جۈمە 17 شەۋۋال 1445 - 26 ئاپرىل 2024
Uygur

تىجارەت سۇغۇرتىسىدىن تۆلەم ئېلىش مەقسىتىدە دوستىغا ئىسپات تەييارلاش ئۈچۈن ياردەم قىلسا بولامدۇ؟

سۇئال

بىر خىزمەتدىشىمنىڭ ئۆيى زېيانغا ئۇچرىدى، خىزمەتدىشىم ئىلگىرى ئۆيىنى تولۇق كاپالەتلىك سۇغۇرتا قىلدۇرماستىن تىجارەت سۇغۇرتىسى قىلدۇرغان ئىكەن، ھەر يىلى سۇغۇرتىنى مۇددەتكە بۆلۈپ تۆلەيدىكەن، ئۆيىگە تۆلەم ئېلىش ئۈچۈن شىركەتتىن تەلەپ قىلغان ئىسپاتلارنى تەييارلاشقا ياردەم قېلىشىمنى سورىدى؟، بۇ شىركەت مۇددەتكە بۆلۈپ تۆلىگەن سۇغۇرتا ھەققى بىلەن ئوخشاش ياكى ئارتۇقراق ياكى ئۇنىڭدىن ئازراق بىر نەرسە بېرىدىكەن، ئۇنىڭ بۇ تۆلەمنى ئېلىشى ئۈچۈن  ياردەم قىلسام توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، ساھابىلىرى ۋە قىيامەتكىچە توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     بىرىنچى: تىجارەت سۇغۇرتىسىنىڭ ھەممە تۈرى ئوخشاشلا چەكلەنگەن بولۇپ، ئۆينى ياكى ماشىنىنى ياكى باشقا نەرسىلەرنى بۇ شەكىلدە سۇغۇرتا قىلىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى تىجارەت سۇغۇرتىسى جازانە ۋە قىمار ئاساسىغا قۇرۇلغاندۇر. لېكىن ئىنسان نەرسىلەرنى سۇغۇرتا قىلىشقا مەجبۇرلانغاندا، تىجارەت سۇغۇرتىسىدىن باشقا سۇغۇرتا تاپالمىغاندا، ئەڭ تۆۋەن چەكتە تىجارەت سۇغۇرتىسى قىلدۇرسا، ئۇنىڭ خاتالىقى-گۇناھى ئۇنى قىلىشقا مەجبۇرلىغان كىشىگە بولىدۇ. بۇ توغرىدا 8889- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    ئىككىنچى: بىر كىشى ئۆز ئىختىيارى بىلەن تىجارەت سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان بولسا، ئۇ كىشىگە سۇغۇرتىدىن تۆلەم كەلگەن ۋاقىتتا، ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ سۇغۇرتا شىركىتىگە تۆلىگەن ھەققىنى ئالىدۇ، ئۇنىڭدىن ئارتۇقىنى ئالمايدۇ.

    ئۆز ھەققىدىن ئارتۇق بولغانلىرىنى سۇغۇرتا شىركىتىگە قايتۇرىدۇ، شىركەت قوبۇل قىلغىلى ئۇنىمىسا، ئۇنى پىقىر-مىسكىنلەرگە تارقىتىپ بېرىدۇ، پىقىر-مىسكىنلەرمۇ بۇنىڭدىن پەقەت ئۆزلىرىنىڭ ھاجىتىگە قارىتا مۇۋاپىق مىقداردا ئالىدۇ. بۇ ھەقتە 131591-81915- نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

   ئۈچىنچى: سىز بۇ ئەھۋالنى دوستىڭىزغا ئوچۇق چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز ۋە دوستىڭىزنىڭ سۇغۇرتا شىركىتىدىن پەقەت ئۆزىنىڭ ھەققىنى ئالىدىغانلىقى ۋە ئارتۇق ئالمايدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلالىسىڭىز، ئۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ تۆلەم ئېلىش ئۈچۈن ئىسپات تەييارلىشىغا ياردەم بەرسىڭىز بولىدۇ.

    ئەمما دوستىڭىزنىڭ شىركەتكە تۆلىگەن ھەققىنى ئالماستىن بەلكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق بولغان قىسمىنىمۇ ئالىدۇ دەپ قارىسىڭىز، ئۇ ۋاقىتتا سىزنىڭ ئۇنىڭغا ياردەم بېرىشىڭىز توغرا بولمايدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ ئەكسىچە بولغاندا ھالال-توغرا بولمايدىغان نەرسىنى ئېلىشقا ياردەم بەرگەن ھېسابلىنىسىز.  ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ  وَتَعَاوَنُوا عَلَى الْبِرِّ وَالتَّقْوَى  تەرجىمىسى: ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار. [سۈرە مائىدە 2- ئايەت].

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى