جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

شېركەت ئىشچىلارغا خىزمەت ئايىغى سېتىۋېلىش ئۈچۈن پۇل بەرگەن بولسا، ئاياغ سېتىۋالماي ئۇ پۇلنى يېنىدا ساقلىسا ياكى كونا ئاياغ سېتىۋالسا توغرا بولامدۇ؟

سۇئال

مەن ئىككى يىلدىن بىرى قۇرۇلۇش شېركىتىدە ئىشلەۋاتىمەن، مەن يېڭىدىن ئىشقا كىرگەندە شېركەتتىن ماڭا خىزمەت ئايىغى سېتىۋىلىش ئۈچۈن مەلۇم مىقداردا پۇل بەردى، شېركەت يېڭىدىن ئىشقا كىرگەن ھەرقانداق خىزمەتچىگە شۇنداق قىلىدىكەن، مەن يېكى ئاياغ سېتىۋېلىپ ئۇنىڭ تالۇنىنى شېركەتكە تاپشۇرۇپ ئاياغنى خىزمەت ۋاختىدا كەيسەم تىز كونىراپ كەتمىسۇن، كېيىنچە كىيەمەن دەپ ئۆيدە قويۇپ، ئورنىغا شۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئەمما كونىراق بىر ئاياغنى ئىلىپ كەيدىم، بۇنداق قىلىشىم توغرىمۇ؟ مەن يېڭى سېتىۋالغان ئاياغنى سېتىپ پۇلىنى خىراجەت قىلسام ياكى ئاياغنىڭ ئورنىغا كونا ئاياغنى كەيگەندىن كېيىن يېڭى ئاياغنى خىزمەتتە كەيمەي باشقا ۋاقىتلاردا كەيسەممۇ بولامدۇ؟، خىزمەت ئايىغى مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن بۇزۇلۇپ، يېرتىلىدىغان بولغاچقا، ھەر پەسىلدە شېركەت كونا ئىشچىلارغا يەنە يېڭىدىن ئاياغ سېتىۋېلىشى ئۈچۈن پۇل تارقاتسا، مەنمۇ كونا ئىشچى بولغانلىقىم ئۈچۈن شۇ پۇلدىن ئىلىپ پايدىلانسام توغرا بولامدۇ؟ ياكى مەن خىزمەتكە ئۆزۈمنىڭ كونا ئايىغىمنى كىيىپ كىلىپ يېڭى ئاياغنى كەيمىگەنلىكىم ئۈچۈن يېڭىدىن ئاياغ ئېلىش ئۈچۈن تارقاتقان پۇلنى ئالماسلىقىم كېرەكمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: شېركەت ئىشچىلارنىڭ خىزمەت جەريانىدا ئىشلىتىشى ئۈچۈن بىر نەرسە سېتىۋېلىشقا پۇل بەرگەن بولسا، ئىشچىنىڭ ئۇ پۇلنى ياكى ئۇنىڭغا سېتىۋالغان نەرسىنى ئۆيىدە قويۇپ قويۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا كونا نەرسىلەرنى ئىشلىتىشى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى شېركەت ئۇلارغا بەرگەن پۇل ھەدىيە بولماستىن بەلكى خىزمەتتە ئىشلىتىدىغان نەرسە سېتىۋېلىشنى شەرت قىلىپ بەرگەن پۇل بولغانلىقى ئۈچۈن، بەلگىلەنگەن شەرتكە ئەمەل قىلىش كېرەك بولىدۇ.

    شەيخ زەكەرىيا ئەنسارى رەھىمەھۇللاھنىڭ "ئەسنا ئەلمەتالىب"ناملىق ئەسىرى 2-توم 479-بەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان: "ئەگەر بىر كىشىگە مەلۇم مىقداردا پۇل بېرىپ بۇنىڭغا بېشىڭنى ئورايدىغان باش كېيىمى سېتىۋالغىن ياكى بۇنىڭ بىلەن شەخسى تازىلىقىڭنى ياخشى قىلغىن دېگەن بولسا، ئۇ پۇلنى بۇيرۇلغان ئىشقا ئىشلىتىش كېرەك بولىدۇ، ئەمما مەلۇم بىر ئىشنى شەرت قىلماستىن بۇ پۇلنى خىراجەت قىلغىن دېگەن بولسا، ئۇ ۋاقىتتا ئۇنى نېمىگە ئىشلەتسە ياكى ئىشلەتمەي ساقلىسىمۇ توغرا بولىدۇ".

    شەيخ سۇلايمان ئىبنى ئۆمەر ئەلجەمەل رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بىر كىشىگە ئىپتار قىلغىن دەپ خورما بەرگەن بولسا، خورما بەرگۈچى ئۇ كىشىنىڭ سىرتقى ھالىتىگە قاراپ بەرگەن بولسا، بۇ خورمىنى باشقىغا ئىشلەتمەستىن ئىپتار قىلىشى كېرەك بولىدۇ". ["ھاشىيەتىل جەمەل ئەلا شەرھىل مىنھەج"2-توم 328-بەت].

   شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ مەسىلىدىكى قائىدە، بىزنىڭ قارىشىمىزدا: كىمكى كىشىلەردىن مەلۇم نەرسە ئۈچۈن بىر نەرسە ئالغان بولسا، ئالغان نەرسىنى چوقۇم شۇ نەرسە ئۈچۈن ئىشلىتىشى كېرەك بولىدۇ، ئۇلارنىڭ رۇخسىتىسىز باشقا نەرسىگە ئىشلىتىش توغرا بولمايدۇ". "ئايلىق ئۈچرىشىش"4-توم 9-بەت.

   ئۇ كىشىگە دەيدىغىنىمىز: سىز خاتا ئىش قىلىپسىز، يېڭى سېتىۋالغان ئاياغنى شېركەتتە خىزمەت ئۈچۈن ئىشلىتىڭ، ئەگەر شېركەت كونىنى ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلغان بولسا ئۇ ۋاقىتتا يېڭىنى ئىشلەتمىسىڭىز بولىدۇ.

    ئىككىنچى: شېركەت ئىلگىرى ئاياغ سېتىۋالغان ئىشچىلارنىڭ يەنە يېڭىدىن ئاياغ سېتىۋېلىش ئۈچۈن ياكى كونا ئايىغى يېرتىلغان ياكى ھەممەيلەن يېڭى ئاياغ سېتىۋالسۇن دەپ شەرت قىلىپ پۇل تارقاتقان بولسا، شۇ شەرتكە توغرا كەلگەن كىشىلەر تارقاتقان پۇلنى ئالسا توغرا بولىدۇ.

    ئەگەر شېركەت ھېچقانداق شەرت قىلماي، ئۆتكەن ۋاقىتقا رائىيە قىلىپ كونا ئاياغلار خىزمەتكە يارىمايدۇ دەپ پۇل تارقاتقان بولسا، ئۇ ۋاقتتا پۇلنى ئېلىپ يېڭى ئاياغ سېتىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ، ياكى ئىلگىرىكى ئايىغىڭىز خىزمەتكە يارىسا شۇنى كەيسىڭىزمۇ بولىدۇ، لېكىن ئىلگىرىكى خاتالىقىڭىزنى تۈزىتىۋېلىڭ.

    بۇنىڭ ئۈچۈن سىز پەقەت ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىڭ، ئەگەر خىزمەت ئايىغىڭىز يېڭى بولسا، شېركەت كونا ئاياغنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى شەرت قىلماستىن يەنە يېڭىدىن ئاياغ سېتىۋېلىش ئۈچۈن پۇل تارقاتقان بولسا ئۇنى ئالسىڭىز بولىدۇ. 

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى