جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

قېرىندىشى سودىلىشىۋاتقان سودىنىڭ ئۈستىگە سودا قىلىش ۋە باھا قويغان نەرسىنىڭ ئۈستىگە باھا قويۇش دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى ئوچۇقلاشتۇرۇپ بەرگەن بولساڭلار؟

269623

تارقاتقان ۋاقىت : 08-09-2022

كۆرگۈچىلەر : 599

سۇئال

    مەن قۇتۇلۇپ كەتمەكچى بولغان ئىش:  مەن بىرسى ئىجارە ئالغان ۋە ئىجارە توختامى ئاخىرلاشقان بىر دۇكاننى سېتىۋالدىم، دۇكاننىڭ ئىگىسى بۇ دۇكاننى ئىجارىگە ئالغان كىشىگە ئىجارە مۇددىتى ئاخىرلىشىشتىن ئۈچ ئاي بۇرۇن ساتىمەن دەپتۇ ۋە ئىجارە ئالغان كىشىگە ئويلىنىپ ئىلىڭ دەپ مەلۇم ۋاقىت بېرىپتۇ، ئۇلار بىرقانچە قېتىم سودىلىشىپمۇ سودىدا كىلىشەلمەپتۇ، مەن بۇ ئىشنى بىلگەندىن كېيىن ئۇ دۇكاننى سېتىۋالدىم، مېنىڭ بىلىشىمچە دۇكاننىڭ ئىگىسى دۇكاننى تاپشۇرۇپ ئىلىپ قۇلپىسىنى ئالماشتۇرۇپتۇ، لېكىن ئىلگىرى ئىجارىگە ئالغان كىشى دۇكاننى بەزى نەرسىلىرىنى ئامانەت شەكىلدە قالدۇرۇپ قويۇپ، خالىغان ۋاقىتتا كېلىپ ئېلىپ كېتىمەن دەپتۇ، مەن دۇكاننى تاپشۇرۇپ ئالغان ۋاقتىمدا، نەرسىلىرىنى قالدۇرۇپ قويغان كىشى ئەتە كېلىپ نەرسىلىرىنى ئېلىپ كېتىدۇ دېگەنگە كېلىشكەن، گۇۋاھچىلارنىڭ ئالدىدا بۇ كېلىشىم ئىجرا قىلىنمىدى، بۇ يەردە بەزى كىشىلەر دۇكاننى ئىلگىرى ئىجارىگە ئالغان كىشىنى گەرچە ئۇ كىشى بىر قانچە قېتىم سودىلىشىپ دۇكان ئىگىسى بىلەن كېلىشەلمىگەن بولسىمۇ: دۇكاننى سەن سېتىۋالغىن، نەرسىلىرىڭنى ئىلىپ كەتمە دەپ كۈشكۈرتۈپ قويۇپتۇ، مەن دۇكاننى سېتىۋېلىشىم بىلەن باشقىلار ئۇ كىشىنى دۇكاننى سېتىۋېلىشقا قىزىقتۇرۇۋاتىدۇ. ئىسلامدا:  قېرىندىشى سودا قىلىپ بولغان نەرسىگە سودا قىلىش توغرىمۇ؟ دۇكاننىڭ ئەسلى ئىگىسى ئىجارە ئالغان كىشىنى بىر قانچە گۇۋاھچىلار بار سورۇندا، بىز سىز بىلەن سودىدا كىلىشەلمىدۇق، مەن بۇ دۇكاننى كېلىشەلەيدىغان كىشىگە ساتىمەن دەيدۇ، ئۇ كىشىمۇ بۇنىڭغا قايىل بولغان، مەن بۇ كىشىنىڭ ھەققىدە خاتا ئىش قىلمىدىم، بەزى كىشىلەر ماڭا نەسىھەت قىلىپ: سىز بۇ دۇكاننى بىر ئايدىن كىيىن سېتىۋېلىڭ دېدى، لېكىن دۇكان ئىگىسى بىلەن بىر ئاي توشۇشتىن ئۈچ كۈن بۇرۇن سودىنى پۈتتۈردۇق، بۇ يەردە بەزى كىشىلەر بۇ دۇكاننى ئۆزى سېتىۋېلىش ئۈچۈن دۇكاننى بىكارلىتىمىز دەپ تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ مەن بىلەن ئۆچۈشىۋاتقانلىقىنى بىلىۋاتىمەن، قانداق قىلىشىم كېرەك؟، بۇ ئىشنىڭ شەرئى ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: ئىنساننىڭ ئۆز قېرىندىشى سودا قىلغان نەرسىگە سودا بىر تەرەپ بولماستا سودا قىلىشى ياكى باھا تالىشىۋاتقان نەرسىگە باھا قويۇپ باھانى ئۆستۈرۈپ قويۇشى توغرا بولمايدۇ، يەنى ھارام بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆز قېرىندىشى سودا قىلىۋاتقان نەرسىگە سودا قىلمىسۇن. » [بۇخارى رىۋيىتى2139-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1412-ھەدىس].  

    ئۇقبە ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇئمىن مۇئمىننىڭ قېرىندىشى، مۇئمىننىڭ ئۆز قېرىندىشى قىلىۋاتقان سودىدا ئۇ كىشى سودىنى تەرك قىلمىغۇچە سودا قىلىشى ۋە ئۆز قېرىندىشى توي تەكلىپى قويغان قىزغا ئىككى تەرەپ ئايرىلمىغۇچە توي تەكلىپى قويۇشى توغرا بولمايدۇ».  [مۇسلىم رىۋايىتى141 –ھەدىس].

    ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىر كىشى ئۆز قېرىندىشى توي تەكلىپى قويغان قىزغا توي تەكلىپى قويمىسۇن، قېرىندىشى باھا قويۇۋاتقان مالغا باھا قويمىسۇن.» [ مۇسلىم رىۋايىتى 1408-ھەدىس].

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "قېرىندىشىنىڭ سودىسىنىڭ ئۈستىگە سودا قىلمىسۇن دېگەننىڭ مىسالى: بىر كىشى بىر نەرسىنى سېتىۋاپتۇ، لېكىن بىر-ئىككى كۈن ئىچىدە خالىسا سېتىۋالىدىغان ياكى سېتىۋالمايدىغانلىق ئىختىيارلىقى باركەن، شۇ جەرياندا يەنە بىر كىشى ئۇ ئادەمگە:   بۇنى سېتىۋالمىغىن، مەن ساڭا ئاۋۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىنى ئۇنىڭدىن ئەرزان سېتىپ بېرەي ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىسى بار ئۇنى مەن شۇ باھادا بېرەي دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ بۇنداق قىلىش چەكلىنىدۇ، شۇنىڭدەك قېرىندىشى سېتىۋالغان نەرسىنى باھاسىنى ئاشۇرۇپ سېتىۋېلىشمۇ چەكلىنىدۇ. ئۇنىڭ مىسالى: ئىختىيارلىق بولغان مۇددەتتە مالنى ساتقۇچىغى: ئۇ مالنى ئۇ كىشىگە ساتماي ماڭا سېتىپ بەرگىن، مەن ئۇنىڭدىن قىممەترەك ئالاي دېگەنگە ئوخشاش.

    ئەمما قېرىندىشى باھا قويغان نەرسىنىڭ ئۈستىگە باھا قويۇش دېگەننىڭ مىسالى: ئالغۇچى بىلەن ساتقۇچى بىر نەرسىنىڭ باھاسىدا كېلىشىپ، ھەر ئىككى تەرەپ رازى بولۇپ تۇرغاندا، يەنە بىر كىشى مال ئىگىسىگە( ساتقۇچىغا) بۇنى مەن سېتىۋالاي دېگەنگە ئوخشاش، باھادا كېلىشىپ بولغاندىن كىيىن بۇنداق قىلىش ھارام بولىدۇ چەكلىنىدۇ ." [مۇسلىمنىڭ شەرھىسى" 10-توم 158-بەت.]

    ئىختىيارلىق مۇددىتىدە دېگەن سۆزنى بەزى ئالىملار قاتقان.

    بۇ مەسىلىدىكى كۈچلۈك قاراش: بۇ ھەدىسلەردىكى چەكلىمە ئىختىيار مۇددىتى ۋا ياكى باشقا ھەممە ئىشلارنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، بىر ئىنساننىڭ ئۆز قېرىندىشىنىڭ سودىسىنىڭ ئۈستىگە سودا قىلىشى ياكى ئىجارىگە ئالغان نەرسىسىنىڭ توختام قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئىجارە ئالىمەن دېيىشى  توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇنداق قىلىش ھەر ئىككى تەرەپنى قىلغان ئىشىغا پۇشايمان قىلىش، كۆڭلىنى غەش قىلىشقا ئىلىپ بارىدۇ، بەزى كىشىلەر بۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۆزى ئالمايدۇ ھىيلە قىلىپ باشقىلارنىڭ سودىسىنى بۇزۇشنى مەقسەت قىلىدۇ". [شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ" شەرھىل مۇمتىئ" ناملىق ئەسىرى  8 -توم 204-بەت.]

    ئىككىنچى: سىزنىڭ يۇقىرىدا سۆزلىگىنىڭىز قېرىندىشىنىڭ سودىسىنىڭ ئۈستىگە سودا قىلىش دائىرىسىگە كىرمەيدۇ، چۈنكى سىزنىڭ ئارىڭىزدىكى سودا پۈتمىگەن.

شۇنداقلا قېرىندىشىنىڭ باھا قويغان نەرسىسىگە باھا قويۇش دېگەنگىمۇ كىرمەيدۇ، چۈنكى بۇ سۆزدىن بولغان مەقسەت : ئىككى تەرەپ مەلۇم بىر باھادا كېلىشىپ بولغاندىن كېيىن بىرسى كېلىپ:  مەن بۇ باھادىن ئارتۇقراق ئالىمەن دېگەنلىكتۇر، بۇ يەردە ئۇنداق ئىش يوق.

    بەلكى ئەمەلىيەت، كىيىن سېتىۋالىمەن دېگەن كىشىنىڭ كېچىكتۈرۈپ دېيىشكەن ۋاقىتتا سېتىۋېلىشتىن باش تارتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، بۇ سېتىۋالمايمەن دەپ ۋاز كەچكەنلىك ھېسابلىنىدۇ، ساتقۇچى ئۇ كىشىنىڭ قايتا سېتىۋېلىشىنى كۈتمەيدۇ، ۋە ئۇ ئىش باشقىلارنىڭ ئۇنى سېتىۋېلىشىنىمۇ چەكلەپ قويالمايدۇ.

    سۆزنىڭ خۇلاسىسى: ئۇ دۇكاننى سېتىۋېلىشقا سىزدە ھېچ بىر خاتالىق يوق، سىزنىڭ بەزى كىشىلەر ئوتتۇرىغا قويغان بىر ئاي كۈتۈڭ دېگەن سۆزگە ئەمەل قىلىشىڭىز كېرەك بولمايدۇ.

    شۇنى بىلىش كېرەككى، ئەگەر ساتقۇچى ئىلگىرى ئىجارىگە ئالغان كىشىگە سېتىشنى رەت قىلسا ياكى ئۇ كىشى دېگەن باھاغا ئالمىسا، ئۇنى باشقىلار سېتىۋالسا ياكى باھا قويسا بولىدۇ، ساتقۇچىنىڭ ئۇ كىشىنى كۈتۈپ تۇرۇشى كېرەك بولمايدۇ.

ھەقىقەتەن سودا قىلىش ۋە باھا قويۇشتىن بولغان چەكلىمە: ئىلگىرى ئېيتقاندەك، ساتقۇچى بىلەن سېتىۋالغۇچى باھادا كېلىشىپ رازىلىشىپ تۇرغاندا كېلىپ باھانى ئۆرلىتىش ياكى سودىنى بۇزۇش دېگەنلىكتۇر.

    سىز ئۇ دۇكاننى سېتىۋاپسىز، سىز سېتىۋېلىپ بولغاندىن كېيىن ئۇ كىشىنىڭ مەن سېتىۋالىمەن دېيىشى شەرىئەتتە كۆرسىتىلگەن: قېرىندىشىنىڭ سودىسىغا سودا قىلمىسۇن چەكلىمىسىگە ئەمەل قىلمىغانلىقتۇر.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى