جۈمە 17 شەۋۋال 1445 - 26 ئاپرىل 2024
Uygur

چاچ بوياشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

    چاچنى لورال قاتارلىق داڭلىق شېركەتلەر ئىشلەپ چىقارغان ماركا بوياقلار بىلەن بوياش توغرىمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىزمۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، ساھابىلىرى ۋە قىيامەتكىچە توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئادەتتە چاچ بوياش بولسا ئەسلىدە دۇرۇس بولغان ھالال ئىشلاردىندۇر. شۇنىڭغا ئاساسەن چاچنى بوياش ياشانغانلىق سۈپەتنى ئۆزگەرتمەيدىغان، كاپىرلارغا ئوخشىۋالمايدىغان ۋە تىببى تەرەپتىن زىيانلىق ئىكەنلىكى ئىسپاتلانمىغان ھالەتتە ئادەتتىكى بوياقتا بولسۇن ياكى ھازىرقى دەۋرىدىكى يېڭى بوياقتا بولسۇن چاچنى بويىسا دۇرۇس بولىدۇ.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ "نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋاسىدا" مۇنداق بايان قىلىنغان: "ئىبادەتتىن باشقا ئىشلار ئەسلىدە دۇرۇستۇر، شۇنىڭغا ئاساسەن، خانىم-قىزلار چېچىنى قايسى رەڭدىكى بوياقتا بويىسا توغرا بولىدۇ، لېكىن  ئاق چاچلىرىنى يوشۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ قارا رەڭدە بويىسا توغرا بولمايدۇ. چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاق چاچلارنى بوياشقا بۇيرۇپ: قارا رەڭدە بوياشتىن ساقلىنىڭلار دېگەن.

    يەنە مەخسۇس كاپىر ئاياللار ئىشلىتىدىغان بوياقلارنى قوللىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك، ئەگەر مۇسۇلمان ئايال مۇشۇ رەڭدە بوياپ چىقسا، بۇ كاپىر ئايال دېيىلىدىغان ھالەتتە بولسا يەنە توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇنداق رەڭدە پەقەت كاپىر ئاياللار چاچ بويايدىغان بولغاچقا، مۇسۇلمان ئاياللىرىنىڭ بۇنداق بوياقنى ئىشلىتىشى چەكلىنىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  مۇبارەك ھەدىسىدە: ھەرقانداق بىر كىشى مۇسۇلمان بولمىغان يات بىر مىللەتكە ئوخشىۋالىدىكەن، ئۇ كىشى شۇلاردىن ھېسابلىنىدۇ دېگەن.

    بوياق يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىككى تۈرلۈك چەكلىمىدىن خالى بولغاندا يەنى ئاق چاچلارنى يوشۇرۇپ قارا رەڭگە بوياش ۋە كاپىرلار ئاياللارغا خاس بولغان بوياقلار بىلەن بوياشتىن ساقلانسا بولىدۇ، چۈنكى بۇ ئىشنىڭ ئەسلى دۇرۇس بولغانلىقى ئۈچۈن خانىم-قىزلار چېچىنى خالىغان رەڭدە بويىسا بولىدۇ. ["نۇرۇن ئەلەندەربى پەتىۋاسى"2-توم 22-بەت].

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن بىرسى: "چاچنى ھازىر بازارلاردا بار بولغان خىمىيىلىك بوياقلار بىلەن بوياش چەكلىنەمدۇ؟ دەپ سورىغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "ئاق چاچنى قارا رەڭگە بوياش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇنىڭدىن ساقلىنىشقا بۇيرىغان ۋە ئاق چاچنى قارا رەڭدە بويىغان كىشىگە ئازاب بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ھەدىسمۇ بايان قىلىنغان.

    ئەمما چاچنى باشقا رەڭدە بويىسا بۇنىڭدا خاتالاشمايدۇ، چۈنكى بۇنىڭ ئەسلى دۇرۇس بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن چەكلەيدىغان دەلىل بولمىسا ئەسلىدىكى دۇرۇسلۇق ھالەتتە بولىدۇ، لېكىن كاپىر ئاياللارغا خاس بولغان بوياقلاردا بوياش توغرا بولمايدۇ، كاپىرلارغا ئوخشاش بوياش چەكلىنىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  مۇبارەك ھەدىسىدە: ھەرقانداق بىر كىشى مۇسۇلمان بولمىغان يات بىر مىللەتكە ئوخشىۋالىدىكەن، ئۇ كىشى شۇلاردىن ھېسابلىنىدۇ.

    سوئالدا خىمىيىلىك ماددىلاردىن بولغان بوياق دېيىلىپتۇ، بۇنى بىلىش ئۈچۈن تىببى ساھەدىكى مۇتەخەسىسلەرگە مۇراجىئەت قىلىپ، خىمىيىلىك بوياق چاچقا ۋە ئىنسان بەدىنىگە زىيان قىلامدۇ ياكى قىلمامدۇ؟ بۇنى بىلىش كېرەك، ئەگەر زىيان قىلىدىغانلىقى ئىسپاتلانسا بۇ بوياقنى ئىشلىتىش توغرا بولمايدۇ". ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھنىڭ "نۇرۇن ئەلەندەربى پەتىۋاسى "2 -توم 22-بەت.

بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 45191- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

     ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى