شەنبە 17 سەپەر 1443 - 25 سىنتەبىر 2021
Uygur

تەۋھىد كەلىمىسىنىڭ شەرتلىرىنى بىلىش زۆرۈرمۇ؟

سۇئال

مۇسۇلمانغا لائىلاھە ئىللەللاھۇ دېگەن سۆزنىڭ شەرتلىرىنى بىلىش ۋاجىپمۇ؟ ئۇنىڭ شەرتلىرىنى بىلمىگەن كىشى كاپىر بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئىسلام شەرىئىتىدە بېكىتىلگەن ۋە مەلۇم بولغان ئىش، ھەقىقەتەن تەۋھىد كەلىمىسىنىڭ مەنىسى بىلىپ، ئۇنىڭ تەقەززاسى بويىچە قىلسا، ئاخىرەتتە ئۇ كىشىگە مەنپەئەت بېرىدۇ، ئۇ كىشى جەننەت ئەھلىدىن بولىدۇ، دوزاختىن قۇتۇلىدۇ.

     شەيخ سۇلايمان ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋەھاب رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئۇبادە ئىبنى سامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ئىلاھ يوق، ئاللاھ يەككە-يېگانىدۇر، ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر، ھەقىقەتەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىدۇر، ئىسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىدۇر، ئاللاھ ئۆزىنىڭ كەلىمىسىنى مەريەمگە تاشلىغان، روھ ئاللاھدىن، جەننەت ھەق، دوزاخ ھەق دەپ گۇۋاھلىق بەرسە، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى قىلغان ئەمىلىگە يارىشا ئۆز پەزلى بىلەن جەننەتكە كىرگۈزىدۇ...».

   پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: « ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ئىلاھ يوق دەپ گۇۋاھلىق بەرسە» يەنى: كىمكى مۇشۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى بىلىپ، ئاشكارا-يوشۇرۇن تەقەززاسىغا ئەمەل قىلىپ، «بىلگىنكى ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوق» دېگەن ئايەت ۋە«ھەقنى بىلىپ گۇۋاھلىق بەرگەن كىشى» دېگەن ئايەت دالالەت قىلغاندەك سۆزلىسە، ئەمما ئۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى بىلمەي، تەقەززاسى بويىچە ئەمەل قىلماي سۆزلىسە، ئالىملارنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن بۇ سۆزنىڭ پايدىسى بولمايدۇ". ["تەيسىرىل ئەزىيزىل ھەمىيد" 51-بەت].

    لېكىن بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى بىلىش ۋە تەقەززاسى بويىچە ئەمەل قىلىش ھەر بىر مۇسۇلمانغا زۆرۈر بولىدۇ، بۇنى ئومۇمى شەكىلدە بىلىش كۇپايە قىلىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېڭىدىن مۇسۇلمان بولغان ھەر بىر كىشىگە بۇنىڭ تەپسىلاتىنى بايان قىلىپ بەرگەنلىكى بىلىنمىگەن، بۇنداق تەپسىلاتلار پەقەت كىتاپلاردا بايان قىلىنغان.

    شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "شەكسىزكى، ھەر بىر كىشىگە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىلىپ كەلگەن دىنغا ئومۇمى شەكىلدە ئىمان ئېيتىش ۋاجىپ بولىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىلىپ كەلگەن دىننى تەپسىلى بىلىش پەرىز كۇپايىدۇر، ھەقىقەتەن بۇ ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئەۋەتكەن دىننىڭ قاتارىغا، قۇرئان كەرىمنى تەپەككۇر قىلىش، ئويلىنىش ۋە چۈشنىش، كىتاب ۋە سۈننەتنى بىلىش، ياخشىلىققا يېتەكلەيدىغان زىكىر، دۇئالارنى ياد قىلىش، ياخشىلىققا بۇيرۇش، يامانلىقتىن چەكلەش، ئاللاھنىڭ يولىغا ھېكمەت، گۈزەل نەسىھەتلەر بىلەن دەۋەت قىلىش، چىرايلىق شەكىلدە مۇنازىرە قىلىش قاتارلىقلار ئاللاھ تائالا مۆمىنلەرگە ۋاجىپ قىلغان نەرسىلەرنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ، بۇ ئۇلارغا پەرىز كۇپايەدۇر". ["ئەقىل بىلەن نەقىلنىڭ زىتلىقىنى توسۇش" ناملىق ئەسەر 1-توم 51-بەت].

     ھەر بىر مۇسۇلمانغا بۇ شەرتلەرنى ياد قىلىش ۋاجىپ بولمايدۇ، ئەگەر بۇ شەرتلەرنى بىلمەي قالسىمۇ ئۇ كىشىنىڭ ئىمانىغا تەنە قىلىشقا بولمايدۇ، تەلەپ قىلىنىدىغان ئىش: ئىمانىنى توغرىلاپ بۇ شەرتلەرگە ئەمەل قىلىشتۇر.

مۇسۇلمان كىشى گەرچە ئوقۇمىغان بولسىمۇ قەلبىدە ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا بولغان سۆيگۈ، ئىتائەت ۋە شەرئى دەلىللەرنى ھۆرمەتلەش بولىدىكەن، كۈچىنىڭ يېتىشچە ئۆزىگە يەتكەن دەلىللەرگە ئەمەل قىلىدۇ.

    شەيخ ھاپىز ھەكەمىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:  ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوق دېگەن سۆزنى پەقەت ئاغزاكى دېگەننىڭ پايدىسى بولمايدۇ، بەلكى ئۇنىڭ مۇشۇ يەتتە تۈرلۈك شەرتىنى مۇكەممەل قىلىشى كېرەك، يەنى ئۇنىڭغا زىت كىلىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىش كېرەك.

     بۇنىڭدىن پەقەت يەتتە تۈرلۈك شەرتنى ساناپ، ياد قىلىش مەقسەت ئەمەس، كۆپلىگەن بىلىمسىز كىشىلەردە بۇ يەتتە تۈرلۈك سۈپەت تېپىلغان، بۇنىڭغا ئەمەل قىلغان، ئەمما ساناپ بېرىڭ دېيىلسە، ئۇنى توغرا سانىيالمىغان. كۆپلىگەن كىشىلەر بۇ شەرتلەرنى ياد قىلغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ دىلىدىن يانىڭ ئوقىدەك چىقىپ كەتكەن، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ بۇ شەرتلەرنىڭ قارىشىغا ئەمەل قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز، مۇۋەپپەق قىلىش ئاللاھنىڭ قولىدا، بۇنىڭغا ئاللاھ ياردەم بەرگۈچىدۇر". ["مەئارىجۇل قەبۇل" 2-توم 418-بەت].

    شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بارلىق مۇسۇلمانلارغا مۇشۇ شەرتلەرگە رائىيە قىلىش بىلەن بۇ كەلىمىنى روياپغا چىقىرىش ۋاجىپ بولىدۇ، ھەر قانداق مۇسۇلماندا بۇ سۆزنىڭ مەنىسى ۋە بۇنىڭغا ئەمەل قىلىش تېپىلسا، گەرچە بۇنىڭ شەرتلىرىنى تەپسىلى بىلمىسىمۇ ئۇ كىشى مۇسۇلمان، ئۇنىڭ جېنىغا ۋە مېلىغا چېقىلىش ھارام بولىدۇ، چۈنكى بۇ سۆزدىن بولغان مەقسەت، ھەقنى بىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىش، گەرچە مۆمىن تەلەپ قىلىنىدىغان شەرتلەرنى تەپسىلى بىلمىسىمۇ". ["شەيخ ئىبنى باز پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 7-توم 58-بەت].

    لېكىن بۇ شەرتلەرنى بىلىش بولسا پەرىز كۇپايىدۇر، ئۇممەتنىڭ ئىچىدە بۇ شەرتلەرنى تولۇق بىلىدىغان ۋە خالايىقلارغا ئۆگىتىدىغان كىشىلەرنىڭ تېپىلىشى زۆرۈردۇر، بۇمۇ ئىلگىرى شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيەنىڭ سۆزىگە ئوخشاش ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ئەۋەتكەن دىننى يەتكۈزۈشنىڭ قاتارىدىن ھېسابلىنىدۇ.

    شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە يەنە مۇنداق دەيدۇ: "ئومۇمى كىشىلەرگە ۋاجىپ بولغان نەرسە ئۇلارنىڭ ئىلىم-مەرىپىتى، ھاجىتى ۋە قادىر بولۇش تۈرى بويىچە تۈرلۈك بولىدۇ، ئومۇمى كىشىلەرگە بۇيرۇلغان نەرسىلەردىن ئىلىمنى بىلىش، ئىنچىكىلىرىنى چۈشىنىش ۋە ئاڭلاشقا قادىر بولغان كىشىلەرگە ۋاجىپ بولغىنى ئۇنىڭدىن ئاجىز كەلگەنلەرگە ۋاجىپ بولمايدۇ، دەلىللەرنى ئاڭلاپ چۈشەنگەنلەرگە ۋاجىپ بولغان نەرسە ئاڭلىمىغان ۋە چۈشەنمىگەن كىشىلەرگە ۋاجىپ بولمايدۇ. پەتىۋا بەرگۈچى، ھەدىس بايان قىلغۇچى ۋە مۇنازىر قىلغۇچىلارغا ۋاجىپ بولغان نەرسە، ئۇلاردىن باشقىلارغا ۋاجىپ بولمايدۇ".  ["ئەقىل بىلەن نەقىلنىڭ زىتلىقىنى توسۇش" ناملىق ئەسەر 1-توم 52-بەت].      

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى