جۈمە 17 شەۋۋال 1445 - 26 ئاپرىل 2024
Uygur

ئانا بوۋىقىنى يۈزدە يىگىرمە پىرسەنت ئەمدۇرۇپ، يۈزدە سەكسەن پىرسەنت تەييار سۈت بېرىدىغان ئەھۋال ئاستىدا روزا تۇتمىسىمۇ بولامدۇ؟

سۇئال

    بالام بىر ئايلىق بولدى، يۈزدە يىگىرمە پىرسەنت مېنى ئېمىدۇ، چۈنكى مېنىڭ سۈتۈم ئاز، باشقا ئېھتىياجلىرىنى بازاردىن ئىلىپ كەلگەن تەييار سۈت بىلەن تولۇقلايدۇ، مەن رامزاننىڭ كۈندۈزى تەخمىنەن ئون يەتتە سائەت بولىدىغان بىر دۆلەتتە ياشايمەن، مەن روزىنى قانداق قىلىشىم كېرەك؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    مەن بۇ سوئالنى ئۇستازىم شەيخ ئابدۇرەھمان بەرراكتىن سورىسام ئۇ كىشى: "ئۇ ئايال روزا تۇتمايدۇ، كۈندۈز كۈن قىسقارغان ۋاقىتتا قالغان روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ"دېدى.

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد