جۈمە 17 شەۋۋال 1445 - 26 ئاپرىل 2024
Uygur

قەرزنى قەرزگە سېتىشنىڭ ھارام بولىشىنىڭ سەۋەبى، پايدا ئىلىپ سېتىش سودىسىدىكى كىلىشىممۇ مۇشۇ چەكلىمىنىڭ دائىرىسىگە كىرەمدۇ؟

291561

تارقاتقان ۋاقىت : 26-10-2022

كۆرگۈچىلەر : 649

سۇئال

    سېتىش نېسى ۋە پۇلمۇ نېسى بولسا سودا كېلىشىمى قىلىشتىن ئىلگىرى سېتىش ۋە سېتىۋېلىشقا ۋەدە قىلغان بولسا دۇرۇس بولىدۇ، ئۇنداقتا قەرزنى قەرزگە سېتىشنىڭ ھارام بولىشىدىكى ھېكمەت نېمە؟ بۇ جايدا سودا كېلىشىمى بىلەن سودىنى ۋەدە قىلىشنىڭ ئارىسىدا قانداق پەرق بار؟.  بۇ ھەقتە جاۋاپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

قىسقىچە جاۋاپ

ئۆزىدىن قەرزگە سېتىۋالغان تاۋارنى شۇ كىشىنىڭ ئۆزىدىن ساتقان باھاسىدىن تۆۋەنرەك نەخ پۇلغا سېتىۋېلىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ جازانىنىڭ شەكلى ۋە ئۇسلۇبىدىن بولىدۇ، بۇنىڭ يەنە باشقا شەكىللىرى بار، سېتىشقا ۋەدە قىلىش ساتقاننىڭ ھۆكمىدە بولمايدۇ، پەقەت ئىككى تەرەپ لازىم تۇتىدىغان ۋەدە بولسا سودىنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ.

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: قەرزنى قەرزگە سېتىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكىگە كۆپچىلىك ئالىملار بىرلىككە كەلگەن بولۇپ، بۇنى ئىمام ئەھمەد، ئىبنى مۇنزىر، ئىبنى قۇدامە، ئىبنى رۇشد قاتارلىق ئالىملار بايان قىلغان.

ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ ئىبنى مۇنزىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: "ئالىملار قەرزنى قەرزگە سېتىشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىغا بىرلىككە كەلگەن، ئىمام ئەھمەد بۇ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشى دېگەن.

ئەەبۇ ئۇبەيد "ئەل غەرىيب" ناملىق ئەسەردە:  پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قەرزنى قەرزگە سېتىشتىن چەكلىگەنلىكىنى بايان قىلغان. لېكىن ئەسرەمدىن بايان قىلىنىشىچە: ئىمام ئەھمەدتىن بۇ ھەدىس سەھىھمۇ؟ دەپ سورالغاندا، ئىمام ئەھمەد: ياق دېگەن.   [ "ئەلمۇغنى"  4 -توم 37 بەت].

    ئىبنى قەتتان مۇنداق دەيدۇ: "ئىلىم ساھىبلىرىنىڭ ھەممىسى قەرزنى قەرزگە سېتىشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىغا بىرلىككە كەلگەن".  ["ئەلئىقنا پى مەسائىلىل ئىجمائ"  2-توم 234 بەت].

    قەرزنى قەرزگە سېتىشنىڭ چەكلىنىشىدىكى ھېكمەت، چۈنكى سودا قەرز بەرگۈچى بىلەن بولغاندىن كېيىن بۇ كۆپ ۋاقىتتا جازانىغا ئىلىپ بارىدۇ، ئەمما قەرز بەرگۈچىدىن باشقىغا ساتقاندا، قىمار ياكى ئۆزى ئىگە بولالمىغان نەرسىدىن پايدا ئىلىشنىڭ قاتارىغا كىرىپ قالىدۇ.

     شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "قەرزنى قەرزگە سېتىشنىڭ چەكلەنگەنلىكى توغرىسىدىكى ھەدىس زەئىپ، بۇنى ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ بۇلۇغۇل مەرامدا ئوچۇقلاشتۇرغان، لېكىن مەنىسى توغرا، بۇنى ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ "ئىئلامىل مۇقىئىين"دا ئوچۇقلاشتۇرغان. باشقا ئالىملارمۇ بۇنى زىكىر قىلغان.

    بۇنىڭ شەكلى: بىر كىشىنىڭ زەيدتە ئېلىشى بار بولۇپ، ئۇنى يەنە بىر كىشىگە قەرزگە ساتىدۇ، ياكى ئۇنى ئۆزىدە قەرزى بار بولغان بىر كىشىگە ساتىدۇ، بۇنداق قىلغاندا ساتقان نەرسىنى تاپشۇرۇپ ئىلىش بولمايدۇ، ۋە ئالداش بولىدۇ.

لېكىن مال بىلەن پۇل جازانە ماللىرىدىن بولۇپ قالسا، بىر سورۇندا تاپشۇرۇپ ئىلىش ۋە جىنسى بىر بولسا ئوخشاش بولۇش شەرتى بىلەن ئىككىسىنىڭ بىرىنى يەنە بىرىنىڭ ئورنىغا ئېلىش دۇرۇس بولىدۇ، ئەمما ئۇ ئىككى نەرسىنىڭ جىنسى بىر بولمىسا، بۇنداق ھالەتتە بىر سورۇندا تاپشۇرۇپ ئىلىش شەرتى بىلەن ئارتۇق ياكى كام ئىلىش توغرا بولىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بايان قىلىنغان ھەدىستە، ساھابىلارنىڭ بەزىسى: ئەي ئاللاھنىڭ ئەلچىسى!  بىز كۈمۈش پۇلغا سودا قىلىپ ئورنىغا ئالتۇن پۇل ئالىمىز، ئالتۇن پۇلغا سودا قىلىپ ئورنىغا كۈمۈش پۇل ئالىمىز، بۇنداق قىلساق توغرا بولامدۇ؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «سودا قىلغان نەرسە ئاراڭلاردا بار، سىلەر ئايرىلىپ كەتمىگەن ھالەتتە شۇ كۈننىڭ باھاسى بويىچە ئالساڭلار بولىدۇ» دېگەن. بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد، تىرمىزى، ئىبنى ماجە، ئەبۇ داۋۇد ۋە نىسائى قاتارلىق ھەدىس ئالىملىرى توغرا ئىسناد بىلەن ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلغان، ھاكىم سەھىھ دېگەن، بۇ توغرىدا يەنە باشقا دەلىللەرمۇ بار.

    ئەمما بىر كىشى بىر نەرسىنى نېسى سېتىۋېلىپ ئۇنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ بولغاندىن كېيىن يەنە باشقا بىر كىشىگە نەخ ياكى نېسى ساتقان بولسا، بۇنىڭدا گۇناھ بولمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا قۇرئاندا:  وَأَحَلَّ اللّهُ الْبَيْعَ وَحَرَّمَ الرِّبَا  تەرجىمىسى: «ئاللاھ تائالا سىلەرگە سودا-سېتىقنى ھالال قىلدى، جازانىنى ھارام قىلدى» دېگەن.[سۈرە  بەقەرە 275 ئايەت].

     ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُواْ إِذَا تَدَايَنتُم بِدَيْنٍ إِلَى أَجَلٍ مُّسَمًّى فَاكْتُبُوهُ  تەرجىمىسى:« ئى مۆمىنلەر! مۇددەت بەلگىلەپ ئۆزئارا قەرز بېرىشسەڭلار، ئۇنى (ھۆججەت قىلىپ) يېزىپ قويۇڭلار.» [سۈرە بەقەرە 282 - ئايەت.]

     لېكىن قەرزگە سېتىۋالغان نەرسىنى ئۆزىگە قەرزگە ساتقان كىشىگە ئالغان باھادىن تۆۋەنرەك نەخ پۇلغا سېتىشى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇنداق قىلىش بىلەن جازانىنىڭ بىر شەكلى ۋە ۋاستىلىرى بولىدۇ. ئاللاھ تائالا توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلسۇن.

    بۇنىڭ ھېكمىتىنى بىلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى تەپسىلى شەكىللەرگە قارالسۇن: "كۇۋەيت پىقھى توپلاملىرى" 9-توم 176-بەت. "شەرھىل مۇمتىئ" 8-توم 444-بەت. شەيخ شەنقىتنىڭ مەكتەبەتۇل شامىلدىكى" شەرھى زادىل مۇستەنقىئ" قاتارلىقلار.

     ئىككىنچى: قايسى ۋاقىتتا نېسى سېتىش توغرا بولىدۇ؟.

    ئەمما نېسى سودا مال ساتقۇچىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولۇپ سودا قىلغاندا نەخ بولسا بۇ سودا توغرا بولىدۇ، بۇ نەخ نەرسىنى قەرزگە سېتىش بولىدۇ.

ئەگەر مال ساتقۇچىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولمىسا، ئۇ مالنى ساتقۇچى سېتىۋېلىپ ھازىر قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە قىلغان بولسا، ئاندىن ئۇنى نېسى ساتقان بولسا، بۇمۇ دۇرۇس بولىدۇ، ۋەدە قىلىش دېگەن سودىنىڭ پۈتكەنلىكى ئەمەس، ئۇ بولسىمۇ سودا قىلغاندا يولغا قويۇلغان ۋەدىدىن ئىبارەتتۇر. ۋەدە قىلغانغا بىز يۇقىرىدا بايان قىلغان قەرزنى قەرزگە سېتىشنىڭ چەكلىمىلىرى كىرمەيدۇ.

    شۇنىڭ ئۈچۈن كۆپچىلىك پىقھى ئالىملىرى سېتىۋېلىشقا بۇيرىغان كىشىگە پايدا ئىلىپ سېتىشنى توغرا دەپ قارىغان، ئىككى تەرەپنىڭ ھېچ بىرىنىڭ ئەمەل قىلىشى كېرەك بولمايدىغان ۋەدىمۇ دۇرۇس بولىدۇ، چۈنكى ۋەدىدە چەكلىمە يوق.

     ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بىر كىشى يەنە بىر كىشىگە تاۋارنى كۆرسىتىپ، بۇ مالنى سېتىۋالغىن، مەن ساڭا بۇ مالدا مۇنچىلىك پايدا بېرىمەن دېگەن بولسا، ئۇ كىشى مالنى سېتىۋالغان بولسا، بۇ سېتىۋېلىش توغرا بولىدۇ، سېتىۋالغىن مەن ساڭا پايدا بېرىمەن دېگەن كىشى خالىسا يېڭىدىن سودا قىلىپ سېتىۋالىدۇ خالىسا سېتىۋالمايدۇ. شۇنىڭدەك، ئەگەر: ماڭا مۇنداق بىر نەرسە سېتىۋالغىن دەپ ئۇ نەرسىنى سۈپەتلەپ بەرگەن بولسا، ياكى خالىغان بىر نەرسە سېتىۋالغىن مەن ساڭا ئۇنىڭدا مۇنداق پايدا بېرىمەن دېگەن بولسا، بۇنىڭ ھەممىسى ئوخشاش، بىرىنچى سودا دۇرۇس بولىدۇ، بۇ ئۆزىدىن ئىختىيارلىق بەرگەننىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ، ئۇ نەرسە سېتىۋالىمەن دېگەن كىشى سۈپەتلەپ بەرگەن شەكىلدە بولسا ۋە ئۇنى سېتىۋالغىن، مەن سەندىن نەخ ياكى نېسى سېتىۋالىمەن دېگەن بولسا بىرىنچى سودا دۇرۇس بولىدۇ، بۇ ئىككەيلەن يەنە بىر سودىدا ئىختىيارلىق بىلەن بولىدۇ، ئەگەر ئىككىنچى سودىنى يېڭىلاپ قىلسا دۇرۇس بولىدۇ.

    ئەگەر كېيىنكى سودىنىمۇ دەسلەپتە دېگەن سۆز بويۇنچە قىلغان بولسا، بۇ سودا ئىككى تەرەپتىن ئەمەلدىن قالىدۇ:

    بىرىنچى: ساتقۇچى ئۆز ئىگىدارچىلىقىغا ئىلىپ بولغۇچە سودا قىلىشتى.

ئىككىنچى: ئۇنى مانچە پۇلغا سېتىۋالساڭ ساڭا مۇنداق پايدا بېرىمەن دېگەن خەتەرلىك سۆز". ["ئەلئۇم" 3-توم 39-بەت].

    ئەگەر بۇ ۋەدە ئىككى تەرەپ ئەمەل قىلىدىغان ۋەدە بولسا، بۇمۇ چەكلىنىدۇ، چۈنكى بۇ ۋەدە ئۈچۈن سودىنىڭ ھۆكمى بولىدۇ. 

     سۆزنىڭ خۇلاسىسى: ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەل قىلىنىشى كېرەك بولمىغان ۋەدە سودىنىڭ ھۆكمىدە بولمايدۇ. 

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى