جۈمە 17 شەۋۋال 1445 - 26 ئاپرىل 2024
Uygur

ماشىنا بازىرىنىڭ باھالىغۇچىسى باھالاپ بەرگەن مىقداردا ماشىنىغا تۆلەم پۇلى ئېلىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

272160

تارقاتقان ۋاقىت : 23-01-2019

كۆرگۈچىلەر : 2076

سۇئال

بىر كىشى مېنىڭ توختىتىپ قويغان ماشىنامنى سوقىۋېتىپ، ماشىنىنىڭ كۆپ قىسمىنى بۇزىۋەتتى، قاتناش ئىدارىسىنىڭ خادىمى ۋەقە يۈزبەرگەن ئورۇنغا كېلىپ، ۋەقەنى تەكشۈرۈپ 100% خاتالىقنىڭ سوقۇۋەتكەن كىشىنىڭ ماشىنىنى بەلگىلەنگەن تىزلىكتىن ئاشۇرۇپ ھەيدىگەنلىك سەۋەبىدىن بولغانلىقىنى بېكىتتى، قاتناش ئىدارىسىغا بارغان ۋاقتىمدا، ئۇلار ۋەقەنىڭ يازما بايانىنى كۆرۈپ، سوقۇۋەتكەن كىشىنىڭ  بارلىق زىياننى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى بېكىتتى، مېنى ماشىنا بازىرىنىڭ باھالىغۇچىسىنىڭ يېنىغا بېرىشقا بۇيرىدى، مەن ماشىنا بازىرىدىكى ئۈچ باھالىغۇچىنىڭ ماشىنامنىڭ ۋەقەدىن ئىلگىرى 35000 مىڭ(ئوتتۇز بەشمىڭ) ۋەقەدىن كېيىن 14مىڭ رىيالغا يارايدىغانلىقىنى بېكىتتى، ئارىسىدىكى 21000مىڭ(يىگىرمە بىر مىڭ)رىيال چىقتى، بۇ يازما ئىسپاتنى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسىگە تاپشۇردۇق، مۇشۇ ھالەتتە ۋەقە سادىر قىلغۇچى ئارىلىقتىكى مەبلەغنى ماڭا تاپشۇرىشى كېرەك بولىدۇ. ۋەقە سادىر قىلغۇچى مەن بىلەن سۈلھى قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، ماشىنامنى ياسىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى، مەن ئۇ كىشىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلدىم، چۈنكى ماشىنا رىمىنۇت قىلدۇرۇلغان تەقدىردىمۇ ئەسلىتىدىكى ھالىتىگە قايتمايتتى، ھادىسىگە ئۇچرىغانلىق سەۋەبىدىن بازاردىمۇ باھاسى چۈشۈپ كېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ماشىنامنى ھەيدىگىلى بولمايدىغان ماشىنىلارنى سېتىش ئورنىغا سېتىشنى قارار قىلدىم، سۇئالىم: ماشىنا بازىرىدىكى باھالىغۇچى باھالاپ بەرگەن 21000مىڭ(يىگىرمە بىر مىڭ مىڭ)رىيال پۇلنى ئالسام قانداق بولىدۇ؟، مەن بۇ ماشىنامنى بۇنىڭدىن بىر يىرىم يىل ئىلگىرى 26000مىڭ(يىگىرمە ئالتە مىڭ)رىيالغا سېتىۋالغان ۋە بەزى جايلىرىنى رىمىنۇت قىلدۇرغان ئىدىم، ئەگەر ماشىنامنى ھەيدىگىلى بولمايدىغان ماشىنىلارنى سېتىش ئورنىغا ساتسام نەچچە پۇلغا يارايدىغانلىقىنى بىلمەيمەن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   سىزنىڭ ماشىنا بازىرىنىڭ باھالىغۇچىسى باھالاپ بەرگەن مىقداردىكى پۇلنى ئېلىشىڭىزدا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، چۈنكى بۇنداق ئەھۋالدا تەجىربىلىك كىشىلەرنىڭ قارىشى كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

   ئەسلىدە، ھەرقانداق بىر كىشى باشقىلارنىڭ ماشىنىسىنى بۇزىۋېتىدىكەن، ئۇ كىشىنىڭ بۇزىۋەتكەن ماشىنىنىڭ بۇزۇلغان يېرىنى ياسىتىپ بېرىشى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ۋەقە سەۋەبىدىن ماشىنىنىڭ بازار باھاسىدىن چۈشۈپ كەتكەن قىممىتىنىمۇ  قېتىپ تۆلەپ بېرىشى كېرەك بولىدۇ. "پىقھى ئېنىسكلۇپىېدىيسى" 1-توم 226-بەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان: "بىز بۇزىۋېتىلگەن نەرسىنىڭ ئوخشىشى بولسا ئۇنىڭ ئوخشىشىنى تۆلەپ بېرىدىغانلىقى، ئەگەر باھالانسا ئۇنىڭ قىممىتىنى تۆلەپ بېرىدىغانلىقى شۇنىڭدەك ئۇ نەرسىنىڭ قىممىتىنى بېكىتىشتە بۇزىۋېتىلگەن ئورۇننىمۇ ئېتىبارغا ئېلىشتا ئۆلىمالارنىڭ ئارىسىدا ئىختىلاپ بارلىقىنى بىلمەيمىز".

    يەنە 28-توم 233-بەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان: "پىقھى ئۆلىمالىرى بۇلىغانلىق ياكى زېيان سالغانلىق ياكى بۇزىۋەتكەنلىك ياكى باشقا سەۋەپلەردىن كەمىيىپ كەتكەن ماللارنى، قەستەن كەمەيتكەن بولسۇن ياكى خاتالىقتىن كەمەيتكەن بولسۇن ياكى سەھۋەنلىكتىن كەمەيتكەن بولسۇن ئۇنى تۆلىتىشتە ھېچ بىر ئورۇندا ئىختىلاپ قىلىشمىغان".

   شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ يەردىكى مەسىلە، ماشىنا سايمانلىرى مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى ماشىنا سايمانلىرى بىلەن بىرگە ماشىنىنىڭ سوقۇۋېتىش سەۋەبىدىن بازار باھاسىدىن چۈشۈپ كەتكەن قىممىتىنى تۆلەش مەسىلىسى، بۇ بەزى ۋاقىتتا كۆپچىلىك كىشىلەر بىلمەيدۇ، ھەر قانداق بىر كىشى سوقۇلۇپ كېتىپ ياساتقان ماشىنا بىلەن سوقالمىغان ماشىنانىڭ ئارىسىدىكى باھا پەرقىنى ياخشى بىلىدۇ. "نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋالىرى".

    ئۇ كىشىگە بېرىدىغان جاۋابىمىز: سىزنىڭ مۇشۇ مىقداردىكى مەبلەغنى ئېلىشىڭىزدا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، ھەتتا ماشىنىڭىزنى ئۇنىڭدىن ئازراق مەبلەغ بىلەن رىمىنۇت قىلدۇرغان بولسىڭىزمۇ، بىز يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتكەندەك، ھادىسە سەۋەبىدىن ماشىنىنىڭ چۈشۈپ كەتكەن باھاسىنىمۇ ئېتىبارغا ئېلىش زۆرۈر بولىدۇ.

    سىز ئۈچۈن تۆلەم پۇلىنى ئېلىش بىلەن بىرگە، ماشىنىڭىزنى رىمىنۇت قىلدۇرۇپ ھەيدىسىڭىزمۇ ياكى ھەيدىگىلى بولمايدىغان ماشىنىلارنى سېتىش ئورنىغا ئاپىرىپ ساتسىڭىزمۇ  ھېچ گۇناھ بولمايدۇ.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى