سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

يۈزىدىن چۈمبەلنى ئېلىۋېتىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

مەن فرانسىيىدە ياشايمەن، يۈزۈمنى ئورايمەن، بۇ يەردە ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىنى سىلەر ياخشى بىلىسىلەر، مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟، مەن يۈزۈمنى ئوراشنى ياخشى كۆرىمەن، لېكىن بۇ شەكىلدە ياشاش بەك قېيىن، يولدىشىممۇ يۈزۈمنى ئېچىۋېتىشىمنى خالايدۇ، ئۇنىڭ پىكرىچە، مەن شەرىئەت رۇخسەت قىلغان ئىشتا بەك قاتتىقلىق قىلىپ تۇرىۋاپتىمىشمەن، بۇ ئىش يولدۇشۇمغا سەلبىي تەسىر بەردى، دىنى ئېتىقادى سۇسلىشىپ، ئېچى سىقىلىشى كۆپ بولۇپ كەتتى، چۈنكى بىز ئائىلە بويۇنچە خاتىرجەم سىرتلارغا چىقالمايمىز، مەن نېمە ئىش قىلىشىم كېرەكلىكىنى بىلەلمىدىم، مۇشۇنداق قېيىن شارائىتتىمۇ يۈزۈمنى ئوراپ يۈرۈشۈم ياخشىمۇ ياكى بۇنداق قىلىشىم دىندا رۇخسەت قىلغان ئىشتا قاتتىقلىق قىلىۋالغانلىق ھېسابلىنامدۇ؟ بىلىشىمچە، شەرىئەت ھۆكۈملىرى قادىر بولۇشقا ئالاقىدار بولىدۇ، ئۆزۈمنىڭ مۇشۇ ئىبادەتكە قادىر بولالايدىغان ياكى قادىر بولالمايدىغانلىقىمنى قانداق بىلىمەن؟، بۇ ئىش مېنىڭ ھاياتىمغا كۆپ تەسىر قىلدى، قانداق قىلسام مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىنى بىلەلمىدىم.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بەزىسىدە مۇسلىمە ھەمشىرىلىرىمىزنىڭ يۈزىنى ئورىغانلىق سەۋەبىدىن ئۇچراۋاتقان ئەزىيەتلىرى ھەممەيلەنگە مەخپى ئەمەس.

كۆپچىلىك ئۆلىمالار: ئاياللار داۋالىنىش ۋە باشقا سەۋەبلەر بىلەن يۈزىنى ياكى بەدىنىدىن بەزى جايلىرىنى ئېچىشقا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالسا، ئۇنداق ھالەتتە ئاچسا دۇرۇس بولىدۇ دەپدەلىل بايان قىلغان.

ئەقىلسىز ئىنسانلارنىڭ ئازار-كۈلپەتلىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن يۈزىنى ئېچىۋىتىش داۋالىنىش ئۈچۈن يۈزىنى ئېچىشتىن تۆۋەن ئورۇندا تۇرمايدۇ، بەلكى داۋالىنىشقا بولغان ئېھتىياجدىن كۈچلۈك بولىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن يۈزىڭىزنى ئورىغانلىق سەۋەبىدىن باشقىلارنىڭ ئازار-كۈلپەتلىرىگە ئۇچرايدىغانلىقىڭىز كۈچلۈك بولسا، بۇنداق ھالەتتە (شارائىت ھازىرلانغىچە قەدەر) يۈزىڭىزنى ئېچىۋەتسىڭىز بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن سىزگە گۇناھ بولمايدۇ، چۈنكى سىز بۇنداق قىلىشقا قىستالدىڭىز ھەرگىزمۇ يۈزىڭىزنى ئوراشنى رەت قىلىپ ئېچىۋەتمىدىڭىز.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى