇ، بىز قىلمىشىڭلارنى يازدۇرۇپ تۇرغان ئىدۇق(يەنى پەرىشتىلەرنى ئەمەللىرىڭلارنى يېزىپ تۇرۇشقا بۇيرۇيتتۇق)» [سۈرە جاسىيە 29-ئايەت]. 

   ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿اقْرَأْ كِتَابَكَ كَفَى بِنَفْسِكَ الْيَوْمَ عَلَيْكَ حَسِيبًا﴾‏ تەرجىمىسى:«(ئۇنىڭغا)«نامە ـ ئەمالىڭنى ئوقۇغىن! بۈگۈن ئۆزۈڭگە(يەنى بۇ قىلمىشلىرىڭغا)ئۆزۈڭ گۇۋاھ بولۇشۇڭ كۇپايە» دېيىلىدۇ» [سۈرە ئىسرا 14-ئايەت].

   مىزان بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرىنى ئۆلچەش ئۈچۈن قۇيىلىدۇ. ئىمام قۇرتۇبىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «ھېساب تۈگىگەندىن كېيىن ئەمەللەر ئۆلچىنىدۇ، چۈنكى ئەمەللەر دېگەن جازا- مۇكاپات ئۈچۈندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەمەلنىڭ ئۆلچىنىشى ھېسابتىن بولىشى لايىق بولىدۇ، ھېساب قىلىش دېگەن ئەمەللەرنىڭ بېكىتىش، ئۆلچەم دېگەن ئۇنىڭ مىقدارىنى نامايەندە قىلىپ، ئۇنىڭ ھېسابى بويۇنچە جازا-مۇكاپاتلاش».

   شەرئى دەلىللەر بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرى ئۆلچىنىدىغان مىزاننىڭ ئىككى تارازىسى بار ھەقىقى مىزان ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى، ئۇ ئەڭ كاتتا مىزان بولۇپ ئۇنىڭ مىقدارىنى ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچ كىشى بىلمەيدۇ، ئالىملار: قىيامەتتىكى بۇ مىزان ھەر بىر كىشىگە ئەمىلىنى ئۆلچەيدىغان خاس مىزان بولامدۇ ياكى ھەممە بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرى ئۆلچىنىدىغان بىر مىزان بولامدۇ؟ دېگەن مەسىلىدە پەرقلىق قاراشتا بولدى، كۆپ مىزان بار دېگەنلەر بەزى ئايەتتە مىزان دېگەن لەپزى كۆپلۈك شەكىلدە كەلدى دېگەننى دەلىل قىلدى. بۇنىڭ مىسالى ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايىتىدۇر: وَنَضَعُ الْمَوَازِينَ الْقِسْطَ لِيَوْمِ الْقِيَامَةِ فَلا تُظْلَمُ نَفْسٌ شَيْئاً وَإِنْ كَانَ مِثْقَالَ حَبَّةٍ مِنْ خَرْدَلٍ أَتَيْنَا بِهَا وَكَفَى بِنَا حَاسِبِينَ  تەرجىمىسى: «قىيامەت كۈنى بىز (ئەمەللەر تارتىلىدىغان) ئادالەت تارازىسىنى ئورنىتىمىز، ھېچ ئادەمگە قىلچە ئۇۋال قىلىنمايدۇ (يەنى ياخشى ئادەمنىڭ ياخشىلىقى كېمەيتىۋېتىلمەيدۇ، يامان ئادەمنىڭ يامانلىقى ئاشۇرۇۋېتىلمەيدۇ)، ئەگەر ئۇنىڭ قىچا چاغلىق ئەمەلىي بولسىمۇ، ئۇنى ھازىر قىلىمىز، (بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرىدىن) ھېساب ئېلىشقا بىز يېتەرلىكمىز » [سۈرە ئەنبىيا 47-ئايەت].

   مىزان بىر دېگەنلەر بۇنىڭغا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ھەدىسىنى دەلىل قىلدى: «قىيامەت كۈنى ئادالەت تارازىسى قويىلىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭدا ئاسمانلار ۋە زېمىن ئۆلچەنسىمۇ ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا سېغىدۇر، پەرىشتىلەر: ئەي رەببىم! بۇنىڭغا كىمنىڭ ئەمەللىرى ئۆلچىنىدۇ؟ دېگەندە، ئاللاھ تائالا:خەلقىمدىن خالىغان كىشىنىڭ ئەمەللىرى دەيدۇ». ["سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى" 941-ھەدىس].

    ئۇلار مىزان دېگەن لەپزى ئايەتتە، ئۆلچىنىدىغان نەرسىلەرنىڭ ئەمەللەر، سۆزلەر، سەھىپىلەر ۋە ئىنسانلاردىن ئىبارەت كۆپ نەرسىلەر ئۆلچىنىدىغانلىقى ئۈچۈن كۆپلۈك شەكىلدە كەلگەن دەپ قارايدۇ.

    سۆزلەرنىڭ ئۆلچىلىنىدىغانلىقىنىڭ دەلىلى: ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئىنساننىڭ تىلىغا يەڭگىل، مىزاندا ئېغىر ۋە ئاللاھ تائالاغا ياخشى كۆرۈلىدىغان ئىككى سۆز بولۇپ، ئۇ: سۇبھانەللاھىل ئەزىيم -كاتتا ئاللاھ پاكتۇر- سۇبھانەللاھى ۋەبىھەمدىھى-ئاللاھ تائالانى بارلىق ئەيىپ-نۇقسانلاردىن پاك دەپ ياد قىلىش بىلەن مەدھىيىلەيمەن-». [بۇخارى رىۋايىتى 6406-ھەدىس].

   ئەمەللەرنىڭ ئۆلچىلىنىدىغانلىقىنىڭ دەلىلى: ئەبۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان:«مىزاندا ئۆلچىنىدىغان نەرسىلەرنىڭ ئارىسىدا گۈزەل ئەخلاقتىنمۇ ئېغىر كېلىدىغان نەرسە يوق، گۈزەل ئەخلاق ساھىبى ئەخلاقى بىلەن كۈندۈزدە روزا تۇتۇپ، كېچىدە قىيامدا تۇرغۇچىنىڭ دەرىجىسىگە ئېرىشىدۇ». ["سۈنەن تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرى" 1629-ھەدىس].

   نام-ئەمەل سەھىپىسىنىڭ ئۆلچىلىنىدىغانلىقىنىڭ دەلىلى كارت توغرىسىدىكى ھەدىس: ئابدۇللاھ بىن ئەمىر بىن ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن قىيامەت كۈنى خالايىقلار ئارىسىدىن مېنىڭ ئۈممىتىمدىن بىر كىشىنى ئايرىپ، ئۇنىڭ ئالدىغا نامە-ئەمەللەر يېزىلغان توقسان توققۇز پۈتۈكنى يايىدۇ، ھەر بەر پۈتۈك كۆز يەتكۈسىز يەرگىچە يېيىلىدۇ، ئاندىن ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە: بۇنىڭدىن بىرەر نەرسىنى ئىنكار قىلامسەن، ئەمەللەرنى ساقلىغۇچى، پۈتۈكچى پەرىشتىلەر ساڭا ئارتۇق يېزىپ قويۇپ زۇلۇم قىلدىمۇ؟ دەيدۇ. ئۇ كىشى: ئەي رەببىم! ياق، ماڭا زۇلۇم قىلمىدى دەيدۇ. ئاللاھ تائالا: سېنىڭ ئۈزۈر-سەۋەبلىرىڭ بارمۇ؟ دەيدۇ. ئۇ كىشى: ئەي رەببىم! ياق دەيدۇ. ئاللاھ تائالا: بەلكى بىزنىڭ يېنىمىزدا سېنىڭ ياخشىلىقىڭ بار، ساڭا بۈگۈن زۇلۇم قىلىنمايدۇ دەپ، ئۇ كىشىگە: «ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھەق مەبۇد يوق، ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن» دېگەن سۆز يېزىلغان بىر كارت چىقىرىپ بېرىدۇ. ئۇ كىشىگە: ئۆلچىنىدىغان نەرسىلەرنى ھازىر قىلغىن دەيدۇ، ئۇ كىشى: ئەي رەببىم! شۈنچە كۆپ پۈتۈكلەر بىلەن بۇ كارت قانداقمۇ باراۋەر كەلسۇن؟ دەيدۇ، ئاللاھ تائالا: ساڭا زۇلۇم قىلىنمايدۇ دەيدۇ، پۈتۈكلەر بىر تەرەپتە ۋە كارت بىر تەرەپتە قۇيىلىدۇ، پۈتۈكلەر بېسىلىپ، كارت ئېغىر كېلىدۇ، ئاللاھنىڭ ئىسمى-شەرىپى بولغان نەرسە بىلەن ھېچ نەرسە ئېغىر كەلمەيدۇ». ["سۈنەن تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرى" 2127-ھەدىس]. 

   ئىنسانلارنىڭ ئۆلچىلىنىدىغانلىقىنىڭ دەلىلى: ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «قىيامەت كۈنىدە بەك سېمىز يوغان ئادەمدىن بىرسى كەلتۈرۈلىدۇ، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە پاشىنىڭ قانىتىچىلىكمۇ ۋەزنى بولمايدۇ دەپ بۇ ئايەتنى ئوقۇدى: قىيامەت كۈنىدە ئۇلار ئۈچۈن ھېچ بىر ۋەزنە بولمايدۇ، ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى4729- رىۋايىتى].

    يەنە بۇ توغرىدا بايان قىلىنغان ھەدىستىن: ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇئەنھۇ ئېراك دەرىخىدىن مىسۋاكلىق ئېلىپ چۈشۈش دەرەخكە يامىشىپ چىقتى، ئۇنىڭ پۇتى بەك ئىنچىكە بولۇپ شامال ئۇنىڭ كىيىمىنى كۆتۈرۈپ پۇتى كۆرۈنۈپ قالدى، بۇنىڭ كۆرۈپ ساھابىلار كۈلۈشۈپ كەتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «نېمىگە كۈلۈۋاتىسىلەر؟» دېدى، ئۇلار: ئەي ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئۇنىڭ پاچىقىنىڭ ئىنچىكىلىگىدىن كۈلىۋاتىمىز دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «مېنىڭ جىنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكە!، ئۇنىڭ ئىككى پۇتى مىزاندا ئوھۇد تېغىدىنمۇ ئېغىر كېلىدۇ» دېدى. [بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى "تاھاۋىينىڭ شەرھىسى" 48-بەتتە ھەسەن دەپ 571-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

   ئاللاھ تائالادىن مىيزانىمىزنى ئېغىر قىلىشنى سورايمىز.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى