جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

غەيرى مۇسۇلمانلارنىڭ بايرىمىدا تۈرلۈك ئويۇنلارنى ئويناشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

مەن ھەمشىرەم بىلەن يېمەك پىشۇرۇش ئوينى ئوينايمەن، ئويۇننىڭ ئوتتۇرىدا ئۇلارنىڭ بايرام پائالىيەتلىرى بولىدۇ، بىز تاماقخانىنىڭ كۆرۈنىشىنى ئالماشتۇرىمىز، لېكىن ئۇنى قىلىشتىن توختاپ قالدۇق، ئۇنى قىلمىساق خاس پائالىيەتنىڭ بىر قىسمىدىن چىقىپ كېتەلمەيمىز، ئەگەر بىز مۇشۇ ئويۇننى ئويناشنى داۋاملاشتۇرساق گۇناھكار بولامدۇق؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    مۇسۇلمان بولمىغانلارنىڭ بايراملىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىش توغرا بولمايدۇ، مەيلى ئۇ بەزى مۇسۇلمانلار پەيدا قىلغان بىدئەت بايراملار بولسۇن، ئۇلارنىڭ ئويۇنلىرىدىن بولغان بىرەر ئويۇننى ئويناشمۇ توغرا ئەمەس. چۈنكى ئۇ چەكلەنگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بايرىمىغا ئىشتىراك قىلىش ئەمەس، ھەتتا ئۇنىڭغا رازى بولۇش ۋە ئۇنى ئېتىراپ قىلىشمۇ توغرا بولمايدۇ.

    مۇسۇلمانلارنىڭ پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان پەقەت رامىزان بايرىمى ۋە قۇربان بايرىمى بار، ئۇنىڭدىن باشقا بايراملار يېڭىدىن مەيدانغا كەلگەن بايرامدۇر، ئەگەر ئۇ بايراملارنى ئېتىقاد يولى بىلەن قىلسا بىدئەت بولىدۇ، ئادەت يولىغا ئاساسەن قىلسا، بۇمۇ كاپىرلارنىڭ بايرىمىغا ئوخشاپ قالغانلىقى ئۈچۈن چەكلىنىدۇ، چۈنكى ئۇلار يېڭى بايراملارنى ئىجات قىلىش ۋە پائالىيەت ئېلىپ بېرىش بىلەن تونۇلغان.

   ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە كەلگەندە، مەدىنە ئەھلىنىڭ بايرام قىلىدىغان ئىككى كۈنى بار ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلاردىن: سىلەر بايرام قىلىۋاتقان بۇ ئىككى كۈن قانداق كۈن؟ دەپ سورىغاندا، بۇ بىز جاھىلىيەتتە بايرام قىلىدىغان ئىككى كۈن دەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە ئۇ ئىككى كۈندىن ياخشىراق بولغان بايرام قىلىدىغان ئىككى كۈننى ئالماشتۇرۇپ بەردى، ئۇ بولسىمۇ روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت كۈنىدۇر، دېدى. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 1134-ھەدىس. نەسائى رىۋايىتى 1556-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا 2021-نومۇرلۇق ھەدىستە سەھىھ دەپ  كەلتۈرگەن].

    يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: كىمكى دىنى ئېتىقاد ۋە ئادەتلەردە باشقا بىر قەۋمگە ئوخشىۋالسا، ئۇ كىشى شۇلاردىن بولىدۇ. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 4032-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى بۇ ھەدىسنى سەھىھ دەپ ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

    ئەگەر ئويۇندا مۇشۇ بايرامدىن ئۆتۈپ كەتكىلى بولمىسا ۋە بۇنىڭغا ئىشتىراك قىلمىسا بولمىسا، ئۇ ۋاقىتتا بۇ ئويۇننى داۋاملاشتۇرۇش توغرا بولمايدۇ، بۇنداق شەرتلەردىن خالى بولغان توغرا شەكىلدىكى ئويۇنلارمۇ ئويناشقا يىتەرلىكتۇر.

    مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان ئويۇنلار كىچىك ئەۋلادلاردا باتىلنى ياخشى كۆرۈش ئىستىكىنى يېتىلدۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مۇھەببەت بايرىمى، تۇغۇلغان كۈن بايرىمى ۋە بارىبى بايرىمى قاتارلىق بايراملارنى ئۆتكۈزىدىغان بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كىچىك ئەۋلادلارنى بۇنىڭغا ئوخشاش ئويۇنلاردىن ئاگاھلاندۇرۇش ۋە يىراقلاشتۇرۇش زۆرۈر بولىدۇ.

بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن 237205 نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى