شەنبە 18 شەۋۋال 1445 - 27 ئاپرىل 2024
Uygur

بۇرنى قاناپ، قان كانىيىغا قەدەر يەتكەنلىك توغرىسىدا

سۇئال

    بۇرنىدىن چۈشكەن قاندىن كېچىك بىر تامچە بولسىمۇ كانىيىغا كېرىپ كەتكەن بولسا، بۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    روزىدارنىڭ ئىختىيارسىزلىقىدىن قان ئاشقازانغا يەتسە، بۇنىڭ بىلەن روزا بۇزۇلمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: لا يُكَلِّفُ اللَّهُ نَفْساً إِلا وُسْعَهَا لَهَا مَا كَسَبَتْ وَعَلَيْهَا مَا اكْتَسَبَتْ رَبَّنَا لا تُؤَاخِذْنَا إِنْ نَسِينَا أَوْ أَخْطَأْنَا تەرجىمىسى: «ئاللاھ ھېچكىمنى قۇربى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ. كىشىنىڭ قىلغان ياخشىلىقى(نىڭ ساۋابى) ئۆزىگىدۇر، يامانلىقى (نىڭ جازاسى) مۇ ئۆزىگىدۇر. (ئۇلار) «پەرۋەردىگارىمىز! ئەگەر بىز ئۇنۇتساق ياكى خاتالاشساق (بىز ئۇنتۇش ياكى سەۋەنلىكتىن ئەمرىڭنى تولۇق ئورۇنلىيالمىساق)، بىزنى جازاغا تارتمىغىن» [سۈرە بەقەرە 286-ئايەت].

ھەدىس قۇدسىيدا: «ئاللاھ تائالا مەن شۇنداق قىلدىم يەنى سىلەرنى ئەپۇ قىلدىم دېگەن».

    ئەمما ئىنساندا قاننىڭ كانايدىن ئۆتۈپ كېتىشىنى توسۇپ قىلىش ئىمكانىيىتى بولسا ياكى قان چىقسىمۇ ھېچ ئىش قىلماي ئۇنى قەستەن يۇتۇۋەتكەن بولسا، ئۇ ۋاقىتتا روزىسى بۇزۇلىدۇ. بۇنىڭ دەلىلى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ لەقىيتە ئىبنى سەبۇرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا دېگەن بۇ ھەدىستۇر: «روزىدار بولمىغان ھالەتتە بۇرۇنغا دىماغقا يەتكۈچە سۇ ئېلىڭلار.» [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى2366 -ھەدىس. تىرمىزى رىۋايىتى 788-ھەدىس. نەسائىي رىۋايىتى 87-ھەدىس. ئىبنى ماجە رىۋايىتى407-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ تىرمىزىنىڭ سەھى ھھەدىسلەر توپلىمى 631-ھەدىستە كەلتۈرگەن].

    پەزىلەتلىك شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: بۇ ھەدىس روزىدار بۇرنىغا سۇ ئالغاندا دىماغقا يەتكۈزمەسلىكنى بىلدۈرىدۇ، بۇنىڭدىكى سەۋەپ؛ دىماغقا سۇ بەكراق كېتىپ قالسا، سۇ كانايدىن ئۆتۈپ ئاشقازانغا كېتىپ روزىغا تەسىر يەتكۈزۈشكە سەۋەپ بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قانداق نەرسە بۇرۇن ئارقىلىق ئاشقازانغا يەتسە بۇنىڭ بىلەن روزا بۇزۇلىدۇ دەيمىز". ["شەرھىل مۇمتى" 6 -توم 379-بەت].

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى