جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

قولى بىلەن ئىستىمنا قىلىپ لەززەتلىنىپ، مەنىينى توختىتىۋالسا، ئاندىن مەنىي كېچىك تەرەت بىلەن بىرگە چىققان بولسا، ئۇ كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلامدۇ؟

سۇئال

   مەن روزا تۇتقان كۈندە قولۇم بىلەن ئىستىمنا قىلىپ، مەنىي چىقىپ كېتىشكە ئازقالغاندا، ئەۋرىتىمنى چىڭ تۇتىۋالدىم، شۇنىڭ بىلەن مەنىي چىقمىدى، كېچىك تەرەت قىلغان ۋاقتىمدا شىلىمشىق سۇيۇقلۇق چىقتى، بۇنىڭ بىلەن روزام سۇنامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

قىسقىچە جاۋاپ

قولى بىلەن ئىستىمنا قىلغان ۋاقتىدا ئەۋرىتىنى چىڭ تۇتۇۋېلىش سەۋەبىدىن مەنىي چىقماي، ئۇنىڭدىن كېيىن كېچىك تەرەت بىلەن ياكى ئايرىم چىققان بولسا، ئۇ ئادەمنىڭ روزىسى بۇزۇلىدۇ، شۇ كۈنلۈك روزىنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولىدۇ.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: قولى بىلەن ئىستىمنا قىلىش بولسا، مەخپى ئادەت بولۇپ، بۇ قۇرئان، ھەدىسنىڭ ھۆكمى بويىچە چەكلەنگەن بولۇپ، ھېچ قانداق بىر ئەر ۋە ئايالنىڭ بۇنداق قىلىشى توغرا بولمايدۇ، قىز-يىگىتلەرنىڭ بۇنىڭدىن ساقلىنىش ئۈچۈن روزا تۇتۇش بىلەن بىرگە ئاللاھقا دۇئا قىلىپ ياردەم سورىشى، ئەگەر توي قىلىش ئىمكانىيىتى بولسا توي قىلىشى كېرەك، چۈنكى توي قىلىش دېگەن مۇستەھكەم قورغاندۇر، ئەگەر توي قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىسا، روزا تۇتۇشى كېرەك، چۈنكى روزا شەھۋەتنىڭ قوزغىلىشىدىن ساقلىنىدىغان قالقاندۇر، روزا ئىنسان بەدىنىدىكى شەھۋەتنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، شەيتاننىڭ ۋەسۋەسە يوللىرىنى تارلاشتۇرىدۇ.

    "دەررۇل مۇختار ۋە ھاشىيەتى ئىبنى ئابىدىين" 4-توم 27-بەتتە مۇنداق كەلگەن: "قول بىلەن ئىستىمنا قىلىش ھارام، چەكلەنگەن ئىش بولۇپ، بۇنداق كىشىگە تەزىر-ئەدەپلەش-جازاسى بېرىلىدۇ".

    ئىمام شاپىئىي رەھىمەھۇللاھ "ئەلئۇم" 5-توم 102-بەتتە مۇنداق دېگەن:"قول بىلەن ئىستىمنا قىلىش ھالال بولمايدۇ دېگەن".

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ" ئەل مەجمۇئ"16-توم 421-بەتتە مۇنداق دېگەن: "ئىستىمنا قىلىش ھارام بولىدۇ، ئۇ بولسىمۇ،  شەھۋەت سۈيىنى قولى بىلەن  چېقىرىشتۇر، بۇنداق قىلىشنى كۆپچىلىك ئالىملار ھارام دېگەن".

   مىرداۋىيمۇ "ئەل ئىنساپ" 10-توم 252-بەتتە مۇشۇ سۆزنىڭ ئوخشىشىنى زىكىر قىلغان.

   ئىبنى زۇۋەيبان "مەنار ئەسسەبىيل" 2-توم 383-بەتتە مۇنداق دېگەن: "قول بىلەن ئىستىمنا قىلىش ئەر-ئاياللارغا ئوخشاشلا ھارامدۇر، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: وَالَّذِينَ هُمْ لِفُرُوجِهِمْ حَافِظُونَ   تەرجىمىسى: «ئۇلار ئەۋرەتلىرىنى (ھارامدىن) ساقلىغۇچىلاردۇر» [سۈرە مۆمىنۇن 5-ئايەت].

329- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    ئىككىنچى: ئىستىمنا قىلىش بىلەن مەنىي چىقسا روزا بۇزۇلىدۇ، مەنىي چىقمىسا روزا بۇزۇلمايدۇ.

    ئىبنى ئابىدىين"رەددۇل مۇختار" 2-توم 399-بەتتە مۇنداق دېگەن: "ئەگەر ئالقىنى بىلەن ئىستىمنا قىلسىمۇ مەنىي چىقمىسا روزا بۇزۇلمايدۇ، مەنىي چىقسا روزا بۇزۇلىدۇ، ئۇ كۈننىڭ روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ".

   "كۇۋەيت پىقھى توپلاملىرى"4-توم 100-بەتتە مۇنداق كەلگەن: "قولى بىلەن ئىستىمنا قىلىش مالىكى، شاپىئىي، ھەنبەلىي ۋە بارلىق ھەنەپىي مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ قارىشىدا روزىنى بۇزىدۇ". 38074- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    ئۈچىنچى: ئىستىمنا قىلغان كىشى مەنىي قوزغالغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئەۋرىتىنى چىڭ تۇتۇۋېلىپ مەنىي چىقمىغان بولسا، بۇنىڭغا ئىككى خىل قاراش بار:

   بىرىنچىسى: ئەۋرىتىنى چىڭ تۇتۇۋېلىش بىلەن كېيىن مەنىي چىقمىسا، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا يۇيۇنۇش كېرەك بولمايدۇ ۋە روزىسىمۇ بۇزۇلمايدۇ.

    ئىككىنچى: ئەگەر ئەۋرىتىنى قويىۋەتكەندە ياكى ئاز ۋاقىتتىن كېيىن مەنىي چىققان بولسا، بۇ كىشىگە يۇيۇنۇش كېرەك بولىدۇ ۋە روزىسىمۇ بۇزۇلىدۇ.

    ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر شەھۋېتى قوزغالغاندا مەنىنىڭ يۆتكەلگەنلىكىنى ھېچ قىلىپ، ئەۋرىتىنى تۇتۇۋېلىش بىلەن مەنىي چىقمىغان بولسا، خەرقىينىڭ ئوچۇق سۆزىدە، ئىمام ئەھمەدتىن بولغان بىر رىۋايەتتە ۋە كۆپچىلىك پىقھى ئالىملارنىڭ قارىشىدا يۇيۇنۇش كېرەك بولىدۇ"...   ئاندىن بۇ سۆزنى بېكىتىپ ۋە بۇنىڭغا قارشى پىكىردىكىلەرگە رەت قايتۇرۇپ مۇنداق دېگەن: "بىزنىڭ دەلىلىمىز، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەدىستە «چۈشىدە سۈنى كۆرسە ۋە ئاق سۈنى كۆرسە يۇيۇنسۇن» دەپ  يۇيۇنۇشنى چۈش كۆرۈشكە ۋە ئاق سۈنى كۆرۈشكە ئالاقىدار قىلدى، ئاق سۇ ياكى مەنىي چىقمىسا ھۆكۈم ئىسپاتلانمايدۇ..".

   ئاندىن مۇنداق دېدى: "مۇشۇ دەلىللەرگە ئاساسەن: ئۇنىڭدىن كېيىن مەنىي چىقسا، ئىلگىرى يۇيۇنغان بولسۇن ياكى يۇيۇنمىغان بولسۇن ئۇ كىشىگە يۇيۇنۇش كېرەك بولىدۇ، چۈنكى مەنىي شەھۋەتنىڭ سەۋەبىدىن چىقتى، خۇددى مەنىي يۆتكەلگەن ھالىتىدە چىققانغا ئوخشاش يۇيۇنۇش كېرەك بولدى.

    ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: "بىر كىشى ئايالى بىلەن جىما قىلىپ مەنىي چىقمىغان بولسا يۇيۇنىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن مەنىي چىققان بولسا يەنە يۇيۇنىدۇ، يەنە: بىر كىشى چۈشىدە جىما قىلىپ ئويغۇنۇپ نەملىكتىن ھېچ نەرسە تاپالمىغان، بىر ئاز ماڭغاندىن مەنىي چىققان بولسا قانداق قىلىدۇ؟ دەپ سورالغاندا، يۇيۇنىدۇ دېگەن". ["ئەل مۇغنى" 1-توم 128-129-بەت].

40126 -202837- نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

   سۆزنىڭ خۇلاسىسى: ئىستىمنا قىلغان ھالىتىدە، ئەۋرىتىنى چىڭ تۇتىۋېىلىش سەۋەبىدىن مەنىي چىقماي، كېيىن كېچىك تەرەت بىلەن ياكى ئايرىم چىققان بولسا، ئۇ كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلىدۇ، شۇ كۈنلۈك روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى