جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

غەرب دۆلەتلىرىدە تۇرۇش شەرتىگە چارە ھىيلە ئىشلىتىش توغرىسىدا

سۇئال

غەرب دۆلەتلىرىدە(گېرمانىيىدە)قارا ئىش قىلىشنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟ يەنى بۇ خىزمەتنى گېرمانىيە ھۆكۈمىتىگە بىلدۈرمەستىن قىلىش، بۇنىڭ سەۋەبى: ئۇ كىشى قارا ئىش قىلىش ئارقىلىق ئىش ئىگىسىدىن ھەق ئالىدۇ ۋە ھۆكۈمەتتىنمۇ ئىجتىمائىي تەمىنات ھەققى ئالىدۇ، مۇشۇنداق قىلىش توغرىمۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

مۇسۇلمان كىشى ھۆكۈمەتنىڭ رۇخسىتى بىلەن پاناھلىق تىلەپ كىرگەن ھەرقانداق دۆلەتتە، مەزكۇر دۆلەتنىڭ شەرىئەت پرىنسىپىغا زىت بولمىغان قانۇنلىرىغا بويسۇنۇشى كېرەك بولىدۇ. ئۇ يەردە بېكىتىلگەن تۇرۇش شەرتىگە ھىيلە ئىشلىتىش توغرا بولمايدۇ. شۇنىڭدەك ئۇلار تەرىپىدىن بېرىلىدىغان ياردەمنى ئېلىش شەرتىگىمۇ ھىيلە قىلىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ قىلىنغان ئەھدىنى بۇزغانلىق ھېسابلىنىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَأَوْفُوا بِالْعَهْدِإِنَّ الْعَهْدَ كَانَ مَسْئُولًا تەرجىمىسى: ئەھدىگە ۋاپا قىلىڭلار، قىيامەت كۈنى ئەھدە ئۈستىدە (يەنى ئەھدىگە ۋاپا قىلغان-قىلمىغانلىق ئۈستىدە) ئەلۋەتتە سوئال- سوراق قىلىنىسىلەر. [سۈرە ئىسرا 34-ئايەت].

ئەگەر دۆلەتنىڭ قانۇنى ئىجتىمائىي كاپالەت ياردىمىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئىشلىمەسلىكىنى شەرت قىلغان بولسا، بۇ شەرتكە خىلاپلىق قىلىش ياكى بۇنىڭغا ھىيلە ئىشلىتىش توغرا بولمايدۇ.

پاناھلىق تەلەپ قىلىنغان دۆلەت پاناھلىق تەلەپ قىلغۇچىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارغا ئايلىق ياردەم پۇلى بېرىۋاتقان ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ دۆلەتنى ئالدىشى ۋە ئۇ دۆلەتتە تېنىچ-خاتىرجەم تۇرۇش شەرتلىرىگە خىلاپلىق قىلىشى توغرا بولمايدۇ. پاناھلىق تەلەپ قىلغۇچى ياكى ۋاقىتلىق نۇپۇستا تۇرغۇچىلارنىڭ دۆلەتنىڭ مۈلكىدىن ئۆزلىرىگە ھەقلىق بولمىغان نەرسىلەرنى ئېلىشى توغرا بولمايدۇ.

ئۇنىڭدىن سىرت بۇنداق قىلىشھالال ئىشلەش بولسىمۇ مۇسۇلمانغا ۋە ئۇنىڭ پەزىلىتىگە لايىق بولمايدۇ. مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلمان بولمىغان كىشىلەردىن ئىجتىمائىي ياردەم تەمىناتى ئالغانلىقىنىڭ ئۆزىمۇ يېتەرلىك بولىدۇ. ئۇلاردىن مەلۇم مىقداردا ياردەم ئېلىش ئۈچۈن ھىيلە-نەيرەڭ، ئالدامچىلىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش مۇسۇلمان ئەخلاقىغا لايىق بولامدۇ؟!. مۇسۇلماننىڭ ئېسىللىقى، قەلبىنىڭ ساپ ۋە پاكلىقى، ئىپپەتلىك ئىكەنلىكى مۇشۇنداق بولامدۇ؟!. ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى توغرا يول ئۈستىدە مۇستەھكەم قىلسۇن.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى