شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

مېلىنىڭ مىقدارى ئالتۇننىڭ زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتمىگەن، زاكات مىقدارىنىڭ كۈمۈشنىڭ ئۆلچىمى بىلەنمۇ بىكىتىلىنىدىغانلىقىنى بىلمىگەن كىشى توغرىسىدا

270751

تارقاتقان ۋاقىت : 06-05-2022

كۆرگۈچىلەر : 1213

سۇئال

   مەن بىلمىگەنلىكتىن زاكات بېرىدىغان مالنىڭ ئۆلچىمىنى ئالتۇننىڭ ئۆلچىمى بىلەن ھېساپلاپتىمەن، مېنىڭ مېلىم ئالتۇننىڭ ئۆلچىمى بولغان سەكسەن بەش گىرامغا(85) يەتمەيتتى، شۇنىڭ بىلەن مالنىڭ زاكىتىنى ئايرىمىدىم، يېقىندا زاكاتنىڭ مىقدارىنى كۈمۈشنىڭ قىممىتى بىلەنمۇ ھېسابلايدىغانلىقىنى بىلدىم، ئەگەر بۇرۇن بۇنى بىلگەن بولسام مېلىمنىڭ زاكىتىنى كۈمۈشنىڭ ئۆلچىمى بىلەن ھېسابلاپ بېرەتتىم، مېلىم كۈمۈشنىڭ ئۆلچىمى بولغان بەش يۈز توقسان بەش(595) گىرامغا يېتىدۇ، ئۇنداق بولغاندا، ماڭا ئۆتۈپ كەتكەن يىللاردىكى ماللىرىمنىڭ زاكىتىنى كۈمۈشنىڭ ھېسابى بويىچە قايتىدىن تولۇقلاپ بېرىش كېرەك بولامدۇ؟ بۇنداق قىلىش قىيىن بولىدۇ، ياكى ئۆتكەن يىللار ئۈچۈن پەقەت بىر يىلنىڭ زاكىتىنى ئايرىسام توغرا بولامدۇ؟، بۇنداق ئەھۋالدا نېمە قىلىشىم كېرەك؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى:  مۇسۇلمان ساپ ئالتۇندىن يىگىرمە مىسقال يەنى سەكسەن بەش گىرام، ياكى كۈمۈشتىن بىر يۈز قىرىق مىسقال يەنى بەش يۈز توقسان بەش گىرام سېتىۋالغىدەك ئىقتىسادقا ئىگە بولۇپ ھىجىرىيە ھېسابىدا بىر يىل توشقاندا ئۇ كىشىگە مېلىدىن زاكات ئايرىش كېرەك بولىدۇ.

    ئىككىنچى: ھازىر قوللىنىۋاتقان قەغەز پۇللارنىڭ ئالتۇن-كۈمۈشكە قىتىلغانلىقىغا قاراپ، دەۋرىمىزدىكى ئۆلىمالار بۇنىڭ زاكات ئۆلچىمىنى قانداق ھېسابلاش يەنى ئالتۇننىڭ مىقدارى بىلەن بولامدۇ ياكى كۈمۈشنىڭ مىقدارى بىلەن بولامدۇ؟ دەپ ئىختىلاپلىشىپ قالدى.

    بىلىشىمىزچە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە ئالتۇننىڭ ئۆلچىمى كۈمۈشنىڭ ئۆلچىمى بىلەن ئوخشاش بولاتتى، كۈمۈشنىڭ ئۆلچىمى بولغان ئىككى يۈز دىرھەم ئالتۇننىڭ ئۆلچىمى بولغان يىگىرمە دىنارغا باراۋەر كېلەتتى.

     لېكىن كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئالتۇن بىلەن كۈمۈشنىڭ ئۆلچىمى ئوخشاش بولمىدى، بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئىككىسىنىڭ ئۆلچىمى ئارىسىدا چوڭ پەرق بار.

    ھازىرقى ۋاقىتتىكى ئالتۇننىڭ ئۆلچىمى بولغان سەكسەن بەش گىرام بىلەن كۈمۈشنىڭ ئۆلچىمى بولغان بەش يۈز توقسان بەش گىرامنىڭ قىممىتى ئارىسىدا زور پەرق بار.

    ئالىملار ئارىسىدىكى قەغەز پۇللارنىڭ زاكات ئۆلچىمى ئالتۇننىڭ مىقدارى بىلەن بىكىتىلىنەمدۇ ياكى كۈمۈشنىڭ مىقدارى بىلەنمۇ؟ دېگەن ئىختىلاپ مۇشۇنىڭدىن كېلىپ چىققان.

    ئالتۇننىڭ مىقدارى بىلەن بېكىتىمىز دېگەن ئالىملارنىڭ قارىشىدا؛ بىر كىشى سەكسەن بەش گىرام ئالتۇننىڭ قىممىتىگە يەتمەيدىغان ئىقتىسادقا ئىگە بولغان بولسا، ئۇ كىشىگە زاكات پەرىز بولمايدۇ، دەيدۇ.

    كۈمۈشنىڭ مىقدارى بىلەن بېكىتىمىز دېگەن ئالىملارنىڭ قارىشىغا كۆرە، بەش يۈز توقسان بەش گىرام كۈمۈشنىڭ قىممىتىگە يەتكۈدەك ئىقتىسادقا ئىگە بولغان كىشىگە زاكات بېرىش پەرىز بولىدۇ، دەيدۇ.

قەغەز پۇللارنىڭ زاكات ئۆلچىمى كۈمۈشنىڭ مىقدارى بىلەن بولىدۇ دەپ قارىغان ئالىملار مۇنداق دەلىل كەلتۈردى:

   -زاكاتنى كۈمۈشنىڭ مىقدارى بىلەن ھېسابلاش كۆپچىلىك بىرلىككە كەلگەن ۋە سەھىھ مەشھۇر ھەدىسلەر بىلەن بېكىتىلگەن.

    -كۈمۈشنىڭ مىقدارى بىلەن ھېسابلاش كەمبەغەللەرگە پايدىلىق، چۈنكى كۈمۈشنىڭ مىقدارىنى ئېتىبارغا ئالغاندا كۆپ ساندىكى مۇسۇلمانلارغا زاكات ئايرىش پەرىز بولىدۇ.

    قەغەز پۇللارنىڭ زاكات ئۆلچىمى ئالتۇننىڭ مىقدارى بىلەن بولىدۇ دەپ قارىغان ئالىملارنىڭ دەلىلى: ئالتۇننىڭ قىممىتى مۇقىم بولۇپ، كۆپ ۋاقىتلاردا ئۆزگەرمەيدۇ، ئەمما كۈمۈشنىڭ قىممىتى بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ.

    ئالتۇننىڭ ئۆلچىمى بولغان يىگىرمە دىنارغا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە ھىجازنىڭ قويلىرىدىن نورمالدا يىگىرمە قوي كېلەتتى، شۇنىڭغا ئوخشاش كۈمۈشنىڭ ئۆلچىمى بولغان ئىككى يۈز دىرھەمگىمۇ نورمالدا يىگىرمە قوي سېتىۋالغىلى بولاتتى.

     ئەمما ھازىرقى دەۋرىمىزدە، كۈمۈشنىڭ ئۆلچىمى بولغان ئىككى يۈز دىرھەمگە پەقەت بىر قوي سېتىۋالغىلى بولسا، ئالتۇننىڭ ئۆلچىمى بولغان يىگىرمە دىنار ياكى مىسقالغا ھىجازنىڭ قويلىرىدىن يىگىرمە ياكى شۇنىڭغا يېقىن قوينى سېتىۋالغىلى بولىدۇ، بۇ ئالتۇننىڭ قىممىتىنىڭ يۇقىرىلىقى ۋە زاكات مىقدارىنى بۇنىڭ بىلەن بېكىتىشتىكى ھېكمەتنى نامايەندە قىلىدۇ، كۈمۈشنىڭ ئۆلچىمى بولسا بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ.

     ئالتۇننىڭ زاكات ئۆلچىمى باشقا زاكات ماللىرىغا بايان قىلىنغان زاكات ئۆلچەملىرىگىمۇ يېقىن، تۆگىدىن بەش، قويدىن قىرىق، ئۈزۈم ياكى خورمىدىن بەش ۋەسەق دېگەنگە ئوخشاش.

    ئەسلىدىمۇ قەغەز پۇللارنىڭ قىممىتى ئالتۇندۇر، كۈمۈش ئەمەس.

ئىسلام دۇنياسى ئالىملار بىرلىكىگە تەۋە بولغان"ئىسلام پىقھى ئاكادېمىيىسى" ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان يۇقىرى دەرىجىلىك ئالىملار ھەيئىتى شۇنداقلا دائىمىي كومىتېت پەتىۋا ھەيئىتى، شەيخ ئىبنى باز ۋە باشقا ئالىملار:" قەغەز پۇللارنىڭ زاكات مىقدارنى ئالتۇن ۋە كۈمۈشتىن ئىبارەت بولغان ئىككى ئۆلچەمنىڭ تۆۋەنرەكى بىلەن بېكىتىشنى كەمبەغەللەرنىڭ مەنپەئەتىگە رىئايە قىلغانلىق دەپ قارار قىلدى.

    ئىككىنچى: يۇقىرىدا قەغەز پۇللارنىڭ زاكات ئۆلچىمىنى بېكىتىشتىكى ئىختىلاپ ئېنىق بولدى: ئۇنى ئالتۇننىڭ مىقدارى بىلەن ھېسابلايمىزمۇ ياكى كۈمۈشنىڭ مىقدارى بىلەنمۇ؟ دېگەندىن ئىبارەتتۇر. بۇ دەۋرىمىزدىكى ۋە ئىختىلاپ قىلىنسا بولىدىغان مەسىلىلەردىن بولسىمۇ، باشقىسىنى قويۇپ كۈچلۈك قاراش نەزەرگە ئېلىنىدۇ.

مۇشۇ مەسىلىدە ياكى باشقا مەسىلىلەردە بىر كىشى مەلۇم بىر قاراشنى بىلگەن بولسا، ئۇ كىشى بىلمىگەن نەرسىسىگە ئەمەل قىلىشقا تەكلىپ قىلىنمايدۇ، شەرىئەت بىلمىگەن نەرسە بىلەن ئۇ كىشىنىڭ ئۈستىگە دەلىل تۇرغۇزمايدۇ، ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشىدا نېمىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن ۋاقىتتا، ۋاجىپلىقىنى بىلمەي تەرك قىلغان ياكى شەرىئەت يولغا قويمىغان سۈپەت بىلەن قىلغان  ئىشنىڭ قازاسىنى قىلىشى كېرەك بولمايدۇ.

   شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مۇشۇنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەسلى: دىنى پرىنسىپىنى بىلمىگەن كىشىنىڭ بىلمىگەنگە ئەمەل قىلىشى كېرەكمۇ؟ ياكى بىلگەندىن كىيىن ئەمەل قىلىشى كېرەكمۇ؟ ۋەياكى دىن ئەمەلدىن قالدۇرغۇچى بىلەن يېڭىدىن باشلىغۇچىنىڭ ئارىسىنى ئايرىيامدۇ؟".

    بۇ مەسىلىدە ئۈچ تۈرلۈك قاراش بار بولۇپ، بۇ ئۈچ تۈرلۈك قاراش ئىمام ئەھمەدنىڭ مەزھىپىدە ئۈچ يول بىلەن بايان قىلىنغان، قازى ئەبۇ يەئلا ئۆزىنىڭ كىتابىدا مۇتلەق ئىككى يولنى بايان قىلغان، ئارىدىكى پەرقنى ئايرىيدىغان يولنى ئەبۇ يەئلا ۋە باشقا ئالىملار ئۇسۇل پىقھىدا بايان قىلغان، ئۇ بولسىمۇ: بۇيرۇلغۇچىغا ئەمەلدىن قالدۇرۇش يەتكەنگە قەدەر ئۇنىڭ ھەققىدە ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئىسپاتلانمايدۇ، ئەبۇ خەتتاب بۇنى ئىسپاتلاشتا يەنە بىر يولنى چىقاردى.

    مۇشۇ مەسىلىگە ئوخشاش مەسىلىلەردىن: بىر كىشى پەرىز بولغان تاھارەتنى تەرك قىلسا ۋە ئۇنىڭ پەرىز ئىكەنلىكىنى بىلمىسە ياكى ناماز ئوقۇشتىن چەكلەنگەن ئورۇندا، ئۇ يەردە ناماز ئوقۇشتىن چەكلەنگەنلىكىنى بىلمەستىن ناماز ئوقۇغان بولسا، ئۇ نامازنى قايتىدىن ئوقۇمدۇ؟ دېگەن مەسىلە بولۇپ، بۇ توغرىدا ئىمام ئەھمەدتىن دەلىل بايان قىلىنغان ئىككى رىۋايەت كەلگەن.

    مۇشۇ بابتا ئەڭ توغرىسى: ھۆكۈم ئۇنى بىلىش بىلەن بىرگە ئادا قىلىش ئىمكانىيىتى بولغاندا ئىسپاتلىنىدۇ، پەرىز ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن ئىشنىڭ قازاسى قىلىنمايدۇ.

   سەھىھ ھەدىستە ئىسپاتلىنىشچە: ساھابىلاردىن بەزى كىشىلەر رامزاندا سوھۇرلۇقنى تاڭ يورۇپ قارا يىپتىن ئاق يىپنى ئايرىغىلى بولىدىغانغا قەدەر يېگەنلەر بولسىمۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى ئۇ كۈندىكى روزىنىڭ قازاسىنى قىلىشقا بۇيرۇمىغان.

    ئۆمەر ئىبنى خەتتاب، ئەبۇ زەر ۋە ئەممار -ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن -قاتارلىق بەزى ساھابىلار جۇنۇپ بولۇپ قالسا تەيەممۇم قىلىپ ناماز ئوقۇشنىڭ توغرا بولىدىغانلىقىنى بىلمىگەنلىكتىن سۇ يوق يەردە ناماز ئوقۇماي تۇرغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ ھېچ بىرىنىڭ نامازنىڭ قازاسىنى قىلىشقا بۇيرۇمىغان.

    ھەقىقەتەن مەككىدە ۋە باشقا يېزا-قىشلاقلاردا ياشايدىغان نۇرغۇن مۇسۇلمانلار  قىبلىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرنى بىلگەنگە قەدەر بەيتىلمۇقەددەس تەرەپكە قاراپ ناماز ئوقۇغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ ھېچ بىرىنى ئارىلىقتىكى نامازنى قايتىدىن ئوقۇشقا بۇيرۇمىغان، بۇنداق مىساللار بەك كۆپ.

    بۇ قائىدە سەلەپ ئالىملىرى ۋە كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ پرىنسىپىغا ئۇيغۇندۇر.

ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئىنساننى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا بۇيرىمايدۇ، پەرىزنى ئادا قىلىشنىڭ شەرتى ئۇنى ئادا قىلىشقا قادىر بولۇشتۇر.

    جازامۇ دەلىل تۇرغۇزۇلغاندىن كېيىن بۇيرۇقنى تەرك قىلىش ياكى چەكلەنگەن ئىشنى قىلىشقا ئاساسەن بولىدۇ". [:پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 19-توم 227-بەت].

   مۇشۇنىڭغا ئاساسەن: سىز ئۆتكەن يىللاردا زاكاتنىڭ پەرىز ئىكەنلىكىنى بىلمەي ياكى بىرەر ئالىمنىڭ زاكات پەرىز بولمايدۇ دېگەن سۆزى بىلەن زاكاتنى ئادا قىلمىغان بولسىڭىز، كىيىن مالنىڭ زاكات ئۆلچىمىنى كۈمۈشنىڭ قىممىتى بىلەن ياكى ئالتۇن-كۈمۈشتىن ئىككىسىدىن ئەڭ ئاز بولغاننىڭ مىقدارى بىلەن بېكىتسىمۇ بولىدىغانلىقىنى بىلگەن بولسىڭىز، سىزگە ئۆتۈپ كەتكەن يىللارنىڭ زاكىتىنى ئايرىش كېرەك بولمايدۇ، بولۇپمۇ زاكات ئالتۇننىڭ قىممىتى بىلەن بىكىتىلىنىدۇ دېگەن سۆزگە ئاساسلانغان بولسىڭىز شۇنداق بولىدۇ، بۇ قاراش سىلەرنىڭ دۆلىتىڭلاردا يەنى مىسىردا كەڭ تارقالغان، كىشىلەر پەتىۋا سورايدىغان ۋە سۆزى كۈچكە ئىگە بولغان نۇرغۇن مەشھۇر ئالىملار بۇ قاراش بىلەن پەتىۋا بەرگەن.

    شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: "بىر ئايال زىننەت بۇيۇملىرىغا زاكات بېرىش كېرەكلىكىنى يىقندا بىلگەن بولسا، ئۇ ئايال ئۆتكەن يىللارنىڭ زاكىتىنى ئايرىشى كېرەكمۇ؟ دەپ سورىغاندا، شەيخ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: مېنىڭ قارىشىمچە ئۇ ئايالغا ئۇتۇپ كەتكەن يىللارنىڭ زاكىتىنى بېرىشى كېرەك بولمايدۇ، چۈنكى بۇ دۆلەتتە بېرىلىدىغان پەتىۋا ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھنىڭ مەزھىبى بويىچە بېرىلىدۇ،  ئىمام ئەھمەدنىڭ مەزھىپىدە مەشھۇر بولغان قاراش: ئۆزى ئىشلىتىدىغان ياكى باشقىلارغا ئارىيەت بېرىپ تۇرىدىغان زىننەت بۇيۇملىرىغا زاكات كەلمەيدۇ، شۇنىڭغا ئاساسەن: ئۇ ئايالغا ئۆتكەن يىللارنىڭ زاكىتىنى بېرىش كېرەك بولمايدۇ.

     لېكىن ئۇ ئايالغا زىننەت بۇيۇملىرىغا زاكات بېرىش كېرەكلىكىنى بىلگەن مۇشۇ يىلنىڭ ۋە ئۇنىڭدىن كىيىنكى يىللارنىڭ زاكىتىنى بېرىش كېرەك بولىدۇ، چۈنكى دەلىللەر بىلەن كۇچلاندۇرۇلغان توغرا قاراشتا: زىننەت بۇيۇملىرىغا گەرچە ئۆزى ئىشلەتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭغا زاكات بېرىش كېرەك بولىدۇ، ئاللاھ توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلسۇن". ["ئىبنى ئۇسەيمىن رىسالىلىرى ۋە پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 18-توم 142-بەت].

     ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى