شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

قۇرئان تىلاۋەت قىلىۋېتىپ تىلاۋەتنى توختىتىپ يەنە قايتىدىن تىلاۋەت قىلماقچى بولسا "ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەش شەيتانىر رەجىيم"نى قايتىدىن دەمدۇ؟

سۇئال

مەن قۇرئانغا قاراپ تىلاۋەت قىلىۋاتاتتىم، ئائىلىدىكى بىرسى گەپ سوراپ تىلاۋېتىمنى ئۈزۈپ قويدى، تىلاۋېتىمنى توختىغان جايدىن داۋاملاشتۇرىمەنمۇ ياكى ماڭا يېڭىدىن ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەش شەيتانىر رەجىيم دېيىش كېرەك بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    قىسقىچە جاۋاپ: قۇرئان تىلاۋەت قىلىۋاتقان كىشى چۈشكۈرۈش، سالامغا جاۋاپ بېرىش ياكى سوئالغا جاۋاپ بېرىش قاتارلىق ئۈزۈرلەر بىلەن تىلاۋەتنى ئۇزۇپ قويغان بولسا، كۆڭلىدە ئۈزۈر تۈگىسە تىلاۋەتنى داۋاملاشتۇرۇش بولسا، ئۇ كىشى دەسلەپتە ئېيتقان  ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەش شەيتانىر رەجىيم كۇپايە قىلىدۇ، ئۇنى قايتىدىن دېيىشكە بۇيرۇلمايدۇ، ئەمما ئارىدىن بەك ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەن بولسا ئۇ ۋاقىتتا ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەش شەيتانىر رەجىيمنى قايتىدىن دەيدۇ.

    ئىبنى مۇپلىھ "ئادابۇل ئەششەرىيئە" ناملىق ئەسىرى 2-توم 326-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: قىرائەت قىلغاندا  ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەش شەيتانىر رەجىيم دېيىش سۈننەت بولىدۇ. ئەگەر تىلاۋەتنى ھازىرچە ئوقۇماسلىق ئۈچۈن ئۈزىۋەتسە ياكى توختاتسا، قايتا باشلىغاندا ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەش شەيتانىر رەجىيم دەپ باشلايدۇ. ئەمما بىرەر سەۋەپ بىلەن توختاپ قالسا، ئۇنىڭدىن كېيىن داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىسى بولسا، دەسلەپتە ئېيتقان  ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەش شەيتانىر رەجىيم كۇپايە قىلىدۇ".

    شەيخ رۇھەيبانىي "مەتالىب ئۇلۇننۇھا پى شەرھى غايەتۇل مۇنتەھا" ناملىق ئەسەر 1-توم 599-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "تىلاۋەتنى توختاتسا، ئاندىن يەنە قايتىدىن ئوقۇماقچى بولسا، ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەش شەيتانىر رەجىيم دەپ باشلايدۇ، ئەگەر  تىلاۋەتنى بىر نەرسە ئېلىش، بېرىش، سوئالغا جاۋاپ بېرىش ياكى چۈشكۈرۈش قاتارلىق سەۋەپ بىلەن توختاتقان بولسا، داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىسى بولسا  ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەش شەيتانىر رەجىيمنى قايتىدىن دېمەيدۇ، چۈنكى بۇنىڭ ھەممىسى بىر تىلاۋەتتىن ئىبارەتتۇر. 

ئەگەر ئارىلىقتا ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتمىگەن بولسا شۇنداق بولىدۇ، ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەن بولسا ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەش شەيتانىر رەجىيمنى قايتىدىن دېيىش سۈننەت بولىدۇ.

   زەركىشى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "تىلاۋەتتىن ئىلگىرى ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەش شەيتانىر رەجىيم دېيىش سۈننەت بولىدۇ، ئەگەر تىلاۋەتنى كەسكىن توختىتىپ كېيىن يەنە باشلايدىغان بولسا ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەش شەيتانىر رەجىيمنى يېڭىدىن دېيىش كېرەك بولىدۇ. ئەگەر تىلاۋەتنى مەلۇم سەۋەپ بىلەن توختاتقان ۋە داۋاملاشتۇرىدىغان ئىرادىسى بولسا ئارىلىقتا ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتمىگەن بولسا دەسلەپكى ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەش شەيتانىر رەجىيم كۇپايە قىلىدۇ". ["مىن بۇرھان پى ئۇلۇمىل قۇرئان" 1-توم 460-بەت].

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ" ئەل مەجمۇئ"3-توم 281-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "تىلاۋەتنى ئارىلىقتا سۆز قىلىش ياكى ئۇزۇن جىم تۇرۇش بىلەن ئۇزۇپ قويمىغان بولسا دەسلەپكى ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەش شەيتانىر رەجىيم كۇپايە قىلىدۇ، ئەگەر ئۇزۇن ۋاقىت ئۈزۈپ قويغان بولسا  ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەش شەيتانىر رەجىيمنى يېڭىدىن دەيدۇ.

    ئەگەر تىلاۋەت سەجدىسى قىلىپ ئاندىن تىلاۋەتكە قايتسا  ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەش شەيتانىر رەجىيم دېمەيدۇ، چۈنكى بۇ ئارىلىقنى ئۈزۈش ئەمەس ياكى قىسقا ئۈزۈش بولىدۇ، بۇنى مۇتەۋەللىي زىكىر قىلغان".

    ئەگەر تىلاۋەتنى قۇرئانغا ئالاقىدار  سوئال، ئوقۇۋاتقان ئايەتنىڭ تەپسىرىي قاتارلىق ئىشلار بىلەن توختاتقان بولسا، باشلىغاندا ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەش شەيتانىر رەجىيم دېمەيدۇ.

    ئىبنى جەزەرىي "ئەن نەشرى" ناملىق ئەسىرى 1-توم 259-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر قارى قىرائەتنى ئايەتتىكى دۇئا ياكى ئايەتنىڭ تەپسىرىگە ئالاقىدار ئىشلار بىلەن توختاتقان بولسا باشلىغاندا ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەش شەيتانىر رەجىيم دېمەيدۇ".

    ئەگەر تىلاۋەتنى قۇرئانغا ئالاقىسى بولمىغان ئىشلار بىلەن ئۈزگەن بولسا ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەش شەيتانىر رەجىيم بىلەن باشلاش ياخشى بولىدۇ.

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ "ئەتتىبيان" 124-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: " ئەگەر قۇرئاننى يولدا كېتىۋېتىپ ئوقۇپ بىر جامائەتنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە قىرائەتنى توختىتىپ ئۇلارغا سالام بېرىپ يەنە قىرائەتنى داۋاملاشتۇرماقچى بولسا، ئەگەر ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەش شەيتانىر رەجىيمنى قايتىدىن دېسە ياخشى بولىدۇ".

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى