جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

شەرت-شارائىتنى تىللاش ياكى لەنەت قىلىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

شەرت-شارائىتنى تىللاش ياكى لەنەت قىلىشنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ئادەم ئەۋلادلىرى ماڭا ئەزىيەت يەتكۈزىدۇ، زاماننى تىللايدۇ، مەن زاماندۇرمەن، ئىش تۇتقۇسى مېنىڭ قولۇمدىدۇر، كېچە-كۈندۈزنى مەن ئالماشتۇرىمەن. [بۇخارى رىۋايىتى 4826-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2246-ھەدىس. مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە: زاماننى تىللىماڭلار، ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن ئۇ زاماندۇر دەپ بايان قىلىنغان.

    ئىبنى ئابدۇلبەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "توغرىسىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، ئىمام شافىئى رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: "ئەرەبلەر ھەقىقەتەن ئۇلارغا ئۆلۈم-يىتىم، ۋەيرانچىلىق، مال-دۇنياسىدىن ئايرىلىپ قىلىش قاتارلىق بىرەر مۇسىبەت يەتسە، ئۇلار زاماننى تىللاپ ۋە سۆكۈپ: بىزگە زاماننىڭ ئاپەتلىرى يەتتى، ئۇلارنى زامان تۈپ-يىلتىزىدىن يوق قىلدى، ئۇلارغا زاماننىڭ ئوڭۇشسىزلىقلىرى يەتتى، كېچە-كۈندۈز ئۇلارغا شۇنداق قىلدى دەيتتى ۋە شۇنىڭ بىلەن زاماننى سۆكەتتى ۋە تىللايتتى".

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: زاماننى تىللىماڭلار يەنى سىلەرگە يەتكەن ئىشنىڭ سەۋەبىدىن زاماننى تىللىماڭلار، ھەقىقەتەن سىلەر بۇنى قىلغۇچىنى تىللىساڭلار، ئاللاھنى ھاقارەت قىلغان بولىسىلەر، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلغۇچى ئاللاھدۇر، ھەممىنى ياراتقۇچى ئاللاھ بولۇپ، پەقەت ھەممىدىن يۈكسەك ۋە كاتتا بولغان ئاللاھ خالىغان ئىش بولىدۇ. ["ئەلئىستىزكار"27-توم 310-بەت].

    زاماننى ھاقارەت قىلىشنى چەكلەش ئىشىدىن، بۇ ھاقارەت ئىككى ئىشنىڭ بىرىنى لازىم تۇتىدۇ:

    بىرىنچىسى: ھاقارەت قىلغۇچى ئۆز ئېتىقادىدا، زاماننىڭ ئۆزى پايدا-زىيان يەتكۈزۈشكە ئىگە بولىدۇ دەپ قارايدۇ، شۇنىڭ بىلەن پايدا-زىيان يەتكۈزۈشتە زاماننى ئاللاھ تائالاغا باراۋەر قىلىپ، ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرىدۇ.

    ئىككىنچىسى: زاماننى ھاقارەت قىلغۇچى ئۆز ئېتىقادىدا، زامان ۋە ئۇنىڭدا يۈز بېرىدىغان خۇرسەنلىك ۋە غەم-قايغۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ تەقدىرى-ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن بولىدۇ دەپ قارايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالانى ھاقارەت قىلغان بولىدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇشۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ياراتقۇچىدۇر.

    ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "زاماننى ھاقارەت قىلىش ئىككى ئىشنىڭ ئارىسىدا بولىدۇ: ئىككى ئىشنىڭ بىرى چوقۇم بولىدۇ: ئۇ كىشى ياكى ئاللاھنى ھاقارەت قىلىدۇ ياكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدۇ.

    ئەگەر ئۇ كىشى زامان ئاللاھنىڭ بىلەن بىرگە بۇ ئىشلارنى قىلغۇچى دەپ ئىتىقاد قىلسا ئۇ كىشى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن بولىدۇ، ئەگەر بۇ ئىشنى ئاللاھ ئۆزى يالغۇز قىلغۇچى دەپ ئىتىقاد قىلسا، ئۇ ئىشلارنى قىلغۇچىنى ھاقارەت قىلغان بولىدۇ. ["زادىل مىئاد"2-توم 324-بەت].

     مۇشۇ ئىللەتكە قارىغاندا، چەكلىمە ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە شەرت-شارائىتنى ھاقارەت قىلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، چۈنكى ئۇمۇ ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن بولىدۇ، زامان ۋە شارائىتلار ئۆز ئالدىغا پايدا-زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، ئۇنى ھاقارەت قىلىشتىن ھاقارەت قىلغۇچى زامان ئۆز ئالدىغا زىيان يەتكۈزۈشكە تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ ئىتىقاد قىلسا بۇنىڭ بىلەن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن بولىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى پەرۋەردىگارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىدىن بولغان نەرسىلەرنى زامان، شارائىتلارغا نىسبەت بەرگەن بولدى.

    ئەگەر ھاقارەت قىلغۇچى ياكى لەنەت قىلغۇچى بۇ ئەھۋاللار ئاللاھنىڭ تەسەررۇپى بىلەن بولىدۇ دەپ ئىتىقاد قىلسا، بۇنداق ھالەتتە ئۇ كىشى بۇ ئىشلارنى قىلغۇچى بولغان ئاللاھ تائالانى سۆككەن بولىدۇ.

    بۇ ئىككى ئىشنىڭ ھەممىسى مۇسۇلماننىڭ ئەقىدىسىگە خەتەرلىكتۇر، مۇسۇلماننىڭ ئۇنداق ئىشلارنى مەقسەت قىلىشى توغرا بولمايدۇ، ئەگەر تىلىدىن خاتا كېتىپ قالسا تىزدىن ئاللاھ تائالانى شېرىكتىن پاكلاش ياكى ئاللاھنى زۇلۇم قىلدى ۋە ئەزدى دەپ گۇمان قىلىشتىن تەۋبە قىلىش كېرەك.

    سوئال سورىغۇچى ياكى باشقا بىر كىشىگە بىرەر مۇسىيبەت يەتسە، ھاقارەت قىلىشقا ھەقلىق بولمىغان نەرسىلەرنى ھاقارەت قىلماستىن بەلكى شەرئى ئەدەب بىلەن ئەدەبلىنىپ، سەۋىرچان بولۇپ، ئاللاھنى ياد ئېتىپ ئايەتتە بايان قىلىنغاندەك: بىز ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز(ئاللاھنىڭ بەندىلىرىمىز)،چوقۇم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز دېيىش كېرەك.

    ئايەتتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  قَالُوا إِنَّا لِلَّهِ وَإِنَّا إِلَيْهِ رَاجِعُونَ، أُولَئِكَ عَلَيْهِمْ صَلَوَاتٌ مِنْ رَبِّهِمْ وَرَحْمَةٌ وَأُولَئِكَ هُمُ الْمُهْتَدُونَ  تەرجىمىسى: ئۇلارغا بىرەر مۇسىبەت كەلگەن چاغدا، ئۇلار: بىز ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز (ئاللاھنىڭ بەندىلىرىمىز)، چوقۇم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز دەيدۇ، ئەنە شۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ مەغپىرىتى ۋە رەھمىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر، ئەنە شۇلار ھىدايەت تاپقۇچىلاردۇر. [سۈرە بەقەرە 156-157-ئايەت].

      ياكى ئۇلار ئاللاھ ئورۇنلاشتۇرغان ۋە ئاللاھ خالىغان ئىش بولدى دەيدۇ.

      ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: كۈچلۈك مۇئمىن ئاجىز مۇئمىنغا نىسبەتەن ياخشىدۇر ۋە ئاللاھقا ياخشى كۆرەلگۈچىدۇر، ھەممىسىدە ياخشىلىق باردۇر، ئۆزۈڭگە پايدىلىق بولغان ئىشلارغا ھېرىسمەن بولغىن، ئاللاھدىن ياردەم تەلەپ قىلغىن، ئاجىز بولما، ئەگەر ساڭا بىرەر مۇسىبەت يەتسە: ئەگەر مەن مۇنداق، مۇنداق قىلغان بولسام مۇنداق بولاتتى دېمىگىن، لېكىن ئاللاھ ئورۇنلاشتۇرغان ۋە ئاللاھ خالىغان ئىش بولدى دېگىن، چۈنكى "ئەگەر" دېگەن سۆز شەيتاننىڭ ئىشىغا يول ئاچىدۇ. [مۇسلىم رىۋايىتى 2664-ھەدىس. تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 9571-8621- نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى