يەكشەنبە 24 زۇل ھەججە 1445 - 30 ئىيۇن 2024
Uygur

«ئەرلەر ئاياللارنىڭ ھامىيلىرىدۇر» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى توغرىسىدا

سۇئال

   مېنىڭ سوئالىم سۈرە نىسا 34-ئايەت توغرىسىدا، مەن تەپسىر ئىبنى كەسىرنى ئوقۇدۇم، لېكىن ئۇ ئايەتنىڭ نازىل بولۇش سەۋەبىگە ئېرىشەلمىدىم، ماڭا ئايەتنىڭ نازىل بولغان ۋاقىتتىكى تارىخى ۋەقەلىكىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇشىڭلارنى سورايمەن؟. بۇ ئايەتنىڭ چۈشۈش سەۋەبى نېمە؟، قاچان نازىل بولغان؟، كىمگە خاس ھالەتتە نازىل بولغان؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   بىرىنچى: ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: الرِّجَالُ قَوَّامُونَ عَلَى النِّسَاءِ بِمَا فَضَّلَ اللَّهُ بَعْضَهُمْ عَلَى بَعْضٍ وَبِمَا أَنْفَقُوا مِنْ أَمْوَالِهِمْ فَالصَّالِحَاتُ قَانِتَاتٌ حَافِظَاتٌ لِلْغَيْبِ بِمَا حَفِظَ اللَّهُ وَاللاتِي تَخَافُونَ نُشُوزَهُنَّ فَعِظُوهُنَّ وَاهْجُرُوهُنَّ فِي الْمَضَاجِعِ وَاضْرِبُوهُنَّ فَإِنْ أَطَعْنَكُمْ فَلا تَبْغُوا عَلَيْهِنَّ سَبِيلاً إِنَّ اللَّهَ كَانَ عَلِيّاً كَبِيراً تەرجىمىسى: «ئەرلەر ئاياللارنىڭ ھامىيلىرىدۇر، بۇ ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن (يەنى ئەرلەرنى كۈچ ـ قۇۋۋەت، غازاتقا چىقىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاياللاردىن) ئارتۇق قىلغانلىقىدىندۇر ۋە ئەرلەرنىڭ ئۆز پۇل ـ ماللىرىنى سەرپ قىلغانلىقىدىندۇر (يەنى ئاياللارنىڭ نەپىقىسى ئەرلەرنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەنلىكتىندۇر). ياخشى ئاياللار ئىتائەت قىلغۇچىلاردۇر، ئەرلىرى يېنىدا بولمىغان چاغلاردا ئاللاھنىڭ پاناھىدا ئەرلىرىنىڭ ھەقلىرىنى ساقلىغۇچىلاردۇر. سىلەر سەركەشلىك قىلىشلىرىدىن قورقىدىغان ئاياللارغا نەسىھەت قىلىڭلار، (بۇ ئۈنۈم بەرمىسە) بىر تۆشەكتە بىللە ياتماڭلار، (بۇمۇ ئۈنۈم بەرمىسە) ئۇلارنى ئەدەبلەپ قويۇڭلار. ئەگەر سىلەرگە ئىتائەت قىلسا، ئۇلارنى بوزەك قىلىش خىيالىدا بولماڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەردىن ئۈستۈندۇر، بۈيۈكتۇر (ئاللاھ ئاياللارغا زۇلۇم قىلغاننى جازالايدۇ)» [سۈرە نىسا 34-ئايەت].

    بۇ ئايەتتە ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا بولغان ھامىيلىقى، ئاياللارنىڭ گەپ ئاڭلىمايدىغان بولۇپ قىلىشىدىن ئەنسىرگەندە ئۇلارنى ئەدەپلەشكە ئىگە بولىدىغانلىقى ئىسپاتلىنىدۇ.

   ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئەرلەرنىڭ ھامىيلىقى بولىشىغا سەۋەپ بولىدىغان ئىككى سەۋەبنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ بىرى: ئاللاھ تەرەپتىن بېرىلگەن سوغات، ئۇ بولسىمۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئەرلەرنى ئاياللاردىن پەزىلەتلىك قىلىشىدۇر، يەنە بىرىگە ئەر تىرىشچانلىق قىلىپ ئېرىشىدۇ، ئۇ بولسىمۇ ئايالغا نەپىقە بېرىشتىن ئىبارەتتۇر.

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن (يەنى ئەرلەرنى كۈچ ـ قۇۋۋەت، غازاتقا چىقىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاياللاردىن) ئارتۇق قىلغانلىقىدىندۇر ۋە ئەرلەرنىڭ ئۆز پۇل ـ ماللىرىنى سەرپ قىلغانلىقىدىندۇر (يەنى ئاياللارنىڭ نەپىقىسى ئەرلەرنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەنلىكتىندۇر)».

   ئاللاھ تائالا ئەرلەرنىڭ ھامىيلىقىنى يەنە بىر ئورۇندا زىكىر قىلىپ مۇنداق دېدى: وَلَهُنَّ مِثْلُ الَّذِي عَلَيْهِنَّ بِالْمَعْرُوفِ وَلِلرِّجَالِ عَلَيْهِنَّ دَرَجَةٌ وَاللَّهُ عَزِيزٌ حَكِيمٌ تەرجىمىسى: «ئاياللىرى ئۈستىدە ئەرلەرنىڭ ھەقلىرى بولغىنىدەك، ئەرلىرى ئۈستىدە ئاياللارنىڭمۇ ھەقلىرى بار (يەنى ئاياللار مۇۋاپىق دەرىجىدە ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشى كېرەك، مۇۋاپىق دەرىجىدە مەجبۇرىيەتمۇ ئۆتىشى كېرەك). (ئاياللارغا مەھرى بېرىش ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى قامداش مەجبۇرىيەتلىرى ئەرلەرگە يۈكلەنگەنلىكتىن) ئەرلەر ئاياللاردىن بىر دەرىجە ئارتۇقلۇققا ئىگە. ئاللاھ غالىبتۇر. ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر» [سۈرە بەقەرە 228-ئايەت].

    ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ تەپسىرىنىڭ 1-توم 363-بەتتە ئاللاھ تائالانىڭ: «ئەرلەر ئاياللاردىن بىر دەرىجە ئارتۇقلۇققا ئىگە» دېگەن ئايىتى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: "ئەرلەر بەدەن قۇرۇلمىدا، مىجەز-تەبىئىتىدە، مەرتىۋېدە، بۇيرۇققا ئىتائەت قىلىشتا، نەپىقە قىلىشتا، ئائىلىگە پايدىلىق ئىشلارنى تۇرغۇزۇشتا دۇنيا-ئاخىرەتتە پەزىلەتلىك بولىدۇ. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايىتىدە بايان قىلىنغانغا ئوخشاش: «ئەرلەر ئاياللارنىڭ ھامىيلىرىدۇر، بۇ ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن (يەنى ئەرلەرنى كۈچ ـ قۇۋۋەت، غازاتقا چىقىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاياللاردىن) ئارتۇق قىلغانلىقىدىندۇر ۋە ئەرلەرنىڭ ئۆز پۇل ـ ماللىرىنى سەرپ قىلغانلىقىدىندۇر (يەنى ئاياللارنىڭ نەپىقىسى ئەرلەرنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەنلىكتىندۇر)».

   ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ يەنە تەپسىرىنىڭ 1-توم 653-بەتتە ئاللاھ تائالانىڭ: «ئەرلەر ئاياللارنىڭ ھامىيلىرىدۇر» دېگەن ئايىتى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: "يەنى ئەر كىشى ئايالنىڭ ھامىسى، رەئىسى، چوڭى، ئۇنىڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى، توغرا بولمىسا ئەدەپلىگۈچىدۇر. «بۇ ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن (يەنى ئەرلەرنى كۈچ ـ قۇۋۋەت، غازاتقا چىقىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاياللاردىن) ئارتۇق قىلغانلىقىدىندۇر» چۈنكى ئەرلەر ئاياللاردىن ئەۋزەلدۇر، ئاياللاردىن ياخشىدۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرلىك ئەرلەرگە خاس بولغان، شۇنىڭدەك چوڭ پادىشاھلىقمۇ ئەرلەرگە خاس بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئابدۇراھمان ئىبنى ئەبۇ بەكرەتە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئاتىسىدىن بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۆزىنىڭ ئىشىغا ئايالنى رەئىس قىلغان مىللەت ھەرگىز ئۇتۇق قازىنالمايدۇ»، شۇنىڭدەك قازىلىق ۋە مۇپتىلىق ئىشلىرىغىمۇ ئايال تەيىن قىلىنمايدۇ.

   «ئەرلەرنىڭ ئۆز پۇل ـ ماللىرىنى سەرپ قىلغانلىقىدىندۇر» يەنى: ئاياللارنىڭ تويلۇق مەھرى، نەپىقىسى ۋە ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سۈننەتلىرىدە باشقا تەكلىپاتلار ئەرلەرنىڭ ئۈستىگىدۇر. ئەرنىڭ ئۆزى ئايالدىن ياخشىدۇر، ئەر ئايالدىن ئارتۇق ۋە پەزىلەتلىكتۇر، شۇڭا ئەرنىڭ ئايالنىڭ ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشى مۇناسىپ بولىدۇ. بۇ خۇددى ئاللاھ تائالا ئېيتقاندەك «ئەرلەر ئاياللارنىڭ ھامىيلىرىدۇر».

   ئىبنى ئەبى تەلھە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ: «ئەرلەر ئاياللارنىڭ ھامىيلىرىدۇر» يەنى: رەئىسلىرىدۇر، ئايال تائەت-ئىبادەت ئىشلىرىدا ئەرلىرىنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنۇشى كېرەك، ئېرىگە ئىتائەت قىلىشى بولسا ئائىلىنى ۋە ئېرىنىڭ مال-دۇنياسىنى مۇھاپىزەت قىلىش بىلەن بولىدۇ.

   بەيزاۋىي رەھىمەھۇللاھ تەپسىرىنىڭ 2-توم 184-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: «ئەرلەر ئاياللارنىڭ ھامىيلىرىدۇر» يەنى: ئۇلار ئاياللارغا كۆڭۈل بۆلۈش ئىگىدارچىلىق قىلىش ئىشلىرىنى بەرپا قىلىدۇ.

   بۇنىڭ سەۋەبىنى ئىككى ئىش بىلەن بايان قىلدى: ئاللاھنىڭ ئاتا قىلىشى ۋە ئۆزىنىڭ كەسپى-تىرىشچانلىقى. يەنى «ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن ئارتۇق قىلغانلىقىدىندۇر». ئاللاھ تائالانىڭ ئەرلەرنى ئاياللاردىن ئارتۇق قىلىشنىڭ سەۋەبى، ئەقىل-پاراسىتىنىڭ مۇكەممەل بولىشى، چارە-تەدبىرلىرىنىڭ گۈزەل بولىشى، تائەت-ئىبادەت، كۈچ-قۇۋۋەتتە ئارتۇق بولغانلىقى ئۈچۈندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەرلەر پەيغەمبەرلىك، باش يېتەكچىلىك، ھۆكۈمرانلىق، دىنى شۇئارلارنى تۇرغۇزۇش، مەھكىمە شەرئىلەردە گۇۋاھلىق بېرىش، جىھادنىڭ، جۈمە نامىزىنىڭ ۋاجىپ بولىشى، مىراسنىڭ ھەسسىسىنىڭ زىيادە بولىشى، تالاق ھوقۇقىنىڭ ئەرنىڭ قولىدا بولىشى قاتارلىقلاردۇر.

   «ئەرلەرنىڭ ئۆز پۇل ـ ماللىرىنى سەرپ قىلغانلىقىدىندۇر» نىكاھلانغاندا تويلۇق مەھرى بېرىش ۋە نەپىقىلىرىنى تولۇق قىلىپ بېرىش قاتارلىقلار".

   ۋەھبەتىل زۇھەيلى مۇنداق دەيدۇ: "ئەر كىشى ئايالنىڭ ھامىيسى دېگەنلىك: ئۇ ئايالنىڭ رەئىسى، چوڭى، ئۇنىڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى، توغرىدىن چەتنەپ كەتسە ئەدەپلىگۈچى، ئۇنى ھىمايە قىلغۇچى، ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلگۈچىدۇر. ئەرگە جىھاد پەرز بولىدۇ، ئايالغا پەرز ئەمەس. ئەر مىراستا ئايالدىن بىر ھەسسە كۆپ ئالىدۇ، چۈنكى ئۇ ئايالغا نەپىقە قىلىپ بېرىشكە بۇيرۇلغان.

   ئەرنىڭ ئايالغا ھامىي بولىشى ئىككى سەۋەب تۈپەيلى بولىدۇ:

   بىرىنچى: جىسمىدە يارىتىلغان تەبىئىي قارشىلىق كۈچى، ئەرنىڭ يېتىلىشى مۇكەممەل، بىر نەرسىنى تونۇشى كۈچلۈك، ئەقلى تولۇق، ھېسسىياتى نورمال، قۇرۇلمىسى ساغلام، ئەر ئايالدىن ئەقىلدە، پىكىردە، كەسكىنلىكتە، كۈچ-قۇۋۋەتتە ئارتۇق بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرلىككە، ئەلچىلىككە، باش يېتەكچىلىككە، قازى-مۇپتىلىق، ئەزان، تەكبىر، خۇتبە، جۈمە، جىھاد قاتارلىق دىنى شۇئارلارنى بەرپا قىلىش ئەرلەرگە خاس قىلىنغان. تالاق ھوقۇقى ئەرنىڭ قولىدا بولىدۇ، ئۇلارنىڭ بىر قانچە ئايال بلەن توي قىلىشى دۇرۇس بولىدۇ، جىنايەت ۋە جازا ئىشلىرىدا گۇۋاھلىققا خاس قىلىندى، مىراستىكى نېسىۋىسى ۋە يېقىن تۇغقانلىقى سەۋەبى بىلەن ئالىدىغان ھەسسىسى زىيادە قىلىندى.

    ئىككىنچى: ئەرنىڭ ئايالىغا ۋە ئۆزىنىڭ يېقىنلىرىغا نەپىقە قىلىشى ۋاجىپ بولىدۇ، ئەرنىڭ تويلۇق مېھرىنى ئادا قىلىشنى لازىم تۇتۇشى ئايالنى ئىززەت -ئىكرام قىلغاننىڭ سىمۋۇلىدۇر.

   ئۇنىڭدىن باشقا ئىشلاردىكى ھوقۇق، مەجبۇرىيەتلەردە ئەر بىلەن ئايال باراۋەردۇر، مانا بۇ ئىسلام دىنىنىڭ گۈزەللىكىدىندۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلَهُنَّ مِثْلُ الَّذِي عَلَيْهِنَّ بِالْمَعْرُوفِ، وَلِلرِّجالِ عَلَيْهِنَّ دَرَجَةٌ تەرجىمىسى: «ئاياللىرى ئۈستىدە ئەرلەرنىڭ ھەقلىرى بولغىنىدەك، ئەرلىرى ئۈستىدە ئاياللارنىڭمۇ ھەقلىرى بار (يەنى ئاياللار مۇۋاپىق دەرىجىدە ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشى كېرەك، مۇۋاپىق دەرىجىدە مەجبۇرىيەتمۇ ئۆتىشى كېرەك). (ئاياللارغا مەھرى بېرىش ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى قامداش مەجبۇرىيەتلىرى ئەرلەرگە يۈكلەنگەنلىكتىن) ئەرلەر ئاياللاردىن بىر دەرىجە ئارتۇقلۇققا ئىگە». [سۈرە بەقەرە 228-ئايەت].

   يەنى: ئۆينى ئىدارە قىلىش، ئائىلە ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش، توغرا يول كۆرسۈتۈش ۋە كۈزىتىش قاتارلىقلار. ["تەپسىر مۇنىر" 5-توم 54-بەت].

   ئىككىنچى: بۇ ئايەتنىڭ نازىل بولۇش سەۋەبى توغرىسىدىكى ھەدىس زەئىپتۇر. ئۇ ھەدىسنى ئىمام تەبەرىي رەھىمەھۇللاھ كىتابىنىڭ 8-توم 291-بەتتە ھەسەن بەسىرىدىن بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "بىر كىشى ئايالىنى بىر تەستەك سالدى، ئۇ ئايال پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ شىكايەت قىلدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ ئايال ئۈچۈن قىساس ئىلىپ بەرمەكچى بولغاندا، ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتنى نازىل قىلغان: الرِّجَالُ قَوَّامُونَ عَلَى النِّسَاءِ بِمَا فَضَّلَ اللَّهُ بَعْضَهُمْ عَلَى بَعْضٍ وَبِمَا أَنْفَقُوا مِنْ أَمْوَالِهِمْ تەرجىمىسى: «ئەرلەر ئاياللارنىڭ ھامىيلىرىدۇر، بۇ ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن (يەنى ئەرلەرنى كۈچ ـ قۇۋۋەت، غازاتقا چىقىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاياللاردىن) ئارتۇق قىلغانلىقىدىندۇر ۋە ئەرلەرنىڭ ئۆز پۇل ـ ماللىرىنى سەرپ قىلغانلىقىدىندۇر (يەنى ئاياللارنىڭ نەپىقىسى ئەرلەرنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەنلىكتىندۇر)» [سۈرە نىسا 34-ئايەت].

   پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىنى چاقىرىپ بۇ ئايەتنى تىلاۋەت قىلىپ بېرىپ: «مەن بىر ئىشنى مەقسەت قىلغان ئېدىم، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ غەيرىنى مەقسەت قىپتۇ دېدى». بۇ ئىسناد ھەسەنگىچە سەھىھدۇر، لېكىن ھەسەن بەسەرى تابىئىن، ھەدىس مۇرسەل، مۇرسەل بولسا زەئىپ ھەدىسلەرنىڭ تۈرىدىندۇر.

    مۇقاتىل رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ئايەت سەئەد ئىبنى رەبىيئ توغرىسىدا نازىل بولغان، بۇ كىشى ئەنسارىلار ئارىسىدىكى تاللانغان ۋەكىللەردىن ئېدى، ئۇنىڭ ئايالى ھەبىيبە زەيد ئىبنى ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىزى بولۇپ، ئۇ ئىككەيلەن ساھابىلاردىن ئېدى، بۇ ۋەقەدە: ئۇ ئايال ئېرىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىغانلىقى ئۈچۈن  ئېرى يۈزىگە بىر كاچات سالغان. بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئۈچۈن 220192-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىنغان دەلىللەرگە قارالسۇن.

    ئۈچىنچى ئايەتنىڭ سىياقى، ئىلگىرىكى ئايەتكە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا بۇ يەردە ھەر بىر ۋارىسنىڭ مىراستىن ئالىدىغان نېسىۋىسىنى بايان قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئەرلەرنىڭ ئاياللاردىن ئارتۇق بولىشىنىڭ سەۋەبىنى زىكىر قىلدى. يەنى ئاللاھ تائالا ئەر-ئاياللارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن ئۈستۈن قىلغانلىقىدىن ئىبارەت پەزىلەتنى ئارزۇ قىلىشتىن چەكلىدى". زۇھەيلىنىڭ"تەپسىر مۇنىر"5-توم 45-بەت.

    بۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايىتىگە ئىشارەت قىلىدۇ: وَلَا تَتَمَنَّوْا مَا فَضَّلَ اللَّهُ بِهِ بَعْضَكُمْ عَلَى بَعْضٍ لِلرِّجَالِ نَصِيبٌ مِمَّا اكْتَسَبُوا وَلِلنِّسَاءِ نَصِيبٌ مِمَّا اكْتَسَبْنَ وَاسْأَلُوا اللَّهَ مِنْ فَضْلِهِ إِنَّ اللَّهَ كَانَ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمًا تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! ئاللاھ سىلەردىكى بىر ـ بىرىڭلاردىن ئارتۇق قىلغان نەرسىلەرنى (ھەسەت قىلىش يۈزىسىدىن) ئارزۇ قىلماڭلار، ئەرلەر قىلغان ئەمەللىرىدىن ھەسسىدار بولىدۇ، ئاياللارمۇ قىلغان ئەمەللىرىدىن ھەسسىدار بولىدۇ. ئاللاھدىن ئۇنىڭ پەزلىنى تىلەڭلار (ئاللاھ بېرىدۇ). ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر» [سۈرە نىسا 32-ئايەت].

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى