جۈمە 16 زۇل قەئەدە 1445 - 24 ماي 2024
Uygur

ئاتا-ئانا گەرچە پەرزەنتلىرىنىڭ تەلىم-تەربىيە ۋە خىراجەتلىرىنى تولۇق قىلىپ بېرەلمىسىمۇ، ئۇلارغا ئىتائەت ۋە ئېھسان قىلىش، ھەققىدە دۇئا قىلىش توغىرسىدا

سۇئال

   ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَاخْفِضْ لَهُمَا جَنَاحَ الذُّلِّ مِنَ الرَّحْمَةِ وَقُلْ رَبِّ ارْحَمْهُمَا كَمَا رَبَّيَانِي صَغِيرًا تەرجىمىسى: «ئۇلارغا كامالىي مېھرىبانلىقتىن ناھايىتى كەمتەر مۇئامىلىدە بولغىن، ۋە: ئى پەرۋەردىگارىم! ئۇلار مېنى كىچىكلىكىمدە تەربىيەلىگىنىدەك ئۇلارغا مەرھەمەت قىلغىن». [سۈرە ئىسرا 24-ئايەت].

    مەن ئىلمىگە ئىشەنچ قىلالمايدىغان بىر ئادەمنىڭ: ئاتا - ئانا پەرزەنتىنى تەربىيلەش مەسئۇلىيتىنى تولۇق ئادا قىلمىسا، ئۇلارغا ئىتائەت قىلىش، ياخشىلىق قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ ھەققىدە دۇئا قىلىش ۋاجىپ بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: كَمَا رَبَّيَانِي صَغِيرًا «ئۇلار مېنى كىچىكلىكىمدە تەربىيەلىگىنىدەك ...» بۇ سۆزنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىم، شەرئى جەھەتتە بۇ سۆز توغرىمۇ؟، ئىلگىرىكى ئالىملاردىن بىرەرسى مۇشۇنداق دېگەنمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   بىرىنچى: ئىلىمنى ئىلىمنىڭ ئەھلى بولغان ئالىملاردىن ئېلىش كېرەك بولىدۇ. ئالىملارنىڭ داۋاملىشىشى بىلەن ئېلىم داۋاملىشىدۇ، ئاللاھ تائالا ئىلىمنى تارتىۋالماقچى بولسا ئېلىم ئەھلىنى قەبزە روھ قىلىدۇ. ئىمام مۇسلىم "سەھىھ كىتابىنىڭ مۇقەددىمىسى" 1-توم 14-بەتتە، مۇھەممەد ئىبنى سىرىيندىن قىلغان رىۋايىتىدە، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: «ھەقىقەتەن بۇ ئېلىم دىندۇر، دىننى كىمدىن ئېلىۋاتقانلىقىڭلارغا قاراڭلار».

   ئىككىنچى: ئاتا-ئانا گەرچە پەرزەنتلەرىگە تەلىم-تەربىيە بېرىش مەسئۇلىيتىنى تولۇق ئادا قىلالمىسىمۇ، ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش پەرزەنتلىرىگە ۋاجىپ بولىدۇ. ئاتىنىڭ بالىنىڭ ھەققىنى زايە قېلىۋېتىش، تەلىم-تەربىيىگە كۆڭۈل بۆلمەسلىكى ئېغىر خاتالىق بولۇپ، ئۇنىڭغا كۆرە ھېساب ئېلىنىپ، جازالىنىدۇ. ئاتا-ئانىنىڭ بۇ خاتالىقى پەزەنت ئۈچۈن ئاتا-ئانىنى قاقشىتىشتىن ئىبارەت بولغان چوڭ گۇناھقا يول ئاچمايدۇ.

    ئەگەر ئاتا پەرزەنتىنىڭ ھەققىنى زايە قىلىۋەتسە، ئۇنىڭ تەربىيىسىگە سەل قارىسا، پەرزەنتىمۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەققىنى تولۇق ئادا قىلمىسىمۇ بولىدۇ دېيىلسە، شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئائىلىسى بۇزۇلىدۇ، پەرزەنت ئاددى بىر ئىش بىلەنمۇ ئاتا-ئانىسىنى قاقشىتىدۇ، جاھىل ئادەمنىڭ پەتىۋاسى بىلەن ئاتا-ئانىنى قاقشىتىشقا يول ئېچىلىدۇ. يەنى دادام مېنى تەربىيىلەشكە سەل قارىدى، ھەققىمنى تولۇق ئادا قىلمىدى، ئانام ماڭا ياخشى تەربىيە قىلمىدى، مەن بىلەن باشقا قېرىنداشلىرىم ئارىسىدا ئادىللىق قىلمىدى دەپ، بۇ سەۋەبلىك ئۆزىنىڭ ئۈستىدە ئاتا-ئانىنىڭ ھەققى يوق دەپ قاراپ ئاتا-ئانىسىنى قاقشىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئائىلە ۋە جەمئىيەت بۇزۇلىدۇ.

    شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھدىن: يۇقىرىقى سوئالدا بايان قىلىنغاندەك، بىر كىشىنى ئاتىسى ياخشى تەربىيە قىلماپتۇ، ھېچ قايسى تەرەپتىن كۆڭۈل بۆلمەپتۇ، كېچىك ۋاقتىدىمۇ شۇنداق قىپتۇ، خىراجەت قىلىپ بېرىشكە قادىر بولۇپ تۇرۇپ خىراجىتىنى قىلىپ بەرمەپتۇ، ئۇنداق بولسا، ھازىر ئاتا بىلەن بالىنىڭ ئارىسىدا سىلە -رەھىم قىلىش ۋاجىپ بولامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "شۇنداق، پەرزەنتىنىڭ ئۈستىگە ئاتىسىغا ياخشىلىق قېلىش، ئۇنىڭ ھەققىنى بىلىش ۋاجىپ بولىدۇ گەرچە ئاتىسى بۇرۇن ناچارلىق قىلغان ۋە مەسئۇلىيتىنى تولۇق ئادا قىلمىغان بولسىمۇ. ئاتا ئۆزىنىڭ خاتالىقنى تونۇپ، پەرزەنتىنى ياخشى تەربىيە قىلمىغانلىق ۋە باشقا خاتالىقلىرى ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىشى لازىم. دادىنىڭ ئۇ قىلمىشلىرى بالىسىنىڭ ئۇنى قاقشىتىشىنى ئاقلىيالمايدۇ، بەلكى ئاتىسى ئۇنىڭغا ياخشى قارىمىغان تەقدىردىمۇ ئۇ ئاتىسىغا ياخشىلىق قېلىشى ۋاجىپ بولىدۇ. ئاللاھ تائالا كاپىر توغرىسىدا، لوقمان سۈرىسىدە مۇنداق دەيدۇ: وَصَاحِبْهُمَا فِي الدُّنْيَا مَعْرُوفًا تەرجىمىسى: «ئۇلارغا دۇنيادا ياخشىلىق بىلەن ھەمراھ بولغىن(يەنى دىنىڭغا زىيان يەتمەيدىغان ئاساستا ياخشىلىق قىلغىن». [سۈرە لۇقمان 15-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

   گەرچە ئاتا-ئانا كاپىر بولسىمۇ بالىغا ۋاجىپ بولغىنى ئاتا-ئانىسىغا ئېھسان قىلىش، ياخشىلىق قىلىش، مېھرىبان بولۇش، گۈزەل، ياخشى مۇئامىلىدە بولۇش كېرەك. گەرچە بالىنىڭ ھەققىنى تولۇق ئادا قىلمىغان بولسىمۇ.

    ئەمما ئاللاھ تائالانىڭ: وَاخْفِضْ لَهُمَا جَنَاحَ الذُّلِّ مِنَ الرَّحْمَةِ وَقُلْ رَبِّ ارْحَمْهُمَا كَمَا رَبَّيَانِي صَغِيرًا  تەرجىمىسى: «ئۇلارغا كامالىي مېھرىبانلىقتىن ناھايىتى كەمتەر مۇئامىلىدە بولغىن، ۋە: ئى پەرۋەردىگارىم! ئۇلار مېنى كىچىكلىكىمدە تەربىيەلىگىنىدەك ئۇلارغا مەرھەمەت قىلغىن». دېگەن بۇ ئايىتى، ئادەتتە شۇنداق بولىدۇ، ئاتا-ئانا پەرزەنتىنى ياخشى تەربىيەلەيدۇ، بالىسى ئۈچۈن ئاتا-ئانىسىغا رەھمەت تېلەپ دۇئا قىلىش كېرەك بولىدۇ، بۇ نېمەتكە شۈكۈر قىلىشىدۇر. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى ئاز ئۇچرايدىغان ئىش بولۇپ، ئازغا ھۆكۈم يوقتۇر.

   يۇقىرىقى سۆزنى دېگەن كىشىنىڭ سۆزىگە كۆرە، ئاتا-ئانا ياكى ئىككىسىنىڭ بىرى بالىسى تۇغۇلغاندىن كېيىنلا ۋاپات بولۇپ كەتكەن بولسا، ئۇلارنىڭ بالىسىنىڭ رەھمەت تېلەپ دۇئا قىلىشىدا نېسىۋىسى بولمايدۇ، چۈنكى ئۇلار ئۇ بالىنى كېچىك ۋاقتىدا تەربىيەلىمىدى، ئۇ بالىنى تەربىيەلەپ، خىراجەت قىلىپ قاتارغا قوشقان كىشى ئاتا-ئانىسىدىنمۇ بەكرەك دۇئاغا ھەقلىق بولىدۇ دېگەنلىك كېلىپ چىقىدۇ، بۇنداق سۆزنى ھېچ كىشى دېمەيدۇ.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى