پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ئۆيگە كىرگەندە ئوقۇيدىغان دۇئا توغرىسىدا

222875

تارقاتقان ۋاقىت : 12-03-2019

كۆرگۈچىلەر : 2244

سۇئال

ئۆيگە كىرگەندە ئوقۇيدىغان زىكىر توغىرسىدا پەتىۋا بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، ئۆيگە كرگەندە ئوقۇلىدىغان خاس زىكىر توغرىسىدا كەڭ تارقالغان ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ زەئىپ دېگەن، ئۇ ھەدىس بولسا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: بىر كىشى ئۆيىگە كىرگەندە: ئى ئاللاھ! سىلىدىن كىرگەن نەرسىنىڭ ياخشىلىقىنى ۋە چىققان نەرسىنىڭ ياخشىلىقىنى سورايمەن، ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن كىردۇق ۋە ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن چىقتۇق، پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلدۇق دەپ ئاندىن ئۆيدىكىلەرگە سالام بەرسۇن. [بۇ ھەدىسنى شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ ھەسەن دېگەن، بىز بۇ ھەدىس توغرىسىدا شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھنىڭ زەئىپ دېگەن ھۆكمىنى تۇتساق، ئۆيگە كىرگەندە نېمە دەيمىز؟ پەقەت بىسمىللاھ دېسەك كۇپايە قىلامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: شۇرەيھ ئىبنى ئۇبەيد ئەبۇ مالىك ئەشئەرى رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: بىر كىشى ئۆيىگە كىرگەندە: ئى ئاللاھ! سىلىدىن كىرگەن نەرسىنىڭ ياخشىلىقىنى ۋە چىققان نەرسىنىڭ ياخشىلىقىنى سورايمەن، ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن كىردۇق ۋە ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن چىقتۇق، پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلدۇق دەپ ئاندىن ئۆيدىكىلەرگە سالام بەرسۇن. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى5096-ھەدىس. بۇ ھەدىس زەئىپ چۈنكى شۇرەيھ ئىبنى ئۇبەيد بىلەن ئەبۇ مالىك ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئارىسىدىكى ئىسناد ئۈزۈك، ئەبۇ ھاتەم مۇنداق دەيدۇ: "شۇرەيھ ئىبنى ئۇبەيدنىڭ ئەبۇ مالىك ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن قىلغان رىۋايىتى مۇرسەل. "ئەتتەھزىيب"4-توم329-بەت].

    شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ دەسلەپتە بۇ ھەدىسنى سەھىھ دېگەن، كېيىن ئىسنادىنىڭ ئۈزۈك ئىكەنلىكىنى ئاشكارا بولغاندىن كېيىن ئۇنى زەئىپ دەپ ھۆكۈم قىلىپ مۇنداق دېگەن: بۇ ھەدىسنى سەھىھ دەپ 2259-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن ئىدىم، ئاندىن بەزى ئوقۇغۇچىلار(ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) بۇ ھەدىسنىڭ شۇرەيھ ئىبنى ئۇبەيد بىلەن ئەبۇ مالىك ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئارىسىدىكى ئىسنادنىڭ ئۈزۈك ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەردى، مەن يەنە بىر ھەدىسكە دىققەت قىپتىمەن. مەن ئۇ ھەدىسنى 1502- ھەدىسكە شاھىت قىلىپ بايان قىپتىمەن، ئازمايدىغان ۋە ئۇنتۇپ قالمايدىغان ئاللاھ پاكتۇر، بۇ خاتالىقىم ئۈچۈن ئاللاھدىن دۇنيا-ئاخىرەتتە ئازابلىماسلىقىنى سورايمەن.

     بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سۆز ئىبنى ئەبى ھاتەمنىڭ "فىلمەراسىل" نامىلىق ئەسىرى60-61-بەتتە دادىسىدىن بايان قىلغان: شۇرەيھ ئىبنى ئۇبەيد ئەلھەدرەمى ئەبا ئۇمامەنى ۋە ھارىس ئىبنى ھارىسنى ۋە مىقدامنى تاپمىغان، مالىك ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن قىلغان رىۋايىتى مۇرسەل"دېگەن سۆزدۇر. بۇ سۆزنى ئەلائىمۇ "جامىئۇل تەھسىيل"237-238-بەتتە ئىقرار قىلغان.

    شۇنىڭغا ئوخشاش مۇھەممەد ئىبنى ئەۋپدىن بىرسى: شۇرەھ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن بىرىدىن ھەدىس ئاڭلىغانمۇ؟دەپ سورىغاندا، ئۇ: ئاڭلىمىدىغۇ دەيمەن، چۈنكى ئۇ ھەدىس بايان قىلغاندا ئاڭلىغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان"ئاڭلىدىم" دېگەن سۆزنى دېمەيدۇ، ئۇ ئىشەنچلىك راۋى دېگەن. تەھزىبتىمۇ شۇنداق بايان قىلىنغان. ["زەئىپ ھەدىسلەر توپلىمى"12-توم 731-732-بەت].

    شۇنداقتىمۇ بۇ ھەدسىنى بىر قانچە ئۆلىمالار ھەسەن دېگەن، ئىبنى مۇپلىھ"ئادابۇش شەرىئە"1-توم 400-بەتتە، شەيخ ئىبنى باز ئۆزىنىڭ پەتىۋاسى 26-توم 35-بەتتە ھەسەن دېگەن. ھەدىسكە ھەسەن دېگەن ئۆلىمالارنىڭ قارىشى بويىچە ئەمەل قىلسىمۇ ئىنكار قىلىنمايدۇ، چۈنكى سەھىھ ۋە زەئىپ دېگەن قاراشلار ئىجتىھادى مەسىلىلەردىن بولۇپ، بۇ ئىككى خىل قاراشنى ئوتتۇرغا قويغان ئۆلىمالارنىڭ ھەر بىرى مەشھۇر دىنى ئالىملاردۇر، شۇنداقتىمۇ زەئىپ بولغان ھەدىسنىڭ ئىسنادى كۈچلۈكتۇر.

    شۇنىڭغا ئوخشاش، ھەدىسكە بەك زەئىپ ئەمەس دېگەن ئېتىبار بىلەن ئەمەل قىلسا، ياكى بۇنىڭغا ئۆيگە كىرگەندە ئاللاھنى زىكىر قىلىشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا كەلگەن سەھىھ ھەدىس دالالەت قىلىدۇ دېگەندەك شەرىئەتكە ئۇيغۇن بولغان چۈشەنچىلەر ۋە ئۈزۈرلەر بىلەن ئەمەل قىلسا بولىدۇ. بۇ ھەقتە تەپسىلى جاۋابقا ئېرىشىش ئۈچۈن 44877- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    ئىككىنچى: سۈننەتە بايان قىلىنىشچە ۋە ئۆلىمالارنىڭ قارىشىچە ئۆيگە كىرگەن ۋاقتىدا گەرچە ئۆيدە ئادەم بولمىسىمۇ ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئاتايدۇ ۋە ئاللاھنى زىكىر قىلىدۇ.

    ئىمام نەۋەۋى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئۆيگە كىرگەندە، ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئاتاش ۋە ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلىش ياخشىدۇر، ئۆيدە ئادەم بولسۇن ياكى بولمىسۇن سالام بېرىدۇ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:  فإذَا دَخَلْتُمْ بُيُوتاً فَسَلِّمُوا على أنْفُسِكُمُ تَحِيَّةً مِنْ عِنْدِ اللَّهِ مُبَارَكَةً طَيِّبَةً  تەرجىمىسى: سىلەر ئۆيلەرگە كىرگەن چېغىڭلاردا ئۆزۈڭلارغا (يەنى ئۆيدىكى كىشىلەرگە) ئاللاھ بەلگىلىگەن مۇبارەك، پاك سالامنى بېرىڭلار (يەنى ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دەڭلار). [سۈرە نۇر 61-ئايەت. "ئەل ئەزكار" 23-بەت].

    "پىقھى توپلاملىرى"8-توم 92-بەتتە مۇنداق كەلگەن: "كۆپچىلىك پىقھى ئۆلىمالىرى ئىبادەت ۋە باشقا ھەرقانداق ئىشنى باشلىغاندا ئاللاھنىڭ نامىنى ئاتاشنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىغا بىرلىككە كەلگەن". [تەپسىر ئىبنى كەسىر 1-توم 120بەت].

     جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان دەيدۇ: بىر كىشى ئۆيىگە كېرىپ، ئۆيگە كىرگەندە ۋە يېمەك يېمەكچى بولغاندا ئاللاھنى زىكىر قىلسا، شەيتان ئۆزىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىگە: سىلەرگە بۇ ئۆيدە تۇرۇش ۋە كەچلىك يېمەك يوق دەيدۇ، ئەمما ئۆيگە كىرگەندە ئاللاھنى زىكىر قىلمىسا، شەيتان: تۇرىدىغان جاي تاپتىڭلار دەيدۇ، يىمەكنى باشلىغاندا ئاللاھنى زىكىر قىلمىسا، شەيتان: تۇرىدىغان جاي ۋە كەچلىك يېمەك تاپتىڭلار دەيدۇ [مۇسلىم رىۋايىتى2018-ھەدىس.

    موللا ئەلى قارى رەھىمەھۇللاھ "مىرقاتۇل مەپاتىھ" ناملىق ئەسىرىدە 7/2694- مۇنداق دەيدۇ: "قازى ئىياز مۇنداق دەيدۇ: بۇ يەردىكى خىتاپ شەيتاننىڭ ئەگەشكۈچىلىرىگىدۇر، چۈنكى شەيتان ئۇلارغا: "سىلەرگە كېچىچە بۇ ئائىلىدە تۇرۇشقا پۇرسەت ۋە يېمەكلىكتىن نېسىۋە يوق، چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنى ۋە يېمەكلىكىنى سىلەردىن مۇھاپىزەت قىلدى دەيدۇ. بۇنىڭغا قارىغاندا ئىنسان ئاللاھنى زىكىر قىلىشقا سۇس قاراپ، ئۇنتۇپ قىلىپ غاپىل ھالەتتە يۈرسە، شەيتان بۇ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىدۇ، ئەمما مۇسۇلمان ھۇشيار بولسا، ئۆزىنىڭ ھەممە ھالەتلىرىنى ئاللاھنىڭ زىكرى بىلەن قورشاپ تۇرسا، شەيتان ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرى ئۇ كىشىنى ئازدۇرۇش ۋە يولدىن چىقىرىشقا ئىمكانىيەت تاپالمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشىدىن پۈتۈنلەي ئۈمىتسىزلىنىدۇ". بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 20818- ۋە 77208- نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

     ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى