جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

دەم ئىلىشقا چىققاندىن كېيىن ئالىدىغان پىنسىيە پۇلى ۋە خىزمەت مۇكاپات پۇللىرىغا زاكات كېلەمدۇ؟

سۇئال

   مەن پىنسىيە پۇلىغا زاكات كېلىدىكەن دەپ ئاڭلىدىم، بەزى كىشىلەردىن يەنە زاكات كەلمەيدۇ دېگەن سۆزلەرنىمۇ ئاڭلىدىم، مېنىڭ ئەھۋالىم تۆۋەندىكىچە: ھەر ئايدا مېنىڭ رەھبىرىم، مېنىڭ ئايلىق ئىش ھەققىمدىن مەلۇم مىقدارنى مەن خالىغان بىر پايدىلىنىش ساندۇقىغا قويىدۇ، ئۇ پۇلغا ھەر قېتىمدا مەلۇم مىقداردا ھەسسە قېتىلىدۇ، مۇشۇ ساندۇقتىن قىتىلغان ھەسسە، بىرلىكتە شېركەتنىڭ ئايلىق پۇل قىسمىغا كېرگۈزىلىدۇ، مەن 68 ياشقا كېرىپ دەم ئىلىشقا چېقمىغۇچە بۇ پۇلنى قايتۇرۇپ ئالالمايمەن، بۇ پۇل شېركەتنىڭ ئىش ھەققى ھېسابىدا كۆپ ئەمما يېنىمدا ئاساسەن يوق، بۇ پۇلغا زاكات بېرىش كېرەك بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    پىنسىيە پۇلى ساندۇقىدا ساقلانغان پۇلغا خىزمەتچىنىڭ زاكات بېرىشى كېرەك بولمايدۇ، چۈنكى خىزمەتچى  پىنسىيىگە چىقمۇغۇچە ئۇ پۇلغا تولۇق ئىگە بولالمايدۇ، شۇنداقلار ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇ پۇلدىن ئىلىپ ئىشلىتىشى مۇمكىن بولمايدۇ.

     بەشىنچى قېتىملىق زاكات قۇرۇلتىيىدا مۇنداق بايان قىلىنغان: بىرىنچى: خىزمەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بېرىلىدىغان مۇكاپات پۇلى ۋە پىنسىيە پۇلى توغرىسىدا:

    1-خىزمەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بېرىلىدىغان مۇكاپات پۇلى بولسا: رەھبەرلىكنىڭ خىزمەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن خىزمەت قىلغۇچىغا بېرىش ئۈچۈن بېكەتكەن پۇلى بولۇپ ئۇ كىشى  خىزمەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئىدارە-ئورگان ۋە شېركەتلەرنىڭ قانۇن پىرىنسىپى بويىچە بەلگىلەنگەن شەرتلەر تولۇق بولسا بۇ پۇلغا ئىگە بولىدۇ.

     2-پىنسىيە پۇلى: دۆلەتنىڭ ياكى ئايرىم شېركەتلەرنىڭ خىزمەتچىگە ياكى ئىجتىمائى سۇغۇرتا قانۇنى بويىچە خىزمەت قىلغان ئىشچىغا پىنسىيە پۇلىغا ئىگە بولىدىغان شەرتلەر تولۇق بولغان ۋاقىتتا بېرىش بېكىتىلگەن پۇلدۇر.

   3-پىنسىيە پۇلى مەلۇم مىقداردىكى مال بولۇپ، خىزمەتچى ياكى ئىشچى دۆلەت ياكى ئايرىم شېركەت تەرىپىدىن يولغا قويۇلغان قانۇن-پىرىنسىپلاردا بەلگىلەنگەن شەرتلەر تولۇق بولغاندا ھەر ئايدا خىزمىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بۇ پۇلغا ئىگە بولىدۇ.

   4-ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك خىزمەت بىلەن ئېرىشىدىغان بۇ پۇلىغا زاكات كەلمەيدۇ، چۈنكى بۇ پۇلدا زاكاتنى ۋاجىپ قىلىدىغان تولۇق ئىگە بولۇش دېگەن شەرت تىپىلمايدۇ.

   5-بۇ پۇللار: دۆلەت ياكى شېركەت تەرىپىدىن پالانى ۋاقىتتا ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە تارقىتىپ بېرىلىدۇ دەپ قارار قىلىنسا، ئىشچى-خىزمەتچىلەر بۇ پۇلنى بىر قېتىمدا ياكى مەلۇم مۇددەتتە تاپشۇرۇپ ئالسا، ئۇ ۋاقىتتا مالغا تولۇق ئىگە بولغان بولىدۇ، ئاندىن تاپشۇرۇپ ئالغان ۋە مەنپەئەتلەنگەن مالنىڭ زاكىتىنى ئادا قىلىدۇ.

     تۇنجى قېتىملىق زاكات قۇرۇلتىيىدا: بۇ پۇللار ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ يېنىدا بار بولغان ئومۇمى ئىقتىسادىغا قېتىلىپ زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتكەن ۋە ئۇنىڭغا تولۇق بىر يىل بولغان بولسا، بۇنىڭغا زاكات كېلىدۇ دېيىلگەن. [دوكتۇر ۋەھبەتىز زۇھەيلىنىڭ"ئىسلام پىقھىسى ۋە ئۇنىڭ دەلىللىرى" ناملىق ئەسىرى"10-توم 7948-بەت].

     سۆزىمىزنىڭ خۇلاسىسى: سىز بۇ مالنى رەسمى تاپشۇرۇپ ئالمىغۇچە سىزگە زاكات بېرىش كېرەك بولمايدۇ، تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن يېنىڭىزدا بار بولغان ئومۇمى ئىقتىسادقا قېتىپ پايدىلانغاندىن كېيىن بۇ سىزنىڭ تولۇق مۈلكىڭىز بولىدۇ، ئۇ ۋاقىتتا زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتكەن بولسا زاكاتنى ئادا قىلىسىز. بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 75390- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى