پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

رامىزان روزىسىنىڭ قازاسىنى تۇتۇپ، كېچىدە نىيەت قىلماي، تاڭ يورۇغاندىن كېيىن نىيەت قىلسا توغرا بولامدۇ؟

سۇئال

بىر دوستۇم ھەر يىلى رامزاندا ئادەت كۆرۈپ قىلىپ تۇتالمىغان روزىسىنىڭ قازاسىنى تۇتاتتى، لېكىن روزىنى كېچىدە نىيەت قىلماي، تاڭ يورۇغاندا نىيەت قىلىدۇ، قازا روزا تۇتقاندا نىيەتنى كېچىدە قىلىشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ، تۇتقان روزىسى قانداق بولىدۇ؟ كاپارەت بېرىش بىلەن بىرگە روزىنى قايتىدىن تۇتۇشى كېرەك بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

قىسقىچە جاۋاپ

دوستىڭىزنىڭ تاڭ يورۇغاندىن كېيىن نىيەت قىلىپ رامزاننىڭ قازا روزىسىنى تۇتقانلىقى توغرا بولماپتۇ، بارلىق ئالىملارنىڭ قارىشى شۇنداق، دوستىڭىز ئۇ روزىنى قايتىدىن تۇتسۇن، ئۇنىڭغا كاپارەت كەلمەيدۇ، قازا روزىنى قايتىدىن تۇتسۇن دېگەن ھۆكۈم، ھازىر ئاخىرلاشمىغان ئاخىرىقى يىلدىكى روزىنىڭ قازاسى ئۈچۈندۇر. ئەمما ئۆتۈپ كەتكەن يىللارغا كەلسەك، ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھغا ئوخشاش بەزى ئالىملار، بىلمەستىن ئىبادەتنى خاتا شەكىلدە ئادا قىلغان بولسا، ئۇ كىشىگە ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن ئىبادەتنى قايتىدىن قىلىش كېرەك بولمايدۇ دەپ قارىغان، ئەگەر دوستىڭىز بۇ قاراشنى تۇتقان بولسا، ئۇنىڭغا گۇناھ بولماسلىقىنى ئۈمىت قىلىمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

    كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا، ۋاجىپ بولغان ھەرقانداق روزا ئۈچۈن كېچىدە نىيەت قىلىش زۆرۈر بولىدۇ، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «تاڭ يورۇشتىن ئىلگىرى روزىنى نىيەت قىلمىغان كىشىنىڭ روزىسى روزا بولمايدۇ». [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 2454-ھەدىس. تىرمىزىي رىۋايىتى 730-ھەدىس. نىسائىي رىۋايىتى 2331-ھەدىس].

    نىسائىدا كەلگەن لەپزىدە: «تاڭ يورۇشتىن ئىلگىرى كېچىدە روزىنى نىيەت قىلمىغان كىشىنىڭ روزىسى روزا بولمايدۇ» دېگەن. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ "ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا" كەلتۈرگەن.

    تىرمىزى رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسكە ئەگەشتۈرۈپ مۇنداق دېگەن: "بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى توغرىسىدا بەزى ئالىملار مۇنداق دېگەن: "رامىزان روزىسى، رامزاننىڭ قازا روزىسى ۋە نەزىر قىلغان روزىنى تۇتقاندا، روزىنى تاڭ يورۇشتىن ئىلگىرى كېچىدە نىيەت قىلمىسا توغرا بولمايدۇ.  ئەمما نەپلە روزا بولسا ئۇنى تاڭ يورۇغاندىن كېيىن نىيەت قىلسىمۇ بولىدۇ، مانا بۇ ئىمام شاپىئىي، ئىمام ئەھمەد ۋە ئىسھاق ئىبنى راھۇۋەي قاتارلىق ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر".

    ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ: "ئەگەر رامىزان روزىسىدەك پەرىز روزا تۇتماقچى ياكى رامىزان روزىسىنىڭ قازاسىنى تۇتماقچى ياكى نەزىر ۋە كاپارەت روزىسىنى تۇتماقچى بولسا، كېچىدە نىيەت قىلىشى شەرت بولىدۇ. بۇ ئىمام شاپىئى ۋە ئىمام ئەھمەدنىڭ قارىشىدۇر" دەپ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھەدىسنى دەلىل قىلدى. ["ئەل مۇغنى" 3-توم 109-بەت].

   بۇ مەسىلىدە ئىمام ئەبۇ ھەنىپە رەھىمەھۇللاھ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارشىسىدا ۋاجىپ روزىنىڭ بەزى تۈرلىرىنى كۈندۈزدە نىيەت قىلىپ تۇتسا توغرا بولىدۇ، دېدى، لېكىن رامىزاننىڭ قازا روزىسىنى تۇتماقچى بولسا كۆپچىلىك ئالىملارغا ئوخشاش، كېچىدە نىيەت قىلمىسا توغرا بولمايدۇ، دېگەن. ھەنەفى مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ بەزىسى ئۇلارنىڭ بۇ سۆزگە بىرلىككە كەلگەنلىكىنى نەقل قىلدى.

    ھەنەفى مەزھەپ ئالىملىرىدىن كاسانىي رەھىمەھۇللاھ "بىدائىئ ئەسسەنائىئ" ناملىق ئەسىرىنىڭ 2-توم 585-بېتىدە مۇنداق دېگەن: "روزىلارنىڭ ھەممىسىدە، ئەڭ ياخشىسى مۇمكىن بولسا تاڭ يورۇيدىغان ۋاقىتتا ياكى كېچىدە نىيەت قىلىش كېرەك، ئەگەر قازا روزا تۇتماقچى بولسا تاڭ يورۇغاندىن كېيىن نىيەت قىلسا، ئالىملارنىڭ بىردەك قارىشىدا توغرا بولمايدۇ.

    كاسانىي رەھىمەھۇللاھ ئۇلارنىڭ قازا روزىدىن بولغان مەقسىتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: "قازا روزا دېگەن: رامزاننىڭ قازا روزىسى، كاپارەت ۋە مۇتلەق نەزىر قىلغان روزىلاردىن ئىبارەت". ["بىدائىئ ئەسسەنائىئ" 2-توم 584-بەت].

    ئىبنى ئابىدىيننىڭ "رەددۇل مۇختار" ناملىق ئەسىرىنىڭ 2-تومى 380-بىتىگە قارالسۇن.

   بۇ ھەىتە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 26865-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    يۇقىرىدا بايان قىلىنغان دەلىللەرگە ئاساسەن، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا، دوستىڭىزنىڭ كۈندۈزدە نىيەت قىلىپ  تۇتقان رامزاننىڭ قازا روزىسى توغرا بولمايدۇ، دوستىڭىز ئاشۇ روزىلارنى قايتىدىن تۇتۇشى كېرەك، ئۇنىڭغا كاپارەت كەلمەيدۇ. بۇنىڭ تەپسىلاتى 26865- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىندى.

   قازا روزىنى قايتىدىن تۇتۇشى كېرەك دېگەن بۇ ھۆكۈم، ئاخىرلاشمىغان ئاخىرىقى يىلدىكى رامزاننىڭ قازا روزىسى ئۈچۈندۇر، ئەمما ئۆتكەن يىللاردا قازاسىنى تۇتۇپ بولغان روزىغا كەلسەك،  ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھقا ئوخشاش بەزى ئالىملار، بىلمەستىن ئىبادەتنى خاتا شەكىلدە ئادا قىلغان بولسا، ئۇ كىشىگە ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن ئىبادەتنى قايتىدىن قىلىش كېرەك بولمايدۇ دەپ قارىغان، بىز ئۇنىڭ سۆزىنى 150069- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا نەقل قىلدۇق. ئەگەر دوستىڭىز بۇ قاراشنى تۇتقان بولسا، ئۇنىڭغا گۇناھ بولماسلىقىنى ئۈمىت قىلىمىز.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى