جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

نەسىھەتنىڭ ئەدەپلىرى توغرىسىدا

سۇئال

نەسىھەت قايسى شەكىلدە قىلىنسا توغرا بولىدۇ، ئادەم يوق يالغۇز جايدا قىلىنامدۇ ياكى جامائەت سورۇنىدا قىلىنىۋېرەمدۇ؟، قانداق كىشى نەسىھەت قىلىشقا لايىق بولىدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

سەمىمىي نەسىھەت ئىسلامى قېرىنداشلىقنىڭ بەلگىلىرى، ئىماننىڭ مۇكەممەللىكى، ئېھساننىڭ تامامىدۇر. چۈنكى مۇسۇلمان ئۆزى ياخشى كۆرگەن نەرسىنى قېرىندىشىغا ياخشى كۆرمىگىچە، ئۆزى ياقتۇرمىغان نەرسىنى قېرىندىشى ئۈچۈن ئۆچ كۆرمىگۈچە ئۇنىڭ ئىمانى كامىل بولمايدۇ، مانا بۇ نەسىھەتنىڭ تۈرىتكىسىدۇر.

جەرىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ناماز ئوقۇشقا، زاكات بېرىشكە ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسىگە سەمىمى بولۇشقا بەيئەت قىلدىم. [بۇخارى رىۋايىتى57-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 56-ھەدىس].

تەمىم ئىبنى ئەۋىس دارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: دىن دېگەنلىك سەمىمىيەت ۋە ساداقەتمەنلىك دېگەنلىكتۇر، دېدى. بىز: سەمىمىيەت كىمگە قىلىنىدۇ؟ دەپ سورىۋېدۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا، مۇسۇلمانلارنىڭ باشلىقلىرىغا ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارغا، دېدى. [مۇسلىم رىۋايىتى55-ھەدىس].

ئىبنى ئەسىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بارلىق مۇسۇلمانلارغا سەمىمىي ۋە ساداقەتمەن بولۇش دېگەنلىك، ئۇلارنى مەنپەئەتلىك بولغان ئىشلارغا يېتەكلەش دېمەكتۇر. [ئەننىھايە5- توم 142-بەت].

سەمىمىي نەسىھەتنىڭ ئومۇمى ئەدەپ-قائىدىلىرى بولۇپ، سەمىمى نەسىھەت قىلغۇچىدا تۆۋەندىكى بۇ ئەدەپ-ئەخلاقلارنىڭ بولىشى ئىنتايىن مۇھىمدۇر:

1 -سەمىمىي نەسىھەتكە تۈرتكە بولىدىغان ئامىل ئۆزىنىڭ ئىسلامى قېرىندىشىغا ياخشىلىق بولۇشنى سۆيۈش، ئۇنىڭغا يامانلىق يىتىپ قىلىشنى ياقتۇرماسلىقتىن ئىبارەت بولىشى كېرەك.

ئىبنى رەجەپ رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بارلىق مۇسۇلمانلارغا سەمىمىي بولۇش دېگەنلىك: ئۆزىگە ياخشى كۆرگەن نەرسىلەرنى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرى ئۈچۈنمۇ ياخشى كۆرۈش، ئۆزى ياقتۇرمىغان نەرسىلەرنى ئۇلارغىمۇ ياقتۇرماسلىق، ئۇلارغا مېھرى-شەپقەت قىلىش، كىچىكلەرگە مېھرىبانلىق قىلىش، چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، ئۇلارنىڭ قايغۇسىغا ئىچىنىش، خۇشاللىقىغا خۇرسەن بولۇش، ئۆزىنىڭ دۇنيالىق مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچرىسىمۇ، ئۆزىنىڭ تىجارەتتىكى پايدىسى ئازلاپ كەتسىمۇ، مال باھاسىنى ئۆستۈرىۋەتمەسلىك، شۇنىڭدەك ئۇلارغا زىيان بولىدىغان بارلىق ئىشلاردىن ساقلىنىش، ئۇلارغا مەنپەئەتلىك بولغان ۋە ئۇلارنى بىرلەشتۈرىدىغان، ئۇلارنىڭ باياشاتلىقىنى داۋاملاشتۇرىدىغان ئىشلارنى قىلىش، دۈشمەنلىرىگە قارشى ئۇلارغا ياردەم بېرىش، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارغا يېتىدىغان بارلىق ئازار-كۈلپەتلەرنى مۇداپىئە قىلىش لازىم".

ئەبۇ ئۆمەر ئىبنى سەلاھ رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "سەمىمىي نەسىھەت دېگەن ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغۇچى مىغىزلىق سۆز بولۇپ، نەسىھەت قىلغۇچى ۋە قىلىنغۇچى ئۈچۈن بولغان ياخشىلىقنىڭ يوللىرىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلىيەتتە شۇ ئىشنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ". [جامىئۇل ئۇلۇم ۋەلھىكەم 80-بەت].

2 -نەسىھەت قىلغۇچى سەمىمىي بولۇش، قىلغان ئىشى ئارقىلىق قېرىندىشىغا چوڭچىلىق قىلىش ۋە ئۈستۈن بولۇشنى مەقسەت قىلماستىن، پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى تەلەپ قىلىدىغان بولىشى كېرەك.

3- نەسىھەت ئالدامچىلىق ۋە خىيانەتتىن ئىبارەت مەلۇم شەخشى غەرەزدىن خالى بولىشى كېرەك. شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "سەمىمىي نەسىھەت دېگەن: نەسىھەت قىلماقچى بولغان ئىشىغا ئىخلاس قىلىش، ئۇنىڭدا ئالدامچىلىق ۋە خىيانەت قىلماسلىقتىن ئىبارەتتۇر". مۇسۇلماننىڭ ئۆز قېرىندىشىغا ئىگە بولىشى ۋە ئۇنى ياخشى كۆرۈشى ئىنتايىن مۇھىمدۇر، ئۇ ئۆزىنىڭ قېرىندىشىغا سەمىمى بولىدۇ، ئۇنىڭغا خىيانەت قىلمايدۇ ۋە ئالدىمايدۇ، ئۇنى پايدىلىق-مەنپەئەتلىك ئىشلارغا يېتەكلەيدۇ. بۇنىڭ مىسالى ئەرەبلەرنىڭ سۆزلىرىدە: ئالتۇن باشقا ماددىلاردىن خالى بولسا (رەگ ئالتۇن) دېيىلىدۇ، شۇنىڭغا ئوخشاش ھەسەلمۇ ئارىلاشما ماددىلاردىن خالى بولسا ساپ ھەسەل دېيىلىدۇ. [پەزىلەتلىك شەيخ ئىبنى باز پەتىۋالار توپلىمى 5-توم90-بەت].

4- باشقىلارغا نەسىھەت قىلىش يولى بىلەن ئۇلارنى ئەيىبلىمەسلىك ۋە تەنقىت قىلماسلىق كېرەك. بۇ توغرىدا ھاپىز ئىبنى رەجەپ رەھىمەھۇللاھنىڭ "نەسىھەت بىلەن ئەيىبلەشنىڭ ئارىسىدىكى پەرق" ناملىق رىسالىسىدە ئۇنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بايان قىلىدۇ.

5-نەسىھەت دوستلۇق ۋە قېرىنداشلىق روھى بىلەن بولىشى كېرەك. يەنى قوپاللىق ۋە قاتتىقلىق قىلماسلىق لازىم. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ادْعُ إِلَىٰ سَبِيلِ رَبِّكَ بِالْحِكْمَةِ وَالْمَوْعِظَةِ الْحَسَنَةِ ۖ وَجَادِلْهُم بِالَّتِي هِيَ أَحْسَنُ تەرجىمىسى: پەرۋەردىگارىڭنىڭ يولىغا (يەنى ئىسلام دىنىغا) ھېكمەتلىك ئۇسلۇبتا ياخشى ۋەز- نەسىھەت بىلەن دەۋەت قىلغىن، ئۇلار (يەنى مۇخالىپەتچىلىك قىلغۇچىلار) بىلەن چىرايلىق رەۋىشتە مۇنازىرىلەشكىن. [سۈرە نەھل 125-ئايەت].

6-نەسىھەت قىلغۇچى ئىلىم-مەرىپەتلىك بولىشى كېرەك. ئىمام سەئدى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "دەۋەتنىڭ ئىلىم بىلەن بولىشى، دەۋەت قىلىش جەريانىدا مۇلايىم ۋە مېھرىبانلىق بىلەن چۈشىنىش ئاسان بولغان، دەۋەت قىلىنغۇچىغا نىسبەتەن ئەڭ مۇھىم دەپ قارالغان ئەمەلدىن باشلانسا قوبۇل قىلىشى مۇكەممەل بولىدۇ، چۈنكى بۇمۇ ھېكمەتنىڭ جۈملىسىدىندۇر. شۇنداقلا دەۋەت قىلىنغۇچىنىڭ ئەھۋالىغا دەۋەت قىلغۇچى تەرىپىدىن دىئاگنۇز قويۇلغاندىن كىيىن، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا مەلۇم ئورتاقلىق تۇرغۇزىلىدۇ، مانا بۇ ۋاقىتتا دەۋەتنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن چەكلەش پرىنسىپىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، دەۋەت قىلىنغۇچىنى ساۋابقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئازابتىن ئاگاھلاندۇرۇش كېرەك. ئەگەر دەۋەت قىلىنغۇچى ھەقىقەت بىلەن ياكى باتىل بىلەن بولسۇن دەۋەت قىلغۇچى بىلەن مۇنازىرىلەشسە، ئۇنىڭ بىلەن چىرايلىق مۇنازىرە ئىلىپ بېرىش لازىم. مانا بۇ ئەقلى ۋە نەقلى جەھەتتىن دەۋەتنى قوبۇل قىلىشنىڭ ساغلام يولىدۇر. شۇنىڭ بىلەن بىرگە دەۋەت قىلىنغۇچىنىڭ ئىتىقادىغا دەلىل-ھۆججەتلەرنى كەلتۈرۈپ ھەقىقەت يارقىن يورۇتىلىپ بىرىلسە، بۇ مەقسەتنىڭ ھاسىل بولىشىغا ئەڭ يېقىندۇر. ئەگەر مۇنازىرلىشىدىغان ئىش بولسا، ئەسلى مەقسەتنى يوق قىلىۋېتىدىغان ئورۇنسىز جېدەل-ماجرا، تالاش-تارتىشقا سەۋەپ بولماسلىقى كېرەك. بۇنداق بولغاندا كۆزلىگەن مەقسەت ھاسىل بولمايدۇ، چۈنكى دەۋەتتىن بولغان مەقسەت كىشىلەرنى ھۈركىتىش ئەمەس بەلكى ئۇلارنى ھەقىقەتكە چاقىرىشتىن ئىبارەتتۇر. [تەپسىر سەئدىي 452-بەت].

7-نەسىھەت مەخپى بولىشى، كىشىلەر ئارىسىدا ئاشكارا بولماسلىقى كېرەك. ئەمما ئاشكارا قىلىش پايدىلىق دەپ قارالغاندا ئاشكارا قىلسا بولىدۇ. ئىبنى رەجەپ رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىلگىرىكى سەلەپ ئالىملىرى بىر كىشىگە نەسىھەت قىلماقچى بولسا، نەسىھەتنى مەخپى قىلاتتى، ھەتتا ئۇلارنىڭ بەزىسى: كىمكى قېرىندىشىغا يوشۇرۇن نەسىھەت قىلسا بۇ نەسىھەتتۇر، ئەمما كىشىلەر ئارىسىدا نەسىھەت قىلسا بۇ ئەيىبلەشتۇر،" دەيدۇ.

پۇزەيل ئىبنى ئىياز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مۆمىن نەسىھەتنى يوشۇرۇن قىلىدۇ، پاجىر-پاسىق ئەيىبىنى ئىچىپ رەسۋا قىلىدۇ." [جامىئۇل ئۇلۇم ۋەلھىكەم1-توم 236].

ئىمام ئىبنى ھەزمى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "باشقىلارغا نەسىھەت قىلساڭ ئاشكارا قىلماي، مەخپى قىلغىن، ئوچۇق قىلماي كىنايە شەكىلدە قىلغىن، سېنىڭ كىنايە قىلغىنىڭنى چۈشەنمىسە ئوچۇق قىلساڭ بولىدۇ، ئەگەر بۇنىڭدىن ئاشۇرۇۋەتسەڭ، سەن نەسىھەت قىلغۇچى بولماستىن بەلكى زۇلۇم قىلغۇچى بولۇپ قالىسەن." [ئەخلاق ۋەسسىيەر 45-بەت].

نەسىھەتنى ئاشكارا قىلىش پايدىلىق دەپ قارالسا، ئاشكارا قىلسا بولىدۇ، مەسىلەن: ئىتىقاد مەسىلىسىدە خاتالاشقان ئادەمگە كىشىلەر ئارىسىدا خاتالىقىنى بايان قىلىپ بەرسە بولىدۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ قارىشىدىن مەغرۇرلىنىپ دائىم باشقىلارنىڭ خاتالىقىنى ئىزدەش توغرا بولمايدۇ. شۇنىڭدەك جازانىنى توغرا دەپ قارىغان ياكى بىدئەت تاراتقان ياكى كىشىلەر ئارىسىدا ئاشكارا فىسق-پۇجۇر قىلغان كىشىلەرگە نەسىھەتنى ئاشكارا قىلىش يوللۇق بەلكى زۆرۈردۇر، چۈنكى بۇ ئارقىلىق شەرئىي مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرگىلى، بۇزۇقچىلىقنى توسقىلى بولىدۇ.

ئىبنى رەجەپ رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "نەسىھەت قىلغۇچىنىڭ مەقسىتى پەقەت ھەقىقەتنى بايان قىلىش بولسا، ئۇ ئۆزىنىڭ توغرا مەقسىتى بىلەن ساۋابقا ئېرىشىدۇ، شۇنداقلا مەزكۇر ئىشى بىلەن ئاللاھ تائالا ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ روسۇلى ئۈچۈن، مۇسۇلمان يول باشچىلار ئۈچۈن ۋە ئومۇمى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن سەمىمىيەت كۆرسەتكەن كىشىلەرنىڭ جۈملىسىدىن ھېسابلىنىدۇ." ["نەسىھەت بىلەن ئەيىبلەشنىڭ ئارىسىدىكى پەرق" ناملىق ئەسەر7-بەت].

8-نەسىھەت قىلغۇچىنىڭ نەسىھەت جەريانىدا گۈزەل ئىبارىلەرنى قوللىنىشى، گەپ-سۆزدە مۇلايىم بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

9 -نەسىھەت قىلغۇچى باشقىلارغا نەسىھەت قىلىش جەريانىدا، نەسىھىتى سەۋەبلىك ئۆزىگە يەتكەن ئازار-كۈلپەتلەرگە سەبىر قىلىشى كېرەك.

10-باشقىلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى يوشۇرۇش، مۇسۇلماننىڭ ئەيىبىنى يىپىش، باشقىلارنىڭ يۈز-ئابرۇيىنى چۈشۈرمەسلىك، نەسىھەت قىلغۇچى سەۋرلىك، مۇلايىم، ياخشىلىقنى دوست تۇتىدىغان، باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى ياپىدىغان بولىشى كېرەك.

11-نەسىھەت قىلغۇچى گۇمان بىلەن نەسىھەت قىلىپ باشقىلارنى يوق ئىشلار بىلەن ئەيىبلەپ سالماسلىقى ئۈچۈن، نەسىھەت قىلىشتىن ئىلگىرى مەسىلىنى ئېنىق بىلىشى لازىم.

12-نەسىھەت قىلىش ئۈچۈن مۇناسىپ ۋاقىت تاللاش كېرەك. ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: "شۈبھىسىزكى، قەلب ئۈچۈن شەھۋەت ۋە ئىنتىلىش بولىدۇ، شۇنداقلا سۇسلىشىش ۋە چېكىنىش بولىدۇ، قەلب شەيتانى ھەۋەسكە بىرىلگەن ۋە ئىنتىلگەن ۋاقىتتا ئۇنى چىڭ تۇتۇڭلار، سۇسلاشقان ۋە چېكىنگەندە بوش قويۇۋېتىڭلار." [ئىبنى مۇبارەك "ئەززۆھدى" ناملىق ئەسەردە (1331) بايان قىلغان].

13-نەسىھەت قىلغۇچى كىشىلەرنى بۇيرىغان ئىشتا ئالدى بىلەن ئۆزى ئەمەل قىلىشى لازىم. كىشىلەرنى توسقان ئىشتىن ئالدى بىلەن ئۆزى چەكلىنىشى كېرەك. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئىسرائىل ئەۋلادلىرىنىڭ سۆزى بىلەن ئەمەلىيىتى بىر-بىرىگە زىت بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېگەن: أَتَأْمُرُونَ النَّاسَ بِالْبِرِّ وَتَنسَوْنَ أَنفُسَكُمْ وَأَنتُمْ تَتْلُونَ الْكِتَابَ ۚ أَفَلَا تَعْقِلُونَ تەرجىمىسى: كىشىلەرنى ياخشى ئىشقا بۇيرۇپ ئۆزۈڭلارنى ئۇنتۇمسىلەر؟ ھالبۇكى، سىلەر كىتاب (يەنى تەۋرات) نى ئوقۇپ تۇرىسىلەر، چۈشەنمەمسىلەر. [سۈرە بەقەرە 44-ئايەت]. كىشىلەرنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ ئۆزى قىلمىغان، يامانلىقتىن چەكلەپ ئۆزى قىلغان كىشىنىڭ قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدىغانلىقى ئوچۇق بايان قىلىنغان. 

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى