يەكشەنبە 26 شەۋۋال 1445 - 5 ماي 2024
Uygur

كېچىك تالاق بىلەن چوڭ تالاقنىڭ ئارىسىدىكى پەرق ۋە ئىددەت مۇددىتىدە رەجئى تالاقتىن چېقىپ كېتىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

  كېچىك بائىن تالاقتىن ئىددەت تۇتۇۋاتقان ئايالنىڭ ئۆزى تەلەپ قىلماستىن خىزمەت مۇناسىۋىتى ياكى قۇرۇلتايلارغا قاتنىشىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن شۇ شەھەردە ئۆز ئۆيىنىڭ سىرتىدا قونۇپ قىلىشى توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   بىرىنچى: ئەگەر ئايال ئۈچ قېتىم تالاق قىلىنغان بولسا، چوڭ بايىن تالاق بولۇپ، باشقا بىر ئەر بىلەن توي قىلىپ كېيىن ئايرىلىپ كېتىپ ئىددىتى تۈگىگەندە دەسلەپكى ئېرى بىلەن قايتىدىن نىكاھلانسا دۇرۇس بولىدۇ.

    ئەگەر بىرىنچى قېتىم ياكى ئىككىنچى قېتىم تالاق قىلىنغان بولسا، ئىددىتى ئاخىرلاشقىچە ئۇنىڭ بىلەن يېنىشىۋالمىغان بولسا، بۇ كېچىك بايىن تالاق بولىدۇ. بۇنىڭ مىسالى: ئەگەر ئايالنى -خۇلئى-پۇل ئېلىپ تالاق قىلغان بولسا، گەرچە ئايالنىڭ ئىددىتى ئاخىرلاشمىسىمۇ ئايرىلىش بىلەنلا بايىن بولىدۇ.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ: "شەرھىل مۇمتى" 12-توم 468-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "بايىن دېگەن ئايرىلىش دېگەن بولۇپ، بۇ ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:

   چوڭ بايىن تالاق، بۇ ئۈچ تالاقتىن ئىبارەتتۇر.

   كېچىك بايىن تالاق، بۇ تويلۇق مېھرىنى قايتۇرۇپ بېرىش بەدىلىگە قىلىنغان تالاقتۇر.

    ئەر كىشى ئايالىنى ئىلگىرى ئىككى قېتىم تالاق قىلغان بولسا، ئاندىن ئۈچىنچى قېتىم تالاق قىلغان بولسا، بىز بۇنى چوڭ بايىن تالاق دەيمىز، يەنى ئايال باشقا ئەر بىلەن توي قىلىپ ئايرىلىپ چېقىپ ئىددىتىنى ئاخىرلاشتۇرمىغۈچە دەسلەپكى ئېرى بىلەن قايتىدىن نىكاھلىنالمايدۇ.

   ئەر كىشى ئايالىنى بەرگەن تويلۇق مېھرىنى قايتۇرۇپ بېرىش بەدىلىگە تالاق قىلغان بولسا، بۇ كېچىك بايىن تالاق بولىدۇ. بۇ تالاقنى قانداق چۈشىنىمىز؟ دېسە، ئەر كىشىنىڭ ئىددەت ئېچىدىمۇ ئۇ ئايال بىلەن قايتىدىن يېنىشىۋېلىشى توغرا بولمايدۇ، گەرچە يېنىشىۋالغان بولسىمۇ.

    يەنە"شەرھىل مۇمتى" 12-توم 130-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ئايال ئېرىگە تويلۇق مەھرىنى قايتۇرۇپ بېرىپ تالىقىنى ئالغان بولسا، بۇ كېچىك بايىن تالاق بولىدۇ، تويلۇق مېھرىنى قايتۇرۇپ ئېلىپ تالاق قىلغان ئەرنىڭ ئۇ ئايال بىلەن ئىددەت ئېچىدىمۇ ياكى ئىددەتتىن كېيىنمۇ يېنىشىۋېلىشى توغرا بولمايدۇ.

   ئەمما ئۈچ قېتىم تالاق قىلىنغان بايىن تالاقتا بولسا، ئىددەت تۇتقۇچىلار ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ: بىرىنچى تۈر: قايتىۋالىدىغان رەجئى تالاق، ئايال ئىددەت ئېچىدە بولسا ئايالىغا يېڭىدىن نىكاھ قىلماستىن ۋە تويلۇق ئالماستىن قايتىۋالسا بولىدۇ.

   ئىككىنچى تۈر: كېچىك بائىن تالاق دېگەن، ئەر ئايالى بىلەن بىۋاستە يېنىشىۋالالمايدۇ، لېكىن يېڭىدىن نىكاھ ئەقدىسى قىلىپ يېنىشىۋالالايدۇ، ئىددەت ئېچىدە يېڭىدىن نىكاھ قىلمىسا يېنىشىۋالغىلى بولمايدىغان ھەرقانداق تالاق كېچىك باين تالاق دېيىلىدۇ.

    ئۈچىنچى تۈر: چوڭ بايىن تالاق بولسا، ئۈچ قېتىم تالاق قىلىنىپ بولغان بولۇپ، ئۇ ئايال باشقا بىر ئەر بىلەن توي قىلىپ چىقمىغۇچە دەسلەپكى ئېرىگە ھالال بولمايدۇ، بۇنىڭ شەرتلىرى يۇقىرىدا بايان قىلىندى".

   ئىككىنچى: ئايالنىڭ قايتىۋالىدىغان رەجئى تالاقتىن بولغان ئىددىتى ئاخىرلاشقان بولسا، تالاق قىلغۇچىنىڭ ئايالغا ئىگە بولۇش ھوقۇقى بولمايدۇ، ئۇ ئايال خالىغان جايغا چىقىدۇ ۋە خالىغان جايغا بارىدۇ.

    ئەگەر ئىددىتى ئاخىرلاشمىغان بولسا، رەجئى تالاقتىن ئىددەت تۇتقۇچىنىڭ ئۆيىدىن چىقىشى دۇرۇس بولىدۇ، بۇ ئايالنىڭ ئۆيدىن چېقىشى ئېرى ۋاپات بولغان ئايالنىڭ ئۆيدىن چېقىشى چەكلەنگەندەك چەكلەنمەيدۇ، لېكىن ئۆيىدىن ئېرى رۇخسەت قىلغاندىن كېيىن چىقىدۇ، چۈنكى ئۇ ئايال ئىددەت ئاخىرلاشمىغان مۇددەتتە ئېرىنىڭ دائىرىسىدە بولىدۇ، بىرگە ياشاۋاتقان باشقا ئاياللارغا ئوخشاش نەپىقە، تۇرالغۇ ۋە ئۆيدە قونۇش قاتارلىق ئىشلار كېرەك بولىدۇ.

    ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش دېگەن: «ئەر كىشى ئايالىنى بىر ياكى ئىككى تالاق قىلغان بولسا، ئۇ ئايال ئېرىنىڭ رۇخسىتىسىز ئۆيدىن چىقمايدۇ. ["مۇسەننىپ" ئىبنى ئەبى شەيبە4-توم 142-بەت].

   شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "كۈچلۈك قاراشتا: تالاق قىلىنغان ئايال قايتقىلى بولىدىغان رەجئى تالاق بولسا، ئۇ خۇددى تالاق قىلىنمىغان ئايالغا ئوخشاش بولىدۇ، ئۇ ئايال خوشنىلىرىنىڭ ئۆيىگە، مەسچىتكە، ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ كېلىدۇ. بۇ ئېرى ۋاپات بولغان ئايالغا ئوخشىمايدۇ.

   ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿لا تُخْرِجُوهُنَّ مِنْ بُيُوتِهِنَّ وَلا يَخْرُجْنَ﴾‏ تەرجىمىسى: «ئۇلارنىڭ ئىددىتى توشمىغىچە) ئۇلارنى ئۆيلىرىدىن چىقىرىۋەتمەڭلار، ئۇلارمۇ (ئۆيىدىن) چىقمىسۇن». [سۈرە تالاق 1-ئايەت].

    بۇ ئايەتتە ئۆيدىن چېقىرىۋېتىشتىن بولغان مەقسەت، ئايرىلىشتىن ئىبارەتتۇر. يەنى ئۆيدىن ئايرىلىپ باشقا ئۆيگە چېقىپ تۇرىدىغان ئىشنى قىلماڭلار". ["نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋاسى"].

    ئۈچىنچى: ئەمما شەھەر بىر بولسىمۇ باشقا رايۇن ياكى باشقا جايدا قۇرۇلتاي-يېغىنلارغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئايال ئۇ جايغا سەپەر قىلىپ بارىدىغان بولسا، مەھرەم بىلەن بىرگە بارمىسا توغرا بولمايدۇ.

   ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «يات بىر ئەر يات بىر ئايال بىلەن خالى جايدا تۇرمىسۇن، ئايال كىشى مەھرەمسىز يالغۇز سەپەرگە چىقمىسۇن دېگەندە، بىر كىشى ئورنىدىن تۇرۇپ: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! مەن مۇنداق، مۇنداق ئۇرۇشقا چىقىشقا تىزىملاتقان ئىدىم، ئايالىم ھەجگە چىققان ئېدى دېگەن ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: سەن بېرىپ ئايالىڭ بىلەن بىرگە ھەج قىلغىن دېدى». [بۇخارى رىۋايىتى 3006-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى1341-ھەدىس].

   بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئۈچۈن 101520 -82392 - نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى