پەيشەنبە 16 شەۋۋال 1445 - 25 ئاپرىل 2024
Uygur

مۇمىنلەرنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئۇچرىشىش بىلەن خۇرسەن بولىدىغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

    قۇرئان كەرىمدە مۇمىنلەرنىڭ ئاللاھ تائالا بىلەن ئۇچراشقاندا خۇرسەن بولىدىغانلىقى قايسى ئايەتتە بايان قىلىنغان؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     بىرىنچى: مۇمىنلەرنىڭ ئاللاھ تائالا بىلەن ئۇچراشقاندا خۇرسەن بولىدىغانلىقىنىڭ ئىپادىلىرى ئاخىرەت دىيارىدا بىر قانچە ئورۇندا ئاشكارا بولىدۇ:

    بىرىنچىسى: ۋاپات بولىدىغان ۋاقىتتا، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: أَلَا إِنَّ أَوْلِيَاءَ اللَّهِ لَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ الَّذِينَ آمَنُوا وَكَانُوا يَتَّقُونَ لَهُمُ الْبُشْرَى فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَفِي الْآخِرَةِ لَا تَبْدِيلَ لِكَلِمَاتِ اللَّهِ ذَلِكَ هُوَ الْفَوْزُ الْعَظِيمُ تەرجىمىسى: «راستلا ئاللاھنىڭ دوستلىرىغا (ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) قورقۇش يوقتۇر، ئۇلار غەم-ئەندىشە قىلمايدۇ. ئۇلار ئىمان ئېيتقان ۋە تەقۋادارلىق قىلغانلاردۇر. ئۇلارغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە خۇشخەۋەر بېرىلىدۇ (يەنى دۇنيادا جان ئۈزۈش ۋاقتىدا، ئاللاھنىڭ رازىلىقى ۋە رەھمىتىگە ئېرىشىدىغانلىقى بىلەن، ئاخىرەتتە نازۇ-نېمەتلىك جەننەتكە كىرىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىلىدۇ). ئاللاھ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ، ئەنە شۇ كاتتا بەختتۇر.» [سۈرە يۈنۈس 62-64-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَقِيلَ لِلَّذِينَ اتَّقَوْا مَاذَا أَنْزَلَ رَبُّكُمْ قَالُوا خَيْرًا لِلَّذِينَ أَحْسَنُوا فِي هَذِهِ الدُّنْيَا حَسَنَةٌ وَلَدَارُ الْآخِرَةِ خَيْرٌ وَلَنِعْمَ دَارُ الْمُتَّقِينَ جَنَّاتُ عَدْنٍ يَدْخُلُونَهَا تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ لَهُمْ فِيهَا مَا يَشَاءُونَ كَذَلِكَ يَجْزِي اللَّهُ الْمُتَّقِينَ الَّذِينَ تَتَوَفَّاهُمُ الْمَلَائِكَةُ طَيِّبِينَ يَقُولُونَ سَلَامٌ عَلَيْكُمُ ادْخُلُوا الْجَنَّةَ بِمَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ   تەرجىمىسى: «تەقۋادارلارغا: «پەرۋەردىگارىڭلار (پەيغەمبىرىگە) نېمىلەرنى نازىل قىلدى؟» دېيىلسە، ئۇلار: «ياخشى سۆزلەرنى نازىل قىلدى» دېيىشىدۇ. ياخشى ئىش قىلغۇچىلار بۇ دۇنيادا مۇكاپاتلىنىدۇ، ئاخىرەت يۇرتى (ئۇلار ئۈچۈن تېخىمۇ) ياخشىدۇر. تەقۋادارلارنىڭ يۇرتى راستلا نېمىدېگەن گۈزەل!. ئۇلار ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان دائىم تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرىدۇ، ئۇ يەردە ئۇلارنىڭ كۆڭلى خالىغان نەرسىلەر تېپىلىدۇ، ئاللاھ تەقۋادارلارنى ئەنە شۇنداق مۇكاپاتلايدۇ. ئۇلار (مۇشرىكلىك ۋە گۇناھلاردىن) پاك بولغان شارائىتتا پەرىشتىلەر ئۇلارنى قەبزى روھ قىلىدۇ، پەرىشتىلەر ئۇلارغا: «سالام سىلەرگە! قىلغان ئەمەلىڭلارنىڭ خاسىيىتىدىن جەننەتكە كىرىڭلار،» دەيدۇ.» [سۈرە نەھل 30-32-ئايەتلەر].

     ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: إِنَّ الَّذِينَ قَالُوا رَبُّنَا اللَّهُ ثُمَّ اسْتَقَامُوا تَتَنَزَّلُ عَلَيْهِمُ الْمَلَائِكَةُ أَلَّا تَخَافُوا وَلَا تَحْزَنُوا وَأَبْشِرُوا بِالْجَنَّةِ الَّتِي كُنْتُمْ تُوعَدُونَ  نَحْنُ أَوْلِيَاؤُكُمْ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَفِي الْآخِرَةِ وَلَكُمْ فِيهَا مَا تَشْتَهِي أَنْفُسُكُمْ وَلَكُمْ فِيهَا مَا تَدَّعُونَ   نُزُلًا مِنْ غَفُورٍ رَحِيمٍ تەرجىمىسى: «شۈبھىسىزكى، «پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھتۇر» دېگەنلەر، ئاندىن توغرا يولدا بولغانلارغا پەرىشتىلەر چۈشۈپ: «قورقماڭلار، غەم قىلماڭلار، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان جەننەت ئۈچۈن خۇشال بولۇڭلار، بىز دۇنيادا، ئاخىرەتتە سىلەرنىڭ دوستلىرىڭلارمىز، جەننەتتە سىلەر ئۈچۈن كۆڭلۈڭلار تارتقان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ۋە تىلىگەن نەرسەڭلارنىڭ ھەممىسى بار، (ئۇلار) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچى، ناھايىتى مېھرىبان (ئاللاھ) تەرىپىدىن بېرىلگەن زىياپەتتۇر،» دەيدۇ.» [سۈرە پۇسسىلەت 30-32-ئايەت].

    ئاللاھ تائالانىڭ پەرىشتىلىرى مۇمىن بەندىلەرنىڭ يېنىغا ئاللاھدىن بولغان خوش-خەۋەرنى ئىلىپ كەلسە، ئۇلارنىڭ خوشلۇقى ۋە خۇرسەنلىكى ئىپادىلىنىدۇ.

ئەمما كاپىر ۋە پاسىقلارنىڭ يېنىغا كەلگەندە،  ئۇلاردا سېقىلىش، غەم-قايغۇ ۋە چارچاش ئىپادىلىنىدۇ.

    بۇنىڭدىن باشقا مۇمىن بەندە سەكراتقا چۈشكەن ھالىتىدە، ئاللاھ تائالاغا ئۇچرىشىشقا ئېشتىياق بولىدۇ، كاپىر ياكى پاسىق بولسا ئاللاھ تائالاغا ئۇچرىشىشنى ياقتۇرمايدۇ.

    ئەنەس ئىبنى مالىك ۋە ئۇبادە ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئاللاھ تائالاغا ئۇچرىشىشنى ياقتۇرىدىكەن، ئاللاھ تائالامۇ ئۇ كىشى بىلەن ئۇچرىشىشنى ياقتۇرىدۇ، كىمكى ئاللاھ تائالاغا ئۇچرىشىشنى ياقتۇرمايدىكەن، ئاللاھ تائالامۇ ئۇ كىشى بىلەن ئۇچرىشىشنى ياقتۇرمايدۇ.»

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاياللىرىدىن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ياكى باشقا بىرى: بىز ئۆلۈمنى ياقتۇرمايمىز دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئىش ئۇنداق ئەمەس، لېكىن مۇمىن كىشى سەكراتقا چۈشكەندە، ئۇنىڭغا ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى، ئىززەت-ئىكرامى بىلەن خوش خەۋەر بېرىلگەندە، ئۇ كىشى ئۈچۈن كۆز ئالدىدا بار بولغان ھەممە نەرسە، ئۇ نەرسىدىنمۇ ياخشى كۆرۈلگۈچى بولمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى ئاللاھ بىلەن ئۇچرىشىشنى ياقتۇرىدۇ، ئاللاھمۇ ئۇ كىشى بىلەن ئۇچرىشىشنى ياقتۇرىدۇ، كاپىر سەكراتقا چۈشكەن ۋاقتىدا، ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ ئازابى بىلەن خەۋەر بېرىلگەندە، ئۇ كىشىنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭدىنمۇ بەك ئۆچ كۆرۈلىدىغان نەرسە بولمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كاپىر ئاللاھقا ئۇچرىشىشنى ئۆچ كۆرىدۇ، ئاللاھ تائالامۇ ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىشنى ياقتۇرمايدۇ» دېدى.

    شۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى كىشىلەر ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلىدىغان نېمەتكە ئېشتىياق باغلاپ، ئۆزىنى كۆتۈرۈپ قەبىرگە ئىلىپ ماڭغانلاردىن تىزراق مېڭىشنى تەلەپ قىلىدۇ، ئەمما پاسىق-پاجىر بەندە بولسا ئېلىپ بېرىلىدىغان جايدىكى ئازاب-ئوقۇبەتتىن داد-پەرياد قىلىدۇ.

     ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام نەسائى ئەبۇ سەئىدىل خۇدەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۆلگەن كىشى جىنازىگە قويۇلۇپ كىشىلەر كۆتۈرۈپ ماڭغاندا، ۋاپات بولغان كىشى ياخشى ئادەم بولسا: تىزراق بولۇڭلار دەيدۇ، ئەگەر ياخشى ئادەم بولمىسا، ئۇ ئۆزىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە: ۋايجان! مېنى نەگە ئىلىپ بارىسىلەر؟دەپ توۋلايدۇ، بۇنىڭ ئاۋازىنى ئىنسان ۋە جىندىن باشقا بارلىق مەخلۇقلار ئاڭلايدۇ، ئەگەر ئىنسانلار ئاڭلاپ قالسا، ئۇلار قورقۇنچىدىن ھۇشىدىن كېتەتتى». [ئۆمەر بىن سۇلايمان ئەشقەرىنىڭ "كېچىك قىيامەت" ناملىق ئەسىرى 28-بەت. "ئەقىدە توپلاملىرى" 4-توم 131-بەت].

    ئىككىنچى: مۇمىنلەر ئاخىرەتتە جەننەت بىلەن ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارغا تەييار قىلغان نېمەتلىرى بىلەن خۇش-خەۋەر بېرىلگەندە، ئۆزلىرىنىڭ نام-ئەمەل كارتى ئوڭ قولىغا بېرىلگەندە خۇرسەن بولۇپ كېتىدۇ، قاراڭ! مۇمىننىڭ ئەمەل كارتى ئوڭ قولىغا بېرىلگەندە خۇرسەن بولىدىغان بۇ كاتتا كۆرۈنۈشلەرنى بايان قىلىپ ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: فَأَمَّا مَنْ أُوتِيَ كِتَابَهُ بِيَمِينِهِ فَيَقُولُ هَاؤُمُ اقْرَءُوا كِتَابِيَهْ  إِنِّي ظَنَنْتُ أَنِّي مُلَاقٍ حِسَابِيَهْ فَهُوَ فِي عِيشَةٍ رَاضِيَةٍ فِي جَنَّةٍ عَالِيَةٍ قُطُوفُهَا دَانِيَةٌ كُلُوا وَاشْرَبُوا هَنِيئًا بِمَا أَسْلَفْتُمْ فِي الْأَيَّامِ الْخَالِيَةِ تەرجىمىسى: «نامە-ئەمالى ئوڭ قولىغا بېرىلگەن ئادەم (خۇشاللىقتىن): «بۇ مېنىڭ نامە ـ ئەمالىمنى ئېلىپ ئوقۇپ بېقىڭلار، مەن ھېساباتىمغا مۇلاقات بولىدىغانلىقىمغا مۇقەررەر ئىشەنگەن ئىدىم،» دەيدۇ. ئۇ كۆڭۈللۈك تۇرمۇشتا بولىدۇ. ئېسىل جەننەتتە بولىدۇ. ئۇنىڭ مېۋىلىرى(ئۆرە تۇرغاندىمۇ، ئولتۇرغاندىمۇ، ياتقاندىمۇ قولىنى سوزۇپلا ئالالايدىغان دەرىجىدە) يېقىن بولىدۇ. (ئۇلارغا)«ئۆتكەنكى كۈنلەردە (يەنى دۇنيادىكى چاغلاردا) ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن، خۇشال ـ خۇرام يەڭلار، ئىچىڭلار»دېيىلىدۇ.» [سۈرە ھاققە 19-24-ئايەتلەر].

    ئۈچىنچى: مۇمىنلەرنىڭ ئاللاھ تائالا بىلەن ئۇچراشقاندا خۇرسەن بولىدىغان كۆرۈنىشلىرىدىن، ئۇلارنىڭ ئاللاھ تائالانى كۆرگەندە، ۋە ئاللاھنىڭ مۇبارەك جامالىغا قارىغاندا خۇرسەن بولىشى بولۇپ، ئاللاھ تائالا بۇنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: لِلَّذِينَ أَحْسَنُوا الْحُسْنَى وَزِيَادَةٌ وَلَا يَرْهَقُ وُجُوهَهُمْ قَتَرٌ وَلَا ذِلَّةٌ أُولَئِكَ أَصْحَابُ الْجَنَّةِ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ تەرجىمىسى: «ياخشى ئىش قىلغانلار جەننەتكە ۋە ئاللاھنىڭ جامالىنى كۆرۈشكە نائىل بولىدۇ، ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى قارىلىق ۋە خارلىق قاپلىمايدۇ (يەنى ئۇلارغا غەم ـ قايغۇ ۋە پەرىشانلىق يۈزلەنمەيدۇ). ئەنە شۇلار ئەھلى جەننەت بولۇپ، جەننەتتە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر.» [سۈرە يۈنۈس 26-ئايەت].

    تەپسىر ئالىملىرى ئايەتتىكى"زىيادە" دېگەن سۆزنى ئاللاھ تائالانىڭ مۇبارەك جامالىغا قاراش دەپ چۈشەندۈرگەن.

    ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان 181-ھەدىسنىڭ مەزمۇنىمۇ بۇ تەپسىرنى كۈچلاندۇرىدۇ. سۈھەيب رۇمى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: لِلَّذِينَ أَحْسَنُوا الْحُسْنَى وَزِيَادَةٌ تەرجىمىسى: «ياخشى ئىش قىلغانلار جەننەتكە ۋە ئاللاھنىڭ جامالىنى كۆرۈشكە نائىل بولىدۇ،» دېگەن بۇ ئايەتنى تىلاۋەت قىلىپ، جەننەت ئەھلى جەننەتكە، دوزاخ ئەھلى دوزاخقا كىرگەن ۋاقىتتا، بىر جاكارچى مۇنداق دەيدۇ: ھەي جەننەت ئەھلى! ئاللاھنىڭ سىلەرگە قىلغان ۋەدىسى بولۇپ، ئاللاھ ۋەدىسىنى ئورۇنلىماقچى دەيدۇ، جەننەت ئەھلى: ئۇ قانداق ۋەدىكەن؟ ئاللاھ بىزنىڭ ئەمەل مىزانىمىزنى ئېغىر قىلىپ، يۈزلىرىمىزنى ئاق قىلىپ، بىزنى جەننەتكە كىگۈزىپ، دوزاختىن يىراق قىلمىدىمۇ؟دەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ ئۇلارغا پەردىنى ئاچىدۇ، ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ مۇبارەك جامالىغا قارايدۇ، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! ئاللاھ تائالا ئۇلارغا ئۆزىنىڭ جامالىغا نائىل بولۇشتىنمۇ بەكراق ياخشى كۆرەلگۈچى ۋە خۇرسەن بولغۇچى بىر نېمەت ئاتا قىلمىدى».

    ئاللاھ تائالانىڭ سۈرە قىيامەت 23-22-ئايەتىكى:  وُجُوهٌ يَوْمَئِذٍ نَاضِرَةٌ إِلَى رَبِّهَا نَاظِرَةٌ  تەرجىمىسى: «بۇ كۈندە، (سائادەتمەنلەرنىڭ) يۈزلىرى نۇرلۇق بولىدۇ. (ئۇلار) پەرۋەردىگارىغا قاراپ تۇرىدۇ».دېگەن بۇ ئايەتلەرمۇ قىيامەت كۈنىدە مۇمىنلەرنىڭ يۈزلىرىنىڭ ناھايتى نۇرلۇق ۋە خۇرسەنلىكتە بولىدىغانلىقى، بولۇپمۇ ئاللاھ تائالانىڭ جامالىغا قارىغاندىن كېيىن بۇ نۇرنىڭ يەنىمۇ زىيادە بولىدىغانلىقىنى ئوچۇق ئىپادىلەيدۇ. 

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى