جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

ئارىلاشما پايچېكىنى مىراس ئالغان بولۇپ، ھازىر ئۇنىڭ قىممىتى ئېشىپ كەتكەن بولسا، ئۇنىڭدىن قانداق قۇتىلىدۇ؟

291409

تارقاتقان ۋاقىت : 01-03-2020

كۆرگۈچىلەر : 1488

سۇئال

ئالاقە-ئۇچۇر شېركىتىدىن مەلۇم مىقداردا پايچېكىگە ئېرىشتۇق، بىز ئۇنىڭ پايدىسىنى ئالاتتۇق، يۈزدە ئون پىسەنتىنى ئۇلار ئالىتتى، قالغىنىنى بىز ئالىتتۇق، بۇ قىلغىنىمىز توغرىمۇ؟، بىز پايچېكىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۇنى سېتىۋەتمەكچى، ئەسلى مەبلەغنى بىلمەيمىز، ھازىر پايچېكىنىڭ باھاسى ئۆرلىدى، بىز قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىزمۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، بارلىق ساھابىلىرى ۋە قىيامەتكىچە توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك شېركەتنىڭ پائالىيەتچانلىقى سەۋەبىدىن پايچېكى ئارىلاشما بولسا، ئۇنىڭ بىر قىسمى ھارامدىن يەنى جازانە شەكىلدە قەرز بېرىش ياكى قەرىز ئېلىش بىلەن قولغا كەلگەن بولسا، بۇ شەكىلدىكى پايچېكىنى سېتىپ قۇتۇلۇش كېرەك بولىدۇ، ئۇنى پاكىزلاپ يېنىدا ئېلىپ قىلىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ھارام دېگەن پەقەت ھارام پايدىنى ئىستىمال قىلىشقا قايتمايدۇ، بەلكى شۇنىڭ ئۆزى بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا قايتىدۇ، ئاشۇ پايچېكى كەڭ تارقالغان نېسىۋە بولۇپ، پايچېكى بىلەن بولغان ھەرقانداق ئىش ھارام بولىدۇ، ئۇنىڭ جىنايىتى پاي قاتقۇچىلارنىڭ ھەممىسىگە قايتىدۇ. بۇنىڭ جاۋابىنى ئىلگىرى 45319-3969- نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىدا بايان قىلغان.

    شېركەتنىڭ ھەرىكەتچانلىقى باراۋېرىدە سىلەر ئۇنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى بىلىشتىن بۇرۇن سىلەر ئېرىشكەن پايدىلاردىن مەنپەئەتلەنسەڭلار بولىدۇ. ھارام ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىنكى پايدىلاردىن قۇتۇلىشىڭلار كېرەك.

    پايچېكىنىڭ قىممىتىنىڭ ئۆسۈشىگە كەلسەك، ئۇنىڭدا ھېچ مەسىلە يوق، سىلەر پايچېكىنىڭ ھارام بولغان مىقدارىدىن ۋە ئۇنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىنكى پايدىسىدىن ئۇنىڭدىن كەلگەن پايدا ئون پىرسەت بولسۇن ياكى ئۇنىڭدىن ئاز-كۆپ بولسۇن، ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش بىلەن ئۇنى ھازىرقى باھاسى بويىچە ساتىسىلەر.

    دائىمى كومىتېت پەتىۋاسى 14-توم 299-بەتتە مۇنداق كەلگەن: "سوئال: مەن ئاللاھدىن قورقىمەن، جازانىنى ياقتۇرمايمەن، ماڭا ئېلىكتىر شېركىتى، نېپىت شېركىتى، تەبۇكتىكى زىرائەت بانكىسى، نادىك زىرائەت بانكىسى، كۇۋەيتتىكى سىمىنۇت زاۋۇتى ۋە ماشىنا شېركىتى ماڭا پايچېكى بەردى، مەن بۇ شېركەتلەرنىڭ  جازانە بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا نۇرغۇن سۆز-چۆچەكلەرنى ئاڭلىدىم، ھۆرمەتلىك ئۇستاز! مەن سىلىنىڭ ئېغىزلىرىدىن ئاڭلىمىغىچە بۇ شېركەتلەر بىلەن بولغان ئالاقەمنى ئۈزمەيمەن، ئاللاھ ئۆزلىرىگە كۆپ مۇكاپات ئاتا قىلسۇن، ئەگەر بۇ شېركەتلەردە جازانە تىپىلسا ئۇنىڭدىن قانداق قۇتىلىمەن ۋە ماللىرىمنى قانداق قايتۇرىۋالىمەن؟.

    جاۋاپ: بىرىنچى: ھەرقانداق شېركەتنىڭ مۇشتەرىلەر بىلەن ئېلىم-سېتىمدا جازانە شەكىلدە مۇئامىلا قىلىدىغانلىقى ئىسپاتلانسا، ئۇ شېركەتكە پاي سېلىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ گۇناھ-مەسىيەت ۋە دۈشمەنلىككە ياردەم بەرگەنلىك ھېسابلىنىدۇ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَتَعَاوَنُوا عَلَى الْبِرِّ وَالتَّقْوَى وَلَا تَعَاوَنُوا عَلَى الْإِثْمِ وَالْعُدْوَانِ وَاتَّقُوا اللَّهَ إِنَّ اللَّهَ شَدِيدُ الْعِقَاب تەرجىمىسى: ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار، ئاللاھ (نىڭ ئازابى)دىن قورقۇڭلار، ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن قاتتىق [سۈرە مائىدە 2-ئايەت].

    ئىككىنچى: كىمكى ئىلگىرى جازانە شەكىلدە مۇئامىلە قىلىدىغان شېركەتكە پاي سالغان بولسا، ئۇ كىشى شېركەتكە قاتقان پايچېكىنى سېتىۋېتىشى ۋە ئۇنىڭدىن كېرىم قىلغان جازانە پايدىنى ياخشىلىق يوللىرىغا سەرپ قىلىۋېتىشى كېرەك، ئاللاھ توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلسۇن. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت، سالاملىرى بولسۇن.

    دوكتۇر مۇھەممەد ئۇسەيمىدىن: مېنىڭ سابىك شېركىتىدە شېركەت قۇرۇلغاندىن بېرى قاتقان پايچېكىم بار، جەمئىيەتكە پايچېكى كېسىلى كەڭ تارقالغاندا ئۇنى ئېسىمگە ئالدىم ۋە شېركەتنىڭ قايسى شەكىلدە مۇئامىلا قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا سۈرۈشتە قىلسام، ئۇلار: شېركەت جازانە شەكىلدە مۇئامىلە قىلىدۇ دەيدۇ، ئۇستاز! سىلى ياخشى بىلىلا، ئەسلى مال ئاز بولۇپ، پايچېكى ئۇنىڭغا نۇرغۇن پايدا كەلتۈردى، پايچېكى كەلتۈرگەن پايدا بىلەن ھازىر پايچېكىنىڭ قىممىتى ئۈچ يۈز مىڭدىن ئاشىدۇ، قانداق قىلىشىم كېرەك؟يول كۆرسۈتىشلىرىنى سورايمەن دەپ سورىغاندا، دوكتۇر جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "ئىش يۇقىرىدا سىز ئېيتقاندەك بولسا، سىز پاي سالغاندا ئۇنى بىلمەپسىز، ھازىر بىلگەندىن كىيىن پايچېكىنى سېتىۋېتىڭ، ئۇنىڭ پۇلىنى خىراجەت قىلسىڭىز بولىدۇ، ئۇنى پاكىزلاش كېرەك بولمايدۇ، ئىلگىرى تاپشۇرۇپ ئالمىغان پايدىلارنىڭ بىر يىللىق زاكاتىنى بەرسىڭىز بولىدۇ، ئاللاھ سىزنى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلسۇن.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى