شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

رامىزان ئېيىغا بەزى يېمەكلىكلەرنى خاسلاشتۇرىۋېلىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

مىسىردا بىزنىڭ بىر ئادىتىمىز بار ئۇ بولسىمۇ، رامىزان ئېيىغا: كەناپە، قەتايپ، قەمىرىددىن، مۇكەسسەرات ۋە يامىش قاتارلىق بەزى يېمەكلىكلەرنى خاسلاستۇرىۋېلىشتۇر، بىز تۇرىۋاتقان رايۇندا بىر ئوقۇغۇچى بولۇپ، ئۇ: رامزاندىن ئىبارەت ئىبادەت قىلىنىدىغان بۇ ئايدا مەلۇم يېمەكلەرنى خاسلاشتۇرىۋېلىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بەزى ئادەتلەرنى ئىبادەت ئېيىغا نىسبەتلەشتۈرۈش ئۇنى بىدئەتنىڭ جۈملىسىدىن قىلىپ قويىدۇ، بولۇپمۇ بۇ يېمەكلىكلەرنىڭ روزا تۇتقۇچىنىڭ روزىسىغا ھېچ پايدىسى بولمايدۇ، ھېسسى ۋە شەرئى سەۋەپلەرنىڭ قاتارىغىمۇ كىرمەيدۇ، شۇنىڭغا ئاساسەن ئۇ ئوقۇغۇچى: يۇقىردا بايان قىلىنغان يېمەكلىكلەرنى باشقا ئايلاردا ئىستىمال قىلسا بولىدۇ ئەمما رامىزان ئېيىدا ئىستىمال قىلىش چەكلىنىدۇ دەيدۇ ۋە بۇ سۆزنى مىسىردىكى شەيخلەردىن بىرىنىڭ دېگەنلىكىنى زىكىر قىلدى، بۇنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بەزى كىشىلەرنىڭ رامىزان ئېيىغا مەلۇم يېمەكلىك ۋە تاتلىق تۈرۈم نەرسىلەر خاسلاشتۇرىۋېلىشنى ئادەت قىلىۋېلىشىنىڭ ھېچ زىيىنى يوق ۋە ئۇ بىدئەت دائىرىسىگىمۇ كىرمەيدۇ، چۈنكى ئۇلار بۇ يېمەكلەرنى خاس قىلىش بىلەن ئاللاھقا يېقىنلاشمايدۇ بۇ پەقەت ئادەتنىڭ قاتارىدىن ھېسابلىنىدۇ.

    بىدئەت دېگەن دىندا يوق بولغان يېڭىلىقلارنى دىنغا كىرگۈزۈشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: كىمكى بىزنىڭ دىنى ئىشلىرىمىزدا يوق بولغان بىر ئىشنى دىنغا كىرگۈزگەن –پەيدا قىلغان-بولسا ئۇ ئىش رەت قىلىنىدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى 2697 –ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1718-ھەدىس].

    مۇسلىمنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: كىمكى بىز دىندا بۇيرىمىغان ئىشنى دىندىن دەپ قىلىدىكەن ئۇنىڭ قىلغان ئىشى رەت قىلىنىدۇ.

     ئىمام شاتىبىي رەھىمەھۇللاھ بىدئەتكە قوشۇمچە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "بىدئەت دېگەن دىندا يېڭىدىن كەشىپ ئېتىلگەن بىر يول بولۇپ، ئۇ شەرىئەتكە ئوخشاپ قالىدىغان ۋە ئۇ يولدا ماڭغۇچىلار شەرىئەت يولىدا مېڭىشنى مەقسەت قىلغۇچىلاردۇر".

    بىدئەتنىڭ جۈملىسىدىن: شەرىئەتتە مەلۇم ۋاقىتتا قىلىش بەلگىلەنمىگەن مەلۇم بىر ئىبادەتنى مەلۇم بىر ۋاقىتتا قىلىشنى ئادەت قىلىۋېلىش دېمەكتۇر، بۇ خۇددى شەئباننىڭ ئون بەشىنچى كۈنى كۈندۈزدە روزا تۇتۇپ كېچىدە قىيامدا تۇرۇپ ئىبادەت قىلغانغا ئوخشاش. ["ئىئتىسام"1-توم 51-بەت].

   ئەمما مەلۇم بىر ئادەتنى مەلۇم بىر ۋاقىتقا خاسلاشتۇرىۋېلىش بىدئەت دائىرىسىگە كىرمەيدۇ.

    سەھەل ئىبنى سەئەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىز جۈمە كۈنىدە خۇرسەن بولاتتۇق، بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ياشانغان بىر ئايال جۈمە كۈنى ئوت يېقىپ قازان ئېسىپ تالقان چېلىپ، ئارپا ئارىلاشتۇرۇپ تاماق قىلاتتى، بىز جۈمە نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ ئۇنى زىيارەت قىلاتتۇق، ئۇ بىزنىڭ ئالدىمىزغا تەييار قىلغان يېمەكلىكلەرنى قوياتتى، بىز مۇشۇ يېمەك ئۈچۈن جۈمە كۈنىدە بەك خۇرسەن بولاتتۇق، بىز جۈمە كۈنىدە ئارام ئېلىش ۋە چۈشلۈك يېمەكنى جۈمە نامىزىدىن كېيىن يەيتتۇق، ئۇ ئايال تەييار قىلغان يېمەكلىكتە قۇيرۇق ماي ياكى ئىچ ماي دېگەندەك نەرسىلەر يوق ئىدى. [بۇخارى رىۋايىتى 5403-ھەدىس].

     بۇ ھەدىستە، بىر ساھابە ئايال بۇ يېمەكلىكىنى پەقەت جۈمە كۈنىگە تەييار قىلاتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى جۈمە كۈنىنى كۈتەتتى، جۈمە كۈنىدە ئۇ ئايالنىڭ يېنىدا يەيدىغان مۇشۇ يېمەكلىك ئۈچۈن خۇرسەن بولاتتى. بۇ ئىش بىدئەت دېيەلەمدۇ؟. ياكى رامىزان ئېيىغا خاس قىلىپ تەييارلىغان يىمەكلىك بىلەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى جۈمە كۈنىدە يېيىشكە ئادەتلەنگەن يېمەكلىكنىڭ ئارىسىدا نېمە پەرق بار؟.

    شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئادەتلەردىن ئاڭلىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى يېڭىدىن پەيدا بولغان بىدئەت بولسا، ئۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە ساھابىلارنىڭ دەۋرىدە بولمىغان ھەرقانداق يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، قاتناش ۋاستىلىرى ۋە بارلىق تۇرمۇش ۋاستىلىرى ۋە شۇ دەۋرىدىن كېيىن پەيدا بولغان بارلىق نەرسىلەر بىدئەت، مۇنكەر ئىشلاردىن ھېسابلىنامدۇ؟.

     بۇ توغرىدا سۆز قىلىش دىننىڭ ئاساسى ۋە مەقسىتىنى تولۇق بىلمىگەنلىكتىن بولغان باتىل ۋە ئېتىبارسىز قاراشتۇر. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بىدئەتنىڭ مەنىسى توغرىسىدا سۆزلىگەن سۆزى بەك روشەندۇر.

     توغرا چۈشەنچە ۋە كۆز-قاراش ئىگىلىرىگە: رەت قىلىنىدىغان بىدئەتتىن بولغان مەقسەتنىڭ: دىندا بۇيرىغان نەرسىگە بىر نەرسىنى زىيادە قىلىش ياكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام لازىم تۇتمىغان بىر يولنى لازىم تۇتۇشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكى مەخپى ئەمەس. ["شەيخ مۇھەممەد ئىبراھىم پەتىۋالىرى"2-توم 128-بەت].

     شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئادەت بىلەن ئىبادەتنىڭ ئارىسىدىكى پەرق:

    ئىبادەت دېگەن ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئاللاھقا يېقىنلىشىشقا ۋە ئاللاھدىن ساۋاپ تەلەپ قىلىشقا بۇيرىغان ئىشتۇر.

    ئادەت دېگەن: ئىنسانلار يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، قاتناش ۋاستىلىرى ۋە مۇئامىلە ئىشلىرىدا ئۆز-ئارا ئادەتلەنگەن ئىشلاردۇر.

     بۇ يەردە يەنە بىر پەرق بار: ئۇ بولسىمۇ ھەقىقەتەن ئىبادەت  دېگەن ئەسلىدە ئۇنىڭدا بۇيرۇق-چەكلىمە بولغان ھەتتا ئۇنىڭ ئىبادەت ئىكەنلىكىگە دەلىل بايان قىلىنغان ئىشتۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  أَمْ لَهُمْ شُرَكَاءُ شَرَعُوا لَهُمْ مِنَ الدِّينِ مَا لَمْ يَأْذَنْ بِهِ الله  تەرجىمىسى: ئۇلارنىڭ ئاللاھ رۇخسەت قىلمىغان نەرسىلەرنى دىن قىلىپ بېكىتكەن مەبۇدلىرى بارمۇ؟. [سۈرە شۇرا 21-ئايەت].

   ئادەت دېگەن ئەسلىدە توغرا ئىش بولۇپ، پەقەت ئۇنىڭ چەكلەنگەنلىكىگە دەلىل بولغان توغرا بولمايدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، كىشىلەر بىر ئىشقا ئادەتلەنگەن بولسا، بۇ ئىشنى بەزىلەر ھارام دېگەن بولسا، ئۇلاردىن دەلىل تەلەپ قىلىنىدۇ ۋە بۇنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى نېمە؟ دېيىلىدۇ.

    ئەمما ئىبادەتتە: بىر كىشىگە بۇ ئىبادەت بىدئەت دېيىلسە، ئۇ كىشى: بىدئەت ئەمەس دېسە، بىز ئۇنىڭغا: بۇنىڭ بىدئەت ئەمەس ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى نېمە؟دەيمىز، چۈنكى ئىبادەت دېگەن ئەسلىدە ئۇنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىغا دەلىل تۇرغۇزۇلغانغا قەدەر چەكلىمە ئىچىدە بولىدۇ. ["ئوچۇق سۆھبەت" پىروگرامىسى 2-توم 72-بەت].

    يەنە مۇنداق دەيدۇ: "شەرىئەتتە بىدئەتنىڭ قائىدىسى؛ ئاللاھ تائالا يولغا قويمىغان نەرسە بىلەن ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتۇر".

    ئەگەر خالىسىڭىز مۇنداق دېسىڭىزمۇ بولىدۇ: "ئاللاھ تائالاغا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋە توغرا يول تۇتقۇچى خەلىپىلەر ئىبادەت قىلمىغان تەرىقىدە ئىبادەت قىلىش دېمەكتۇر، ھەرقانداق بىر كىشى ئاللاھ يولغا قويمىغان نەرسە بىلەن ياكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋە توغرا يول تۇتقۇچى خەلىپىلەر قىلمىغان بىر ئىشنى قىلىش بىلەن ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىدىكەن، ئۇ كىشى بىدئەت ئىش قىلغۇچىدۇر، ئۇ كىشىنىڭ قىلغان ئىبادىتى ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرىگە ئالاقىدار بولسۇن ياكى شەرىئەت ھۆكۈملىرىگە ئالاقىدار بولسۇن ئۇنىڭ ئارىسىدا ھېچ پەرق يوقتۇر.

     ئادەت دېگەن كىشىلەر ياشاۋاتقان يۇرتنىڭ ئۆرپە-ئادىتىگە ئەگىشىدۇ، بۇ گەرچە لۇغەت جەھەتتىن بىدئەت دەپ ئاتالسىمۇ ئەمما دىندا بىدئەت دەپ ئاتالمايدۇ، شۇنداقلا بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاگاھلاندۇرغان بىدئەتنىڭ دائىرىسىدىن ئەمەس. ["شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋا ۋە رىسالىلىرى"2-توم 292-بەت].

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى