شەنبە 25 شەۋۋال 1445 - 4 ماي 2024
Uygur

ئاياغقا مەسىھ قىلىشنىڭ ھۆكۈملىرى توغرىسىدا

سۇئال

   ئامېرىكا ياكى كانادادا ياشايدىغان بەزى كىشىلەر پاختىدىن ياكى يۇڭدىن ئىشلەپ چېقىرىلغان تىزىغىچە كېلىدىغان ئاياغلارنى كىيىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە بىر ئاياغ كىيىدۇ، لېكىن ئۈستىگە كىيگەن ئايىغى ھوشۇقىنى ياپمايدۇ، تاھارەت ئالغاندا مۇشۇ ئاياغقا مەسىھ قىلىش توغرا بولامدۇ؟، بۇ ئاياغنى سېلىۋەتسە تاھارىتى توغرا بولىۋېرەمدۇ؟ ئۇلار ھەر ۋاقىت نامازغا بارغاندا ئۈستىدىكى مەسىھ قىلغان ئاياغنى سېلىۋىتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن تاھارىتى بار بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

  بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: ئاياغ پۇتىنى ھوشۇقى بىلەن قېتىپ ياپىدىغان بولسا بۇنىڭغا مەسىھ قىلىش توغرا بولىدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆتۈك-مەيسىگە ئوخشاشتۇر. ئەمما ئاياغ كېيىمى تاھارەتتە يۇيۇش پەرز بولغان ئىككى پۇتىنى ئىككى ھوشۇقى بىلەن قېتىپ ياپمايدىكەن، كۆپچىلىك پىقھى ئالىملارنىڭ قارىشىدا ئۇنىڭغا مەسىھ قىلىش توغرا بولمايدۇ. ["كۇۋەيت پىقھى توپلاملىرى" 37-توم 264-بەتكە قارالسۇن"]. بۇ شەيخ ئىبنى باز ۋە پەتىۋا كومىتېتىنىڭ تاللىغان قارىشىدۇر.

    شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئۆتۈككە ياكى پايپاققا مەسىھ قىلىشنىڭ شەرتلىرىدىن: ئۇ تاھارەتتە يۇيۇش پەرز بولغان ئىككى پۇتنى ئىككى ھوشۇقى بىلەن قېتىپ ياپىدىغان بولىشى كېرەك". ["ئىبنى باز پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 10-توم 111-بەت. "دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى"5-توم 396-بەتكە قارالسۇن].

    ئىككىنچى: تاھارەتتە يۇيۇش پەرز بولغان ئىككى قەدىمىنى ئىككى ھوشۇقى بىلەن قېتىپ ياپىدىغان ئاياغقا مەسىھ قىلىپ، تاھارىتى بولغان ھالەتتە ئۇنى سېلىۋەتكەن بولسا، ئالىملارنىڭ توغرا قارىشىغا كۆرە ئۇ كىشىنىڭ تاھارىتى بۇزۇلمايدۇ. بۇ مەسىلىنىڭ بايانى ئىلگىرى 100112 - 26343 - نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىندى.

    لېكىن شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، ئاياغنى سېلىۋېتىش بىلەن مەسىھ قىلىش رۇخسىتى ئاخىرلىشىدۇ، ئىككىنچى قېتىم كېيىپ تاھارەت ئالماقچى بولغاندا، ئۇ كىشى ئايىغىنى ۋە پايپىقىنى سېلىۋېتىپ ئىككى پۇتىنى يۇيۇشى كېرەك.

    ئۈچىنچى: قېلىن پايپاقنى كېيىپ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككى ھوشۇقىنى ياپمايدىغان ئاياغنى كىيگەن بولسا بۇنىڭ ئۈچۈن ئۈچ تۈرلۈك ھالەت بولىدۇ:

بىرىنچى: ئۈستىدىكى ئاياغقا مەسىھ قىلىدۇ، بۇنىڭ دۇرۇس بولمايدىغانلىقى ئىلگىرى بايان قىلىندى.

   ئىككىنچى: پايپاققىلا مەسىھ قىلىدۇ، يەنى ئۈستىدىكى ئاياغنى سېلىۋېتىپ قولى بىلەن پايپاققا مەسىھ قىلىپ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاياغنى كىيىدۇ، بۇنداق قىلىش توغرا بولىدۇ، بۇنداق ھالەتتە ئاياغنى سېلىۋەتسە بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن تاھارىتى بۇزۇلمايدۇ.

    ئۈچىنچى:ئاياغ ۋە پايپاققا بىرگە مەسىھ قىلىدۇ، بۇنداق قىلسىمۇ بولىدۇ.

قىسقا ئاياغقا مەسىھ قىلىپ، ئاندىن مەسىھنى پايپاققا مۇكەممەل قىلغان بولسا، ھۆكۈم ھەر ئىككىسىگە ئالاقىدار بولىدۇ، يالغۇز ئاياغنى ياكى ئاياغنى پايپاق بىلەن بىرگە سېلىۋەتسە، تاھارىتى بۇزۇلمايدۇ، ناماز ئادا قىلسا دۇرۇس بولىدۇ. لېكىن كېيىن قايتىدىن ئىككى پۇتىنىمۇ تولۇق يۇيۇپ تاھارەت ئالمىغۇچە مەسىھ قىلىشى دۇرۇس بولمايدۇ.

   "دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى" 5-توم 396-بەتتە مۇنداق كەلگەن: "تاھارەت ئالغان كىشى يالغۇز پايپاقنىڭ ئۈستىگە مەسىھ قىلسا ۋە ئىككى پۇتىنىڭ ھوشۇقىنى ياپىدىغان پۇتىنىڭ كەينى تەرىپىدىن تېرىسى كۆرۈنمەيدىغان ئاياغنىڭ ئۈستىگە مەسىھ قىلسا بولىدۇ.

    ئەگەر ئىككى پۇتىنى ھوشۇقى بىلەن قېتىپ ياپمايدىغان بولسا، ئۇ ئىككى پۇتىنى ھوشۇقى بىلەن ياپىدىغان پايپاقنىڭ ئۈستىگە پايپاقتىن ئوچۇق قالغان يۇيىدىغان ئورۇننىڭ ئۈستىگە مەسىھ قىلغان بولسا، ئۇ ئىككىسى بىلەن ناماز ئادا قىلىدۇ.

    شەيخ ئبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پايپاقنىڭ ئۈستىگە كىيگەن ئاياغ ئىككى پۇتىنى ھوشۇقى بىلەن قېتىپ ياپمىسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە پايپاق بىلەن قېتىپ مەسىھ قىلغان بولسا، مەسىھنىڭ ھۆكمى ئىككىلىسى ئۈچۈن بولىدۇ، ئەگەر پايپاققىلا مەسىھ قىلغان بولسا، بۇمۇ كۇپايە قىلىدۇ، ئۈستىدىكى ئاياغنى قاچان سېلىۋەتسە بولىدۇ، تاھارەت ئەسلى ھالىتى بىلەن قالىدۇ، چۈنكى مەسھىنىڭ ھۆكمى پايپاققا ئالاقىدار بولدى". ["ئىبنى باز پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 29-توم 73-بەت].

   سوئال سورىغۇچى قىرىندىشىمىزنى شۇنىڭغا ئاگاھلاندۇرىمىزكى، ئۆتۈككە ئالاقىدار بولغان ھۆكۈم پايپاق ۋە ئىككى پۇتىنى ھوشۇقى بىلەن قېتىپ ياپىدىغان ئاياغقىمۇ ئالاقىدار بولىدۇ، چۈنكى كۈچلۈك قاراشتا ئۇنىڭ ھۆكمى بىردۇر.

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى