چارشەنبە 29 شەۋۋال 1445 - 8 ماي 2024
Uygur

قەرەللىك توختام ۋە پايچەك سودىسىنى ئۈگۈنۈشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

  خەلقئارالىق پايچەك بازىرىغا ئالاقىدار بەزى ئىقتىسادى سودىلارنى ئۈگۈنۈش توغرا بولامدۇ؟، قەرەللىك توختامغا ئوخشاش، مەن بۇ تېمىدا دوكتۇرلۇق دىسسېرتاتسىيەسى يىزىۋاتقان ئىدىم، "نېفىت بازىرىدىكى ئىقتىسادى خەتەردىن قانداق ساقلىنىش"، بۇ قەرەللىك توختامنى ئىشلىتىش بىلەن بولىدۇ، چۈنكى مەن ھازىر ئاخىرقى يىللىق سىنىپتا ئىدىم، بۇنى ئۈگۈنۈش ماڭا توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: قەرەللىك توختام ياكى باشقا ئىقتىسادى سودا توختاملىرىنى گەرچە ئۇ ھارام بولسىمۇ ئۈگەنسە بولىدۇ، بۇ ئىككى شەرت بىلەن بولىدۇ:

   بىرىنچى شەرت: ئوقۇغۇچىنىڭ توغرا بولمىغان ئىشلاردىن ھەيران قىلىپ ئالدىنىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇ توختاملاردىن شەرىئەتتە ھالال قىلغان ۋە ھارام قىلغانلىرىنى ئۆزى ياكى ئىشەنچىلىك ئالىملاردىن سوراش ئارقىلىق بىلدىغان مەلۇماتى بولىشى كېرەك.

    ئىككىنچى شەرت: مۇشۇ توختاملاردىن ئاللاھ تائالا ھارام قىلغانلىرىنى ھارام دەپ ئىتىقاد قىلىشى كېرەك، چۈنكى مۇنكەرگە رازى بولۇش ۋە ئىقرار قىلىش توغرا بولمايدۇ.

بۇ دەرىسلىكنى ئۈگۈنۈشتە ھارامنى بىلىش، ئۇنىڭدىن يىراق بولۇش، كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش، كىشىلەرنى ھارامدىن بىھاجەت قىلىپ ئۇنىڭ ئورنىغا دۇرۇس بولغان توختامنى ئىجاد قىلىش نىيىتى بىلەن بولىشى تەلەپ قېلىنىدۇ. 141894 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن. 

    ئىككىنچى: بۇ بازارلاردا ئىجرا بولىۋاتقان قەرەللىك توختاملارنىڭ كۆپ قىسمى ھەقىقى سېتىش ۋە ھەقىقى سېتىۋېلىش ئەمەس، چۈنكى ئۇنىڭدا شەرىئەتتە نەخ تاپشۇرۇپ ئالىدىغان ئىككى مالنىڭ ھەممىسىنى ياكى بىرىنى سودا قىلىشقان ئورۇننىڭ ئۆزىدە تاپشۇرۇپ ئېلىش دەيدىغان ئىش بولمايدۇ.

    ئۈچىنچى: بۇنىڭدا ساتقۇچى كۆپ ۋاقىتلاردا پۇللاردىن، پايچېكىدىن، زايۇملاردىن ياكى مالدىن ئۆزىدە يوق بولغان نەرسىلەرنى ساتىدۇ، ئۇنى بازاردىن سېتىۋېلىپ بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا تاپشۇرۇپ بېرىش مەقسىتى بىلەن بولىدۇ، ئالدىن پۇل تاپشۇرۇش سودىسىدا شەرت قىلىنغان پۇلنى ئالدىن تاپشۇرۇپ ئېلىش بولمايدۇ.

    تۆتىنچى: سېتىۋالغۇچى كۆپ ۋاقىتلاردا باشقىلار سېتىۋېلىپ تاپشۇرۇپ ئالمىغان نەرسىنى سېتىۋالىدۇ، ساتقۇچىمۇ باشقىلارغا ئۆزى تاپشۇرۇپ ئالمىغان نەرسىنى ساتىدۇ، ئەۋۋالقى ساتقۇچىدىن مالنى تاپشۇرۇپ ئېلىشنى مەقسەت قىلغان ئاخىرقى سېتىۋالغۇچى بىلەن سودا ئاخىرلاشقانغا قەدەر تاپشۇرۇپ ئېلىنمىغان نەرسىنى سېتىش ۋە سېتىۋېلىش تەكرارلىنىدۇ. ئەۋۋالقى ساتقۇچىمۇ ئۆزى ئىگە بولمىغان نەرسىنى ساتىدۇ ياكى مالنى تاپشۇرۇپ بېرىدىغان ۋاقىتتا مالنى پەرقلىق باھادا ھېسابلايدۇ. بىرىنچى ساتقۇچى بىلەن ئاخىرقى سېتىۋالغۇچىدىن باشقىلارنىڭ سېتىش ۋە سېتىۋېلىشتا ئايلىنىشى  تولۇق بولمايدۇ. پايدا ئالغاندا پەرقلىق باھادا تاپشۇرۇپ ئالىدۇ ياكى ۋەدە قىلىنغان ۋاقىتتا زىيان تارتقان ھالەتتە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. بۇ خۇددى ئىككى قىمارۋازنىڭ ئارىسىدا ئىجارا بولغان ئىشقا ئوخشايدۇ. "ئىسلام پىقھى مەجمۇئەسىنىڭ پايچەك توغرىسىدكى قارارىدىن ئېلىندى. قارارنىڭ ھەممىسىگە قاراپ چىقىش ئۈچۈن 124311- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

    "ئىسلام پىقھى مەجمۇئەسىنىڭ" يەنە بىر قارارىدا مۇنداق كەلگەن: خەلقئارا سودا بازىرىدا مۇشۇ مۇئامىلە بىلەن تامام بولىدىغان تىجارەتلەر كۆپ ۋاقىتلاردا شەرىئەتتە ھارام بولغان نۇرغۇن توختاملارنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، ئۇنىڭدىن:

   1-زايۇم تىجارىتى: ئۇ ھارام بولغان جازانىدىندۇر، بۇنىڭ ھارام ئىكەنلىكىگە: "ئىسلام پىقھى مەجمۇئەسىنىڭ" جىددە شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئالتىنچى قېتىملىق يېغىنىدا ئېلىنغان 60- نومۇرلۇق قاراردا دەلىل بايان قىلىنغان.

   2-شىركەتلەرنىڭ پايچېكى تىجارىتى: بۇنىڭغا "ئىسلام پىقھى مەجمۇئەسىنىڭ" ھىجىريە 1415-يىلى ئىسلام دۇنياسى بىرلىكىنىڭ ئون تۆتىنچى نۆۋەتلىك يېغىنىدا: شىركەتلەرنىڭ پايچېكى تىجارىتىنىڭ ئاساسى مەقسىتىنىڭ ھارام ئىكەنلىكى ياكى بەزى سودىلىرىنىڭ جازانە ئىكەنلىكىنى قارار قىلغان.

   پۇل ئېلىم-سېتىم ئىشلىرى ئاساسەن شەرىئەتتە تەسەررۇپ قىلىشنى دۇرۇس قىلمايدىغان شەكىلدە بولىدۇ.                                                                                                                                                                        

   ئىختىيارلىق توختامى ۋە كەلگۈسىدىكى توختاملاردا،"ئىسلام پىقھى مەجمۇئەسىنىڭ" جىددە شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئالتىنچى قېتىم يېغىنىدا ئېلىنغان 63- نومۇرلۇق قاراردا بۇ توختاملارنىڭ شەرىئەتتە توغرا بولمايدىغانلىقىغا دەلىل بايان قىلىنغان. چۈنكى توختام قىلىنغان نەرسە مالمۇ ئەمەس ۋە مەنپەئەتمۇ ئەمەس، ئۇنى باشقىچە دۇرۇس قىلىدىغان مالىيە ھەقمۇ يوق... شۇنىڭغا ئوخشاش كەلگۈسىدىكى توختاملار ۋە كۆرسەتكۈچ توختامى قاتارلىقلارمۇ توغرا بولمايدۇ. بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئىلىش ئۈچۈن 106094- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

   مەقسەت: قەرەللىك توختام ۋە پايچىكى بازىرىدەللللكەڭ تارقالغان باشقا سودىلارغا ھارام كىرىدۇ، ئۇنىڭ ھۆكمىنى بىلىش ۋە باشقىلارغا بايان قىلىپ بېرىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئالدىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۇنى ئۈگۈنۈش لازىم، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدىغان ياكى ئۇنىڭغا رىغبەتلەندۈرىدىغان ئىشلار يېزىلىدۇ.

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇ.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى