چارشەنبە 15 شەۋۋال 1445 - 24 ئاپرىل 2024
Uygur

قەرزگە سېتىۋالغان تاماكىنىڭ پۇلىنى تەۋبە قىلىشتىن ئىلگىرى تۆلىۋېتىش كېرەك بولامدۇ؟

سۇئال

   مەن ئىلگىرى تاماكا چېكىدىغان ۋاقتىمدا، تاماكا ساتقۇچىدىن نېسىگە سېتىۋالاتتىم، قەرزنى قايتۇرمىغانلىقىم ئۈچۈن نېسى ساتمايدىغان بولدى، مەندە قەرزنى تۆلىگۈدەك پۇل يوق، ئۇزۇن ۋاقىت قەرزنى تۆلىيەلمىدىم، تاماكا ساتقۇچىمۇ ئۆلۈپ كەتتى، دۇكاندا ئۇنىڭ بالىلىرى بار، ئاللاھقا ھەمدۇ-سانالەر بولسۇن، ھازىر مەن تەۋبە قىلدىم، تاماكا چەكمەيمەن، مەن ئەمدى نېمە قىلىشىم كېرەك؟. بۇ ھەقتە يول كۆرسۈتۈشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە توغرا يولدا ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت- سالاملىرى بولسۇن.

   بىرىنچى: بارلىق ئالىملارنىڭ قارىشىدىكى ئومۇمى قائىدە، چەكلەنگەن نەرسىنىڭ ئورنىغا بىر نەرسە بېرىش توغرا بولمايدۇ، چەكلەنگەن نەرسىنى سېتىۋالغان كىشىنىڭ ئۇنى تاپشۇرۇپ ئېلىشى ۋە ئۇنىڭ پۇلىنى بېرىشى توغرا بولمايدۇ.

    ئەگەر ساتقۇچى چەكلەنگەن نەرسىنى سېتىپ پۇلىنى تاپشۇرۇپ ئالغان بولسا، ئۇ پۇلنى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك بولىدۇ، ئەمما ساتقان نەرسىنى ئىشلىتىپ بولغان بولسا ياكى ئۇنىڭدىن پايدىلانغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا ئۇ پۇلنى سەدىقە قىلىۋېتىدۇ.

    ئەگەر سېتىۋالغۇچى مالنى تاپشۇرۇپ ئالغان بولسا، ئۇنى بۇزۇۋېتىش كېرەك بولىدۇ، چۈنكى ئۇ مال چەكلەنگەن نەرسىنىڭ ئۆزىدۇر، ئۇنىڭدا شەرىئەتتە ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان مەنپەئەت يوق، ئۇ مال ئىگىسىگە قايتۇرۇلمايدۇ.

    بۇ ئومۇمى قائىدىدۇر، بۇ چەكلەنگەنلىكى ئوچۇق بولغان ھاراق، چوشقا ۋە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان نەرسىلەرگە تەتبىق قېلىنىدۇ.

    ئىبنى ھەبىيب مۇنداق دەيدۇ: "مۇسۇلمان يەنە بىر مۇسۇلمانغا ھاراق ساتقان بولسا، ئەگەر ھاراق ساتقۇچىنىڭ ياكى سېتىۋالغۇچىنىڭ قولىدا بولسا، بۇنى ساتقۇچىنىڭ نامىدا تۆكۈۋېتىدۇ، پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغان بولسا، ئۇنى ئىگىسىگە قايتۇرىدۇ، ئەگەر سېتىۋالغۇچى ھاراقنى بىر تەرەپ قىلغان بولسا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى سودىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش يوق بولغان بولىدۇ، ساتقۇچى پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغان بولسۇن ياكى تاپشۇرۇپ ئالمىغان بولسۇن، پۇلنى سەدىقە قىلىۋېتىدۇ، بۇ ئىككى تەرەپ جازالىنىدۇ"."[ئەننەۋادەر ۋەززىيادات ئەلا ماپىيھىل مۇدەۋۋەنە مىن غەيرىغا مىنەل ئۇممىھات" 6-توم 179-بەت].

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: بىر كىشى ھاراق سېتىۋېلىپ پۇلىنى بەرمىگەن بولسا، تەۋبە قىلغاندىن كېيىن قانداق قىلىشى كېرەك؟ دەپ سورالغاندا، ئۇ كىشى قەرز پۇلنى بېرىدۇ، ئۇ پۇل مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتىگە ئېشلىتىلىنىدۇ دەپ جاۋاپ بەرگەن. ["ئەلكەنزۇ ئەسسەمىين" ناملىق ئەسەر 118-بەت].

    ئىككىنچى: ئەمدى سوئالنىڭ ئۆزىگە كەلسەك، ئەڭ توغرىسى قەرزگە سېتىۋالغان تاماكىنىڭ پۇلىنى تۆلىۋېتىش بىر قانچە تەرەپتىن كېرەك بولىدۇ: 1-گەرچە تاماكىنىڭ ھاراملىقى توغرىسىدا پەتىۋا بولسىمۇ، لېكىن بۇ مەسىلىدە ئالىملار ئارىسىدىكى مەكروھ دېگۈچىلەر بىلەن ھارام دېگۈچىلەر ئارىسىدىكى ئىختىلاپ مەشھۇردۇر، كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ دىلىغا تاماكىنىڭ ھاراملىقى ھاراق ۋە باشقا زەھەرلىك چىكىملىكلەرنىڭ ھاراملىقىدەك چوڭقۇر ئورناشمىغان، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار تاماكا چېكىش، سېتىش ۋە بۇ توغرىدا تىجارەت قىلىشتا كەڭرى يول تۇتقان، بۇ دۇرۇس دېگەن كىشىنىڭ سۆزىگە ئەگەشكەنلىكتىن ياكى شەكلىنىپ كەتكەنلىكتىن ياكى تاماكىدىكى زەرەرنىڭ تېپىلىشىدىن ئىبارەت بولغان ھاراملىقنىڭ ئاساسىغا قانائەت قىلمىغانلىقتىن بولغان.

    شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىسلام ئۈممىتى ئىختىلاپ قىلغان مۇئامىلە بىلەن پۇل-مال كەسىپ قىلغان بولسا، بۇ باشقىچە چۈشىنىش بىلەن، تېرىشچانلىق بىلەن بۇنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئېتىقاد قىلىش ياكى ئەگەشمىچىلىك ياكى بەزى ئالىملارنىڭ شەك قىلىشى ياكى بەزى ئالىملارنىڭ پەتىۋا بېرىشى بىلەن بولغان بولسا، بۇ ئارقىلىق كەسىپ قىلىپ تاپقان پۇل-مالنى گەرچە كېيىن ئۇلارغا پەتىۋا بەرگۈچىنىڭ خاتالاشقانلىقى سەۋەبىدىن ئۆزلىرىنىڭ خاتالاشقانلىقى ئېنىق بولسىمۇ، ئۇنى  قولىدىن چىقىرىۋېتىش كېرەك بولمايدۇ.

    مۇسۇلمان ئۆز قارىشىدا قىلغان سودا-سېتىق، ئىجارە ۋە باشقا مۇئامىلە ئىشلىرىنى بەزى ئالىملارنىڭ پەتىۋاسى بىلەن توغرا دەپ قارىغان ۋە بۇ يول بىلەن پۇل-مال تاپقان بولسا، كېيىن ئۇ ئالىملارنىڭ پەتىۋاسىنىڭ خاتا ئىكەنلىكى، توغرا قاراشتا ئىلگىرىكى سودا-سېتىق بىلەن تاپقان پۇلىنىڭ ھارام ئىكەنلىكى ئېنىق بولغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئىلگىرىكى ئالىملارنىڭ پەتىۋاسى بىلەن تاپقان پۇل-ماللىرى ھارام بولمايدۇ". ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى"29-توم 443-بەت].

   2- قەرىز پۇلنى تۆلىمەسلىك، ھەق ئىگىسى تەرىپىدىنمۇ قوبۇل قىلىنىدىغان توغرا چۈشەنچە ئەمەس، بۇ تەۋبە قىلغان ئادەمنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەرگىمۇ ياخشى تەسىر بەرمەيدۇ، ئۇ كىشىگە تەۋبە قىلىپ تۇنجى قىلىدىغان ئىش باشقىلارنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىشتۇر.

   3-بەلكى قەرىز ئىگىسى بۇ كىشىنىڭ تەۋبىسىنى نېسى ئالغان تاماكىنىڭ پۇلىنى تۆلەشتىن قېچىپ ھىيلە قىلدى دەپ ئويلاپ قالىدۇ.

   4-ھەقىقەتەن ئالىملار ھارام نەرسىنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ پۇلىنى بېرىشنى توغرا دەپ قارىمايدۇ، ھارام مالنىڭ ئىگىسىنىڭمۇ ئۇنىڭ پۇلىنى ئېلىشىنى توغرا دېمەيدۇ، مال ۋە پۇلدىن ئىبارەت ئىككى ھارام نەرسىنىڭ بىرلىشىپ قالماسلىقى ئۈچۈن. پەقەت ئۇ پۇلنى سەدىقە قىلىۋېتىش كېرەك دەپ قارايدۇ.

     شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "كىمكى ھارام نەرسىنىڭ ئورنىغا ھەق ئالسا ياكى ئۇنىڭ مەنپەئەتىنى تولۇقلاپ ئالغان بولسا، خۇددى ھاراق كۆتۈرگۈچى، كرېست بەلگىسى ياسىغۇچى ۋە پاھىشە خوتۇن قاتارلىقلارنىڭ تاپقان پۇلىغا ئوخشاش بولۇپ، بۇ پۇللارنى سەدىقە قىلىۋېتىپ، چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلغانلىقىغا تەۋبە قىلىشى كېرەك، ئۇ كىشىنىڭ ھارام مالنىڭ ئورنىغا ئالغان نەرسىنى سەدىقە قىلىۋېتىشى قىلغان ئىشىنىڭ كاپارىتى بولىدۇ. ھارام نەرسىنىڭ ئورنىغا ئالغان نەرسىدىن پايدىلىنىشى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ پاسكىنا نەرسىنىڭ ئورنىغا ئالغان نەرسە بولۇپ، ئەسلى ساھىبىغا قايتۇرۇلمايدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى ھارام نەرسىنىڭ ئورنىغا ئالغان نەرسىنى تولۇقلاپ ئالدى، ئالىملار بايان قىلغاندەك ئۇ نەرسىنى سەدىقە قىلىۋېتىدۇ. ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ ھاراق يۆتكەپ بېرىپ پۇل تاپقان كىشى توغرىسىدىمۇ شۇنداق دېگەن، ئىمام مالىك ۋە باشقا ئالىملارمۇ شۇنداق دەلىل بايان قىلغان". ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى"22-توم 142-بەت].

    يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئوخشۇتۇشلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىدىن تۆھمەتنى يىراق قىلىش ئۈچۈندۇر، بىزنىڭ قارىشىمىزچە سىزگە ئەڭ توغرا بولغىنى: تاماكىنى نېسى ئالغان قەرىز پۇلنى تولۇق تۆلەش، پۇلنى بەرگەن ۋاقتىڭىزدا ئۇنى سەدىقە دەپ نىيەت قىلىڭ، سەدىقە دېگەن باي-كەمبەغەل ھەممىگە دۇرۇس بولىدۇ.

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "نەپلە سەدىقە ئىختىلاپسىز بايلارغىمۇ دۇرۇس بولىدۇ". ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى"6-توم 236-بەت].

    ئەگەر ۋاپات بولغان كىشىنىڭ مىراسخۇر ئوغلىغا ئەھۋالنى بايان قىلىپ، قەرزنى بەرسىڭىز، بۇ ياخشىدۇر، بەلكىم  بۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇ پەرزەنتكە ياخشىلىقىنىڭ ئېشىكىنى ئېچىۋەتكەي، تاماكا ۋە باشقا چەكلەنگەن نەرسىلەرنى سېتىشتىن تەۋبە قىلىشقا يول ئېچىپ بەرگەي.

    ئەگەر سىز ئۇلارنىڭ سىزدىن يامان گۇمان قىلىشى ۋە قەرزنى تەلەپ قىلماسلىقىدىن خاتىرجەم بولسىڭىز، ئاللاھ خالىسا ئۇلارغا بېرىدىغان تاماكىنىڭ پۇلىنى سەدىقە قىلىۋەتسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئاللاھ تائالادىن سىزنىڭ تەۋبىڭىزنى قوبۇل قىلىشىنى سورايمىز.  

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى