پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

قەغەزگە رۇقىيە ئاياتلىرىنى يېزىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

    ساپ زەپەردىن ياكى باشقا ماددىدىن ياسالغان يېگىلى بولىدىغان، سۇغا سالسا ئېرىيدىغان، كېسەلگە بەرسە ئىچىدىغان خەت يېزىش سۇيۇقلۇقى بىلەن قەغەزگە ئايەتەل كۇرسىنى يازساق توغرا بولامدۇ؟، مېنىڭ ئاڭلىشىمچە ئىلگىرى سەلەپ ئالىملىرى سۇ ئىچىدىغان قاچىلارغا ئايەت يېزىپ ئاندىن ئۇنى سۇ بىلەن يۇيۇپ، بۇ سونى كېسەلنىڭ ئېچىشى ئۈچۈن بېرىدىكەن، شۇنىڭغا ئاساسەن، مەن قۇرئان ئايەتلىرىنى يېزىپ سۇغا سالسا ئېرىدىغان ۋە كېسەلگە ئۇچۇرىدىغان بىر خىل سىيا ياساپ چىقماقچى. مېنىڭ بىلىشىمچە شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ  ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھنىڭ "زادىل مىئاد"تا بايان قىلغان دەلىلىگە ئاساسلىنىپ بۇ ئىشنى توغرا بولىدۇ دېگەن، تەتقىقاتلارغا كۆرە ياپۇنىيلىك دوختۇر ماسارۇ ئىيماتۇ ئاۋاز دولقۇنلىرى سەۋەبى بىلەن سۇنىڭ ساقلاش كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلگەن، مەسىلەن: سۇغا بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم دەپ سۆز قىلغاندا، سۆز سۇ پارچىلىرىدىن ئۆتۈپ كېتىدۇ، شۇنىڭدەك سۇ قاچىلىرىغا ئىجابىي سۆزلەرنى يازغاندا ئۇنىڭمۇ شۇنداق تەسىرى بولىدىغانلىقى بىلىندى، مەن تىببى شەكىللەردىكىگە ئوخشاش قەغەزگە ئايەت يېزىپ ئۇنى سۇدا ئېرىتكەننىڭ ئورنىغا مۇشۇ قائىدىنى ئايەتلەرنى يۇيۇشقا تەتبىقلاشقا قىزىقىۋاتىمەن، بۇ توغرا بولىدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلالمايمەن، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن بۇ تېمىغا ئالاقىدار ئەكىس دەلىللەر ۋە نەسىھەتلەرنى قوبۇل قىلىشتىن چەكلىنىمەن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە- تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

قۇرئان كىرىم ئايەتلىرى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۇئالىرى بىلەن شىپالىق تەلەپ قىلىش شەرىئەتتە يولغا قويۇلغان. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:  وَنُنَزِّلُ مِنَ الْقُرْآنِ مَا هُوَ شِفَاءٌ وَرَحْمَةٌ لِلْمُؤْمِنِينَ وَلَا يَزِيدُ الظَّالِمِينَ إِلَّا خَسَارًا  تەرجىمىسى: «بىز مۆمىنلەرگە (يەنى ئۇلارنىڭ دىللىرىغا) شىپا ۋە رەھمەت بولىدىغان قۇرئان ئايەتلىرىنى نازىل قىلىمىز، قۇرئان كاپىرلارغا زىياندىن باشقىنى زىيادە قىلمايدۇ (يەنى ئۇلار قۇرئاننى تەستىق قىلمىغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ كۇفرى تېخىمۇ ئاشىدۇ)» [سۈرە ئىسرا 82-ئايەت].

   بۇ شىپالىق تەلەپ قىلىش، قۇرئان كەرىمنى تىلاۋەت قىلىش، كېسەلگە ئوقۇش، سۇغا ئوقۇپ ئۇنى كېسەلگە ئىچىرۈش، ئۇنىڭ بىلەن كېسەلنى يۇيۇش، قاچىغا يېزىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن بولىدۇ، سەلەپ ئالىملىرىدىن ئايەتنى سۇ بىلەن يۇيۇپ كېسەلگە ئىچىرۈش توغرىسىدا ئەسەرلەر كەلگەن.

     ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ "زادىل مىئاد"4-توم 170-بەتتە كۆز تەككەندىن رۇقىيە ئوقۇش توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: "بىر قىسىم سەلەپ ئالىملىرى قۇرئان ئايەتلىرىنى يېزىپ كېسەلگە ئىچىرۈشنى توغرا دەپ قارىغان، مۇجاھىد مۇنداق دېگەن: "قۇرئان ئايەتلىرىنى يېزىپ، يۇيۇپ، كېسەلگە ئۆچۈرسە بولىدۇ"، ئەبۇ قىلابە رەھىمەھۇللاھمۇ شۇنداق دېگەن.

    ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن زىكىر قىلىنىشچە: تۇغۇتتا قېينىلىپ قالغان ئايالغا قۇرئان ئايەتلىرىنى يېزىپ، يۇيۇپ ئىچۈرۈشكە بۇيرىغان، قۇرئان ئايەتلىرى تەسىر قىلغان.

    ئەييۇب سەختىيانى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "

    مەن ئەبۇ قىلابىنىڭ قۇرئان ئايەتلىرىنى يېزىپ، يۇيۇپ، كېسەل كىشىگە ئىچۈرگەنلىكىنى كۆردۈم".

     قۇرئان ئايەتلىرىنى زەپەر ۋە ياكى باشقا پاك-ھالال بولغان ماددىلاردىن  ئېرىيدىغان قەغەزگە قولى بىلەن ياكى باشقا خەت يازىدىغان قەلەم بىلەن يازسا، كېسەلگە زېيىنى بولمىسا توغرا بولىدۇ".

    مۇھىمى: قاچىغا ۋە باشقا نەرسىگە ئويۇپ يازماستىن، بەزى سىيا ياكى باشقا ماددىلار بىلەن خەت يازغاندا، تاراپ كېتىدۇ، بۇنىڭغا سۇ قۇيغاننىڭ پايدىسى بولمايدۇ. 

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى