جۈمە 17 شەۋۋال 1445 - 26 ئاپرىل 2024
Uygur

تەراۋىھ نامىزى بىلەن كېچىنىڭ ئاخىرىدىكى تەھەججۈت نامىزىنىڭ ئارىسىنى ئايرىشنىڭ يولغا قويۇلغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

مەن يۇتۇيۇبدا تەھەججۇت نامىزى بىدئەت دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم، تەھەججۈت بىلەن تەراۋىھنىڭ ئارىسىنى ئايرىپ كەلتۈرمىدى، بۇنىڭ ئىككىلىسى كېچىنىڭ ئەۋۋىلىدە ياكى ئاخىرىدا قىلىنىدىغان بىر ناماز ئىدى، بۇنى تۇنجى ئايرىپ باشلىغان كىشى بۇنىڭدىن ئەللىك يىل بۇرۇنقى ھەرەمنىڭ ئىمامى ئابدۇللاھ خەلىپە رەھىمەھۇللاھ بولۇپ، ئۇنىڭدىن بۇرۇن تەراۋىھ بىلەن تەھەججۈتنىڭ ئارىسىدا پەرق يوق ئىدى، بۇ توغرىمۇ؟ ئىنسانلار ھازىر قىلىۋاتقاندا ئوخشاش ئۇ ئىككى نامازنىڭ ئارىسىنى ئايرىشنىڭ ھۆكمى قانداق؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

   بىرىنچى: رامزاندا ۋە باشقا ۋاقىتلاردا كېچىدە تەھەججۈت نامىزى ئوقۇش ياخشى بولۇپ، رامزاندا تەھەججۈت نامىزى ئوقۇش ئالاھىدە تەكىتلەنگەن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلارنىڭ قىلغانلىقى ئۈچۈن جامائەت بولۇپ ئوقۇش يولغا قويۇلغان.

تەھەججۈت نامىزىنىڭ ۋاقتى خۇپتەننىڭ سۈننىتىدىن كېيىن تاڭ يورۇغىچە بولىدۇ، رەكەت سانى بەلگىلەنمەيدۇ، بۇ توغرىدا ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنبەردە تۇرغاندا، بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن كېچىلىك ناماز توغرىسىدا سورىدى؟. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: كېچىلىك ناماز ئىككى رەكەت-ئىككى رەكەتتىن بولىدۇ، تاڭ يورۇشتىن ئەنسىرەپ قالسا، بىر رەكەت ئوقۇپ ئىلگىرى ئوقۇغان نامىزىغا ۋىتىر قىلسۇن» دېدى.

    كېچىدە ئوقۇيدىغان ناماز تەراۋىھ دەپ ئاتىلىدۇ، چۈنكى ئۇلار تەراۋىھدا ھەر تۆت رەكەت نامازدىن كېيىن ئولتۇرۇپ ئارام ئالاتتى، تەھەججۈت دېگەن كېچىدە قىيامدا تۇرۇشتۇر، بەزىلەر: ئۇيقۇدىن كېيىن ئوقۇيدىغان نامازنى تەھەججۈت دەيتتى.

    كېچىنىڭ ھەممىسى قىيامدا تۇرۇشنىڭ ئورنىدۇر، ئەگەر كېچىنىڭ ھەممىسىدە تۇرسا ياخشى، ئەگەر كېچىنىڭ ئاۋۋىلىدە تۇرۇپ ئاندىن يەنە كېچىنىڭ ئاخىرىدا تۇرسىمۇ بولىدۇ، ھېچ چەكلىمە بولمايدۇ، ئىلگىرىكى زامانلاردىن بىرى مۇسۇلمانلار يەڭگىللەشتۈرۈپ، ئاسانلاشتۇرۇپ شۇنداق قىلىپ كەلگەن.

    مۇشۇ دەۋرىدىكى ئالىملاردىن بەزىلىرى: ئۇنى ئون بىر رەكەتتىن ئارتۇق بولغىنى بىدئەت دەپ چەكلىگەن!!.

    بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئىلگىرىكى بەرگەن مۇتلەق جاۋابىغا، ساھابىلارنىڭ ئەمىلىگە، ئۇلاردىن كېيىنكى سەلەپ ئالىملىرىنىڭ ئەمىلىگە زىت بولغان ئاجىز قاراشتۇر، ئۇلار يىگىرمە رەكەت، ئوتتۇز توققۇز رەكەت ۋە ئۇنىڭدىن باشقا رەكەتلەر بىلەن ئوقۇغان.

    ئىمام تىرمىزى رەھىمەھۇللاھ ئۆزىنىڭ ھەدىس توپلىمى 3-توم 160-بەتتە مۇنداق دېگەن: "ئالىملار رامزاندا كېچىدە ناماز ئوقۇش توغرىسىدا ئوخشىمىغان قاراشتا بولغان، ئۇلارنىڭ بەزىسى: ۋىتىر نامىزى بىلەن قىرىق بىر رەكەت ناماز ئوقۇيتتى، بۇ مەدىنە ئەھلىنىڭ قارىشى، مەدىنە ئالىملىرى مۇشۇنداق ئەمەل قىلغان.

    يەنە كۆپچىلىك ئالىملار ئۆمەر، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە باشقا ساھابىلاردىن بايان قىلىنغان دەلىللەر بويىچە يىگىرمە رەكەت ناماز ئوقۇغان، بۇ سۇپيان سەۋرى، ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك ۋە ئىمام شاپىئىي قاتارلىق ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر.

    ئىمام شاپىئى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مەن مەككە ئەھلىنىڭ مۇشۇنداق يىگىرمە رەكەت ئوقۇغانلىقىنى كۆردۈم".

   ئىمام ئەھمەد مۇنداق دېدى: "تەراۋىھ نامىزىنىڭ رەكەت سانى توغرىسىدا تۈرلۈك رىۋايەتلەر بولۇپ، ئۇنىڭدا كەسكىن بىر سانغا ھۆكۈم قىلىنمىغان،

    ئىسھاق ئىبنى راھۇۋەي مۇنداق دەيدۇ: بىز ئۇبەي ئىبنى كەئەب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان دەلىلگە ئاساسەن يىگىرمە بىر رەكەت ئوقۇشنى تاللايمىز.

    ئىبنى ئابدۇلبەر "ئەل ئىستىزكار"2-توم 69-بەتتە مۇنداق دېگەن:" يىگىرمە رەكەت  تەراۋىھ نامىزى ئوقۇش توغرىسىدىكى دەلىللەر ئەلىي، شۇتەر ئىبنى شەكىل، ھارىسىل ھەمدانى، ئەبۇ بۇختەرى قاتارلىقلاردىن –ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن- رىۋايەت قىلىنغان، كۆپچىلىك ئالىملارمۇ شۇنداق قارىغان. كۇپە ئەھلى، ئىمام شاپىئىي ۋە كۆپچىلىك پىقھى ئالىملارمۇ شۇنداق دېگەن. بۇ ھەقتە ئۇبەي ئىبنى كەئەب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىنمۇ سەھىھ رىۋايەت بار. شۇنداقلا بۇ توغرىدا ساھابىلار ئارىسىدا ئىختىلاپ يوق. ئەتا ئىبنى رەباھ مۇنداق دېگەن: مەن كىشىلەرنىڭ ۋىتىر بىلەن بىرگە يىگىرمە ئۈچ رەكەت ناماز ئوقۇۋاتقانلىقىنى تاپتىم". مۇسنەد "مۇسەننىپ ئىبنى ئەبى شەيبە" 2-توم 163-بەتكە قارالسۇن.

   82152- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    تەراۋىھ ياكى كېچىلىك نامازنى يىگىرمە ياكى يىگىرمە ئۈچ رەكەتنى ئۇلاپ ئوقۇش بىلەن كېچىنىڭ ئەۋۋىلىدە سەككىز ياكى ئون رەكئەت ۋە كېچىنىڭ ئاخىرىدا ئون بىر رەكئەت ئوقۇشنىڭ ئارىسىدا نېمە پەرق بار؟!.

    مەسىلىنىڭ نېگىزى، تەراۋىھ نامىزىنىڭ رەكئەت سانى بېكىتىلمەيدۇ، كېچىنىڭ ھەممىسى قىيامدا تۇرۇپ ناماز ئوقۇشنىڭ ئورنى، كېچىدە قىيامدا تۇرۇشنىڭ ئارىسىنى ئايرىش بولسا، ئۆز زاتىدا ئىبادەت ئەمەس، پەقەت ئىشنى ئاسانلاشتۇرۇش، ياخشىلىقنى كۆپەيتىش، كېچىنىڭ ئاخىرىقى ئۈچتىن بىرىدە ناماز ئوقۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلىش بولۇپ، مۇشۇ باشلىنىشنى چۈشەنگەن كىشىگە كېچىنى ئىككىگە بۆلگەنلىك مەسىلىسىدە قارشىلىق بولمايدۇ.

    شەيخ سالىھ ئەلپەۋزان ئۆزىنىڭ "ئىمان ئەھلىنىڭ رامىزان ئېيى سورۇنىدىكى قىممەتلىك ھەدىيىلىرى» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن:" رامزاننىڭ ئاخىرىقى ئوندا، مۇسۇلمانلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىپ،  مىڭ ئايدىن ياخشى بولغان قەدىر كېچىسىنى تەلەپ قىلىپ، ئىبادەتكە بولغان تېرىشچانلىقىنى زىيادە قىلىدۇ، ئۇلار رامزاننىڭ ئەۋۋىلىدە يىگىرمە ئۈچ رەكەت ناماز ئوقۇيتتى، ئاخىرىقى ئون كۈنىدە بولسا، كېچىنى ئىككىگە ئايرىپ، كېچىنىڭ ئاۋۋىلىدە ئون رەكەت ناماز ئوقۇپ بۇنى تەراۋىھ دەپ ئاتايتتى، كېچىنىڭ ئاخىرىدا ئون رەكەت ئوقۇيتتى، ئۈچ رەكەت ۋىتىر بىلەن ئۇزۇن قىلاتتى، بۇنى تەھەججۈت ياكى كېچىدە قىيامدا تۇرۇش دەپ ئاتايتتى، بۇ پەقەت ئاتالغۇدىكى ئوخشىماسلىقتۇر، ئەمما ئۇ نامازلارنىڭ ھەممىسىنى تەراۋىھ ياكى كېچىلىك تەھەججۈت ناماز دەپ ئاتاش توغرا بولىدۇ.

    رامزاننىڭ ئەۋۋىلىدە، ئون بىر رەكەت ياكى ئون ئۈچ رەكەت ناماز ئوقۇغان كىشى، رامزاننىڭ ئاخىرىقى ئون كۈنىدە ئۇنىڭ يەنە ئون رەكەت قېتىپ ئۇنى كېچىنىڭ ئاخىرىدا ئوقۇيدۇ، ئاخىرىقى ئون كۈننىڭ پەزىلىتىگە ئېرىشىش، ياخشىلىققا بولغان تىرىشچانلىقىنى زىيادە قىلىشتىن ئىبارەت، بۇندىن ئىلگىرىمۇ ساھابىلار ۋە ئۇلاردىن كېيىنكى سەلەپ ئالىملىرى يىگىرمە ئۈچ رەكەتتىن ناماز ئوقۇغان، ئۇلار: رامزاننىڭ ئەۋۋالقى يىگىرمە كۈنىدە ئون ئۈچ رەكەت ۋە ئاخىرىقى ئون كۈنىدە يىگىرمە ئۈچ رەكەت دېگەن ئىككى قاراشنىڭ ئارىسىنى جەملىگەن". شەيخنىڭ سۆزىنىڭ تامامىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ ئۈلىنىشقا قارالسۇن.  http://iswy.co/evnq3

   ئىككىنچى: بۇ ئايرىش ۋە تەقسىم قىلىش سوئالدا بايان قىلىنغاندەك بۇندىن ئەللىك يىل بۇرۇن بولغان ئىش ئەمەس، بەلكى ئىلگىرىكى ئەسىرلەردە بولغان ئىش.

   ئىبنى رەجەپ رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مىرۋەزىنىڭ ئىمام ئەھمەدتىن بايان قىلىشىچە: بىر كىشى رامزاندا جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇپ، ۋىتىرنىمۇ ئۇلار بىلەن ئوقۇيتتى، ئاندىن باشقا بىر جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇيتتى، ئىككى نامازنىڭ ئارىسىدا يېمەك-ئىچمەك ياكى ئولتۇرۇپ ئارام ئىلىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولاتتى.

    ئەبۇ ھەپىس بەرمەكى مۇنداق دەيدۇ: "ئۇنداق بولىشى ۋىتىرنى ئوقۇپ بولۇپلا ئۇنىڭغا ئۇلاپ ناماز ئوقۇشنى ياقتۇرمايتتى، ۋىتىر بىلەن ئۇنىڭدىن كېيىن ئوقۇيدىغان ئىككىنچى نامازنىڭ ئارىسىنى ئايرىش ئۈچۈن بەزى ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولاتتى.

   بۇ ئىككىنچى قېتىممۇ شۇ ئورۇننىڭ ئۆزىدە ناماز ئوقۇغاندا شۇنداق بولىدۇ، ئەمما ئىككىنچى قېتىم باشقا جايدا ناماز ئوقۇسا ئۇلار بىلەن بىرگە ۋىتىر ئوقۇمايدۇ، چۈنكى بىر كېچىدە ئىككى قېتىم ۋىتىر ئوقۇلمايدۇ".

    ئىمام ئەھمەدتىن بۇنىڭ خىلاپىدا دەلىل بايان قىلىنغان: سالىھتىن بولغان بىر رىۋايەتتە: بىر كىشى ئىمام بىلەن بىرگە ۋىتىرنى ئوقۇپ بولۇپ ئۆيىگە كېرىپ چىقاتتى........ ئىمام ئەھمەدتىن رامزاندا ئارقىمۇ-ئارقا جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇش توغرىسىدا ئوخشىمىغان رىۋايەتلەر كەلگەن، ئۇ بولسىمۇ: ئۇلار مەسچىتتە جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇيدۇ، ئاندىن ئۇلار مەسچىتتىن چىقىپ كېتىدۇ، ئاندىن كېچىنىڭ ئاخىرىدا يەنە مەسچىتكە قايتىپ جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇيدۇ، بىزنىڭ ھەمراھلىرىمىزدىن ئەبۇ بەكىر ئابدۇل ئەزىز ئىبنى جەپەر ۋە باشقىلار مۇشۇنداق چۈشەندۈرگەن.

    مىرۋەزىي ۋە باشقىلار ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقل قىلىنغان بىر رىۋايەتتە بۇنداق قىلسىمۇ توغرا بولىدۇ دەپ بايان قىلىنغان.

   ئىبنى ھەكىمنىڭ ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقىل قىلغان رىۋايىتە: ئەنەس رەزىيەللاھۇئەنھۇ بۇنى ياقتۇرمىغان دېيىلگەن.

    ئەبۇ مىجلەز ۋە باشقىلارنىڭ رىۋايىتىدە ئۇلار بۇنى ياقتۇرمىغان، لېكىن ئۇلارمۇ ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دېگەندەك نامازنى كېچىنىڭ ئاخىرىغا كېچىكتۈرىدۇ.

   ئەبۇ بەكىر ئابدۇل ئەزىز: بۇ مۇھەممەد ئىبنى ھەكەمنىڭ  ئىلگىرىكى سۆزى، ئەمەل قىلىش جامائەتنىڭ رىۋايىتىگە ئاساسەن بولىدۇ، كېچىنىڭ ئاخىرىغا كېچىكتۈرسە ھېچ گەپ يوق دېگەن.

    سۇپيان سەۋرى: ئارقىمۇ-ئارقا داۋاملاشتۇرۇش يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىش دېگەن.

بىز ھەمرالىرىمىزدىن بەزىلەر: كېيىنكى نامازنى بىر ئۇخلاپ قوپۇپ ياكى كېچىنىڭ ئاخىرىغا كېچىكتۈرۈپ ئوقۇش كېرەك بولمىسا كەسكىن مەكرۇھ بولىدۇ دېگەن. ئۇلار: ۋىتىر نامىزىنى ئەۋۋالقى جامائەت بىلەن ئوقۇشنى شەرت قىلغان، بۇ ئىبنى ھامىد، قازىي ۋە باشقىلارنىڭ سۆزى، ئىمام ئەھمەد بۇنى شەرت قىلمىغان.

    كۆپچىلىك پىقھى ئالىملىرى: كېچىلىك نامازنى قانداق ھالەتتە ئوقۇسا مەكرۇھ بولمايدۇ دېگەن.

    ئىبنى مەنسۇرنىڭ ئىسھاق ئىبنى راھۇۋەيدىن نەقىل قىلغان ئەسىرىدە، ئىسھاق ئىبنى راھۇۋەي كېچىنىڭ ئەۋۋىلىدە تەراۋىھ نامىزىنى ئىمام بىلەن بىرگە تامام قىلىپ بولۇپ، كېچىنىڭ ئاخىرىدا يەنە جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇشنى ياقتۇرمايتتى، چۈنكى ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە سەئىد ئىبنى جۈبەيردىن بۇنداق قىلىشنى ياقتۇرمىغانلىق توغرىسىدا رىۋايەت بولغانلىقى ئۈچۈن. ئەگەر كېچىنىڭ ئەۋۋىلىدە ئىمام بىلەن تامام قىلمىغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا كېچىنىڭ ئاخىرىدا جامائەت بولۇپ ئىمام بىلەن بىرگە تامام قىلسا مەكرۇھ بولمايدۇ". [ئىبنى رەجەپنىڭ "پەتھۇل بارى"9-توم 174-بەت].

    بۇ يەردىكى مەكرۇھلۇق، بىرىنچى ئىمام بىلەن كېچىنىڭ ئەۋۋىلىدە ۋىتىرنى ئوقۇپ بولۇپ، ئاندىن يەنە قايتىدىن ئۇلار بىلەن بىرگە ناماز ئوقۇش مەسىلىسىدە، بۈگۈنكى كۈندە كۆپچىلىك كىشىلەر شۇنداق قىلىدۇ، ئىبنى رەجەپ ئېيتقاندەك كۆپچىلىك پىقھى ئالىملىرىنى بۇنى مەكرۇھ دېمىگەن.

    بۇ يەردە مەقسەت قىلىنغانلىقى سەلەپ ئالىملىرى سۆزلىگەن ئىلگىرىكى ئىش.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "جامائەت بىلەن ئارقىمۇ-ئارقا داۋاملاشتۇرۇش ۋىتىر بىلەن تەراۋىھ نامىزىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن مەكرۇھ بولمايدۇ، ئارقىمۇ-ئارقا ئوقۇش دېگەن جامائەت بىلەن ۋىتىرنى ئوقۇپ بولۇپ مەسچىتتە  بولسىمۇ ئۆزى يالغۇز ناماز ئوقۇش دېمەكتۇر.

    بۇنىڭ مىسالى: مەسچىتتە تەراۋىھ بىلەن ۋىتىرنى ئوقۇپ بولۇپ، كېچىنىڭ ئاخىرىدا ھازىر بولۇڭلار جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇيمىز دېسە، مۇسەننىپنىڭ دېگىنىدەك مەكرۇھ بولمايدۇ. لېكىن بۇ ئاجىز قاراش، چۈنكى بۇ قاراش ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان "ئۇنداق قىلسا ھېچ گەپ يوق، ئۇلار ياخشىلىققا قايتىدۇ ۋە ئۇنى ئۈمىد قىلىدۇ" يەنى نامازغا قايتمايدۇ، پەقەت  ياخشىلىقنى ئۈمىد قىلىشقا قايتىدۇ دېگەن سۆزگە تايانغان.

    لېكىن بۇ ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن سەھىھ يول بىلەن بولسىمۇ ئەمما ئۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ سۆزىگە زىت كېلىدۇ: «سىلەر كېچىنىڭ ئاخىرىدا ئوقۇيدىغان نامازنى تاق قىلىڭلار» چۈنكى ئۇلار جامائەت بولۇپ ۋىتىرنى ئوقۇدى، ئەگەر كېچىنىڭ ئاخىرىدا يەنە جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇسا ئاخىرىقى نامىزى تاق بولمايدۇ. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن كۈچلۈك قاراشتا يۇقىرىقى جامائەت بىلەن ئارقىمۇ-ئارقا داۋاملاشتۇرۇش مەكرۇھ بولىدۇ، بۇ ئىمام ئەھمەدتىن بايان قىلىنغان ئىككى رىۋايەتنىڭ بىرىدۇر. بۇ ئىككى رىۋايەتنى "مۇقنىئ"،"پۇرۇئ"، "پائىق" ۋە باشقا ئەسەرلەردە مۇتلەق كەلتۈردى. بۇ ئىككى رىۋايەت ئوخشاش بولۇپ، بىرى-بىرىگە كۇچلاندۇرۇلمايدۇ.

    ئەگەر جامائەت بىلەن ئارقىمۇ-ئارقا داۋاملاشتۇرۇش تەراۋىھ نامىزىدىن كېيىن ۋە ۋىتىر نامىزىدىن ئىلگىرى بولغان بولسا مەكرۇھ بولماستىن توغرا بولاتتى، بۇ كىشىلەرنىڭ ھازىرقى دەۋرىدە رامزاننىڭ ئاخىرىقى ئون كۈنىدە قىلىۋاتقان ئەمىلىدۇر، كىشىلەر كېچىنىڭ ئاۋۋىلىدە تەراۋىھ نامىزى ئوقۇيدۇ، ئاندىن كېچىنىڭ ئاخىرىدا قايتىپ تەھەججۈت نامىزى ئوقۇيدۇ". ["شەرھىل مۇمتىئ" 4-توم 67-بەت].

          ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى